− 2025 - يىل 1 - ئاينىڭ 19 - كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3 - يىغىنىغا بېرىلگەن
ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز
1 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن، يىغىنغا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەرمەكتە. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې لۇڭ فوتوسى
ھۆرمەتلىك ۋەكىللەر:
ھازىر مەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن يىغىنغا خىزمىتىمىزدىن دوكلات بېرىمەن، قاراپ چىقىشىڭلارنى ھەمدە ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ پىكىر بېرىشىنى سورايمەن.
1. 2024 - يىللىق خىزمەتلەرگە نەزەر
ئۆتكەن بىر يىل، كەسكىن، مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەتتە، دۆلەت ئىچىدىكى قاتمۇقات ئامىللارنىڭ گىرەلىشىشى، دەستىلىنىشى ئېلىپ كەلگەن ئىقتىساد چېكىنىش بېسىمى ۋە مۈشكۈل، ئېغىر ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش خىزمەت ئاساسىي لىنىيەسىنى چىڭ كۆزلەپ، مەركەز شىنجاڭغا بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، ئاڭلىق ھالدا شىنجاڭ خىزمىتىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئومۇمىيلىقىغا قويۇپ پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى، ئېچىۋېتىش بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرمۇش يارىتىپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك بىخەتەرلىكنى كاپالەتلەندۈرۈپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى سىجىل ياخشى ئىشلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىدە يېڭى پۇختا قەدەم تاشلىدى!
شىنجاڭ بويىچە رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.1 ئېشىپ، 2 تىرىليون يۈەنلىك چوڭ ئۆتكەلدىن بۆسۈپ ئۆتتى، كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت قوشۇلما قىممىتى %8 ئاشتى، تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى %6.9 ئاشتى، ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى %2 ئاشتى، ئىمپورت - ئېكسپورت سودا ئومۇمىي سوممىسى %21.8 ئاشتى، ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت كىرىمى %10.5 ئاشتى، شەھەر - بازار ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم %5.5 ئاشتى، يېزا ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم %8.2 ئاشتى، ئاساسلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەرنىڭ ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى، پۈتۈن يىللىق نىشان - ۋەزىپىلەر بىرقەدەر ياخشى ئورۇندالدى، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ «مۇقىم بولۇش» ئاساسى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى، «ئىلگىرىلەش» قۇۋۋىتى ئۈزلۈكسىز ئاشتى، «يېڭى» سۈپەت ئۈنۈمى زور دەرىجىدە ئۆستى.
بىر يىلدىن بۇيان، بىز ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، ئاساسلىقى تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى ئىشلىدۇق.
(1) يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى ۋە مۇھىم دېھقانچىلىق - چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى تەمىناتىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە يېڭى تۆھپە قوشتۇق
تېرىلغۇ يەرنى قوغداشقا ۋە ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە پارتىيە بىلەن ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈردۇق، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» مەبلىغىدىن 113 مىليارد 780 مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇردۇق، شىنجاڭ بويىچە ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمى 44 مىليون 400 مىڭ موغا يېتىپ، يېڭىدىن 2 مىليون 29 مىڭ مو كۆپەيدى، ئاشلىق ھوسۇلى 4 مىليارد 220 مىليون جىڭ ئېشىپ، ئومۇمىي ھوسۇل 46 مىليارد 600 مىليون جىڭغا يېتىپ، مەملىكەت بويىچە 13 - ئورۇنغا ئۆتتى، ئاشلىق بىرلىك ھوسۇلى 1050 جىڭغا يېتىپ، تۇنجى قېتىم مەملىكەت بويىچە 1 - ئورۇنغا ئۆتتى. پاختا ئومۇمىي ھوسۇلى 5 مىليون 686 مىڭ توننىغا يېتىپ، پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىي ھوسۇلىنىڭ %92.2ىنى ئىگىلىدى. مېۋە - كۆكتات كەسپىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇردۇق، مېۋە ھوسۇلى 14 مىليون توننىغا، كۆكتات ھوسۇلى 23 مىليون 130 مىڭ توننىغا يەتتى. گۆش كالىسى، گۆش قويى ۋە سۈتچىلىك كەسپى تەرەققىياتىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا دائىر توققۇز تۈرلۈك سىياسەت - تەدبىرنى ئېلان قىلدۇق، چارۋىچىلىق تەرەققىياتىغا دائىر تۈرلۈك مەبلەغدىن 5 مىليارد 30 مىليون يۈەننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چارۋىچىلىقنى پۇختا قەدەم بىلەن تەرەققىي قىلدۇردۇق، گۆش مەھسۇلات مىقدارى 2 مىليون 117 مىڭ 600 توننىغا، سۈت مەھسۇلات مىقدارى 1 مىليون 980 مىڭ توننىغا يەتتى. سۇ مەھسۇلاتلىرى مىقدارى 196 مىڭ 500 توننىغا يېتىپ، شىنجاڭنىڭ دېڭىز مەھسۇلاتلىرى پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ تاماق ئۈستىلىدىكى «ئەتىۋارلىق يېمەكلىك»كە ئايلاندى. 4 مىليون 340 مىڭ مو يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز بەرپا قىلدۇق، شورلۇق يەرنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى قانات يايدۇردۇق، دۆلەت زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپ باغچىسىدىن ئۈچنى، يېزا ئىگىلىك كەسپىدە كۈچلۈك بازاردىن توققۇزنى يېڭىدىن كۆپەيتتۇق، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلىدۇق. مەركەزنىڭ 14 مىليارد 920 مىليون يۈەن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ياردەم پۇلىدىن بىرتۇتاش ياخشى پايدىلىنىپ، دېھقانلار بىلەن ھەمكارلىشىش، دېھقانلارنى يېتەكلەش، خەلقنى بېيىتىش كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، «مىڭ - تۈمەن قۇرۇلۇشى» تەجرىبىسىنى ئۆگىنىپ ۋە قوللىنىپ، مەملىكەت بويىچە ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىدىغان گۈزەل ئۈلگە كەنتتىن 15نى بەرپا قىلدۇق. شىنجاڭ ئىلگىرىكى قاقاس چۆللۈكتىن «چېگرا رايونىدىكى ئاشلىق ئامبىرى»غا ئايلىنىپ، دۆلەت ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن شىنجاڭ تۆھپىسىنى قوشماقتا!
(2) كەسىپلەرنىڭ توپلىشىش ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشقا يېڭى قۇۋۋەت توپلىدۇق
مەۋقەنى دۆلەتنىڭ ئېھتىياجى، شىنجاڭنىڭ ئىقتىدارىغا قويۇپ، يېڭىچە ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسى، نېفىت - گاز زاپىسىنى كۆپەيتىپ مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇش، كۆمۈردىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك يىرىك پىلانلارنى تۈزۈپ يولغا قويدۇق، يېڭىچە سانائەتلىشىشنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭ خاسلىقى ۋە ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلىدىغان زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلەتتۇق. يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردۇق، 10 مىليون كىلوۋات دەرىجىلىك يېڭى ئېنېرگىيە بازىسىدىن ئۈچنى قۇرۇپ چىقتۇق، ئۈرۈمچى − سانجى − شىخەنزە يوروقلۇق ۋولت توپى دۆلەت ئىلغار ياسىمىچىلىق توپى قاتارىغا كىردى. يېڭىچە ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتتۇق، يېڭى ئېنېرگىيەلىك تورلاشتۇرۇلغان گېنېراتورلار سىغىمى 40 مىليون 370 مىڭ كىلوۋاتقا يېتىپ، ئومۇمىي كۆلىمى 100 مىليون كىلوۋاتلىق ئۆتكەلدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، شىنجاڭ بويىچە ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى گېنېراتورلار سىغىمىنىڭ %50ىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى، «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» مىقدارى 126 مىليارد 400 مىليون كىلوۋات سائەتكە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە يېڭى ئېنېرگىيەنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى ئۈچتىن بىر قىسىمغا يېقىنلاشتى. يەرشارى بويىچە يەككە قۇرۇلما كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان ھىدروگىن ئېنېرگىيەسىنى ساقلاش تۈرىدە ئىش باشلاندى، پۈتۈپ تورلاشتۇرۇلغان يېڭىچە ئېنېرگىيە ساقلاش ئىقتىدارى جەمئىي 10 مىليون كىلوۋاتقا يېتىپ، مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتتى. كۆمۈردىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى ئالغا سىلجىتتۇق، كۆمۈر مەھسۇلات مىقدارى 541 مىليون توننىغا يېتىپ، %17.5 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى جەھەتتە ئۇدا تۆت يىل مەملىكەت بويىچە كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىدىغان ئاساسلىق ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلار ئىچىدە 1 - ئورۇندا تۇردى، «شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش» مىقدارى 140 مىليون توننىغا يەتتى. قومۇل يىلىغا كۆمۈردىن 4 مىليون توننا ماي ئېلىش تۈرى، يىلىغا 15 مىليون توننا كۆمۈرنى سۈپەت ۋە دەرىجىگە ئايرىپ پايدىلىنىش تۈرىنى قۇرۇشقا باشلىدۇق. نېفىت - گاز چارلاش - ئېچىش ۋە زاپىسىنى كۆپەيتىپ مەھسۇلاتىنى ئاشۇرۇشنى تېزلەتتۇق، نېفىت - گاز مەھسۇلاتى تەڭداش مىقدارى 66 مىليون 640 مىڭ توننىغا يەتتى، مەملىكەت بويىچە يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى مىليون توننا بولغان تۇنجى دۆلەت دەرىجىلىك سىلانېتس مېيى ئۈلگە رايونى قۇردۇق، گاز ساقلاش يەر ئاستى ئامبىرىدىن ئۈچنى ئىشقا كىرىشتۈردۇق، گاز ساقلاش ئىقتىدارى مەملىكەت بويىچە 1 - ئورۇنغا ئۆتتى، تارىم دەرياسى نېفىت ئايرىش - خىمىيە سانائىتى بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن تۈرىنىڭ ئالدىنقى قارارلىق خىزمەتلىرىدە زور بۆسۈش ھاسىل قىلدۇق. ئىستراتېگىيەلىك قېزىلما بايلىقلارنى چارلاش - ئېچىشنى تېزلەتتۇق، كانچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان سىياسەت - تەدبىرلەرنى ئېلان قىلدۇق، ئالتە جايدا چوڭ تىپتىكى بايلىق بازىسىنى يېڭىدىن بەرپا قىلدۇق، خوتەن چوڭ يۇلغۇنساي لىتىي كانى، قىزىلچاپ قوغۇشۇن، سىنك كانى دەسلەپكى قارارلىق ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى. ئاپتونوم رايون بويىچە كانچىلىق ھوقۇقىدىن 558ى ھەقلىق بېرىلدى، يارىتىلغان ھەقلىق بېرىش پايدىسى 29 مىليارد يۈەنگە يەتتى. پاختا ۋە توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپىنىڭ پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى تەرەققىياتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتتۇق، مەھسۇلات قىممىتى 220 مىليارد يۈەندىن ئاشتى، كۆلەمدىن يۇقىرى توقۇمىچىلىق سانائىتىنىڭ قوشۇلما قىممىتى %24.8 ئاشتى، 1 مىليوندىن ئارتۇق كىشى ئىشقا ئورۇنلاشتى. ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنى پائال يېتىلدۈردۇق، ھېسابلاش ئىقتىدارى تورى نۇقتىلىق تۈرىدىن سەككىزىدە ئىش باشلىدۇق، شىنجاڭ بويىچە تۇنجى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ھېسابلاش مەركىزى قارامايدا قۇرۇلۇپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، «شىنجاڭنىڭ ھېسابلاش ئىقتىدارىنى چۇڭچىڭغا كىرگۈزۈش» دۆلەت سانلىق مەلۇمات ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى سىنىقىغا كىرگۈزۈلدى، قۇرۇلغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق ھېسابلاش ئىقتىدارى كۆلىمى 24000Pغا يەتتى، شىنجاڭنىڭ ئەقلىي ھېسابلاش ئىقتىدارى جەھەتتە «يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىش»تەك تارىخىي خاراكتېرلىك بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇردۇق. شىنجاڭ ئاۋىياتسىيە كەسپى (تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادى) تەتقىقات ئورنى قۇردۇق، خۇڭيەن چوڭ تىپتىكى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى قۇراشتۇرۇلۇشقا باشلىدى. كۆپ كىرىستاللىق كىرىمنىي كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتى %24 ئاشتى، جىنفېڭ پەن - تېخنىكا شىركىتى، شىنتې ئېنېرگىيە شىركىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا مەملىكەت بويىچە زەنجىر باشلامچى كارخانىسى قاتارىغا ئۆتتى. «لىتىينى يېشىل ئېلىش» قاتارلىق بىر تۈركۈم يادرولۇق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا بۆسۈش ھاسىل قىلدۇق، پاختا تالاسىنى تۇزسىز بوياشتا كۆلەملەشكەن ئىشلەپچىقىرىشنى ئىشقا ئاشۇردۇق. پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتتۇق، خۇەيروۋ تەجرىبىخانىسى شىنجاڭ بازىسىنى پۇختا قەدەم بىلەن يۈرۈشتۈردۇق، دۆلەت شامال كۈچىدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىش تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى ۋە تىيانشان تەجرىبىخانىسىنىڭ يوپۇقىنى ئېچىپ قۇردۇق. تارىم نېفىتلىكى 10 مىڭ مېتىرلىق پەۋقۇلئاددە چوڭقۇر قۇدۇق بۇرغىلاشتا ئاسىيا رېكورتىنى يېڭىلىدى، دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى كەسىپلەشتۈرۈپ يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن سۈنئىي ھەمراھ لازېر نۇرلۇق خەۋەرلىشىش يەر يۈزى پونكىتى قەشقەردە قۇرۇلدى، دۇنيا بويىچە تۇنجى 10 - 60 مېگا ئېلېكتىرون ۋولتلۇق پىروتون سۈرئەت تېزلەتكۈچنى ئىشلىتىشكە كىرىشتۈردۇق. ئىجادچان ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىدىن 718نى، كەسپىي، سەرخىل، ئۆزگىچە، يېڭىچە كارخانىدىن 305نى يېڭىدىن بېكىتتۇق، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانا 2529غا يەتتى. شىنجاڭ بويىچە تەتقىقات ۋە تەجرىبە تەرەققىياتى خىراجىتى 10 مىليارد يۈەندىن ھالقىپ، %27 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە 2 - ئورۇنغا ئۆتتى؛ تېخنىكا توختامىدىكى پۈتۈشۈش سوممىسى 10 مىليارد يۈەندىن ئاشتى، رايون يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئۇنىۋېرسال تەرتىپى ئۈچ ئورۇن ئىلگىرىلىدى. ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق ئىختىساسلىقلار پىلانىنى يولغا قويۇپ، كۆپ يوللار ئارقىلىق 3200دىن ئارتۇق يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلار ۋە جىددىي ئېھتىياجلىق، قىس بولۇۋاتقان ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈردۇق ۋە كىرگۈزدۇق، دوكتور ئاشتى خىزمەت پونكىتىدىن 13نى، دوكتور ئاشتى ئىجادىيەت ئەمەلىيىتى بازىسىدىن ئوننى يېڭىدىن تەسىس قىلدۇق، زور بىر تۈركۈم ئاكادېمىك، مۇتەخەسسىسلەر ھەم ئۇلارنىڭ كوللېكتىپلىرى شىنجاڭغا كېلىپ تۆھپە قوشۇپ نەتىجە ياراتتى. ئەمگەكنى ھۆرمەتلەيدىغان، بىلىمنى ھۆرمەتلەيدىغان، ئىختىساسلىقلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، ئىجادىيەتنى ھۆرمەتلەيدىغان ئىجتىمائىي كەيپىيات كۈنسېرى قويۇقلاشتى، شىنجاڭ دۆلىتىمىزدىكى سودا پۇرسىتىگە تولغان، مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرىدىغان جەلپكار جايغا ئايلانماقتا!
