导航切换

مەدەنىيەت - ساياھەت ئىشلىرىدا يېڭى تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، خەلق ئىشلىرى خىزمىتى تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك

日期:2025年02月11日
来源:天山网
【字体:

ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى ۋە خەلق ئىشلىرى نازارىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

مەدەنىيەت - ساياھەت ئىشلىرىدا يېڭى تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، خەلق ئىشلىرى خىزمىتى تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك


2 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتىگە بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىدە شىنجاڭنىڭ ساياھەت تەرەققىيات ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى تەپسىلىي ئاڭلاپ، نۇقتىلىق مەنزىرە رايونلىرى، يۇقىرى ئۆلچەملىك مېھمانساراي قاتارلىقلارنىڭ قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىمەكتە.  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي 2 - ئاينىڭ 10 - كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتىگە بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ مەركىزىي خىزمىتى ۋە ئومۇمىيىتىنى زىچ چۆرىدەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىپ، مەسئۇلىيەتنى تېخىمۇ ياخشى، تولۇق ئادا قىلىپ، فۇنكسىيەلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت - ساياھەت ئىشلىرىدا يېڭى تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، يېڭى مەسئۇلىيەتچانلىق، يېڭى نەتىجە ئارقىلىق خەلق ئىشلىرى خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىدە، ما شىڭرۇي خىزمەت تونۇشتۇرۇشىنى تەپسىلىي ئاڭلىدى، بايلىق ئېچىش باشقارمىسىغا كىرىپ، ھەر مىللەت كادىرلار بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت - ساياھەت خىزمىتىگە مەيلى سىياسىي جەھەتتىن، ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياكى خەلق تۇرمۇشى جەھەتتىن قارىساق، ھەممىسى ئىنتايىن مۇھىم. ھەقىقىي تۈردە يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، مەدەنىيەت - ساياھەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى ئەستايىدىل پىلانلاش ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. پۈتۈن شىنجاڭدىكى تۈرلۈك كۆرگەزمە پائالىيەتلىرىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش، نۇقتىلىق مۇزېي قاتارلىق سۇپا قۇرۇلۇشى، ئارخېئولوگىيە خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئىگىلىگەندىن كېيىن، ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئارخېئولوگىيە خىزمىتىنى سىجىل كۈچەيتىپ، تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش، قېزىش ۋە تەتقىق قىلىپ چۈشەندۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئورتاقلىقىنى، ھەرقايسى مىللەتلەر ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشتەك تارىخىي پاكىتلارنى نامايان قىلىدىغان سۆز سىستېمىسى ۋە ئۈنۈملۈك ۋاسىتىلەرنى بەرپا قىلىش داۋامىدا تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى نامايان قىلىش كېرەك. مەدەنىيەت ئىشلىرى كەسىپلىرىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، سىجىل تۈردە جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ئارقىلىق ھەر مىللەت خەلقنىڭ قەلب ئېتىزىنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ قەلبنى مۇجەسسەملەپ، مەنىۋى جەھەتتە بىر - بىرىگە تايىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. ئارقىدىن، ما شىڭرۇي شىنجاڭنىڭ ساياھەت تەرەققىياتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، نۇقتىلىق مەنزىرە رايونلىرى، يۇقىرى ئۆلچەملىك مېھمانساراي قاتارلىقلارنىڭ قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شىنجاڭنىڭ ساياھەت ئەۋزەللىكىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى كۆرۈنەرلىك، تەرەققىيات ۋەزىيىتى بارغانسېرى ياخشى بولماقتا. نەزەر دائىرىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، دىققەتنى يېمەك - ئىچمەك، قونالغۇ، قاتناش، ساياھەت، مال سېتىۋېلىش، كۆڭۈل ئېچىشقا دائىر تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، بوغما ھالەت چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاش، تەرەققىيات سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىش كېرەك. قاتناش، نۇقتىلىق مەنزىرە رايونى، يۇلتۇز دەرىجىلىك