导航切换

كۆك ئاسماننى قوغداش

日期:2025年01月29日
来源:天山网
【字体:

312 كۈن! ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن 2024 - يىلى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ھاۋا سۈپىتى ئەلا، ياخشى بولغان كۈن سانى تۇنجى قېتىم 300 كۈندىن ئېشىپ، كۆپ تۈرلۈك كۆرسەتكۈچتە تارىختىكى ئوخشاش مەزگىلدىكى ئەڭ ياخشى سەۋىيە يارىتىلدى.

بۇ بىر يىلدا، ئۈرۈمچى، سانجى، شىخەنزە قاتارلىق شەھەرلەرنىڭ ئاسمىنىدىكى تۇمان، تۈتەك ئازايدى، كىشىلەر «كۆك ئاسماننى سۈرەتكە تارتىش» «كۆك ئاسماننى نامايان قىلىش» ئارقىلىق ئاتموسفېرانى تۈزەش نەتىجىلىرىنى ھەقىقىي تۈردە دوستلار چەمبىرىكىدە قالدۇردى.

بۇ بىر يىلدا، شىنجاڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى تۈزەشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى «ئۈرۈمچى − سانجى − شىخەنزە» «كۈيتۈن − مايتاغ − شىخو» رايونىدىن ئىلى دەرياسى ۋادىسى رايونىغىچە كېڭەيتتى. كۆك ئاسماننى قوغداش جېڭى «قەتئىي ياخشى قىلىش»تىن «چوڭقۇرلاپ ياخشى قىلىپ»، شەھەرگە ھۇجۇم قىلىپ قورغاننى ئېلىشتەك ئاچقۇچلۇق باسقۇچقا كەلدى.

ئەندىزىدىكى ئۆزگىرىش:

ئەۋزەللىكنى مەركەزلەشتۈرۈپ، جاھىل كېسەلنى داۋالاش

ئىلگىرى بىر مەھەل، ھەر قېتىم قىش پەسلىدە، «ئۈرۈمچى − سانجى − شىخەنزە» رايونىنىڭ ھاۋا بۇلغىنىش كۆرسەتكۈچى ئىزچىل تۆۋەنلىمەي، ئۇدا ئىككى قېتىم مەركەز مۇھىت قوغداشنى نازارەت قىلىشتا، نۇقتىلىق كۆڭۈل بۆلۈنىدىغان مەسىلە قاتارىغا كىرگۈزۈلگەنىدى. خەلق ئاممىسى كۆك ئاسماننىڭ تېخىمۇ كۆپ بولۇشىنى مۇراجىئەت قىلدى، كۆك ئاسماننىڭ تېخىمۇ كۆپ بولۇشىنى ئارزۇ قىلدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: كۆك ئاسماننى قوغداش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش ئەڭ مۇھىم ئىش، ھاۋا سۈپىتىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاشنى قاتتىق تەلەپ قىلىپ، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، ھاۋانىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىنىشىنى ئاساسەن تۈگىتىپ، پۇقرالارغا كۆك ئاسمان، ئاپئاق بۇلۇت، چاقناپ تۇرغان يۇلتۇزلارنى قايتۇرۇپ بېرىش كېرەك.

باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تاپىلىشى، خەلق ئاممىسىنىڭ سەمىمىي ئۈمىدىنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت قەلبىگە پۈكۈپ، ھەرىكىتىدە ئەمەلىيلەشتۈردى. 2023 - يىلى يىل بېشىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى سىجىل ياخشى قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى مەخسۇس ئاڭلاپ، «ئۈرۈمچى − سانجى − شىخەنزە» رايونىنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىتىنى تۈزەشنى ئالغا سىلجىتىشنى شۇ يىلدىكى خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئون ئەمەلىي ئىشنىڭ بىرى قىلىپ، «ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە ۋاقىت سەرپ قىلىپ <ئۈرۈمچى − سانجى − شىخەنزە> رايونىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىش مەسىلىسىنى ئۈزۈل - كېسىل ھەل قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ كۆك ئاسمان بەخت تۇيغۇسىنى ئومۇميۈزلۈك ئاشۇرۇش» ئىستراتېگىيەلىك نىشانىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى.

ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش بىر شەھەر، بىر رايوننىڭلا ئىشى ئەمەس، جەزمەن ماسلىشىپ ھەرىكەتكە كېلىپ، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تۈزەش كېرەك. تۈزەش ئەندىزىسىدە چوڭقۇر ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىپ، پارتىيە كومىتېتى رەھبەرلىك قىلىش، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىرلىشىش، تارماقلار ھەمتۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر گەۋدىلەشكەن، ئۈچ دەرىجىلىك ھەمتۈرتكە بولىدىغان خىزمەت ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرگەندىلا، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكتىن ھالقىغان، رايون ھالقىغان ئاتموسفېرا مۇھىتى مەسىلىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ھەل قىلغىلى بولىدۇ.

دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ باشقۇرۇشنى يولغا قويدى. ئاپتونوم رايون يۇقىرى قاتلام قوماندانلىقىدىكى ئاتموسفېرا مۇھىتىنى تۈزەشنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ئالاقىدار ئوبلاست، شەھەر، شى، شەھەرلەر مۇناسىپ ئاپپاراتلارنى تەشكىللەپ قۇرۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك ماسلىشىش، يۇقىرى - تۆۋەن ماسلىشىپ ئورۇنلاشتۇرۇش - ھەيدەكچىلىك قىلىش خىزمەت مېخانىزمىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ناھىيە، يېزا، كەنتتىن ئىبارەت بەش دەرىجىلىك كۈچنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش رايونىدا بىرلىكتە ئالدىنى ئېلىش، بىرلىكتە تۈزەش ۋە بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەشنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، رايون ئىچىدىكى ھەرقايسى ئاساسىي گەۋدىلەر ئارىسىدىكى ھەمكارلىق سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچلۈك ئالغا سىلجىتتى.

ماسلىشىپ بىرتۇتاش ھەرىكەتكە كەلدى. 2023 - يىلىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايون ھەر پەسىلدە بىر قېتىم «ئۈرۈمچى − سانجى − شىخەنزە» رايونىنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىتىنى تۈزەشنى ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئاچتى، ئاپتونوم رايون ھەم شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدىكى ئالاقىدار رەھبەرلەر، ئېكولوگىيە، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش، قاتناش قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار ھەمدە رايون ئىچىدىكى ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ ھەممىسى قاتنىشىپ، ئالاقىدار خىزمەتلەرنى خۇلاسىلىدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، ماسلاشتۇردى. بۇنىڭدىن باشقا، «رايونلار ھەمتۈرتكە بولۇش» مېخانىزمىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايون ساھەلەرنىڭ بۇلغىما قويۇپ بېرىش ئۆلچىمىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئالدىن سىگنال بېرىشنى قوزغىتىش ئۆلچىمىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھاۋانىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىنىشىنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەش تەلىپىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، نەتىجە - ئۈنۈمنى دەرىجىگە ئايرىش سىياسەت تەلىپىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك ھاۋانىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىنىشىدىن ئالدىن سىگنال بېرىش بويىچە «بىرتۇتاش ئېلان قىلدى، بىرتۇتاش دەرىجىگە ئايرىدى، بىرتۇتاش بىكار قىلدى، بىرتۇتاش ھەرىكەت قىلدى».

2024 - يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى «تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شەھەرلەر توپىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش»نى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، ئورۇنلاشتۇردى، بۇ، شىنجاڭنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى تۈزەشنىڭ يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويغانلىقىدىن دېرەك بەردى. مەيلى يەرلىك ياكى بىڭتۇەن بولسۇن، ئالاقىسى تېخىمۇ قويۇق بولغان خىزمەت يۇغۇرما گەۋدىسى ۋە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىگە ئايلاندى، بۇ، تېخىمۇ يۇقىرى سىياسىي يۈكسەكلىك، تېخىمۇ كەڭ ئەندىزە - نەزەر دائىرىسى، تېخىمۇ كۈچلۈك سىستېما قارىشى بىلەن پىلانلاشقا، ئالغا سىلجىتىشقا، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئېھتىياجلىق.