(3) چوڭ - چوڭ تۈرلەرنى جايلاشتۇرۇپ قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئۇل ئەسلىھە «ئون تور»ى بەرپا قىلىشقا يېڭى ئۇل سالدۇق
سېلىنمىنىڭ تۈرتكىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، «10 چوڭ مېخانىزم»نى تاكامۇللاشتۇردۇق، «ئالتە مۇھىم تىزىملىك»نى ئەمەلىيلەشتۈردۇق، مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى سېلىنما، پەۋقۇلئاددە ئۇزاق قەرەللىك ئالاھىدە زايوم قاتارلىق تۈرلۈك سىياسەت مەبلىغىدىن ياخشى پايدىلاندۇق، ئاپتونوم رايوننىڭ «100 مىليارد يۈەنلىك، 10 مىليارد يۈەنلىك» چوڭ - چوڭ قۇرۇلۇشىنى ۋە ئۇل ئەسلىھە «ئون تور» قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، نۇقتىلىق تۈرلەرگە 355 مىليارد 700 مىليون يۈەن مەبلەغ سالدۇق. غۇلجا ئايرودۇرۇمى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى، تەس سۇ ئامبىرى، «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» 4 - يولى كۆمۈر ئېلېكتىر تۈرى، چۆچەك - دۆربىلجىن 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش - بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى قاتارلىق بىر تۈركۈم نۇقتىلىق تۈرلەردە ئىش باشلىدۇق. G219 لىنىيەسىنىڭ موڭغۇلكۈرە - ئونسۇ تاشيولى، يۇرۇڭقاش سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشى قاتارلىق نۇقتىلىق تۈرلەرنى تېز ئالغا سىلجىتتۇق، جياڭجۈنمياۋ - نوم تۆمۈريولى، گولمۇد - كورلا تۆمۈريولىنىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ ئۆزگەرتىش تۈرى، چۆچەك - شىخۇ 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش - بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى، گۇچۇڭ جامبۇلاق ئايرودۇرۇمى قاتارلىق بىر تۈركۈم نۇقتىلىق تۈرلەر پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، دۇنيا بويىچە ياسىلىۋاتقان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ئىچىدىكى ئەڭ ئۇزۇن تونېل − ئۈرۈمچى - لوپنور يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى تىيانشان غالىبىيەت تونېلى، «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» 3 - يولى (شىنجاڭ بۆلىكى) تۇتاشتۇرۇلدى، دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز بېتون يۈزلۈك توسما − شىنجاڭ چوڭ جىلغا سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشى توسمىسىنىڭ ئۈستى يېپىلدى، ئۈرۈمچى ئايروپورتىنى ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشى پۈتكۈزۈلدى. زور بىر تۈركۈم چوڭ - چوڭ قاتناش، سۇچىلىق، ئېنېرگىيە قاتارلىق زامانىۋى ئۇل ئەسلىھەلەرنى قۇرۇپ ۋە ئىشقا كىرىشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى پۇختا تىرەككە ئىگە قىلدۇق!
(4) ئىجتىمائىي ئىستېمالنى سىجىل جانلاندۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى ئۈنۈملۈك راۋانلاشتۇرۇشتا يېڭى ھاياتىي كۈچنى قوزغاتتۇق
ئىچكى ئېھتىياجنى كۈچەپ كېڭەيتىپ، ئىستېمالنىڭ سىغىمىنى كېڭەيتىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى تېز راۋانلاشتۇردۇق. ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى ئۈزلۈكسىز قوزغاتتۇق، ئاپتونوم رايوننىڭ «ئىككىنى يېڭىلاش» سىياسىتىنى ئېلان قىلىپ، ياردەم پۇلىدىن 5 مىليارد 340 مىليون يۈەن ئاجراتتۇق، ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق 18 مىليارد 800 مىليون يۈەنلىك ئىستېمالغا تۈرتكە بولدۇق. ئىستېمال يېڭى كەسىپ ھالىتىنى پائال يېتىلدۈرۈپ، تۈرلۈك سودا كۆرگەزمە - يىغىنلىرىنى ئۆتكۈزدۇق، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا كۆرسىتىلگەن «تۆت پەسىل تائاملىرى» پىروگراممىسىنىڭ شىنجاڭ قىسمى ئالقىشلىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە تائاملىرىنىڭ مەززىلىك ھىدى پۈتۈن مەملىكەتكە تارالدى؛ تېز يوللانمىنى ھەممە كەنتكە يەتكۈزۈش ئىشقا ئاشتى، تېز يوللانما كەسىپ مىقدارى %39.2 ئاشتى. زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلەتتۇق، ئۈرۈمچىنىڭ ئايروپورت تىپىدىكى، سودا مۇلازىمىتى تىپىدىكى ۋە قىزىلسۇ (تورغات)نىڭ قۇرۇقلۇق چېگرا پورتى تىپىدىكى دۆلەت ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولدۇق، كورلا، ئىلى، تۇرپان قاتارلىق دۆلەت تايانچ سوغۇق زەنجىرلىك ئەشيا ئوبوروتى بازىسى ۋە 16 رايون ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنى قۇرۇشنى تېزلەتتۇق، ئاپتونوم رايوننىڭ تور يۈك تىرانسپورت سانلىق مەلۇماتىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش مۇلازىمەت سۇپىسىنى قۇردۇق. پۈتۈن يىلدا تۆمۈريول يۈك توشۇش مىقدارى 237 مىليون توننىغا يېتىپ، %10.6 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە 1 - ئورۇنغا ئۆتتى. ساياھەتچىلىكنى تېز تەرەققىي قىلدۇردۇق، ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەت تەرەققىياتى يىغىنىنى ئۆتكۈزدۇق، ساياھەتچىلىكنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، ساياھەتنىڭ ئەۋزەل يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق قوزغاتتۇق، «ئالتىيىم»، «ئالما پۇرىقى» قاتارلىق بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ئەسەرلەر پۈتۈن مەملىكەتتە ئالقىشلاندى، قار - مۇز ساياھىتى، قۇملۇق ساياھىتى ۋە چېگرا ھالقىغان ساياھەت سىجىل جانلاندى، مايتاغ - كۇچا تاشيولى، غۇلجا - موڭغۇلكۈرە تاشيولى، پەنلۇڭ قەدىمىي يولى، باغراش كۆلى ئايلانما تاشيولى، ئالتاي - قۇم تاشيولى، S101 لىنىيەسىدىكى تىيانشان جۇغراپىيەلىك رەسىم كارىدورى قاتارلىق «ۋاڭخۇڭ تاشيول»لار قىزغىن ئالقىشلاندى، 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى 18گە يەتتى، «شىنجاڭ ياخشى جاي» ئالتۇن ماركىسى بارغانسېرى جۇلالاندى. ئايرودۇرۇملارنىڭ يولۇچى توشۇش مىقدارى 48 مىليون 544 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، %18.5 ئاشتى، تۆمۈريولنىڭ يولۇچى توشۇش مىقدارى 50 مىليون 797 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، %14.1 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە 2 - ئورۇنغا ئۆتتى. پۈتۈن يىلدا كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 300 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ خەجلىگەن پۇلى 359 مىليارد 542 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا %14 ۋە %21 ئاشتى، شىنجاڭ ساياھەت چوڭ رايونىدىن ساياھەت كۈچلۈك رايونىغا قاراپ قەدەم تاشلىماقتا.
(5) نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئىسلاھاتنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ئىچكى - تاشقى ئېچىۋېتىشنى يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئىگە قىلدۇق
دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتتۇق، شىنجاڭ ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات گۇرۇھى ۋىۋىسكا ئېسىپ قۇرۇلدى، تېببىي دورا، مۇھىت قوغداش، ئۆلچەم تەكشۈرۈش قاتارلىق ئۈچ مەخسۇس كەسىپ شىركىتىنى قۇردۇق، جۇڭگو نېفىت گۇرۇھى بىلەن بىرلىكتە شىنجاڭ تارىم نېفىت - گاز بىرلەشمە چارلاش شىركىتى، شىنخەي تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى شىركىتىنى قۇردۇق. بىر يۈرۈش تەدبىرلەر ئارقىلىق ئوتتۇرا، كىچىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىسلاھات ئارقىلىق خەۋپنى تۈگىتىشىگە ۋە تىپىنى ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدۇق، شىنجاڭ يېزا ئامانەت - قەرز كوپىراتىپىنىڭ قانۇنىي ئىگىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئىسلاھاتى لايىھەسى دۆلەتنىڭ تەستىقىدىن ئۆتتى. پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىي قىلىشى، زورىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر بىرقانچە سىياسەت - تەدبىرنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈردۇق، خەلق ئىچى كاپىتالىغا تونۇشتۇرۇلغان 120 تۈرگە جەمئىي 75 مىليارد 327 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندى، شىنجاڭ بويىچە كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ قەرز قالدۇقى 862 مىليارد 870 مىليون يۈەن بولۇپ، %16.8 ئاشتى، تىزىملانغان تۈرلۈك تىجارەت ئاساسىي گەۋدىسى 2 مىليون 594 مىڭ 700گە يېتىپ، %6.08 ئاشتى. تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، يۈكسەلدۈرۈش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتتۇق، كارخانىلارنىڭ ھېساباتتىكى نېسى قالدۇرۇلغان پۇلىنى تولۇق تۈگىتىش ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇندىدۇق، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ نېسى قالدۇرۇلغان ئىش ھەققىنى ئۇدۇللۇق تۈگىتىشنى ئىشقا ئاشۇردۇق. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلەتتۇق، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا قاتناش كارىدورى قۇرۇلۇشىغا پائال قاتناشتۇق، 30 يىلغا يېقىن پىلانلانغان جۇڭگو − قىرغىزىستان − ئۆزبىكىستان تۆمۈريولى تۈرىدە رەسمىي ئىش باشلاندى، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونى «TIR خەلقئارا يول تىرانسپورت يىغىلىش مەركىزى»گە ۋىۋىسكا ئېسىلدى، قەشقەر يىغىلىش مەركىزىنىڭ TIR تىرانسپورت تىجارەت بېلەت سانى مەملىكەت بويىچە 1 - ئورۇنغا ئۆتتى. پۈتۈن يىلدا چېگرادىن ئۆتكەن جۇڭگو − ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىز قېتىمى %14 ئېشىپ، 16 مىڭ 400 قېتىمغا يېتىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭدىن يولغا چىققان جۇڭگو − ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزى 1394 قېتىمغا يەتتى، «تىيانشان» ناملىق پويىز 562 قېتىم قاتنىدى. قەشقەر، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىدا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئومۇمىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى يولغا قويدۇق، تاشقى سودا، سانائەت قاتارلىقلارنىڭ ئاساسلىق كۆرسەتكۈچى تېز سۈرئەتتە ئاشتى، تارباغاتاي نۇقتىلىق ئېچىش - ئېچىۋېتىش سىناق رايونىنىڭ باشلامچى تەرەققىيات رايونىدا زور بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇردۇق، چۆچەك - ئاياكۆز تۆمۈريولى تۈرىنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىك خىزمىتىدە مۇھىم ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلدۇق. بەدەل پورتىدا تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، قونجىراپ پورتى يىل بويى ئېچىۋېتىلدى، جېمىنەي پورتى غەربىي شىمالدىكى بەش ئۆلكە، ئاپتونوم رايون بويىچە تۇنجى تاشيول پورتىدا چېگرادىن كىرگۈزۈلگەن يېيىشكە بولىدىغان سۇ ھايۋانلىرىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشتىكى بەلگىلەنگەن ئورۇنغا ئايلاندى. ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتتۇق، 129 تۈرلۈك ئىسلاھات ۋەزىپىسىگە ئومۇميۈزلۈك تۇتۇش قىلدۇق، ئۆلكە دەرىجىلىك تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىسى ۋە تىپىك مىسالدىن 35نى شەكىللەندۈردۇق، 8500دىن ئارتۇق كارخانىنى يېڭىدىن كۆپەيتتۇق. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قانۇن ئىشلىرى رايونىنىڭ يوپۇقى ئېچىلدى. شىنجاڭ بويىچە ئايروپىلاننى باجدىن خالىي رېمونت قىلىش تۇنجى كەسپىنى قانات يايدۇردۇق، شىنجاڭ ئاۋىياتسىيە پورتىنىڭ ئاممىۋى باجدىن خالىي تۇنجى ئامبىرىنى قۇردۇق، ئۈرۈمچى ئايروپورتىنىڭ باجدىن خالىي ئاۋىياتسىيە مېيى قاچىلاش كەسپى رەسمىي يولغا قويۇلدى. ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئەمەلىي ھەمكارلىقنى پائال ئالغا سىلجىتتۇق، شىنجاڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتكە زىيارەتكە باردى، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى كۆپىنچە دۆلەت باشلىقلىرى، ھۆكۈمەت باشلىقلىرى شىنجاڭغا كېلىپ ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتتە بولدى، بىر قاتار ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىق تۈرىنى ئىمزالىدۇق. جۇڭگو (شىنجاڭ، شياڭگاڭ)نىڭ قازاقىستان بىلەن ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش مېخانىزمى ئورنىتىشىغا تۈرتكە بولدۇق، ئالتاي تېغى ئايلانما ئىككىلەمچى رايونى ھەمكارلىق مېخانىزمىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردۇق، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن بولغان ئىمپورت - ئېكسپورت سوممىسى ئاپتونوم رايون ئىمپورت - ئېكسپورت سوممىسىنىڭ %67.9ىنى ئىگىلىدى. 8 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا − ياۋروپا كۆرگەزمىسىنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئۆتكۈزدۇق، ئىمزالانغان كېلىشىم ئومۇمىي سوممىسى 615 مىليارد 552 مىليون يۈەنگە يەتتى. «تەكلىپ قىلىش، سىرتقا چىقىش»تا مۇھىم بۆسۈش ھاسىل قىلدۇق، پۈتۈن يىلدا چەت ئەل سىياسىي ئەربابلىرى، جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلەر، تاراتقۇ مۇخبىرلىرى، مۇتەخەسسىس، ئالىملار، كارخانىچىلاردىن بولۇپ 516 تۈركۈم ئۆمەك - گۇرۇپپىنى كۈتۈۋالدۇق، 10 مىڭ 600 ئادەم قېتىم شىنجاڭغا ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتكە كەلدى، 447 تۈركۈمدە 1955 ئادەم قېتىمنى چەت ئەلگە زىيارەتكە چىقىشقا تەشكىللىدۇق، غەربىي ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا، ئىسلام دۆلەتلىرى قاتارلىق رايونلار بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇشنى كېڭەيتتۇق، تۇنجى قېتىم چەت ئەللىك مېھمانلارنى، چەت ئەل تاراتقۇلىرىنى ئاپتونوم رايوننىڭ «ئىككى يىغىنى»نى ياندىن ئاڭلاشقا ۋە خەۋەر قىلىشقا تەكلىپ قىلدۇق، 6 - نۆۋەتلىك دۇنيا تاراتقۇ باشلىقلار يىغىنى، «شىنجاڭنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە ئىجتىمائىي كاپالىتى» خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنىنى ئۆتكۈزۈپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ شىنجاڭنى ئىجابىي چۈشىنىشىنى ئۈنۈملۈك ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىدىغان ئوبرازى ۋە ئېچىۋېتىلگەن قىياپىتىنى تولۇق نامايان قىلدۇق. شىنجاڭنىڭ دەرۋازىسى بارغانسېرى چوڭ ئېچىلىۋاتىدۇ، ھەمكارلىق ھەمراھلىرى بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ!