مېھمانساراي قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە ساياھەت ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنىڭ ئىقتىدار دەرىجىسىنى يۈكسەلدۈرۈپ، ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك مۇلازىمەت كاپالىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ساياھەتچىلىكنىڭ كىشىلەرنى جەلپ قىلىش، ئوبرازنى نامايان قىلىش، ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى كۈچەيتىشكە، زامانىۋى مەدەنىيلىككە تېخىمۇ ياخشى سىڭىشىشكە يېتەكلەش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتىدە، ما شىڭرۇي ياشانغانلارنى كۈتۈش مۇلازىمىتى باشقارمىسى، جەمئىيەت ئىشلىرى باشقارمىسىغا كىرىپ، ئاپپاراتلارنىڭ تەسىس قىلىنىش ۋە پۈتۈن شىنجاڭنىڭ مەمۇرىي رايونلارغا ئايرىلىش، جەمئىيەت قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش، ياشانغاندا كۈتۈنۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالىنى سورىدى. ئارقىدىن، ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايوننىڭ تۆۋەن كىرىملىك ئاھالىلەرنى ھەرىكەتچان كۆزىتىش، ئالدىن سىگنال بېرىش ئۇچۇر سۇپىسىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئوبيېكتى، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە كۆزىتىش ئوبيېكتلىرىنى كۆزىتىش ۋە كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: خەلق ئىشلىرى خىزمىتى خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك، خەلق قەلبىگە تۇتاش بولۇپ، ناھايىتى كۈچلۈك سىياسىيلىققا، خەلقچىللىققا، ئومۇملۇققا، سىياسەتچانلىققا ئىگە. خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇشنى تىرىشىش يۆنىلىشى ۋە تۈپ مەقسەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاچقۇچنى ئىگىلەپ، خەلق ئىشلىرى خىزمىتىنىڭ تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك. قۇربىنىڭ يېتىشىچە ئىشلەش، مادارىغا قاراپ ئىش كۆرۈش، ئىلمىي - دەل جايىدا بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئەمەلىي ئىشلارنى پۇختا، ياخشى قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. خەلق ئىشلىرى خىزمىتىنىڭ جەمئىيەت قۇرۇلۇشىدىكى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش، ئاساسنى پۇختىلاش ئورۇن بېكىتمىسىنى ئىگىلەپ، قاتلامغا ئايرىلغان، تۈرگە ئايرىلغان جەمئىيەت قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مېيىپلەر قاتارلىق ئالاھىدە كىشىلەر توپىنى كاپالەتلەندۈرۈش مۇلازىمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، خەلق تۇرمۇشى تۆۋەن چېكىنى ھەقىقىي چىڭ ساقلاش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم نۇقتىلار، ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتىلار، خىزمەتنى ئالغا سىلجىتىشقا توسالغۇ بولۇۋاتقان توسۇق نۇقتا، بوغۇق نۇقتىلارنى چىڭ كۆزلەپ، خەلق ئىشلىرىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى سىياسەت تەمىناتىنى سىجىل كۈچەيتىپ، خەلق ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ما شىڭرۇي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلاھات ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئىسلاھات تەپەككۇرى ۋە ئۇسۇلى ئارقىلىق يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مەمۇرىيەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئىش بېجىرىشنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشى، يۈرۈشۈشنىڭ تېخىمۇ ماس بولۇشى، مۇلازىمەتنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. سىجىل تۈردە ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، كۆز قاراشنى ئۆزگەرتىپ، كونىلىققا ئېسىلىۋېلىش، قائىدىلەرگە ئېسىلىۋېلىشنى چۆرۈپ تاشلاپ، ئادەتلەنگەن تەپەككۇر، تۇراقلىشىپ قالغان ئەندىزە چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئىدىيە جەھەتتە ئىلگىرىلەش ئارقىلىق ھەرىكەت جەھەتتە ئۈزلۈكسىز بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى ھەقىقىي مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، سىجىل تۈردە خىزمەت ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاپ، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىش، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، مىخ قېقىش روھى ئارقىلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

ۋاڭ جيەنشىن، ۋاڭ گاڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.