2 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، جۇڭگو ماھىرلىرى جاڭ شياۋنەن، ياڭ ۋېنلۇڭ، جياڭ شىنجيې ۋە شيۇڭ شىرۇي (سولدىن ئوڭغا) مۇسابىقىدىن كېيىن غەلىبىسىنى تەبرىكلىمەكتە. شۇ كۈنى، يابۇلىدا ئۆتكۈزۈلگەن 9 - نۆۋەتلىك ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ يەككە تاختىدا قار تېيىلىش تۈرى بويىچە ئاياللارنىڭ چوڭ پەشتاقتىن سەكرەش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە جۇڭگو ماھىرى شيۇڭ شىرۇي چېمپىيونلۇققا، جاڭ شياۋنەن 2 - لىككە ئېرىشتى؛ ئەرلەرنىڭ چوڭ پەشتاقتىن سەكرەش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە جۇڭگو ماھىرى ياڭ ۋېنلۇڭ چېمپىيونلۇققا، جياڭ شىنجيې 2 - لىككە ئېرىشتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ياڭ گۇەنيۈ فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خاربىن، 2 - ئاينىڭ 10 - كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلار ۋاڭ خېڭجى، يۆ رەنرەن) خاربىن ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە 2 - ئاينىڭ 10 - كۈنى 7 ئالتۇن مېدال بارلىققا كەلدى، جۇڭگو كوماندىسى باتۇرلۇق كۆرسىتىپ بۇنىڭ ئىچىدىكى 6 ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى، ئالتۇن مېدال ئومۇمىي سانى 21گە يېتىپ، ئۆتكەن ھەر نۆۋەتلىك ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشتىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىنى ياراتتى.
خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىك مۇز ئۈستى مەشىق مەركىزىنىڭ تېز سۈرئەتتە تېيىلىش سارىيىدا «پىدائىيلار مارشى» ئۈچ قېتىم ياڭرىدى. شۇ كۈنى تېز سۈرئەتتە مۇز تېيىلىش تۈرىدىكى 3 ئالتۇن مېدالنىڭ ھەممىسىنى بىردەك جۇڭگو كوماندىسى ئالدى. گاۋ تىڭيۈ ئالدى بىلەن 0.02 سېكۇنتلۇق ئازراق ئۈستۈنلۈك بىلەن ياپونىيە ماھىرى سېنجۇڭ خاڭنى يېڭىپ، ئەرلەرنىڭ 500 مېتىرلىق مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولدى؛ يەنە سەپدىشى ليەن زىۋېن، نىڭ جۇڭيەن بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئەرلەرنىڭ قىسقا ئارىلىققا كوللېكتىپ قوغلىشىش مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈردى. ئاياللار كوماندىسى يەنە بىر قېتىم بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقتىن ئۈچىنى بىرلا ۋاقىتتا كۆتۈرۈلۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى، ياڭ بىنيۈ، خەن مېي، تەي جىئېن ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئاياللارنىڭ 3000 مېتىرلىق مۇسابىقىسىدە ئالدىنقى ئۈچ دەرىجىنىڭ ھەممىسىنى قولغا كەلتۈردى. بۇ نۆۋەتلىك ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە 3 ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن گاۋ تىڭيۈ بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىنىڭ ئۆزى قاتناشقان ئەڭ ئاخىرقى بىر نۆۋەتلىك ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بولۇپ قېلىش - قالماسلىقىنى بىلمەيدىغانلىقىنى سەمىمىيلىك بىلەن ئېيتتى: «(بۇ قېتىم) مېنىڭ ئاچقۇچلۇق سۆزۈم تىرىشىش، كۆپچىلىكنىڭ بىرلىكتە تىرىشىشى ئارقىلىق، جۇڭگو تېز سۈرئەتتە مۇز تېيىلىش كوماندىسىنىڭ بارغانسېرى ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن».
بەزىلەر نەتىجىگە ئېرىشتى، بەزىلەر ئارزۇغا ئىنتىلدى. جۇڭگو شياڭگاڭ كوماندىسى ماھىرى جۇ دىڭۋېن بۇ نۆۋەتلىك ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ قىسقا يولدا تېز تېيىلىش ۋە تېز سۈرئەتتە مۇز تېيىلىش تۈرىدە توپتوغرا سەككىز كىچىك تۈرگە تىزىملىتىپ، بۇ بىرنەچچە كۈندە مۇز ئۈستى مەشىق مەركىزىدىكى «مەيدانلار ئارا چېپىپ يۈرىدىغان ماھىر» دەپ ئاتالدى. گەرچە سەۋىيەسى مۇكاپات ئېلىش سەھنىسىگە چىقىشتىن خېلىلا يىراق بولسىمۇ، لېكىن جۇ دىڭۋېن ناھايىتى خۇشال ئىدى، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى مۇز ئۈستى «يالغۇز ماھىر»دىن بۈگۈنكى كۈندە سەپداشلىرى بىلەن بىللە كۈچ ئۇلاپ تېيىلىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشقىچە، ئۇ بىرنەچچە ئارزۇسىنىڭ ئىشقا ئاشقانلىقىنى ئېيتتى.