(6) ئېكولوگىيە - مۇھىتنى روشەن ياخشىلاپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش يېڭى ئاساسىنى پۇختىلىدۇق
تىيانشان شىمالىي ئېتىكى شەھەر توپىنىڭ ھاۋا سۈپىتىنى روشەن ياخشىلىدۇق، ھاۋا سۈپىتى ئەلا، ياخشى بولغان كۈن سانىنىڭ نىسبىتى %90كە يېتىپ، 3.4 پىرسەنت پوئېنت ئاشتى، PM10،PM2.5 ئايرىم - ئايرىم ھالدا %19.4 ۋە %14.9 تۆۋەنلىدى، دۆلەت بويىچە بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى ئۈنۈمىنى سىناشتا ئۇدا ئۈچ يىل مۇنەۋۋەر بولۇپ باھالاندۇق. تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدە توسۇش جېڭىنى پۇختا ئالغا سىلجىتتۇق، ئومۇمىي لايىھە ۋە قوللاش تەدبىرىنى ئېلان قىلدۇق، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، قۇمنى يورۇقلۇق ۋولت ئارقىلىق تىزگىنلەش، قۇمنى بىيولوگىيەلىك تىزگىنلەش، ئۆزگىچە قۇم كەسپى قاتارلىق نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلارنى يولغا قويدۇق، «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسىدىن 12 مىليون 957 مىڭ 600 مو تاماملىدۇق، 3046 كىلومېتىر كېلىدىغان دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن قۇملۇق ئايلانما ئېكولوگىيە توسۇقىنى تۇتاشتۇردۇق. ئورمان بىنا قىلىش كۆلىمى 1 مىليون 306 مىڭ موغا يەتتى، ئوت - چۆپ تېرىپ ياخشىلانغان يەر كۆلىمى 4 مىليون 700 مىڭ موغا يەتتى، قۇملاشقان يەرنى تۈزەش كۆلىمى 6 مىليون 17 مىڭ 600 موغا يەتتى. كۆمۈرلۈكتە ئوت ئۆچۈرۈش بويىچە ھەر تەرەپلىمە تۈزەشتە باسقۇچلۇق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق، تاماملانغان تۈزەش كۆلىمى 2 مىليون 400 مىڭ كىۋادرات مېتىرغا يەتتى، ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن يېپىنچا ئۆسۈملۈك كۆلىمى 1 مىليون 470 مىڭ كىۋادرات مېتىرغا يەتتى، يىلدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 3 مىليون 830 مىڭ توننا كۆمۈر بايلىقى كۆيۈپ كېتىش زىيىنى ئازىيىپ، 9 مىليون 850 مىڭ توننا گۈڭگۈرت IV ئوكسىدى ئاز قويۇپ بېرىلدى، ئاممىۋى مەنپەئەت خاراكتېرى ئايدىڭلاشتۇرۇلغان، تەۋەلىك يەر مەسئۇلىيىتى چىڭىتىلغان، ئاساسىي گەۋدە ھوقۇق - مەنپەئىتى ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەن تۈزەش يېڭى ئەندىزىسىنى ئىجادىي ئىزدىنىپ تېپىپ چىقتۇق. سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردۇق، دەريا، كۆل باشلىقى تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈردۇق، ۋادى باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرىنى بىرىكتۈرۈپ، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭدا ئىككى چوڭ ۋادى باشقۇرۇش ئىدارىسى قۇردۇق، سۇ ئامبىرىدىكى لاي - لاتقىلارنى تازىلاپ ئېتىز بەرپا قىلىشنى سىناق قىلدۇق، سۇ بايلىقىدىن تۈجۈپىلىك، تېجەشلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈردۇق، پۈتۈن يىلدا تەمىنلەنگەن سۇ، سۇ ئامبىرىدا ساقلانغان سۇ، ئېكولوگىيەلىك تولۇقلانغان سۇ ئايرىم - ئايرىم ھالدا 234 مىليون كۇب مېتىر، 1 مىليارد 388 مىليون كۇب مېتىر، 5 مىليارد 192 مىليون كۇب مېتىر كۆپەيدى. يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىيات قەدىمىنى تېزلەتتۇق، قاراماي شەھىرى، كۇچا ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىنىڭ دۆلەت تۇنجى تۈركۈمدىكى كاربون چوققا قىممەتكە يېتىش سىناق قۇرۇلۇشىنى باشلىدۇق، كۈيتۈن - مايتاغ ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى دۆلەت دەرىجىلىك «تاشلاندۇقسىز باغچە رايونى» قاتارىغا كىرگۈزۈلدى، قارامايلى تېغى تۇياقلىق ياۋايى ھايۋانات تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىغا ئالاقىدار قايتما ئىنكاس مەسىلىلىرىنى تۈزىتىشنى ئومۇميۈزلۈك تاماملىدۇق، يېشىل توك، يېشىل كىنىشكا سودا كۆلىمى ئايرىم - ئايرىم ھالدا %385 ۋە %522 ئاشتى، «يېشىل رەڭ» شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى يارقىن ئاساسىي رەڭگە ئايلانماقتا.
(7) خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرمۇش ئارزۇسىنى قاندۇرۇشقا دائىر يېڭىچە جاۋاب بەردۇق
ئاپتونوم رايون دەرىجىلىكتىن تۆۋەن مالىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتتۇق، ئاساسىي قاتلامنىڭ «ئۈچ كاپالەت» تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ھالدا پۇختا، ئەمەلىي كاپالەتكە ئىگە قىلدۇق، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، مائاشنى كاپالەتلەندۈرۈش، يۈرۈشۈشنى كاپالەتلەندۈرۈشكە 258 مىليارد 530 مىليون يۈەن چىقىم قىلدۇق، ئاساسىي قاتلامدا «ئۈچ كاپالەت» تولۇق كاپالەتكە ئىگە بولدى. خەلق تۇرمۇشى سېلىنمىسىنى سىجىل زورايتتۇق، شىنجاڭ بويىچە %77تىن كۆپ مالىيە چىقىمىنى خەلق تۇرمۇشى ساھەسىگە ئىشلىتىپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىغا تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈش، قەلبلەرنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەشكە تۈرتكە بولدۇق. ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرۇشقا دائىر سىياسەت، تەدبىرلەرنى ئەلالاشتۇردۇق، تەڭشىدۇق، شەھەر - بازارلاردا 483 مىڭ 200 كىشى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتى، ئاپتونوم رايون تەۋەسىدىكى شۇ يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ بارار جايى ئەمەلىيلىشىش نىسبىتى %92.18كە يەتتى، ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلاردىن 33 مىڭ 400 كىشى ئىشقا ئورۇنلاشتى، كەسپىي ماھارەت بويىچە 1 مىليون 261 مىڭ 400 ئادەم قېتىم دەل جايىدا تەربىيەلەندى، شەھەر - بازارلاردا ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلىلەر ئۇدۇللۇق تۈگىتىلدى. مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىياتىنى تېزلەتتۇق، ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى 1893 يەسلىنىڭ شارائىتىنى ياخشىلىدۇق، مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئەلا سۈپەتلىك، تەڭپۇڭ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئەلالىرىنى كېڭەيتىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولدۇق. ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدۇق، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كەسپىي تېخنىكا داشۆسى، ئۈرۈمچى كەسپىي داشۆسى، شىنجاڭ قاتناش كەسپىي تېخنىكا داشۆسى، شىنجاڭ سانائەت شۆيۈەنى قاتارلىق تولۇق كۇرس مەكتەپلىرىنى تەسىس قىلدۇق. شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى، شىنجاڭ تىيانشان كەسپىي تېخنىكا داشۆسى (قىزىلسۇ مەكتەپ رايونى) ۋىۋىسكا ئېسىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلدى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، ئىككى ئوبلاستنىڭ ھەممىسىدە تولۇق كۇرس ئالىي مەكتەپلىرى بار بولدى، ساپ ئاشقان ئوقۇغۇچى سانى 24 مىڭ 900گە يەتتى. شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەردە 17 دوكتورلۇق نۇقتىسى، 45 ماگىستىرلىق نۇقتىسىنى يېڭىدىن كۆپەيتتۇق، پەن كەسىپلىرىنى تەسىس قىلىشنى «ئون چوڭ كەسىپ توپى» تەرەققىياتى بىلەن تېخىمۇ ماسلاشتۇردۇق. داۋالاش مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇردۇق، داۋالاش، داۋالىنىش كاپالىتى، تېببىي دورا «ئۈچ تەرەپ ھەمتۈرتكە بولۇش» ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇردۇق، دەرىجىگە ئايرىپ دىياگنوز قويۇش - داۋالاش سىستېمىسىنى قۇرۇشنى تېزلەتتۇق، داۋالىنىش كاپالىتى فوندىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتتۇق، دورا بۇيۇملىرى ۋە داۋالاش خورىما ماتېرىياللىرىنى مەركەزلىك سېتىۋېلىش دائىرىسىنى سىجىل كېڭەيتتۇق، جەمئىي تېجەلگەن تېببىي دورا خىراجىتى 30 مىليارد يۈەندىن ئاشتى. شىنجاڭ خەلقئارا داۋالاش مەركىزى قۇرۇلۇشىنى پائال ئالغا سىلجىتتۇق، دۆلەت دەرىجىلىك رايون داۋالاش مەركىزىدىن تۆتى، ئۆلكە دەرىجىلىك رايون داۋالاش مەركىزىدىن تۆتى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، ئۆلكە دەرىجىلىك رايون داۋالاش مەركىزىدىن بىرى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكى باشقۇرۇش ئىدارىسى يوپۇق ئېچىپ قۇرۇلدى، شىنجاڭ بويىچە 3A دەرىجىلىك 60 دوختۇرخانىدا 377 تۈردە تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردۇق، ئاساسىي قاتلامنىڭ داۋالاش - ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتى ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردۇق. ئىجتىمائىي كاپالەت ئىقتىدارىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستۈردۇق، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا دائىرىسىنى كېڭەيتىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدۇق، شىنجاڭ بويىچە ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش، ئىشسىزلىق، ئىشتا يارىلىنىشتىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتناشقانلار 26 مىليون 543 مىڭ 900 ئادەم قېتىمغا يەتتى، تۇغۇت سۇغۇرتىسى ۋە ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا 4 مىليون 482 مىڭ كىشى، 23 مىليون 667 مىڭ كىشىگە يەتتى، ئاپتونوم رايوندا ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە ئۆلكە ھالقىپ باشقا جايدا داۋالانغاندا بىۋاسىتە راسچوت قىلىش سىنىقىنى يولغا قويدۇق. شەھەر - يېزا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئۆلچىمىنى ئايرىم - ئايرىم ھالدا %5 ۋە %12 ئۆستۈردۇق، تۈرلۈك قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش مەبلىغىدىن 8 مىليارد 564 مىليون يۈەن تارقاتتۇق، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى ئۈنۈملۈك كاپالەتلەندۈردۇق. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملىدۇق، كېڭەيتتۇق، قاراتمىلىق يار - يۆلەك بولۇش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈردۇق، ئائىلىلەرگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدىغان كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇردۇق، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاھالىدىن 1 مىليون 103 مىڭ كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، كۆلەملىك قايتا نامراتلىشىپ كېتىش، نامراتلىشىش ئەھۋالى كۆرۈلمەسلىك تۆۋەن چېكىنى مەھكەم ساقلىدۇق. پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلققە تەنتەنىلىك ۋەدە قىلغان ئون خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي ئىشىنى ئومۇميۈزلۈك ھالدا قەرەلىدە تاماملىدۇق، جەنۇبىي - شىمالىي شىنجاڭنىڭ تەبىئىي گاز ئارقىلىق خەلققە مەنپەئەت يەتكۈزۈش بويىچە تۇرۇبا يولىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش 1 - قارارلىق قۇرۇلۇشىنى پۈتكۈزۈپ، ئۈچ ۋىلايەت، ئىككى ئوبلاستتىكى 5 مىليون ھەرمىللەت ئاممىغا نەپ يەتكۈزدۇق، كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش 2 - قارارلىق قۇرۇلۇشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، 836 مىڭ 800 ئائىلىلىك ئاھالىنىڭ پاكىز ئىسسىنىشىنى ئىشقا ئاشۇردۇق، 24 مىڭ 200 ئائىلىلىك دېھقان ئۆيىنى يەر تەۋرەشكە چىداملىق، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىش ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇندىدۇق، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىكى 7.1 بال يەر تەۋرەشتە ئاپەتكە ئۇچرىغان خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئومۇميۈزلۈك مۇستەھكەملىدۇق، ئۆزگەرتتۇق، چارۋىچىلارنىڭ چارۋىلارنى قىشتىن ئۆتكۈزۈپ بېقىش نۇقتىسىدىكى 20 مىڭ 800 ئىشلەپچىقىرىش ئۆيى (تۇرالغۇسى)نى مۇستەھكەملەش، ئۆزگەرتىشنى تاماملىدۇق، 10 مىڭ 500 كىلومېتىر يېزا تاشيولىنى ئۆزگەرتتۇق، 16 مىڭ 300 ئائىلىلىك ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ياشانغانلارنىڭ ئۆيىنى ياشانغانلارغا باب كېلىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىش ۋەزىپىسىنى تاماملىدۇق، ياشانغانلارنىڭ غىزالىنىشىغا ياردەم بېرىش مۇلازىمەت نۇقتىسىدىن 11 مىڭنى قۇردۇق. ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، ئاياللار، بالىلار، ياشلار، ئۆسمۈرلەر، ياشانغانلار، قىزىل كىرېست، خەيرىيەت، مېيىپلەر، تەزكىرە ئىشلىرى قاتارلىق ئىشلاردا يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردۇق.
(8) شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتە يېڭى ۋەزىيەت ياراتتۇق
شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر يولغا قويدۇق، مەركىزىي ھاكىمىيەتنىڭ شىنجاڭنى ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلغانلىقىنى تارىخىي پاكىتلار ئارقىلىق ئىسپاتلايدىغان نۇقتىلىق خارابىلەر، ئىزنالارنى قوغداش، كۆرگەزمە قىلىش ۋە تارىم ئويمانلىقى ئەتراپىدىكى دىن خارابىلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش تۈرىنى يولغا قويدۇق، جۇڭگو تارىخىدىكى مەركىزىي ھاكىمىيەتلەرنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلغانلىقىغا دائىر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى ئاچتۇق، شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى سارىيى، غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى مۇزېيى قاتارلىق بىر تۈركۈم نۇقتىلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقى مۇزېيى - مەيدان - سارايلىرىنى قۇرۇپ چىقتۇق. مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى باھار بايرىمىلىق سەنئەت كېچىلىكىنىڭ قەشقەر شۆبە مەيدانى پۈتۈن مەملىكەتنى ھەيران قالدۇردى، «تىيانشاندا ياڭرىغان ناخشا» قاتارلىق ئەسەرلەر شەرەپ بىلەن «بەش بىر قۇرۇلۇشى» مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلق ئىچى سەنئىتى پەسلى، 2 - نۆۋەتلىك شىنجاڭ مەدەنىيەت - سەنئەت بايرىمى ئۆتكۈزدۇق، «تىيانشان ئەدەبىيات مۇكاپاتى» تەسىس قىلدۇق ۋە تارقاتتۇق. خەلققە ئاممىۋى مەدەنىيەت ئارقىلىق نەپ يەتكۈزۈش پائالىيىتىدىن 46 مىڭ 200 مەيدان قېتىمدىن ئارتۇق ئۆتكۈزدۇق، بۇنىڭدىن 45 مىليون 500 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قېتىم نەپكە ئېرىشتى. ئىلى، قەشقەر ياشلار - ئۆسمۈرلەر پۇتبول ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش ئىسلاھات سىنىقىنى ئالغا سىلجىتتۇق. 12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئات ئۈستى تۈرىنى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىمىزگە ئالدۇق، شىنجاڭ ئوقيا ئېتىش تەنھەرىكەتچىسى پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاياللار كوللېكتىپ تۈرىدە كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتتۇق، دۆلەت ئورتاق - تىل يېزىقىنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتتۇق، ئاپتونوم رايون بويىچە ئومۇملىشىش نىسبىتى %72.2كە ئۆستى، بۇنىڭ ئىچىدە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئومۇملىشىش نىسبىتى %68.4كە يەتتى. ياشلار - ئۆسمۈرلەر «ئاساسنى مۇستەھكەملەش قۇرۇلۇشى»نى چوڭقۇر يولغا قويدۇق، 86 مىڭدىن ئارتۇق ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى شىنجاڭ سىرتىدا «ۋەتەن مېھرى . جۇڭخۇا سەپىرى» قاتارلىق ۋەتەنپەرۋەرلىك تەتقىقىي ئۆگىنىش پائالىيىتىگە قاتناشتى، كۆلىمى ھەرقايسى يىللارغا قارىغاندا ئەڭ كەڭ بولدى. «بەش ئاپتونوم ئوبلاست، ئالتە ئاپتونوم ناھىيە» قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنى ئۆتكۈزدۇق، بايەكە كەلدىبېك شەرەپ بىلەن «خەلق قوغدىغۇچىسى» دېگەن دۆلەت شەرەپ نامىغا ئېرىشتى، 22 كوللېكتىپ، 26 شەخس مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە نەمۇنە كوللېكتىپ ۋە نەمۇنە شەخس بولۇپ باھالاندى. دىنلارنىڭ ئېجىل - ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈردۇق، شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكلەپ، شىنجاڭدىكى كۆپ خىل دىننىڭ ئىناقلىقى، تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدۇق. پارتىيەنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇردۇق، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ نورمال دىنىي ئېھتىياجى ۋە قانۇنلۇق دىنىي پائالىيىتى قانۇن بويىچە كاپالەتكە ئىگە بولدى.
