导航切换

ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىمىي يىغىن ئاچتى

日期:2025年01月29日
来源:天山网
【字体:

​يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش قاتارلىقلار مۇھاكىمە قىلىندى

 1 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشى، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوزۇقلۇقىنى ياخشىلاش پىلانىنى يولغا قويۇش، خاس مېھمانسارايلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى قوللاش قاتارلىق خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش، يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك رايونى قۇرۇش نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، تۈرلۈك چارە - تەدبىرلەر ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، يېزىلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى پۇختا زىممىگە ئېلىپ، پاختىچىلىق كەسپىنىڭ ئەۋزەل ئورنىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، يېشىل چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى ۋە ئەلا سۈپەتلىك مېۋە - كۆكتات بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، تېرىلغۇ يەرنى قوغداش ۋە سۈپىتىنى ئاشۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سۇ بايلىقىدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىپ ۋە ئۇنى ئەلالاشتۇرۇپ تەقسىملەپ، يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە جابدۇق تىرىكىنى كۈچەيتىش كېرەك. قايتا نامراتلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، ئاشلىق ۋە يېمەكلىك پىشىشىقلاش، پاختا ۋە توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك، يېشىل چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى ۋە ئەلا سۈپەتلىك مېۋە - كۆكتات كەسىپلەر توپى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، يېزا ئىگىلىكىنى ماركا ئارقىلىق كۈچەيتىش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، دېھقانلار بىلەن ئالاقە باغلاش، دېھقانلارنى يېتەكلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، 1 -، 2 -، 3 - كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنى قوبۇل قىلىپ شۇ جايدا مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملەپ، يېزا - كەنتلەرنى ئىدارە قىلىشنى رەقەملەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يېزىلارنىڭ مۇقىملىقى، خاتىرجەملىكىنى قوغداش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: «مەملىكەت بويىچە يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانى (2021 - يىلىدىن 2030 - يىلىغىچە)»نى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېتىز، تۇپراق، سۇ، يول، ئورمان، توك، تېخنىكا، باشقۇرۇشنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك. لايىھەنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش ئۆتكىلىنى كۈچەيتىپ، تۈر مەبلىغىنى ئىشلىتىش، خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار بولۇش، سۈپەتنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش قاتارلىقلارنى كۈچەيتىپ، ھەقىقىي تۈردە پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى تېرىلغۇ يەرلەرنى تېرىقچىلىق قىلىشقا ماس كېلىدىغان، قۇرغاقچىلىق - ھۆلچىلىك بولغاندىمۇ ھوسۇلغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدىغان، يۇقىرى ھوسۇللۇق، مۇقىم ھوسۇللۇق، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلىدىغان زامانىۋىلاشقان مۇنبەت ئېتىز قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: مەكتەپلەرنىڭ تاماق ياردەم پۇلى مەبلىغىنى ئىشلىتىش، باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۆلچەملىك، ئاشكارا بولغان، ئادىل رىقابەتلىشىدىغان مەكتەپ تامىقىغا دائىر ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش خىزمەت مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، مەكتەپلەرنىڭ بىرتۇتاش سېتىۋېلىشى بەلگىلەنگەن ئىشلەپچىقىرىش بازىسىدىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئوقۇغۇچىلار، ئاتا - ئانىلار، جەمئىيەت، تارماقلار بىرلىشىپ نازارەت قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوزۇقلۇق ئەھۋالىنى كۆزىتىپ ئۆلچەشنى قەرەلىدە قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قۇۋۋەتلىك، ساغلام ئوزۇقلىنىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يۇقىرى سۈپەتلىك مېھمانساراي قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇشتىكى مۇھىم يول، خەلق ئاممىسىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى قاندۇرۇش، ساياھەتچىلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك ساياھەت مەھسۇلاتلىرىغا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتىكى مۇھىم تۇتقا. ماركا قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى قىلىپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ خەلقئارا، دۆلەت ئىچىدىكى ئالىي دەرىجىلىك داڭلىق مېھمانسارايلارنى كىرگۈزۈشىنى قوللاپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەت قونالغۇ كەسپىنىڭ تىجارەت باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. يۇلتۇز دەرىجىلىك مېھمانخانىلارنىڭ كۆلىمىنى زورايتىپ، ئىستراھەت مېھمانسارايلار توپىنى بەرپا قىلىپ، يېزا - كەنت مېھمانسارايلىرى، ئائىلىۋى مېھمانخانا قۇرۇلۇشىغا پائال تۈرتكە بولۇپ، يېزا - كەنت ساياھىتى قونالغۇ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. يەر بىلەن تەمىنلەش، يۈرۈشلۈك ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى، پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش قاتارلىق جەھەتلەردە سىياسەت جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلىش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ساياھەت - قونالغۇ كەسپىنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.