«بەي ئاكا، يۈەنشياۋ بايرىمىدا بىزنىڭ خۇبېيغا كېلىپ مېھمان بولۇپ كېتىڭ، بولامدۇ؟ دادام ـ ئاپامنىڭ سىزنى بەكلا كۆرگۈسى بار، سىزنىڭ ئادەمسىز رايوندا مېنى قۇتقۇزۇۋالغانلىقىڭىزغا رەھمەت ئېيتماقچى.» 2 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى، كورلىدىن كەلگەن يىگىت بەي بېيشيەن خۇبېي ئۆلكىسى جىڭجوۋ شەھىرىدىن كەلگەن ساياھەتچى تىڭزى (توردىكى ئىسمى)نىڭ تەكلىپىنى تاپشۇرۇۋالدى.
تىڭزى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: مەن دوستۇم بىلەن ئادەمسىز رايوندا خەۋپ ـ خەتەرگە ئۇچرىغاندا، تەلىيىمىزگە بەي ئاكام ياردەم قىلىپ قۇتقۇزۇۋالدى. «شىنجاڭلىقلار ھەقىقەتەن بەك ئاق كۆڭۈل ئىكەن، بۇ مېھىر ـ شەپقەتنى مەن بىر ئۆمۈر ئەستە چىڭ ساقلايمەن».
تىڭزى تېلېفوندا مۇخبىرغا ئىشنىڭ جەريانىنى سۆزلەپ بەردى. 2024 ـ يىلى 10 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى سائەت 18 ئەتراپىدا، كۈن ئولتۇراي دەپ قالغانىدى، ئۇ دوستى بىلەن ئاپتوموبىل ھەيدەپ نىيە ناھىيەسى تەۋەسىدىكى دۆلەت يولى 216 ـ لىنىيەسىنىڭ 2144 كىلومېتىرلىق جايىغا كەلگەندە، تۇيۇقسىز «تىرىڭ» قىلغان بىر ئاۋاز بىلەن تەڭ ئاپتوموبىلنىڭ ئوتى ئۆچۈپ قالدى − ئەسلىدە يېقىلغۇ تۈگىگەن بولۇپ، ئاپتوموبىل يول بويىدا توختاپ قالغانىدى.
بۇ يول بۆلىكى شىنجاڭ بىلەن شىزاڭنىڭ پاسىلى بولغان چياڭتاڭ ئادەمسىز رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن 5000 مېتىر ئەتراپىدا ئېگىز ئىدى. «شۇ چاغدا، شامال بەك كۈچلۈك ئىدى، بىز ئاپتوموبىلدىن چۈشۈپ ئەھۋالنى تەكشۈردۇق، ئەتراپ كۆز يەتكۈسىز بولۇپ، بىرەر ئاپتوموبىل ياكى ئادەممۇ كۆرۈنمەيتتى. بىز يول بويىدا ئاپتوموبىل توسۇپ، يولدىن ئۆتكەن ئاپتوموبىل شوپۇرلىرىدىن بېنزىن سېتىۋالماقچى بولدۇق، لېكىن يولدا ئاپتوموبىل ناھايىتى ئاز بولغاچقا، پەقەتلا سېتىۋالالمىدۇق. بىز ھەم توڭلاپ، ھەم ئالاقزادە بولۇپ، بەك قورقۇپ كەتتۇق» دېدى تىڭزى.
ئاستا ـ ئاستا قاراڭغۇ چۈشۈشكە باشلىدى. ساقلىغان ئاشۇ ئىككى سائەت خۇددى نەچچە ئەسىردەك ئۇزاق بىلىندى. مەن بۇ دۇنيا تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلگەندەك ھېس قىلدىم، يەككە ـ يېگانە، ياردەمچىسىز ئىدۇق، تۆت ئەتراپتا پەقەت قار ـ شىۋىرغان، سوغۇق ۋە چەكسىز بىپايان دالىلا بار ئىدى.
سائەت 20 ئەتراپىدا، تىڭزى يىراقتىن ئۇدۇلدىن كېلىۋاتقان بىر ئادەمنى كۆردى، قارشى تەرەپ ئۇنىڭ قۇتقۇزۇڭلار دېگەن ئاۋازىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا قاراپ كەلدى. بۇ ئەر دەل بەي بېيشيەن ئىدى، ئۇ يېقىن ئەتراپتىكى كان رايونىدا ئىشلەيدىغان بولۇپ، كان رايونىنىڭ ۋاقىتلىق تۇرمۇش بازىسى دەل دۆلەت يولى بويىدا ئىدى.
تىڭزى بەي بېيشيەندىن ياردەم سورىدى: «ئۇ ئالدى بىلەن ۋاقىتلىق تۇرمۇش بازىسىدىكى قۇراشتۇرما ئۆيگە قايتىپ بېرىپ، كىچىك بېنزىن تۇڭىنى ئىزدەپ تېپىپ، ئىچىدىكى ئازراقلا قالغان بېنزىننى ئاپتوموبىلىمىزغا قاچىلاپ بەردى. ھالبۇكى، بۇ ماي بىزنىڭ 100 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ماي قاچىلاش پونكىتىغا يېتىپ بېرىشىمىزغا ئەسلا يەتمەيتتى.» تىڭزى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: شۇ چاغدا، دوستۇم بىلەن قانداق قىلىشنى بىلەلمەيلا قالغانىدۇق.