(9) تۈرلۈك خەۋپ - خەتەرنى ئۈنۈملۈك تۈگىتىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك بويىچە يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلدۇق
تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇش خىزمەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىپ ۋە ئۇنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىپ، قەتئىي تۈردە زوراۋانلىق - تېررورلۇق خەۋپ - خەتىرىنى بىخ ھالىتىدە تۈگىتىپ، زوراۋانلىق - تېررورلۇق تەھدىتىنى دۆلەت دەرۋازىسى سىرتىدا توسۇپ قالدۇق. تىنچ - ئامان شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇردۇق، ئاپتونوم رايون بويىچە جىنايى ئىشلار دېلولىرى %13.7 ئازايدى، ئاممىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى جەھەتتىكى رازىمەنلىك دەرىجىسى %99.42كە يەتتى. دۆلەتنىڭ قەرزنى تۈگىتىشكە دائىر بىر يۈرۈش قوللاش سىياسىتىدىن ئوبدان پايدىلىنىپ، ھۆكۈمەت قەرز خەۋپ - خەتىرىنى ئۈنۈملۈك تۈگەتتۇق، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ۋە 13 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر دەرىجىلىكنىڭ، 95 ناھىيە، شەھەر، رايوننىڭ ساقلانما يوشۇرۇن قەرزىنى مۇددەتتىن بۇرۇن تۈگەتتۇق، 276 مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سۇپىسىنىڭ ساقلانما يوشۇرۇن قەرزىنىڭ ھەممىسىنى تۈگەتتۇق. ئوتتۇرا، كىچىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ خەۋپ - خەتىرىنى تۈرگە ئايرىپ تەرتىپلىك بىر تەرەپ قىلدۇق، شىنجاڭ بانكىسى كورلا بانكىسىنى ئوڭۇشلۇق قوشۇۋالدى. جۇڭتەي گۇرۇھى، تەمىنات سودا گۇرۇھى، مېۋىچىلىك گۇرۇھى قاتارلىق نۇقتىلىق كارخانىلارنىڭ تىجارەت خەۋپ - خەتىرى ئۈنۈملۈك تۈگىتىلدى. ئۆي - زېمىن بازىرىنى مۇقىم - ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇشقا دائىر سىياسەت - تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «بىنانى تاپشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش»، «ئۆينى تاپشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش» بويىچە تاپشۇرۇش نىسبىتىنى ئايرىم - ئايرىم ھالدا %100 ۋە %88.2كە يەتكۈزدۇق. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە ماھىيەتتىن تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇردۇق، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا دائىر «15 تۈرلۈك قاتتىق تەدبىر»نى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈردۇق، شىنجاڭ بويىچە تۈرلۈك ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىلىرى %9.3 ئازايدى. شىنجاڭغا چېتىشلىق تاشقى كۈرەشنى پائال قانات يايدۇردۇق، ئامېرىكىنىڭ جازالىشى ۋە بېسىمىغا قانۇن بويىچە تاقابىل تۇرۇپ، شىنجاڭدىكى كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش - تىجارەت ۋە تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغدىدۇق، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئەمگەك - ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە بەختلىك تۇرمۇشقا ئىنتىلىش ھوقۇقىنى قەتئىي قوغدىدۇق!
ھۆرمەتلىك ۋەكىللەر! ئۆتكەن بىر يىلدا، بىز پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرى، پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، قانۇنچىل ھۆكۈمەت، ئىجادچان ھۆكۈمەت، پاك ھۆكۈمەت، رەقەملىك ھۆكۈمەت ۋە مۇلازىمەتچان ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىدا ئەمەلىي ئىش قىلدۇق، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلدۇق. قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش، قانۇن بويىچە مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشتا چىڭ تۇردۇق، يەرلىك نىزامدىن 14نى قاراپ چىقىشقا، 11نى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا سۇندۇق، ھۆكۈمەت قائىدىسىدىن بەشنى چىقاردۇق، يەتتىنى ئەمەلدىن قالدۇردۇق، مۇھىم مەمۇرىي تەدبىر بەلگىلەش قانۇن تەرتىپلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەمۇرىي تەدبىر بەلگىلەشنىڭ ئىلمىي، قانۇنلۇق، ئۆلچەملىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق. پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى قانۇن مەلۇماتى بېرىش خىزمىتىنى دائىملىق قانات يايدۇرۇپ، «قانۇنچىللىق دەرسخانىسى· ھەر ئاينىڭ توققۇزلۇق كۈنلىرى جەزمەن سۆزلەش» قانۇنچىللىق تەربىيەسىنى سىجىل قانات يايدۇردۇق، ئىش بېجىرىشتە قانۇنغا ئاساسلىنىدىغان، ئىشقا يولۇققاندا قانۇننى تەتبىقلايدىغان، مەسىلە ھەل قىلىشتا قانۇندىن پايدىلىنىدىغان، زىددىيەتنى ھەل قىلىشتا قانۇنغا تايىنىدىغان ياخشى قانۇنچىللىق مۇھىتى كۈندىن - كۈنگە يارىتىلدى. خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇن نازارەتچىلىكى، خىزمەت نازارەتچىلىكى ۋە سىياسىي كېڭەشنىڭ دېموكراتىك نازارەتچىلىكى، شۇنداقلا ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيەنىڭ مەخسۇس نازارەتچىلىكىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلدۇق. دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلار ۋە خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ پىكرىنى كەڭ دائىرىدە ئاڭلىدۇق، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ 517 تەۋسىيەسى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ 506 تەكلىپىنى بېجىرىپ ئاخىرلاشتۇردۇق. «بىر ئىشنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك پۈتتۈرۈش»نى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتتۇق، مەمۇرىيەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە دائىر سەككىز تەدبىرنى تۈزۈپ ۋە يولغا قويۇپ، مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمىتىدە بىرتۇتاش قوبۇل قىلىشنى، مەمۇرىي ئىشلار سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئۇدۇللۇق جۇغلاشنى تېزلەتتۇق، دۆلەت تۇنجى تۈركۈمدە ئورۇنلاشتۇرغان 13 تۈرلۈك «بىر ئىش» ئىسلاھاتى بويىچە كۆپ تېرمىنالنى تورغا چىقىرىپ يۈرۈشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جەمئىي 113 مىڭ 700 ئىشنى بېجىردۇق. مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىشلىرى بويىچە دەل جايىدا ھوقۇق بېرىشكە تۈرتكە بولدۇق، ئاپتونوم رايون ئۈرۈمچى شەھىرىگە 27 تۈرلۈك مەمۇرىي ھوقۇق بەردى، ئىلى ئوبلاستى، سانجى ئوبلاستى، قومۇل شەھىرى ۋە قەشقەر ۋىلايىتىگە 48 تۈرلۈك مەمۇرىي ھوقۇق بېرىشنى مۇھاكىمە قىلىپ ئىلگىرى سۈردۇق. ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىلارنىڭ دائىملىق ئالاقىلىشىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىققا دائىر ئىلتىماس - تەلەپلىرىنى يېپىق ھالەتتە ھەل قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «مەسىلە كۆرۈلمىسە ئارىلاشماسلىق، ئېھتىياجى بولسا جەزمەن جاۋاب قايتۇرۇش»نى ئىشقا ئاشۇردۇق، كارخانىلارنىڭ رازىمەنلىك دەرىجىسى سىجىل ئاشتى. 12345 خەلققە قولاي قىزىق لىنىيەسىدە ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان ئىلتىماس - تەلەپ مەسىلىسىدىن 4 مىليون 740 مىڭدىن ئارتۇقنى ھەل قىلدۇق، بېجىرىپ ئاخىرلاشتۇرۇش نىسبىتى %99.26كە يەتتى. ھەيدەكچىلىك قىلىش - تەكشۈرۈشنىڭ «ئۆتكۈر شەمشەر»لىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولدۇق، «ئالاقە تورى + ھەيدەكچىلىك قىلىش - تەكشۈرۈش» سۇپىسىدا ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقىغا دائىر مەسىلىدىن 1154نى ھەل قىلىشقا ياردەم بەردۇق. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈردۇق، پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇردۇق، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى مەركەزلىك تۈزىدۇق. مەركەزنىڭ شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش توغرىسىدىكى بىرقانچە بەلگىلىمىسىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈردۇق، ئاپتونوم رايون بويىچە ھۆكۈمەت سىستېمىسىنىڭ «تۆتنى قەتئىي قىلماسلىق» تەلىپىنى ئەمەلدە كۆرسەتتۇق، ئاساسىي قاتلامدىكى «تاينى چوڭ ھارۋىغا قېتىش»تەك گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تۈزىدۇق، يېزا - بازار (كوچا باشقارمىسى)نىڭ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشىغا دائىر ئىش تىزىملىكىنى مۇھاكىمە قىلىپ قېلىپلاشتۇردۇق، قىيىنىغا تېگىشكە جۈرئەت قىلىپ شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى ئۇششاق - چۈششەك ئىشلاردىن ئازاد قىلدۇق.
ھۆرمەتلىك ۋەكىللەر! بۇلتۇر بىز شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلىدۇق. 70 يىلدىن بۇيان، ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە ئۆچمەس تارىخىي تۆھپە قوشتى، تەڭداشسىز ئىستراتېگىيەلىك رولىنى جارى قىلدۇردى. بىر يىلدىن بۇيان، بىز ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ ئىسلاھاتى، تەرەققىياتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللىدۇق، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك ئىككى تەرەپ بىرلىكتە تۈرتكە بولۇپ، قاتناش، سۇچىلىق، ئېنېرگىيە قاتارلىق بىر تۈركۈم مۇھىم ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرىنى قۇردى، بىر تۈركۈم دۆلەت كارخانىلىرىنى قۇردى، ئېنېرگىيە بايلىقى ئېچىش، شەھەر - بازار قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيە - مۇھىت قاتارلىق كۆپ ساھەدە ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالدى، ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى كۆرۈنەرلىك ئاشتى.
شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر، ئۇنىڭغا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ شىنجاڭغا بولغان ئالاھىدە غەمخورلۇقى ۋە سەمىمىي ئۈمىدى مۇجەسسەملەنگەن. بىر يىلدىن بۇيان، بىز 9 - قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاساسىي گەۋدىلىك رولىمىزنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش كۈچى، بايلىقىدىن بىرتۇتاش ياخشى پايدىلاندۇق، شىنجاڭغا يەككە يۆنىلىشلىك ياردەم بېرىش قوش يۆنىلىشلىك ھەمكارلىققا ئۆزگەردى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، شەھەر شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغىدىن 20 مىليارد يۈەنگە يېقىن ئورۇنلاشتۇردى، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ بىر تۈركۈم چوڭ ئىشلارنى پۈتتۈردۇق. مەركەز كارخانىلىرى شىنجاڭنى كەسىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئۆتكۈزدۇق، 25 مەركەز كارخانىسى بىلەن 940 مىليارد يۈەنلىك مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى ئىمزالىدۇق. شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كەڭ كادىرلار، ئىختىساسلىقلار شەخسىيەتسىز تۆھپە قوشتى ۋە جاپالىق ئەجىر سىڭدۈردى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق بۇنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايدۇ.
دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملار قۇرۇلۇشىنى قوللاش بىزنىڭ مۇقەددەس مەسئۇلىيىتىمىز. بىز دۆلەت مۇداپىئەسى سەپەرۋەرلىك تۈزۈلمە ئىسلاھاتىغا چوڭقۇر تۈرتكە بولدۇق، يېڭى دەۋردە ئارمىيە - خەلق يۇغۇرما تەرەققىياتى چوڭقۇرلاشتى، خەلق ھاۋا مۇداپىئە خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىلدى، دۆلەت مۇداپىئەسى سەپەرۋەرلىك كۈچى قۇرۇلۇشىنىڭ نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. ھەربىيدىن چېكىنگەنلەر خىزمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردۇق، «ئىككىنى ھىمايە قىلىش» خىزمىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتتۇق، ئارمىيە - ھۆكۈمەت، ئارمىيە - خەلق ئىتتىپاقلىق دەرىخى تېخىمۇ چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ باراقسان ئۆستى.
ھۆرمەتلىك ۋەكىللەر! ئۆتكەن بىر يىللىق نەتىجىلەر تەستە قولغا كەلدى. بۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ۋە سەمىمىي غەمخورلۇقىنىڭ نەتىجىسى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، بولۇپمۇ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىنىڭ نەتىجىسى، مەركىزىي كومىتېت ئورگانلىرى ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقى ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ شەخسىيەتسىز ياردىمىنىڭ نەتىجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئومۇملۇقنى ئىگىلەپ، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلق بىر مەقسەتتە بولۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، ئۇنىڭغا خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ھەم جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ جاپالىق تىرىشچانلىقى مۇجەسسەملەنگەن. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن، مەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن، ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلققە، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىغا، دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، خەلق تەشكىلاتلىرى ۋە ھەر ساھە زاتلارغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتىمەن! شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملاردىكى كوماندىر - جەڭچىلەر ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى، گۇڭئەن كادىر - ساقچىلىرىغا، مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى ئورۇنلىرى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىپ كېلىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر ھەم شىنجاڭغا ياردەم بېرىپ كېلىۋاتقان بارلىق كادىرلار، ئىختىساسلىقلارغا، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان ۋە مەدەت بېرىپ كېلىۋاتقان بارلىق دوستلارغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتىمەن!
نەتىجىلەرنى خۇلاسىلەش بىلەن بىللە، شۇنىمۇ سەگەكلىك بىلەن تونۇشىمىز كېرەككى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەلىپى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا سېلىشتۇرغاندا، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق خىزمىتىدە ھېلىھەم بەزى مەسىلە ۋە يېتەرسىزلىك مەۋجۇت. جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن، ۋەزىپە يەنىلا مۈشكۈل. تاشقى مۇھىت ئۆزگىرىشى ئېلىپ كەلگەن پايدىسىز تەسىر چوڭقۇرلىشىۋاتىدۇ، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشى يەنىلا نۇرغۇن قىيىنچىلىق ۋە خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ، ئىقتىسادنىڭ قايتا ئۆرلەپ ياخشىلىنىش ئاساسى تېخى مۇستەھكەم ئەمەس، ئۈنۈملۈك ئېھتىياج يېتەرلىك ئەمەس، قىسمەن كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش - تىجارىتىدە قىيىنچىلىقلار مەۋجۇت، ئاممىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇش بىرقەدەر ئېغىر بېسىمغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدە يەنە نۇرغۇن كەمتۈكلۈك مەۋجۇت، يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەر يەنىلا نىسبەتەن كۆپ. ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ سۈپەت - ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق ھادىسىلىرى يەنىلا نىسبەتەن گەۋدىلىك بولۇۋاتىدۇ، بەزى ئىسلاھات - تەرەققىيات تەدبىرلىرى جايىدا ئەمەلىيلەشمەيۋاتىدۇ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى يەنىمۇ ياخشىلاشقا توغرا كېلىدۇ؛ بەزى كادىرلاردا ئىسلاھاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ ئەمەلىي ئىشلەش روھى كەمچىل، قىسمەن كادىرلارنىڭ ئىقتىدار، سەۋىيەسى بىلەن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىش تەلىپى ئوتتۇرىسىدا يەنىلا پەرق بار، بەزى ساھەلەردە چىرىكلىك مەسىلىلىرى يەنىلا مەۋجۇت. بىز چوقۇم مەسىلە ۋە خىرىسلارغا بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، جان - دىلىمىز ۋە بارلىق كۈچىمىز بىلەن خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، خەلقنىڭ ئۈمىدى ۋە مۇھىم تاپشۇرۇقىنى ھەرگىز يەردە قويمايمىز.
