导航切换

ئاپتونوم رايون باھار بايرىمىلىق ھال سوراش، ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇردى

日期:2025年01月29日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 1 - ئاينىڭ 27 - كۈنى خەۋىرى كاتتا باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەندىكى رەھبىرىي يولداشلار كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق زىيارەت قىلىش، ھال سوراش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئىلغار نەمۇنىچىلار، نەپىقە ئوبيېكتلىرى، قىيىنچىلىقى بار ئىشچى - خىزمەتچىلەر، ئامما ۋە شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملاردىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر، ئاساسىي قاتلام گۇڭئەن كادىر - ساقچىلىرى ۋەكىللىرى قاتارلىقلارنى يوقلاپ ۋە ئۇلاردىن ھال سوراپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقىنى يەتكۈزدى.

ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ، چېن مىڭگو، ياڭ چېڭ، تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن، ۋاڭ جيەنشىن، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن، ۋاڭ لىن قاتارلىقلار ئايرىم - ئايرىم ھال سورىدى ياكى ئالاقىدارتارماقلارغا ھاۋالە قىلىپ ھال سوراش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ئاپتونوم رايوندىكى رەھبىرىي يولداشلار ۋە ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار شىنجاڭدىكى پارتىيە ۋە دۆلەتكە تۆھپە كۆرسىتىش شەرىپى نامىغا ئېرىشكۈچىلەر ياكى ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى، مەملىكەتلىك ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى، قەھرىمان نەمۇنىچىلار، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى نەمۇنىچىلىرى، مەملىكەتلىك 8 - مارت قىزىل بايراقدارلىرى، مەملىكەتلىك بەشتە ياخشى ئائىلىلەر، جۇڭگو ياشلار 4 - ماي مېدالىغا ئېرىشكۈچىلەر قاتارلىقلاردىن ھال سورىدى، ئۇلارنىڭ ئىلغار ئىش - پائالىيەتلىرى ۋە ئالىيجاناب روھىنى ماختىدى، ئۇلارنى ئۈلگىلىك، يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا يەنە يېڭى تۆھپە قوشۇشقا ئىلھاملاندۇردى. مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى ۋە مۇنەۋۋەر پارتىيە ئىشلىرى خىزمەتچىلىرى، خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغان پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى، پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى، مۇتەخەسسىس، ئىختىساسلىقلار، كەنت (مەھەللە)تىكى پېشقەدەم تايانچلار، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار قاتارلىقلاردىن ھال سورىدى، ئۇلارنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىدىكى ئوتتەك قىزغىن ئەمەلىيەتكە پائال ئاتلىنىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، ئەقىل - پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، تىرىشىپ تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى. ئاپتونوم رايوندىكى رەھبىرىي يولداشلار يەنە ئوخشاش بولمىغان شەكىللەر ئارقىلىق بىرىنچى سەپتىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەر، قىيىنچىلىقى بار ئىشچى - خىزمەتچىلەر ۋە شەھەر - يېزىلاردىكى قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپىدىن ھال سورىدى، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلاردىن قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا ياخشى كاپالەتلىك قىلىپ، كۆپچىلىكنى ئىللىق، ئىناق بايرام ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنى تەلەپ قىلدى. ئاپتونوم رايون يەنە شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىمدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر، ئاساسىي قاتلامدىكى گۇڭئەن كادىر - ساقچىلىرى، مېيىپ ھەربىيلەر، يېزىلاردىكى ھەربىيلىكتىن قايتقانلار، ئۇرۇشقا قاتناشقان ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەر، ئىنقىلابىي قۇربانلار ۋە ھەربىيلەر ئائىلە تەۋەلىرى قاتارلىق نەپىقە ئوبيېكتلىرىدىن ھال سوراشقا تەشكىللىدى، ئۇلارغا پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ غەمخورلۇقىنى يەتكۈزدى، سەمىمىي سالام يوللىدى ۋە باھار بايرىمىلىق بەخت تىلىدى.

پائالىيەتتە، ئاپتونوم رايوندىكى رەھبىرىي يولداشلار مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى بىر يىلدا شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر ساھە، ھەر كەسىپ، ھەر سەپتىكى كەڭ كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، تىرىشىپ يېڭى مۇساپىدە يېڭى مەسئۇلىيەتچانلىق، يېڭى نەتىجىنى نامايان قىلىشىغا ئېھتىياجلىق. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەپ، تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ روھىي قىياپەت ۋە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش ھالىتى بىلەن راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.