«بەي بېيشيەن بىزگە كىملىكىنى كۆرسىتىپ، قورقماڭلار، دەپ تەسەللى بەردى، بىزنى ئۆزى تۇرىدىغان قۇراشتۇرما ئۆيگە باشلاپ بېرىپ، ئىككى قاچا تەييار چۆپ پىشۇرۇپ بەردى.» تىڭزى مۇنداق دېدى: ئادەم ئاياغ باسمايدىغان ئاشۇ جايدا، شۇ بىر قاچا تەييار چۆپ ماڭا زور ئىللىقلىقنى ھېس قىلدۇردى.
شۇ كۈنى كەچتە، بەي بېيشيەن يۈك ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ، تىڭزى ۋە دوستىنى 210 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى نىيە ناھىيە بازىرىغا ئاپىرىپ قويدى. «مېھمانخانىغا كىرگەن ئاشۇ دەقىقىدە، كۆز ياشلىرىمنى توختىتالمايلا قالدىم، ئۇنىڭغا ئازراق پۇل بېرىپ رەھمىتىمنى بىلدۈرسەم، ئۇ قولى بىلەن توسۇپ زادىلا ئالغىلى ئۇنىمىدى.» تىڭزى مۇنداق دېدى: 2 ـ كۈنى، بەي بېيشيەن يەنە ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ بىزنى بېنزىن سېتىۋالغىلى ئېلىپ باردى. ئەسلىدە ئاپتوموبىلغا ماي قاچىلىۋالساقلا ئوڭۇشلۇق قايتالايمىز دەپ ئويلىغانىدۇق، لېكىن ئاپتوموبىلنى ھەرقانچە قىلساقمۇ ئوت ئالدۇرالمىدۇق. بەي بېيشيەن ۋە ئۇنىڭ ئىشداشلىرى قەھرىتان سوغۇقتا يېرىم كۈن ھەپىلەشكەن بولسىمۇ، يەنىلا ھېچقانداق ئۈنۈمى بولمىدى. ئاخىرىدا بەي بېيشيەن ئاپتوموبىل سۆرەش شىركىتى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئاپتوموبىلنى نىيە ناھىيە بازىرىغا ئاپىرىپ رېمونت قىلدۇرۇپ، ھەممە ئىشنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن قايتىپ كەتتى.
ئارقىدىنلا، تىڭزى قۇتقۇزۇۋېلىنغان جەرياننى سىنغا ئېلىپ تورغا چىقاردى، ئۇ مۇنداق يازدى: «2024 ـ يىلىدىكى ئەڭ ئازابلىق بىر كۈن بولدى، نۆلدىن تۆۋەن 20 سېلسىيە گىرادۇستا قۇتقۇزۇشنى كۈتتۇق. شىزاڭنىڭ گەيزېدىن شىنجاڭنىڭ نىيىگە بېرىش ئۈچۈن، ئەسلىدە سەككىز سائەتتە بېسىپ بولغىلى بولىدىغان مۇساپىنى بىز توپتوغرا ئىككى يېرىم كۈن ماڭدۇق! بۇ يولدا خۇشاللىق ۋە ساۋاقلار گىرەلىشىپ كەتتى، ئوڭۇشسىزلىق ۋە ئۈمىدسىزلىك سايىدەك ئەگىشىپ ماڭدى، شىنجاڭدىكى ناتونۇش ئاكىمىزنىڭ بىزنى قۇتقۇزغان شەپقىتىگە رەھمەت...»
بۇ سىننىڭ قويۇلۇش مىقدارى 4 مىليون قېتىمدىن ئېشىپ، تورداشلارنىڭ قىزغىن دىققىتىنى قوزغىدى.
بەي بېيشيەننىڭ ئىشدىشى نۇرمەمەت تۇرسۇن ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «مەن بەي بېيشيەن بىلەن بىللە تىڭزىغا ياردەملىشىپ ئاپتوموبىل سۆرەش شىركىتى بىلەن ئالاقىلىشىپ بەردىم، ئادەم ۋە ئاپتوموبىل ناھىيە بازىرىغا تىنچ ـ ئامان يېتىپ بارغاندىن كېيىن، ئىككىمىز ئاندىن قۇرۇلۇش ئورنىغا قايتىپ ئىشلىدۇق.» نۇرمەمەت مۇنداق دېدى: بەي بېيشيەن ئاق كۆڭۈل، ياۋاش، بۇ، ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم ئادەم قۇتقۇزۇشى ئەمەس.