2. 2025 - يىللىق نۇقتىلىق خىزمەتلەر
بۇ يىل ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش باشلىنىدىغان يىل، شۇنداقلا «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان يىل، بۇ يىلقى ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتى ئىنتايىن زور.
بۇ يىلقى ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 12 -، 13 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى چىڭ ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى، ئېچىۋېتىش بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ - خەتەر ۋە تاشقى زەربىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، ئىستراتېگىيەلىك، ئىجادىي، يېتەكلەش خاراكتېرلىك ئىسلاھاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىچكى - تاشقى ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، «ئون چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى تاماملاپ، «15 - بەش يىل»نى ياخشى باشلاشقا پۇختا ئاساس سېلىش.
بۇ يىلقى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق كۆزلىمە نىشانى: رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى %6 ئۆپچۆرىسىدە ئاشۇرۇش؛ كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت قوشۇلما قىممىتىنى %8 ئۆپچۆرىسىدە ئاشۇرۇش؛ تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنى %10 ئۆپچۆرىسىدە ئاشۇرۇش؛ ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسىنى %5 ئۆپچۆرىسىدە ئاشۇرۇش؛ ئىمپورت - ئېكسپورت سودا ئومۇمىي سوممىسىنى %12 ئۆپچۆرىسىدە ئاشۇرۇش؛ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت كىرىمىنى %10 ئۆپچۆرىسىدە ئاشۇرۇش؛ شەھەر - بازارلاردا 460 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، شەھەر - بازارلاردىكى ئېنىقلانغان ئىشسىزلىق نىسبىتىنى %5.5 ئىچىدە تىزگىنلەش؛ شەھەر - بازار ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمنى %6 ئۆپچۆرىسىدە ئاشۇرۇش، يېزا ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمنى %7 ئۆپچۆرىسىدە ئاشۇرۇش؛ ئاھالە ئىستېمال باھاسىنىڭ ئۆرلەش نىسبىتىنى %2 ئۆپچۆرىسىدە ساقلاش؛ ئاشلىق ھوسۇلىنى 47 مىليارد 600 مىليون جىڭدىن ئاشۇرۇش؛ بىرلىك رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى %3تىن كۆپرەك تۆۋەنلىتىپ، ئېكولوگىيە - مۇھىت سۈپىتىنى سىجىل ياخشىلاش.
ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 12 -، 13 - ئومۇمىي يىغىنىدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى ۋە بۇ يىلقى خىزمەتلەر ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇلدى. بىز «مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، ئىلگىرىلەش ئارقىلىق مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىش، ئاۋۋال ئورنىتىپ، ئاندىن بىكار قىلىش، سىستېمىلىق توپلاشتۇرۇش، ماسلىشىپ ھەمكارلىشىش»تا چىڭ تۇرۇپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، ئەمەلىي ئىشلەشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە ياراتساقلا، ئىلگىرىلەش يولىمىزدىكى ھەر قانداق جاپا - مۇشەققەت ۋە خەۋپ - خەتەرنى يېڭىش ئىشەنچىگە، ئىقتىدارىغا، غەيرىتىگە ئىگە بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلالايمىز. نۇقتىلىق ھالدا تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتىمىز.
(1) نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھاتنى تېزلىتىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتىمىز
ئىسلاھاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويىمىز، «بىرگە تەگسە ھەممىسىگە تەسىر كۆرسىىتىدىغان» ئىستراتېگىيەلىك، ئىجادىي، يېتەكلەش خاراكتېرلىك ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان تۈزۈلمە - مېخانىزم توسالغۇسىنى كۈچەپ تۈگىتىپ، نۇقتىلىق بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئارقىلىق ھەرقايسى ساھەدىكى ئىسلاھاتنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشقا يېتەكچىلىك قىلىمىز ۋە تۈرتكە بولىمىز. دۆلەت كاپىتالى، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تاماملاپ، مەركەز بىلەن يەرلىكنىڭ، ئاپتونوم رايون بىلەن جايلارنىڭ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ كاپىتالى قاتارلىق دۆلەت كاپىتالىنىڭ ماس تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەت كاپىتالىنىڭ يادرولۇق فۇنكسىيەسىنى كۈچەيتىشكە تۈرتكە بولۇپ، يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرىمىز. ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، كەسىپلەر باغچە رايونلىرىنىڭ «قەپەزدىكى قۇشنى ئالماشتۇرۇش»ىغا تۈرتكە بولىمىز، ئوتتۇرا، شەرقىي رايونلاردىن يۆتكىلىدىغان ئەمگەك كۆجۈملەشكەن، بايلىق كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى پائال قوبۇل قىلىمىز. پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرىمىز. «پۇقراۋى ئىگىلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى»نى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، بازار ئىجازىتى توسۇقىنى قەتئىي تۈگىتىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ قاتناش، سۇچىلىق قاتارلىق چوڭ - چوڭ تۈر قۇرۇلۇشلىرىغا قاتنىشىشىنى قوللايمىز، پۇقراۋى كارخانىلار ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرنى توپلاش، بېجىرىش، قايتما ئىنكاس قىلىش بويىچە يېپىق ھالەتلىك مېخانىزمنى ئورنىتىپ، ئوتتۇرا، كىچىك پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىناۋىتىنى ئاشۇرۇش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ نېسى قالدۇرۇلغان پۇلىنىڭ ھەممىسىنى قايتۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى مۇھىت يارىتىپ بېرىمىز. مالىيە، باج، سېلىنما، پۇل مۇئامىلە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. نۆللۈك خامچوت ئىسلاھاتىنى پائال ئالغا سىلجىتىمىز، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئاپتونوم رايون دەرىجىلىكتىن تۆۋەن مالىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى ۋە ئاپتونوم رايون مالىيە جەھەتتە بىۋاسىتە باشقۇرىدىغان ناھىيەلەرنىڭ مالىيە ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، يەرلىك ئۆز ئالدىغا باشقۇرىدىغان مالىيە كۈچىنى ئاشۇرىمىز. باج ئېلىش - باشقۇرۇش ۋە كاپىتال بازىرى مەبلەغ سېلىش - مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. پۇل مۇئامىلىگە دائىر «بەش ئىش»نى ياخشى قىلىپ، شىنجاڭ يېزا سودا بانكىسى قۇرۇشقا پائال تەييارلىق كۆرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد قۇرۇلمىسى ۋە تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ماس كېلىدىغان پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرىنى ئېچىپ، پۇل مۇئامىلىنى مەنبەدىن جانلاندۇرۇش ئارقىلىق ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى تېخىمۇ ياخشى ئوزۇقلاندۇرىمىز. مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازارغا پائال مۇلازىمەت قىلىمىز ۋە سىڭىشىمىز. «مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشى كۆرسەتمىسى (سىناق)»نى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كارخانىلارغا چېتىشلىق قانۇن ئىجراسى مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، مىكرو ئاساسىي گەۋدىلەرنىڭ پائالىيىتىگە نامۇۋاپىق ئارىلىشىۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، «ئىچكى تالىشىش شەكلى»دىكى رىقابەتلىشىشنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەپ، بازاردىكى تولۇق رىقابەتنى ئىلگىرى سۈرىمىز. مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلتۈرۈلۈپ قېلىپلاشتۇرۇلغان ئادەم كۈچى بايلىقى بازار سىستېمىسى ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىجتىمائىي كاپالەت ئاممىۋى مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، نوپۇس تەۋەلىكى، رايون، سالاھىيەت، ئارخىپ، كادىرلار ئىشلىرى مۇناسىۋىتى قاتارلىق جەھەتلەردە ئىختىساسلىقلارنىڭ يۆتكىلىشىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان سىياسەت خاراكتېرلىك توسالغۇ پەيدا قىلىشنى قاتتىق مەنئى قىلىمىز. سۇ بايلىقى ۋە ئېنېرگىيە بايلىقى باھاسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز، تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرىنى ھەرىكەت قىلىۋاتقان جايدا ئىستاتىستىكا قىلىش ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىمىز. ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىنىڭ راۋان يۆتكىلىشى، تۈرلۈك بايلىقلارنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەقسىملىنىشى، بازار يوشۇرۇن كۈچىنىڭ تولۇق قوزغىتىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازارنى تۈرلۈك تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرى ئادىل رىقابەتلىشىدىغان چوڭ سەھنىگە ئايلاندۇرىمىز!
(2) «ئون چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، شىنجاڭ خاسلىقىغا ۋە ئەۋزەللىكىگە ئىگە زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىمىز
ئاشلىق ۋە يېمەكلىك پىششىقلاش، پاختا ۋە توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك، يېشىل چارۋا مەھسۇلاتلىرى ۋە ئەلا سۈپەتلىك مېۋە - كۆكتات قاتارلىق كەسىپ توپىنى يېتەكچى قىلىپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى تېز راۋاجلاندۇرۇپ، مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك دېھقانچىلىق - چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى مۇھىم تەمىنات بازىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىمىز. تېرىلغۇ يەرنى قوغداشقا ۋە ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە پارتىيە، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇشنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرىمىز، ئۇرۇقچىلىقنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتىنى يولغا قويىمىز، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، شورلۇق يەرنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنىڭ جايلىشىشى ۋە ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمىنى 45 مىليون مو ئۆپچۆرىسىدە مۇقىملاشتۇرىمىز، ئاشلىق ۋە يېمەكلىك پىششىقلاش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىمىز. پاختا ئومۇمىي ھوسۇلىنى 5 مىليون توننىدىن ئارتۇق سەۋىيەدە مۇقىملاشتۇرىمىز، دۆلەت ئەلا سۈپەتلىك پاختا يىپ بازىسىنى يۇقىرى ئۆلچەملىك قۇرۇپ، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسىپ زەنجىرىنى تۆۋەنگە ئۇزارتىشقا تۈرتكە بولىمىز. ئۈزۈم ھارىقى، شوخلا پىششىقلاش، ئۆزگىچە مېۋە پىششىقلاش قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، قىشلىق، ئەتىيازلىق كۆكتات تەمىنات كاپالىتى ئىقتىدارىنى سىجىل ئاشۇرىمىز. چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، چارۋىچىلىق قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىمىز. نېفىت - گاز ئىشلەپچىقىرىش - پىششىقلاش، كۆمۈردىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، يېڭىچە ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسى، يېشىل كانچىلىق ھەم پىششىقلاش، ئىلغار ياسىمىچىلىق ۋە يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەر توپىنى يېتەكچى قىلىپ، يېڭىچە سانائەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە - بايلىق ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى بەرپا قىلىمىز. مەركەز بىلەن يەرلىكنىڭ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ نېفىت - گاز چارلاش - ئېچىش ھەمكارلىق مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، جۇڭغار، تارىم، تۇرپان - قومۇل ئويمانلىقىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئويمانلىقتىكى نېفىت - گاز چارلاش - ئېچىش سالمىقىنى زورايتىپ، نېفىت - گاز زاپىسىنى ئاشۇرۇپ، مەھسۇلاتىنى كۆپەيتىمىز. شەرقىي جۇڭغار دۆلەت دەرىجىلىك زامانىۋى كۆمۈر خىمىيە سانائىتى ئۈلگە رايونى، قومۇل دۆلەت دەرىجىلىك زامانىۋى ئۇنىۋېرسال ئېنېرگىيە ۋە كەسىپلەشتۈرۈش ئۈلگە رايونى قۇرۇلۇشىنى پائال ئالغا سىلجىتىمىز، شەرقىي جۇڭغار كۆمۈردىن گاز ئېلىش، كۆمۈردىن ئولېفىن ئېلىش، كۆمۈردىن مېتانول ئېلىش ۋە قومۇل ئېنېرگىيە توپلاشتۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىش بازىسى قاتارلىق زامانىۋى كۆمۈر خىمىيە سانائىتى تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى تېزلىتىپ، دۆلەت چوڭ تىپتىكى كۆمۈر تەمىنات - كاپالەت بازىسى ۋە كۆمۈردىن ماي - گاز ئېلىش ئىستراتېگىيەلىك بازىسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن بەرپا قىلىمىز. شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك توك بىلەن بىۋاسىتە تەمىنلەش ئىسلاھاتى سىنىقىنى قانات يايدۇرۇپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك سودا مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى نەق مال سودىسىغا تۈرتكە بولىمىز. يېڭى بىر نۆۋەتلىك كان ئىزدەشتە بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، كان ئىزدەش بويىچە رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى ئورنىتىمىز، قىزىلچاپ قوغۇشۇن - سىنك كانى، چوڭ يۇلغۇنساي ئاز ئۇچرايدىغان مېتال كانىنى ئېچىش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، مىس، ئاليۇمىن، ئالتۇن، سۈرمە قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك قېزىلما بايلىقلارنى چارلاش - ئېچىشقا تېز تۈرتكە بولىمىز. يېڭى ئېنېرگىيەلىك جابدۇق ياسىمىچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، يېڭىچە ئېنېرگىيە ساقلاش تۈر قۇرۇلۇشلىرىغا تۈرتكە بولۇپ، كىرېمنىي، ئاليۇمىن، مىس، تىتان، كاربون ئاساس قىلىنغان يېڭى ماتېرىيال كەسىپلىرىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرىمىز. مەدەنىيەت ۋە ساياھەت، زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق كەسىپلەر توپىنى يېتەكچى قىلىپ، مۇلازىمەتچىلىكنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، مەملىكەت بويىچە مۇھىم ساياھەت مەنزىلى ۋە خەلقئارا ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنى مەركىزى بەرپا قىلىمىز. مەدەنىيەت ۋە ساياھەت كەسىپ توپى تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تۈزىمىز ۋە يولغا قويىمىز، كۈسەن مەدەنىيىتى قاتارلىق رايون مەدەنىيەت بايلىقىنى قېزىش، چۈشەندۈرۈش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش خىزمىتىنى ئوبدان ئىشلەيمىز. ئالتاي، ئۈرۈمچى، ئىلى، بورتالا، سانجى، تارباغاتاينى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، قىشلىق قار - مۇز ساياھىتى سەرخىل لىنىيەسى بەرپا قىلىمىز، ئالتاي ۋە ئىلى قاتارلىق جايلارنىڭ خەلقئارا تەسىر كۈچىگە ئىگە قار - مۇز ئىقتىسادى توپلانما رايونى بەرپا قىلىشىنى قوللايمىز. پۈتۈن رايون ساياھىتى، تۆۋەن بوشلۇق ساياھىتى، قۇملۇق ساياھىتى، ئېكولوگىيە ساياھىتى، ساغلاملىق - كۈتۈنۈش ساياھىتى، چېگرا ھالقىغان ساياھەت قاتارلىقلارنى راۋاجلاندۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، ساياھەت مۇلازىمىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، تىرىشىپ 320 مىليون ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋالىمىز. ئىشلەپچىقىرىش خاراكتېرلىك مۇلازىمەتچىلىكنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرىمىز، تۇرمۇش خاراكتېرلىك مۇلازىمەتچىلىكنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قازىمىز. زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتى كەسپىنى تېز راۋاجلاندۇرۇپ، ئەشيا ئوبوروتى تۈگۈنى ۋە يول تورىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، شىنجاڭغا كىرىدىغان - چىقىدىغان، شىنجاڭ ئىچىدىكى ھەم خەلقئارالىق غول لىنىيە يولىنى ياخشىلاپ، دۆلەت دەرىجىلىك ئەشيا ئوبوروتى تۈگۈنى، دۆلەت سوغۇق زەنجىرلىك ئەشيا ئوبوروتى تايانچ بازىسى، ئۈلگىلىك ئەشيا ئوبوروتى باغچە رايونى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولىمىز. بىر تۈركۈم دۆلەت دەرىجىلىك زامانىۋى ئوبوروت ئىستراتېگىيەلىك تىرەك نۇقتا شەھىرىنى جايلاشتۇرۇپ قۇرىمىز، بىر تۈركۈم كۆپ خىل ئۇلانما تىرانسپورت بازىسى ۋە تۆمۈريول مەخسۇس تىرانسپورت لىنىيەسىنى پىلانلاپ قۇرىمىز، بىر تۈركۈم خەلقئارا رىقابەت كۈچىگە ئىگە زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتى كارخانىلىرى ۋە يەرلىك تور يۈك تىرانسپورت سۇپىلىرىنى يېتىلدۈرىمىز. پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئەشيا ئوبوروتى تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، راۋان بولغان زامانىۋى ئوبوروت سىستېمىسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن بەرپا قىلىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئەشيا ئوبوروتى تەننەرخىنى زور كۈچ بىلەن تۆۋەنلىتىمىز!