ھالبۇكى، ئىسسىق بەلباغ رايونلىرىدىن كەلگەن تېخىمۇ كۆپ تەنھەرىكەتچىمۇ ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەيدانىدا ئۆز ئارزۇسىغا ئىنتىلمەكتە. نەتىجىسىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلارنىڭ ھەممىسى تېخىمۇ كۆپ خەلقئارا مۇسابىقە مەيدانلىرىغا چىقىش پۇرسىتىگە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، يۇرتىدىكى تېخىمۇ كۆپ بالىنىڭ قار - مۇز تەنھەرىكىتىگە قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
يابۇلىدا، بۇ نۆۋەتلىك ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئەركىن قار تېيىلىش تۈرى بويىچە بوشلۇقتا ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسىنىڭ ئەرلەر يەككە تۈرىدە چېمپىيون بولغان 20 ياشلىق ماھىر لى شىنپېڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى 34 ياشلىق شۈ مېڭتاۋ ۋە چى گۇاڭپۇ بىلەن بىرلىكتە بوشلۇقتا ماھارەت كۆرسىتىش تۈرىنىڭ ئارىلاشما كوللېكتىپ مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدالنى ئاسانلا قولغا كەلتۈردى. شۈ مېڭتاۋ مۇنداق دېدى: «ئارىلاشما كوللېكتىپ مۇسابىقە بىر كوماندىنىڭ ئومۇمىي ئەمەلىي كۈچىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، بۇ مۇسابىقىدە بىر تۈرگە قاتناشقان ئەر - ئايال تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ئورتاق سەۋىيەسى بىرلا ۋاقىتتا نامايان بولىدۇ، بىز چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەنلىكىمىزدىن ناھايىتى شەرەپ ھېس قىلدۇق».
ئەمەلىي كۈچى كۈچلۈك ياپونىيە كوماندىسى پەقەت ياش ماھىرلارنى ئەۋەتكەن ئەھۋالدا، يەككە تاختىدا قار تېيىلىش بويىچە چوڭ پەشتاقتىن سەكرەش تۈرىمۇ جۇڭگو كوماندىسىنىڭ سەھنىسى بولۇپ قالدى. بۇ يىل 1 - ئايدا خەلقئارا قار تېيىلىش بىرلەشمىسىنىڭ دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە تۇنجى قېتىم چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن ياڭ ۋېنلۇڭ مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن ئەرلەر تۈرىدە ئالتۇن مېدالغا، ئۇنىڭ سەپدىشى جياڭ شىنجيې كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى. شيۇڭ شىرۇي بىلەن جاڭ شياۋنەن ئاياللار تۈرىدە چېمپىيونلۇق ۋە 2 - لىكنىڭ ھەممىسىنى قولغا كەلتۈردى.
شۇ كۈنى، «جۇڭخۇا تەنتەربىيە روھىغا مەدھىيە . خاربىن ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بېكىتى» پائالىيىتى خاربىن قار - مۇز دۇنياسىدا باشلاندى، سۇ ئۈزۈش تۈرى بويىچە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى چېمپىيونى جاڭ يۈفېي ۋە فىگۇرا چىقىرىپ مۇز تېيىلىش تۈرى بويىچە قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى چېمپىيونى خەن سۇڭ چۈشەندۈرگۈچى بولۇپ، قار - مۇز بىلەن قاپلانغان دالىدا جۇڭخۇا تەنتەربىيە روھىنى تارقاتتى.
بىر كۈندىلا يەنە 6 ئالتۇن مېدال قولغا كەلتۈرۈلدى، جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى بۇ نۆۋەتلىك ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە 21 ئالتۇن مېدال، 18 كۈمۈش مېدال، 15 مىس مېدالنى قولغا كەلتۈرۈپ، 21 ئالتۇن مېدال بىلەن يەنە جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ يەككە نۆۋەتلىك ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش تارىخىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىنى ياراتتى (بۇنىڭدىن ئىلگىرى 2007 - يىللىق چاڭچۇن ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە 19 ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈرگەنىدى). كورېيە كوماندىسى نۆۋەتتە 11 ئالتۇن مېدال، 10 كۈمۈش مېدال، 9 مىس مېدال بىلەن مېدال سانى تىزىملىكىدە 2 - ئورۇندا تۇردى، ياپونىيە كوماندىسى 4 ئالتۇن مېدال، 4 كۈمۈش مېدال، 9 مىس مېدال بىلەن 3 - ئورۇندا تۇردى.