2024 ـ يىلى 11 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى سائەت 15 ئەتراپىدا، شىنجاڭدىن ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ شىزاڭغا قايتقان ساياھەتچى شياڭ يىمۇ بەي بېيشيەننىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن. شۇ كۈنى، ئۇ دۆلەت يولى 216 ـ لىنىيەسىنىڭ 2137 كىلومېتىر كېلىدىغان داۋان دوقمۇشىدا ئاپتوموبىلدىن ئۆزىنى قاچۇرغاندا ئۇنىڭ دالا ئاپتوموبىلى ئېھتىياتسىزلىقتىن تاشيولدىن سىيرىلىپ چۈشۈپ كەتتى. ئۇ تىت ـ تىت بولۇپ سىگنال ئىزدەپ قۇتقۇزىدىغان ـ ياردەم بېرىدىغانلار بىلەن ئالاقىلىشىۋاتقاندا، پىكا ئاپتوموبىلى ھەيدەپ تاغدىن چۈشۈپ سۇ توشۇۋاتقان بەي بېيشيەنگە ئۇچراپ قالدى. «ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاپتوموبىلغا سېلىپ مېنى سىگنال بار جايغا ئېلىپ باردى. قار بەك قېلىن ياغقانلىقتىن، قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش ئاپتوموبىلى چىقالمىغاچقا، ئۇ يەنە قىزغىنلىق بىلەن مېنى ئۆزى تۇرۇۋاتقان تۇرمۇش بازىسىغا ئېلىپ كېلىپ تۇرغۇزدى» دېدى شياڭ يى.
قېلىن قاردا يول توسۇلۇپ قالدى، شۇ تۇرغىنىچە ئۈچ كۈن تۇرۇپ قالدى. 4 ـ كۈنى، بەي بېيشيەننىڭ ياردىمىدە، شياڭ يى ئاپتوموبىل سۆرەيدىغانلار بىلەن ئالاقىلەشتى. بەي بېيشيەن ئۇنى ئاپتوموبىل بىلەن 80 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى مۇلازىمەت رايونىغا ئاپىرىپ قويۇپ، ئۇنى ئاپتوموبىلنى سۆرىتىپ ناھىيە بازىرىغا ئاپىرىپ رېمونت قىلدۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
«ئەگەر بەي بېيشيەن ياردەم قىلمىغان بولسا، مەن ئادەمسىز رايوندىن ئەسلا چىقالمىغان بولاتتىم، چىن ھېسسىياتنى ھەقىقەتەن خەتەرلىك ـ مۈشكۈل ئەھۋالدا كۆرگىلى بولىدىكەن، شىنجاڭلىقلار بەكلا قالتىس ئىكەن.» شياڭ يى ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: كېتىدىغان چاغدا رەھمىتىمنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن پۇل تەڭلىگەن بولساممۇ، بەي بېيشيەن زادىلا ئالغىلى ئۇنىمىدى.
مۇخبىر بەي بېيشيەن بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئادەم قۇتقۇزۇش ئىشىنى تىلغا ئالغاندا، ئۇنىڭ سۆزلىرى ناھايىتى سەمىمىي بولدى: «ئەينى چاغدا ئادەم قۇتقۇزۇشنىلا ئويلاپ، ئۇنچە كۆپ ئىشلارنى ئەسلا ئويلاشمىدىم. ھەممە ئادەمنىڭ قىيىنچىلىققا ئۇچرايدىغان ۋاقتى بولىدۇ، مەن بۇ يەردە ئىشلەيمەن، بۇ يەرنىڭ مۇھىتى بىلەن تونۇش، بۇلارنىڭ ھەممىسى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىم».
«كان رايونىنىڭ شارائىتى بەك جاپالىق، ھەر قېتىم ئۆيۈمنى سېغىنغاندا، ئۇ توختىماي ماڭا تەسەللى بېرىدۇ. ئادەتتە، بىر نېنى بولسىمۇ، ئۇ ئىشداشلىرىغا يېرىمىنى بۆلۈپ بېرىدۇ.» نۇرمەمەت مۇنداق دېدى: بەي بېيشيەن ئىنتايىن ئاق كۆڭۈل، ئەستايىدىل ئىش قىلىدىغان ياخشى ئادەم.
تىڭزىنىڭ قىزغىن تەكلىپ قىلىشى بەي بېيشيەننى ناھايىتى تەسىرلەندۈردى، ئۇ تىڭزىغا مۇنداق دېدى: «يول يىراق، خىزمەت سەۋەبىدىن ۋاقىت چىقىرالمايمەن، مەن ۋاقتىنچە بارالمايمەن. ھازىرچە بىرنەچچە يەشىك كورلا نەشپۈتى ۋە بىر قىسىم يەرلىك مەھسۇلاتلارنى ئەۋەتەي، سىلەر بىر ئائىلە كىشىلىرى تېتىپ بېقىڭلار. سىلەرنىڭ بۇ يىل يازدا ئائىلە بويىچە شىنجاڭغا كېلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن، مەن ئۆيدىكىلەر بىلەن سىلەرگە پولۇ ئېتىپ بېرىمەن، كاۋاپ پىشۇرۇپ بېرىمەن، سىلەرگە شىنجاڭنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى كۆرسىتىمەن».