(3) ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىشنى تېزلىتىپ، ئىستېمالنى زور كۈچ بىلەن جانلاندۇرۇپ، ئىچكى ئېھتىياجنى بارلىق ئامال - چارىلەر بىلەن كېڭەيتىمىز
ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەرىكىتىنى يولغا قويىمىز. بىر يۈرۈش ئاشۇرما مىقدار سىياسەتلىرىنى ياخشى قوبۇل قىلىپ، تۈرلۈك سىياسەتنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، «ئالتە مۇھىم تىزىملىك»نى سەرخىللاشتۇرۇپ، ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى سېلىنما، پەۋقۇلئاددە ئۇزاق قەرەللىك ئالاھىدە زايوم، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەخسۇس زايومى قاتارلىق ھۆكۈمەت سېلىنمىسى مەبلىغىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، تېخىمۇ زور سالماق بىلەن «ئىككى مۇھىم» تۈرنى قوللاپ، خەلق ئىچى كاپىتالىنى قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرىدىغان تۈر تىزىملىكى تۈزۈپ ھەم تونۇشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يەر ئىشلىتىش، ئېنېرگىيە ئىشلىتىش، مۇھىت تەسىرىنى باھالاش قاتارلىق ئامىللار كاپالىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ھۆكۈمەت سېلىنمىسى ئارقىلىق ئىجتىمائىي سېلىنمىنى ئۈنۈملۈك يېتەكلەيمىز. «ئون تور»نى يېتەكچى قىلغان چوڭ - چوڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىمىز، «شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» 3 - يولى، G0711 لىنىيەسى ئۈرۈمچى - لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى تۈرى قاتارلىق بىر تۈركۈم چوڭ - چوڭ تۈرلەرنى پۈتكۈزۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈشكە تۈرتكە بولىمىز. «شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» 4 - يولى، لوپنۇر - چاقىلىق تۆمۈريولى، جياڭجۈنمياۋ - نوم تۆمۈريولىنىڭ 2 - لىنىيەسى، تارباغاتاي 660000×2 كىلوۋاتلىق كۆمۈر - ئېلېكتىرنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تۈرى قاتارلىق بىر تۈركۈم چوڭ - چوڭ تۈرلەرنى قۇرۇشنى تېزلىتىمىز. نوم - چىنارغول تۆمۈريولى، غۇلجا - ئاقسۇ تۆمۈريولى قۇرۇلۇشى، لىنخې - قومۇل تۆمۈريولىنى ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش بويىچە ئۆزگەرتىش تۈرى، G3033 لىنىيەسى كۈيتۈن - مايتاغ - كۇچا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى تۈرى، چورو سۇ ئامبىرى، غۇلجا ئايرودۇرۇمىنى كۆچۈرۈپ قۇرۇش تۈرى، كورلا ئايرودۇرۇمىنى ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىپ قۇرۇش تۈرى قاتارلىق تۈرلەردە ئىش باشلايمىز. «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى ئىلمىي تۈزۈپ، مەركەزنىڭ شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئىستراتېگىيەلىك كىندىك رايونى ۋە ئاچقۇچلۇق كەسىپلەر زاپىسى بەرپا قىلىشقا بولغان مەدىتىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈپ، بىر تۈركۈم چوڭ - چوڭ تۈرلەرنىڭ دۆلەتنىڭ «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىستراتېگىيەلىك زاپاس ساقلاش بازىسى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىمىز. ئىستېمالدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاشقا كۈچەپ، ئىستېمالنى جانلاندۇرۇش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، ئوتتۇرا، تۆۋەن كىرىملىك كىشىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ يۈكىنى يېنىكلىتىشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىستېمال ئىقتىدارى، ئىستېمال ئارزۇسى ۋە قاتلىمىنى ئۆستۈرىمىز، پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىنى مۇۋاپىق ئۆستۈرىمىز، شەھەر - يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى ۋە داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا مالىيەدىن ياردەم پۇلى بېرىش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرىمىز. ساغلاملىق، ياشانغاندا كۈتۈنۈش، بالىلارنى ھاۋالىلىك بېقىش، ئائىلە مۇلازىمىتى، رەقەملەشتۈرۈش، مەدەنىيەت - كۆڭۈل ئېچىش، تەنتەربىيە قاتارلىقلارغا دائىر مۇلازىمەت ئىستېمالىنى كېڭەيتىپ، كۆپ خىللاشقان ئىستېمال ھالىتىدە يېڭىلىق يارىتىمىز. «ئىككىنى يېڭىلاش» ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، كۆپ مىقدارلىق تاۋار ئىستېمالىنى مۇقىملاشتۇرىمىز، توك قاچىلاش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈرىمىز، كارخانىلارنىڭ ئۈسكۈنىلەرنى ئالىيلاشقان، يېشىللاشقان، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان قىلىپ يېڭىلىشىغا مەدەت بېرىمىز، تۇنجى بازار ئىقتىسادى، ياشانغانلار ئىقتىسادى، سۇپا ئىقتىسادىنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، ئۈنۈملۈك ئېھتىياجنى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرىمىز.
(4) يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى تېزلىتىپ، ئاسىيا − ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىنى پائال بەرپا قىلىمىز
«بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىمىز. ئۈرۈمچى رايون خاراكتېرلىك خەلقئارا سودا ئەشيا ئوبوروتى مەركىزى، خەلقئارالىق قايتىشتا توشۇپ كېلىنگەن ماللارنى ئايرىپ تارقىتىش مەركىزى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىياغا يۈزلەنگەن بىرىكمە تىپتىكى خەلقئارا ئاۋىياتسىيە تۈگۈنى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولىمىز. ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونىنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قەشقەر، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنىڭ ئېچىۋېتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىمىز، تارباغاتاي نۇقتىلىق ئېچىش - ئېچىۋېتىش سىناق رايونى، جېمىنەي يېزا ئىگىلىكى سىرتقا ئېچىۋېتىش ھەمكارلىق سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىمىز، چېگرا بويى كەسىپ باغچە رايونىنى يېتىلدۈرىمىز. ئاقىل پورت قۇرۇپ، پورتنىڭ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىمىز. بەدەل پورتىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز، بورتالا ئالاتاۋ − قازاقىستان دوستېك تۆمۈريولىنىڭ 2 - لىنىيەسىنى كۆپەيتىپ ياساش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىمىز. ئەركىن سودا سىناق رايونىنى يۈكسەلدۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويىمىز. شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى ئومۇمىي لايىھەسىدىكى ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، تەسىر كۈچى زور، قاپلاش دائىرىسى كەڭ، سىستېمىلىق توپلاشتۇرۇش دەرىجىسى يۇقىرى بولغان بىر تۈركۈم تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىسىنى مەركەزلىك يارىتىمىز. ئېچىۋېتىش تىپىدىكى كەسىپلەرنى پەرقلىق جايلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىش قاتلىمى تېخىمۇ يۇقىرى، تىجارەت - سودا مۇھىتى تېخىمۇ ئەلا، تەسىر كۆرسىتىش رولى تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش يېڭى ئېگىزلىكى بەرپا قىلىمىز. ئەتراپتىكى دۆلەت، رايونلار بىلەن بولغان ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىمىز. ئىقتىساد - سودا، ئېنېرگىيە، پەن - تېخنىكا، يېزا ئىگىلىكى، ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردە چوڭقۇر ھەمكارلىشىشنى سىجىل كۈچەيتىمىز، «ئىككى دۆلەت، قوش باغچە»، «دۆلەت ئايرىمىلىق كەسىپ باغچىسى» ھەمكارلىق ئەندىزىسى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، جۇڭگو(شىنجاڭ، شياڭگاڭ)نىڭ قازاقىستان بىلەن ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش مېخانىزمىنى چوڭقۇر مۇكەممەللەشتۈرىمىز. شىنجاڭ ئىچىدىكى كارخانىلارنىڭ «سىرتقا چىقىشى»نى قوللايمىز، قوش يۆنىلىشلىك سودا ۋە سېلىنما كۆلىمىنى كېڭەيتىمىز، مۇلازىمەت سودىسى، يېشىل سودا، رەقەملىك سودا، ئارا مەھسۇلات سودىسىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرىمىز، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىنى راۋاجلاندۇرۇپ، مەملىكەت سىرتىدىكى ئامبىرىمىزنىڭ جايلىشىشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، سىرتقا يۈزلەنگەن ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرىمىز.
(5) يېڭىلىق يارىتىش ئامىللىرىنىڭ توپلىنىشىنى تېزلىتىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرىمىز
شىنجاڭنى پەن - تېخنىكا ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويىمىز. «تۆت تەرەپ ھەمكارلىقى» ۋە شىنجاڭغا پەن - تېخنىكا ئارقىلىق ياردەم بېرىش مېخانىزمىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش سىناق رايونى، ئۈرۈمچى − سانجى − شىخەنزە دۆلەت ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئۈلگە رايونىنى يۇقىرى سۈپەتلىك قۇرىمىز، شاڭخۇ − چەرچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىنىڭ دۆلەت يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى قاتارىغا كىرىشىنى قوللايمىز. پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپلەر تەرەققىياتىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، خۇەيروۋ تەجرىبىخانىسى شىنجاڭ بازىسى، قۇرغاق رايونلارنىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتى بويىچە مەملىكەتلىك نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسى، شىنجاڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق جابدۇق تەتقىقات ئورنى، تىيانشان تەجرىبىخانىسى قاتارلىق مۇھىم يېڭىلىق يارىتىش سۇپىلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ماي تەركىبى مول كۆمۈر بايلىقىنى خىمىيەلىك ئايرىش ۋە پايدىلىنىش مەملىكەتلىك نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسى بەرپا قىلىپ، يېڭى تېخنىكا، يېڭى مەھسۇلات، يېڭى ھالەتنى كەڭ كۆلەمدە قوللىنىش ئۈلگە ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئوتتۇرا ئاسىياغا يۈزلەنگەن رايون پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى بەرپا قىلىمىز. پەن - تېخنىكا باھالاش سىستېمىسى ۋە رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پەن تەتقىقات خادىملىرىغا ۋەزىپىسىگە مۇناسىۋەتلىك پەن - تېخنىكا نەتىجىسىگە ئىگىدارلىق قىلىش ھوقۇقى ياكى ئۇزاق مەزگىل ئىشلىتىش ھوقۇقى بېرىپ، زور پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئايلاندۇرۇش ۋە كەسىپلەشتۈرۈپ قوللىنىشقا تۈرتكە بولىمىز. مائارىپ كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىمىز. ئەلا سۈپەتلىك تولۇق كۇرسنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭ داشۆ، شىخەنزە داشۆنىڭ «قوش بىرىنچى دەرىجە» قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ خاس، ئەۋزەل كەسىپلىرىگە مۇناسىۋەتلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان پەنلەرنى يېتىلدۈرۈپ، تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى تۈرىدىكى جىددىي ئېھتىياجلىق، قىس بولۇۋاتقان پەن كەسىپلىرىنى جايلاشتۇرۇپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ۋە پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىمىز. شىنجاڭ سانائەت كەسپىي تېخنىكا داشۆسى، شىنجاڭ تۆمۈريول ۋە ئېنىرگىيە كەسپىي تېخنىكا داشۆسىدىن ئىبارەت ئىككى كەسپىي تولۇق كۇرس مەكتىپى تەسىس قىلىشنى تېزلىتىمىز. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كەسپىي مائارىپ تەرەققىياتىنى قوللاپ، ئەلا سۈپەتلىك ئالىي كەسپىي مائارىپ بايلىقىنىڭ ناھىيە (شەھەر)لەرگە يۈزلىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. ئاپتونوم رايوننىڭ «ياشانغانلار دەرس سۆزلەش پىلانى»نى يولغا قويىمىز. رايون ئىختىساسلىقلار ئېگىزلىكى بەرپا قىلىمىز. ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات فوندىدىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىپ، ئىجادچان ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئىختىساسلىقلارنى تەشكىلىي سىستېمىلىق كىرگۈزۈشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇپ، يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلار، ئىستراتېگىيەلىك ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش - جەلپ قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر، غەربىي رايون پىلانى پىدائىيلىرى قاتارلىق تۈرلۈك ئىختىساسلىقلاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا تىرەك بولىدىغان يۇقىرى ساپالىق، كەسىپلەشكەن ئىختىساسلىقلار قوشۇنى بەرپا قىلىمىز. يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەر ۋە كەلگۈسى كەسىپلەرنىڭ جايلىشىشىنى تېزلىتىمىز. ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىلدۈرۈش سىياسەت - تەدبىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ تۈزۈپ، «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار+» ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادى، يېشىل ھېسابلاش ئىقتىدارى، ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى كەسپى، بىيوياسىمىچىلىق، كىۋانت پەن - تېخنىكىسى، سودا ئالەم قاتنىشى، 6G قاتارلىق يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەر ۋە كەلگۈسى كەسىپلەرنى تېز يېتىلدۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ئىجادچان كارخانىلارنى پەلەمپەيسىمان يېتىلدۈرىمىز.
(6) جەنۇبىي شىنجاڭ يېڭى ئېشىش قۇتۇبىنى تېز يېتىلدۈرۈپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى ۋە رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز
ئادەم ئاساس قىلىنغان يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىمىز. بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ شەھەر - بازار قۇرۇلۇشىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۈرۈمچى مەركىزىي شەھەر چەمبىرىكى، قەشقەر شەھەر چەمبىرىكى، تىيانشان شىمالىي ئېتىكى شەھەر توپى، شىمالىي شىنجاڭ شەھەر بەلبېغى، تارىم ئويمانلىقى ئەتراپى شەھەر - بازار بەلبېغى بەرپا قىلىمىز. ئۈرۈمچى، غۇلجا، قەشقەر، كورلا قاتارلىق رايون مەركىزىي شەھەرلىرىنى پىلانلاش قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى ئۆلچەملىك، يۇقىرى سەۋىيەلىك، يۇقىرى سۈپەتلىك ئالغا سىلجىتىپ، جايلىشىشى زىچ بولغان، ئىقتىدارى توپلانغان، تۈجۈپىلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك شەھەر مەركىزى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، شىنجاڭ خاسلىقىغا، زامانىۋى تۈسكە، دەۋر قىياپىتىگە ئىگە زامانىۋى شەھەرلەرنى بەرپا قىلىمىز. قاراماي، سانجى، ئاقسۇ، خوتەن قاتارلىق نۇقتىلىق شەھەرلەر قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىمىز، خېكاڭ ناھىيەسى، خېئەن ناھىيەسى قاتارلىق چېگرادىكى يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان ناھىيەلەرنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىمىز، چېگرا بويىدىكى نۇقتىلىق شەھەر - بازارلار، چېگرانى گۈللەندۈرۈپ، خەلقنى بېيىتىشتىكى مەركىزىي شەھەر - بازارلار ۋە چېگرادىكى يېڭى كەنت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، چېگرانى مۇقىملاشتۇرۇش، چېگرانى بېيىتىش، چېگرانى كۈچەيتىشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز. تۈر بويىچە تەتقىق قىلىپ، شەھەرگە قاراپ تەدبىر قوللىنىپ، ئۆي - زېمىن كەسپىنىڭ تەرەققىيات يېڭى ئەندىزىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، ئۆي - زېمىن كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، «ياخشى ئۆي» قۇرۇلۇشى ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، شەھەردىكى كەنتلەر ۋە خەتەرلىك، كونا ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىشنى كۈچەپ يولغا قويۇپ، مۇتلەق ۋە ياخشىلاش خاراكتېرلىك تۇرالغۇ ئېھتىياجى يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق قوزغىتىپ، يېزا ئىگىلىكىدىن يۆتكەلگەن ئاھالىنىڭ شەھەر ئاھالىسى بولۇشىنى تېزلىتىپ، تېخىمۇ كۆپ يېزا ئاھالىسىنىڭ شەھەر - بازارلارغا يۆتكىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىمىز. تارىم ئايلانما ئىقتىساد بەلبېغى تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى يولغا قويۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كەسىپلەرنىڭ بوشلۇق جايلىشىشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يېشىل كانچىلىق ۋە يېڭى ئېنېرگىيە كەسىپ بازىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، باغ - ئورمان، پاختا، چارۋا، ساياھەت كەسپى قاتارلىق ئۆزگىچە، ئەۋزەل كەسىپلەرنى زورايتىپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ 10 مىليارد يۈەن دەرىجىلىك 11 چوڭ كەسىپ تۈرى قۇرۇلۇشىنى پۇختا، ياخشى تۇتۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭ تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئېشىش قۇتۇپىنى يارىتىمىز. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ شەھەر - بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئالىي مائارىپ ۋە كەسىپ تەرەققىياتى ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ ئاھالىنى ئولتۇراقلىشىپ ياشاشقا، ئىشلەپ ئىگىلىك تىكلەشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، دائىم تۇرۇشلۇق ئاھالە ۋە نوپۇستىكى ئاھالىنىڭ قوش ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جەمئىيەت قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاشنى ئىلگىرى سۈرىمىز. يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىمىز. دىققەتنى يېزا - كەنتلەرنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ ئۆزگىچە بايلىقىنى چوڭقۇر قېزىپ، ماركا ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ يېڭى كەسىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتىنى يېتىلدۈرۈپ، ناھىيە دائىرىسىدىكى خەلقنى بېيىتىش كەسىپلىرىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، يېزىلاردىكى 1 -، 2 -، 3 - كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى بارلىق ئامال - چارىلەر بىلەن كېڭەيتىپ، كۆلەملىك قايتا نامراتلىشىپ كېتىش، نامراتلىشىش ئەھۋالى كۆرۈلمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز. «مىڭ - تۈمەن قۇرۇلۇشى» تەجرىبىسىنى ئۆگىنىپ ۋە قوللىنىپ، يېزىلارنىڭ ئولتۇراق مۇھىتىنى تۈزەپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، «تۆتتە ياخشى يېزا يولى»نى تېز ياساپ، ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا باب كېلىدىغان ئىناق، گۈزەل يېزا - كەنتلەرنى تىرىشىپ قۇرىمىز. ھۆددە يەر ئىگىدارلىق ھوقۇقى، ھۆددە ھوقۇقى، تىجارەت ھوقۇقىنى ئايرىۋېتىش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، 2 - نۆۋەتلىك يەر ھۆددىگەرلىك مۇددىتى توشقاندىن كېيىن يەنە 30 يىل ئۇزارتىش سىنىقىنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، يېڭىچە يېزا ئىگىلىك تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشنى تەشكىلىي سىستېمىلىق ئالغا سىلجىتىشنى سىناق قىلىمىز، يېزا كوللېكتىپىنىڭ تىجارەت خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش يېرىنى بازارغا سېلىش ئىسلاھاتىنى قانات يايدۇرىمىز، تەمىنات - سودا كوپىراتىپىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز، ھاۋالىلىك باشقۇرۇش ئاساس قىلىنغان يېزا ئىگىلىكىدە ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەتنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرىمىز.
(7) ئېكولوگىيە - مۇھىتنى تۈزەشنى تېزلىتىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىمىز
نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئېكولوگىيەنى تۈزەش ئۈنۈمىنى كېڭەيتىمىز. تىيانشان شىمالىي ئېتىكى شەھەر توپىنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىتى بۇلغىنىشىنىڭ بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «ئۈرۈمچى − سانجى − شىخەنزە»، «كۈيتۈن − مايتاغ − شىخۇ» رايونىنىڭ ئېغىر بۇلغىنىش كۈن سانى نىسبىتىنى ئايرىم - ئايرىم ھالدا %5 ۋە %2 ئىچىدە تىزگىنلەيمىز، ئاپتونوم رايون بويىچە ھاۋا سۈپىتى ئەلا، ياخشى كۈن سانى نىسبىتىنى %75.5تىن كۆپرەككە يەتكۈزىمىز. تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىنى قاشالاش نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەپ، «قۇملۇق، چۆللۈك، قاقاسلىق» يېڭى ئېنېرگىيە بازىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، قۇم كەسپىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، قۇمنى تىزگىنلەپ خەلقنى بېيىتىشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز. كۆمۈرلۈك ئوت رايونىنى تىزگىنلەشنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، كۆمۈر بايلىقى بىخەتەرلىكى ۋە ئەتراپتىكى شەھەر - بازارلارنىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي قوغدايمىز. سۇ تېجەش، سۇ ساقلاش، سۇ باشلاش، سۇ كۆپەيتىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، سۇ بايلىقى بېجىنى ئىسلاھ قىلىش سىنىقىنى يولغا قويۇپ، تېيىز قاتلاملىق تۇزلۇق سۇنى ئېچىپ پايدىلىنىشنى تېزلىتىپ، سۇ بايلىقىدىن تۈجۈپىلىك، تېجەشلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىمىز. نۇقتىلىق دەريا، كۆللەرنى قوغداش، تۈزەشنى كۈچەيتىمىز. بۇلغانغان تېرىلغۇ يەرنى مەنبەدىن تۈزەشنى پۇختا قانات يايدۇرىمىز. يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتقا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولىمىز. ئېنېرگىيە تېجەپ كاربوننى تۆۋەنلىتىش بويىچە ئۆزگەرتىش ۋە ئېنېرگىيە ئىشلىتىدىغان ئۈسكۈنىلەرنى يېڭىلاشنى تېزلىتىپ، ئېنېرگىيەدىن پاكىز، تۆۋەن كاربونلۇق، بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشقا تۈرتكە بولۇپ، «تاشلاندۇقسىز شەھەر» ۋە بىر تۈركۈم كاربونسىز باغچە رايونى قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى ئۆلچەملىك ئالغا سىلجىتىپ، شەھەر پاسكىنا سۈيى ۋە سانائەت پاسكىنا سۈيىدىن تەكرار پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك يېشىل سودا كۆلىمىنى كېڭەيتىمىز. ئېكولوگىيەنى سىستېمىلىق قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى سىجىل ئىلگىرى سۈرىمىز. تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە تۈزەشنى سىستېمىلىق ئالغا سىلجىتىپ، تاشلاندۇق كانلارنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈلگە قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، كوئېنلۇن تېغى دۆلەت باغچىسى بەرپا قىلىشنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، 1 مىليون 200 مىڭ مو ئورمان بىنا قىلىپ، 4 مىليون 800 مىڭ مو يەرنى ئوت - چۆپ تېرىپ ياخشىلاپ، قۇملىشىپ كەتكەن 3 مىليون مو يەرنى تۈزەپ، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش چوڭ - چوڭ قۇرۇلۇشلىرىنى يولغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ تاغلىرىنى تېخىمۇ يېشىل، سۈيىنى تېخىمۇ سۈزۈك، ئاسمىنىنى تېخىمۇ كۆك قىلىپ، جۇڭگونىڭ غەربىي رايونىدىكى بىپايان تۇپراقتا سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، دېگەن ھەيۋەتلىك سەھىپىنى پۈتۈپ چىقىمىز!
(8) جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، مىللەتلەرنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلىمىز
شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرىمىز. غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى خارابىسى توپى، ئۇلانباي قەدىمىي شەھىرى، قىزىل مىڭئۆي، كىرورەن قەدىمىي شەھىرى، قەشقەر مورا بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسى قاتارلىق مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، ۋارىسلىق قىلىش، پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كۆپ قاتلاملىق مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى تەمىناتىنى ئاشۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى جۇڭخۇا مىللىتى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ «يىلتىزى» ۋە «روھى»نى قەلبدىن ئېتىراپ قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا يېتەكلەيمىز. ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنى ياخشى ئۆتكۈزۈپ، شىنجاڭ تارىخى توغرا ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ئاساسىغا ئىگە، زامانىۋى مەدەنىيلىك يۇغۇرۇلغان، ئامما ياقتۇرىدىغان بىر تۈركۈم ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرىنى مەيدانغا كەلتۈرىمىز. ياشلار - ئۆسمۈرلەر «ئاساسنى مۇستەھكەملەش» قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىپ ۋە ئومۇملاشتۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش - مەدەنىيەت ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ شىنجاڭ سىرتىدا ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى پائالىيىتىگە قاتنىشىشىنى دائىملىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، جۇڭخۇانى سۆيۈش ئۇرۇقىنى قەلبلەردە چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزىمىز. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» پائالىيىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مەدەنىيەت - ساياھەت ئارقىلىق مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، گىرەلەشمە جەمئىيەت قۇرۇلمىسى ۋە مەھەللە مۇھىتى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بوشلۇق، مەدەنىيەت، ئىقتىساد، جەمئىيەت، پىسخىكا قاتارلىق جەھەتلەردىن ھەرتەرەپلىمە ئارىلىشىشىنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىمىز. دىننىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز. دۆلىتىمىزدە دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، «ئۈچ قوشۇن» قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ نورمال دىنىي ئېھتىياجىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، دىن ئىشلىرىنى قانۇنچىللاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرىمىز. بۇددا دىنى خارابىسى، داۋجياۋ دىنى خارابىسى قاتارلىق دىن خارابىلىرىنى قېزىش - رەتلەش ۋە قوغداش - پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭدا كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئىناق بولۇش ئەندىزىسىنى قوغدايمىز.
راھەت - جاپادا بىللە بولۇش، شەرەپ - نومۇستا بىللە بولۇش، ھايات - ماماتتا بىللە بولۇش، تەقدىر - قىسمەتتە بىللە بولۇش ئورتاق گەۋدە ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش تەشۋىق - تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭدىكى 26 مىليوندىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىمىز!
(9) خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قەدىمىنى تېزلىتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى سىجىل ئۆستۈرىمىز
كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرىمىز ۋە كېڭەيتىمىز. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، نۇقتىلىق ساھە، نۇقتىلىق كەسىپ، شەھەر - يېزا ئاساسىي قاتلىمى ۋە ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلاردا ئىشقا ئورۇنلىشىشقا مەدەت بېرىش پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بازارلاشقان، ئىجتىمائىيلاشقان ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى پائال كېڭەيتىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر، يېزا ئەمگەك كۈچلىرى، ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن كىشىلەر قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى سىجىل ياخشى تۇتۇپ، جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە يېڭىچە ئىشقا ئورۇنلىشىش ھالىتىدىكى ئەمگەكچىلەرنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تولۇق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەر - يېزا ئاھالىسىنىڭ كىرىم سەۋىيەسىنى بارلىق ئامال - چارىلەر بىلەن ئۆستۈرىمىز. خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى يولغا قويىمىز. ئاساس مائارىپتا ئەلالىرىنى كېڭەيتىپ، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويىمىز، يەسلى مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئۇنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدار، بىخەتەر، ئەلا سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىمىز، شەھەرلەرنىڭ ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى يەسلى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز، يېزا يەسلىلىرىنى ياخشى باشقۇرىمىز. مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ سۈپەتلىك، تەڭپۇڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەر توپلاشقان رايونلارنىڭ مەكتەپ شارائىتىنى تېز ياخشىلاپ، ياتاقلىق مەكتەپ ۋە ئالاھىدە مائارىپ مەكتەپلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز. ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئەلا سۈپەتلىك، ئۆزگىچە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر تۈركۈم ئەلا سۈپەتلىك ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى يېڭىدىن قۇرىمىز، ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىپ قۇرىمىز. يۇقىرى ساپالىق ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەمىنات سەۋىيەسىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرىمىز. نۇقتىلىق رايونلاردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قۇۋۋەتلىك تاماق ئۆلچىمىنى ئۆستۈرىمىز، ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ۋە تاماق خىراجىتىنى باشقۇرۇشتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى مەخسۇس تۈزەيمىز. ئىجتىمائىي كاپالەت تورىنى زىچ توقۇيمىز، پۇختىلايمىز. كارخانا ئىشچى - خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى مەملىكەت بويىچە بىرتۇتاش غەملەشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانۇندا بېكىتىلگەن پېنسىيەگە چىقىش يېشىنى تەدرىجىي كېچىكتۈرۈش ئىسلاھاتىنى پۇختا، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىمىز. جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار، دېھقان ئىشلەمچىلەر، يېڭىچە ئىشقا ئورۇنلىشىش ھالىتىدىكى كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشقان جايدا سۇغۇرتىغا قاتنىشىدىغانلارغا قويۇلغان نوپۇس تەۋەلىكى چەكلىمىسىنى ئومۇميۈزلۈك بىكار قىلىپ، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ئۆلكە دەرىجىلىك بىرتۇتاش غەملەشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش نىسبىتىنىڭ %95تىن كۆپرەككە يېتىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز. مەھەللە قوللاش ئاساسىدىكى ياشانغانلارنى ئائىلىدە كۈتۈشنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق بويىچە ياشانغانلارنى كۈتۈش مۇلازىمىتىنى كېڭەيتىپ، ناھىيە، يېزا، كەنت ئۈچ دەرىجىلىك ياشانغانلارنى كۈتۈش مۇلازىمىتى تورى بەرپا قىلىپ، «15 مىنۇتلۇق» مەھەللە ياشانغانلارنى كۈتۈش مۇلازىمەت چەمبىرىكى بەرپا قىلىمىز. قاتلامغا، تۈرگە ئايرىلغان ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش سىستېمىسىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە خەلق تۇرمۇشى تۆۋەن چېكىنى پۇختا، دەل جايىدا، تولۇق كاپالەتلەندۈرىمىز. ساغلام شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرىمىز. داۋالاش - ساقلىق ساقلاش بويىچە ئاساسنى كۈچەيتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ئاممىۋى پاراۋانلىق يۆنىلىش قىلىنغان ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ناھىيە دائىرىسىدىكى داۋالاش ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقىنى پىلانلاش، جايلاشتۇرۇش، كۆلىمىنى كېڭەيتىپ تۆۋەنگە يۈزلەندۈرۈش ۋە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىمىز. جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكى ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش، تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ۋە جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكى كەسپىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكى مۇلازىمەت سېستىمىسىنى بەرپا قىلىمىز. ياشانغانلار، ئاياللار، بالىلار قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەرگە قارىتىلغان ساغلاملىق مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، ياشانغاندا كۈتۈنۈش، ھاۋالىلىك بېقىش كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېز ئالغا سىلجىتىمىز. ئاياللار، بالىلار، مېيىپلەر، ئاممىۋى خەيرىيەت، قىزىل كىرېست، ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، پىدائىيلىق مۇلازىمىتى قاتارلىق ئىشلارنى پائال تەرەققىي قىلدۇرىمىز.
خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي ئىشلىرىنى چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەيمىز. ئاپتونوم رايون بۇ يىل بېكىتكەن تىيانشان شىمالىي ئېتىكى شەھەر توپىنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىتىنى تۈزەش، جەنۇبىي - شىمالىي شىنجاڭدا تەبىئىي گاز ئارقىلىق خەلققە مەنپەئەت يەتكۈزۈش بويىچە تۇرۇبا يوللىرىنى كېڭەيتىش 2 - قارارلىق قۇرۇلۇشى، ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا غەمخورلۇق قىلىش، يار - يۆلەك بولۇش، ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ساغلاملىق جەھەتتىن كۆيۈنۈش، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار مېيىپ بالىلارنىڭ ساغلاملىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بويىچە ياردەم بېرىش - قۇتقۇزۇش، ئائىلىدە، مەھەللىدە ياشانغانلارنى كۈتۈش مۇلازىمىتى، شەھەر - يېزىلاردىكى قىيىنچىلىقى بار كىشىلەرگە قانۇن ياردىمى بېرىش، رەقەملەشتۈرۈش ئارقىلىق خەلققە، كارخانىغا قولايلىق يارىتىش، شەھەر - يېزىلاردىكى كونا ئۇل ئەسلىھەلەرنى يېڭىلاپ ئۆزگەرتىش، خەلققە پەن - تېخنىكا ۋە مەدەنىيەت - تەنتەربىيە ئارقىلىق نەپ يەتكۈزۈش قاتارلىق ئون خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي ئىشىنى زور كۈچ بىلەن ئوبدان يولغا قويىمىز. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان، خەلق قەلبىنى ئىللىتىدىغان، خەلق رايىغا ئۇيغۇنلىشىدىغان ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىشلارنى كۆپرەك قىلىشى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش قىلمىشلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، جازالاپ، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك تەدبىرلەرنىڭ خەلققە ئادىل، ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى كۈنسېرى ئۆستۈرۈپ، بەختلىك تۇرمۇش ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىشى كېرەك!
(10) بىخەتەرلىك توسۇقىنى تېز مۇستەھكەملەپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن خاتىرجەم، ئىناق جەمئىيەت مۇھىتى يارىتىمىز
تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىپ ۋە ئۇنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىپ، جەمئىيەت قاتلىمىدىن ئومۇميۈزلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تورىنى زىچ توقۇپ، تەستە قولغا كەلگەن مۇقىملىق ۋەزىيىتىنى قەتئىي قوغدايمىز. يېڭى دەۋردىكى «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»دە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى بېيىتىپ، ئەرزىيەت خىزمىتىنى قانۇنچىللاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ھەقىقىي تۈردە زىددىيەت - ماجىرالارنى بىخ ھالىتىدە ھەل قىلىمىز، ئاساسىي قاتلامدا تۈگىتىمىز. مەركەزنىڭ قەرز ئالماشتۇرۇش سىياسىتىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ساقلانما قەرزنى پائال، مۇۋاپىق ھەل قىلىپ، تۈرلۈك يوشۇرۇن قەرزنىڭ يېڭىدىن كۆپىيىشىنى قەتئىي توسىمىز. يەرلىكتىكى ئوتتۇرا، كىچىك قانۇنىي ئىگە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ خەۋپ - خەتىرىنى بىر تەرەپ قىلىشنى دائىملاشتۇرۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ - خەتەرنى سالماق، تەرتىپلىك تۈگىتىپ، سىستېمىلىق خەۋپ - خەتەر يۈزبەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلايمىز. شىنجاڭغا چېتىشلىق تاشقى كۈرەشنى قانۇن بويىچە قانات يايدۇرۇپ، جازالاشقا قارشى تۇرىدىغان «جابدۇق ساندۇقى»نى تولۇقلاپ، ئامېرىكىنىڭ جازالىشىغا ئۇچرىغان كارخانىلار، كەسىپ زەنجىرىدىكى ئاچقۇچلۇق كارخانىلار ۋە ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنى سىياسەت جەھەتتىن قوللاشنى كۈچەيتىپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۈچلۈك كاپالەتلەندۈرىمىز. ساقلانما يەر ۋە سودا، ئىشخانا ئۆيلىرىنى جانلاندۇرىمىز، ساقلانما تاۋار ئۆيلەرنى بىر تەرەپ قىلىشنى ئالغا سىلجىتىمىز. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە ماھىيەتتىن تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، جەمئىيەت بىخەتەرلىكى ۋەقەسىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالىمىز ۋە ئۇنىڭغا ۋاقتىدا تاقابىل تۇرىمىز. يېمەكلىك - دورا بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ «تائام بىخەتەرلىكى»نى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغدايمىز. ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش ۋە يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىمىزنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، زور ئاپەت خەۋپ - خەتىرىنىڭ كۈچەپ ئالدىنى ئالىمىز ۋە ئۇنى تۈگىتىمىز.
ھۆرمەتلىك ۋەكىللەر! شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك كۈچ. «بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات»، «بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر ئائىلە كىشىلىرى» دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ ئومۇمىي يىرىك پىلانىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تۈزۈش، مەخسۇس يىرىك پىلانلارنى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇش، رايون يىرىك پىلانلىرىنى بىرتۇتاش ماسلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسەت، بايلىق، تۈر، ئىختىساسلىقلار قاتارلىق جەھەتلەردە بىڭتۇەننى ھەرتەرەپلىمە كاپالەتلەندۈرىمىز. بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى، تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قوللاپ، بىڭتۇەننىڭ شەھەر تەسىس قىلىشى، بازار قۇرۇشىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، قاتناش، سۇچىلىق، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، مائارىپ، داۋالاش، رەقەملەشتۈرۈش قاتارلىقلارغا دائىر ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىمىز، خەلق تۇرمۇشى ساھەسى ۋە مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمىتىدە «بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك راۋان بېجىرىش» ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك قانۇننى بىرلىكتە ئىجرا قىلىدىغان، قانۇننى گىرەلىشىپ ئىجرا قىلىدىغان ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز، نۇقتىلىق رايونلارنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەشنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىمىز، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكتىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ قوش يۆنىلىشلىك كىرىشى، ئۆزئارا پاي قوشۇشىنى ئالغا سىلجىتىمىز، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكتىكى كادىرلارنى گىرەلەشتۈرۈپ قوشۇمچە ۋەزىپىگە قويۇش، ئۆزئارا ۋەزىپە بىلەن چېنىقىشقا ئەۋەتىش، ئالماشتۇرۇپ ۋەزىپىگە تەيىنلەشنى دائىملىق ئالغا سىلجىتىمىز، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرىدىغان، مەدەنىيەتتە يۇغۇرۇلۇپ ئورتاق گۈللىنىدىغان، مۇقىملىقنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئورتاق ئۈستىگە ئالىدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان جانلىق ۋەزىيەت يارىتىمىز!
ھۆرمەتلىك ۋەكىللەر! شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان زور ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر. بىز بۇ يىل ئېچىلىدىغان 10 - قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي گەۋدىلىك رولىمىزنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك قانات يايدۇرىمىز. شىنجاڭغا پەن - تېخنىكا، مائارىپ، داۋالاش، كەسىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، «ئۆمەك شەكلى»دە شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە كېڭەيتىپ، ياردەم بېرىۋاتقان، ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان ئىككى جايدىكى كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ غەمخورلۇقى، قوللىشىنى شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرىمىز!
ھۆرمەتلىك ۋەكىللەر! شىنجاڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشتىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك توسۇق. يېڭى بىر يىلدا، بىز دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا ئىلگىرىكىدەكلا كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە ئۇنى قوللاپ، بىر گەۋدىلەشكەن دۆلەت ئىستراتېگىيەسى سىستېمىسى ۋە ئىقتىدار قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىمىز. ئارمىيە بىلەن يەرلىكنىڭ ماسلىشىشىنى كۈچەيتىپ، ئومۇمىي خەلق دۆلەت مۇداپىئە تەربىيەسى، دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىكى ۋە زاپاس كۈچ قۇرۇلۇشىنى سىجىل ياخشى قىلىپ، ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش، ئائىلە تەۋەلىرىگە ئېتىبار بېرىش شەرەپلىك ئەنئەنىسىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن قىسىمدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ غېمىنى تۈگىتىپ، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، ھەربىيدىن چېكىنگەنلەرگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇلارنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم بولغان ئارمىيە - ھۆكۈمەت، ئارمىيە - خەلق ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، يېڭى دەۋردە ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ بېلىق بىلەن سۇدەك چوڭقۇر مۇھەببىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى تىرىشىپ پۈتۈپ چىقىمىز!
3. ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىمىز
يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى سەپەر، يېڭى ۋەزىپە ھۆكۈمەت خىزمىتىگە يېڭى، تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپلەرنى قويدى، بىز ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ئىسلاھ قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىپ، مەسئۇلىيىتىمىزنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلىشقا ماھىر بولۇپ، مەسئۇلىيىتىمىزنى پۈتۈن كۈچ بىلەن تولۇق ئادا قىلىپ، سىياسىي خىسلىتىمىزنى مەڭگۈ ساقلاپ، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، جاسارەت بىلەن يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، قانۇنچىل ھۆكۈمەت، ئىجادچان ھۆكۈمەت، پاك ھۆكۈمەت ۋە مۇلازىمەتچان ھۆكۈمەت قۇرۇشنى تېزلىتىمىز.
(1) پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرىمىز.ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىمىز، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارىمىز، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىمىز. پارتىيە رەھبەرلىكىنى ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانى ۋە ھەرقايسى ساھەلىرىگە سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تەلىپىگە قەتئىي ئەمەل قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشنى ئەڭ چوڭ سىياسىي قىلىپ، مۇقىملىقنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى خىزمەت ئاساسىي لىنىيەسى قىلىپ، كەم - كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، «پارتىيە كومىتېتى ئورۇنلاشتۇرما قىلسا، ھۆكۈمەت ھەرىكەتكە كېلىش»نى ھەقىقىي تۈردە جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرىمىز.
(2) قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىمىز.شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئەمەلدە كۆرسىتىپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تەلىپىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش پىروگراممىسى (2021 - يىلىدىن 2025 - يىلىغىچە)»دىكى تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئومۇميۈزلۈك تاماملايمىز. ھۆكۈمەتنىڭ نىزام چىقىرىش بويىچە تەكشۈرۈشىنى كۈچەيتىپ، قانۇنغا، بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن ھالدا تەدبىر بەلگىلەش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، مۇھىم تەدبىرلەر ۋە مەمۇرىي قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنىڭ قانۇنغا ئۇيغۇنلۇقلۇقىنى تەكشۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تەدبىرلەرنى ئىجرا قىلىش ۋە باھالاشنى كۈچەيتىمىز. مەمۇرىي بېكىتىش ھوقۇقى ئۆلچەم تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانۇننى قاتتىق، قېلىپلىق، ئادىل، مەدەنىي ئىجرا قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىمىز، مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىنى ماسلاشتۇرۇش - نازارەت قىلىش سىستېما قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرىمىز ۋە مۇكەممەللەشتۈرىمىز. ھۆكۈمەت سەمىمىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېڭى ئەمەلدار كونا ھېساباتقا ئىگە بولماسلىقنى قەتئىي توسىمىز، ھۆكۈمەت ھەرگىز «ئۇششۇق» بولمايمىز. «8 - بەش يىل»لىق قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش يىرىك پىلانىدىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئومۇميۈزلۈك تاماملاپ، پۇقرالارنىڭ قانۇنچىللىق ساپاسى ۋە جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش سەۋىيەمىزنى سىجىل ئۆستۈرىمىز. خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ نازارەتچىلىكىنى قانۇن بويىچە قوبۇل قىلىپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ دېموكراتىك نازارەتچىلىكىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، رېۋىزىيە نازارەتچىلىكى، جەمئىيەت ۋە ئاممىۋى پىكىر نازارەتچىلىكىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلار ۋە خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ پىكرىنى كەڭ دائىرىدە ئاڭلاپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ تەۋسىيەسى ۋە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ تەكلىپىنى بېجىرىش سەۋىيەمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىمىز.
(3) رەقەملىك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىمىز.سانلىق مەلۇماتنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە باشقۇرۇش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، سانلىق مەلۇماتلارنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش ۋە سانلىق مەلۇمات بايلىقىدىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئېچىپ پايدىلىنىشنى ئالغا سىلجىتىپ، رەقەم تېخنىكىسىنىڭ رەقەملىك ھۆكۈمەت، رەقەملىك ئىقتىساد، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش بىلەن چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. «ئۇقتۇرۇپ قويۇش، ۋەدە بېرىش + كەم بولسىمۇ بېجىرىش» تەستىق مۇلازىمەت ئەندىزىسىنى يولغا قويۇپ، سېلىنما تۈرلىرىنى توردا تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش سۇپا قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز. بىرلىككە كەلگەن - قېلىپلاشقان، ئادىل - ئوچۇق بولغان، ئاقىل نازارەت قىلىپ باشقۇرىدىغان، ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىلىنىدىغان ئاممىۋى بايلىق سودا سۇپىسى سىستېمىسى بەرپا قىلىمىز. «بىر ئىشنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بېجىرىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، نۇقتىلىق ئىش تۈرلىرى تىزىملىكىنى باشقۇرۇش ۋە دائىملىق ئالغا سىلجىتىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، بىر گەۋدىلەشكەن مەمۇرىي مۇلازىمەت سۇپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەلالاشتۇرۇپ، «بىر ئىش»نىڭ «بىر تۈردىكى ئىش» دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمىتىدە «توردا بىر يولىلا پۈتتۈرۈش»، كارخانىلارغا مۇناسىۋەتلىك باغلىنىشلىق ئىشلارنى توپلاپ بېجىرىش، كارخانىلارغا مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلەردىن «ئىلتىماس قىلمايلا بەھرىلىنىش»، كارخانىنىڭ ئىلتىماس - تەلىپىگە «بىر لىنىيەدىلا جاۋاب بېرىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمىتىنى تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ ئىللىق بېجىرىمىز!
(4) پاك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى كەسكىن ئالغا سىلجىتىمىز.پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش - تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ھەم ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ يولغا قويۇش چارىسىنى قەتئىي بوشاشماي ئەمەلىيلەشتۈرىمىز، ھۆكۈمەت سىستېمىسىنىڭ پارتىيە ئىستىلى - پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىسىنى تۈزەشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۆزىتىش، كۆزىتىپ تەكشۈرۈش، ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش، ھەيدەكچىلىك قىلىش - تەكشۈرۈش داۋامىدا بايقالغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى ھەقىقىي ياخشى تۇتىمىز. ھۆكۈمەت، كەسپىي ئورۇنلار، دۆلەت كارخانىلىرى بىرتۇتاش سېتىۋېلىش قاتارلىق خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار بولۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەپتىش نازارەتچىلىكى، ئىستاتىستىكا نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ، ھوقۇقنى ئاشكارا يۈرگۈزىمىز. توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، «تۆتتە ئاساسىي قاتلامغا بېرىش»نى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، دىققەتنى ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنى ھەقىقىي ئۆزگىرىشنى كۆرەلەيدىغان، ھەقىقىي ئۈنۈمنى ھېس قىلالايدىغان، ھەقىقىي نەپكە ئېرىشەلەيدىغان قىلىمىز. «ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلماسلىق شەكىلۋازلىقتۇر» دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، يۇقىرىغا ئۆزىنى كۆرسىتىشكە بېرىلىپ كېتىدىغان، تۆۋەنگە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىدىغان، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلىمەيدىغان شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى قەتئىي تۈزەيمىز، يېزا - بازار (كوچا باشقارمىسى)نىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئىش تۈرلىرى تىزىملىكىنى ئومۇميۈزلۈك تۈزۈپ ۋە يولغا قويۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، چۈشەكتىن بوشىتىپ، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى تېخىمۇ كۆپ زېھنىنى ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشقا قارىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ئىقتىسادچىللىق بىلەن ئىش كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، بارلىق ئىشلاردا تىرىشچان - ئىقتىسادچىل بولۇپ، «ئۈچ كاپالەت»تە مەسىلە كۆرۈلمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ پۇل - مالنى خەلققە بەخت يارىتىشقا ئىشلىتىشى كېرەك.
ھۆرمەتلىك ۋەكىللەر! بۇرچنىڭ ۋەزنى مەسئۇلىيەتچانلىقتا ئىپادىلىنىدۇ، كۈرەش قىلىش كەلگۈسىنى يارىتىدۇ. ھەممەيلەن يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ جاسارەت بىلەن ئالغا بېسىپ، مەسئۇلىيەتنى سادىقلىق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىدىكى يېپيېڭى سەھىپىنى جاسارەت بىلەن يارىتىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى ئەلا نەتىجە بىلەن كۈتۈۋالايلى!
«تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى مەمۇرىي ئىشلار ئىشخانىسى (تەرجىمە باشقارمىسى) بېكىتتى»