تۈجۈپىلىك تۈزەش:

تۈگۈننى دەل جايىدا تېپىپ، نىشانلىق كۈچەش

2024 - يىلىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچى، ۋۇجياچۈ، سانجىغا بېرىپ، تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شەھەرلەر توپىنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىتىنى تۈزەش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: رايوننىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى ئىشەنچ ۋە ئىرادىنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، تۈجۈپىلىك تۈزەش جەھەتتە تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك.

ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ سەۋەبى مۇرەككەپ، ئەگەر بۇلغىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان يادرولۇق سەۋەبنى مەنبەدىن ئېنىقلىمىغاندا، تۈزەش خۇددى ئەما كىشىنىڭ پىلنى سىلىشىغا ئوخشاپ قالىدۇ، قارىماققا داغدۇغىلىق كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئاز ئىشقا كۆپ كۈچ سەرپ بولۇپ كېتىدۇ.

بۇ ئىككى يىلدا، تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شەھەرلەر توپىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى تۈزەشتە، تۈجۈپىلەشتۈرۈش جەھەتتە ماھىيەتلىك قەدەم تاشلاندى.

2023 - يىلىدىن باشلاپ، ھاۋانىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىنىشىنى يەنىمۇ تۈگىتىش ئۈچۈن، «ئۈرۈمچى − سانجى − شىخەنزە» رايونى كۈز ۋە قىش پەسلىدىكىPM2.5نىڭ كۆپىيىپ كېتىشىگە %55 ئەتراپىدا سەۋەبچى بولغان يېقىلغۇ كۆمۈر مەنبەسى ۋە %40 ئەتراپىدا سەۋەبچى بولغان سانائەت مەنبەسى، كۆچمە مەنبەنى ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى قىلىپ، دىققەتنى «ئۈچ چوڭ نۇقتىلىق بۇلغىما مەنبەسى»گە، يەنى سانائەت كان - كارخانىلىرى، تارقاق كۆمۈر ئىشلەتكۈچىلەر، قاتناش - تىرانسپورتقا مەركەزلەشتۈرۈپ، بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى مەنبەدىن توسۇدى ۋە ئازايتتى.

2024 - يىلى 11 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، شىنجاڭ تيەنلۇڭ كانچىلىق پاي چەكلىك شىركىتى خۇش خەۋەر تاپشۇرۇۋالدى، بۇ كارخانا 2024 - يىل 1 - تۈركۈمدىكى ھاۋانى ئېغىر بۇلغايدىغان نۇقتىلىق كەسىپلەرنىڭ نەتىجە - ئۈنۈم دەرىجىسىنى باھالاشتا B دەرىجىگە ئېرىشكەنىدى.

«تەلەپ بويىچە، B دەرىجىگە يەتكەن كارخانىلار، ھاۋا ئېغىر بۇلغانغاندا ئىشلەپچىقىرىشنى %10 كېمەيتسە بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن كارخانىنىڭ زىيىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىدى» دەپ تونۇشتۇردى شىركەتنىڭ بىخەتەرلىك، مۇھىت قوغداش باش ئىنژېنېرى جاۋ رۇڭيىن.

نۇقتىلىق كارخانىلاردا «بىر كارخانىغا بىر تەدبىر قوللىنىش» بويىچە تۈزەشنى يولغا قويۇش ئاپتونوم رايون سانائەت كارخانىلىرىنىڭ بۇلغىما پەيدا قىلىشىنى تۈزەش ئۈچۈن يولغا قويغان بىر تۈرلۈك كونكرېت تەدبىر.

2023 - يىلى، ئاپتونوم رايون تۆت تۈرلۈك بۇلغىما قويۇپ بېرىش مىقدارى 100 توننىدىن ئاشىدىغان 135 كارخانىغا قارىتا «بىر كارخانىغا بىر تەدبىر قوللىنىش»نى يولغا قويۇشنى بېكىتىپ، جەمئىي 6 مىليارد 700 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 831 تۈزەش تۈرىنى يولغا قويۇپ، تۆت تۈرلۈك بۇلغىما قويۇپ بېرىش مىقدارىنى جەمئىي 7110 توننا ئازايتتى؛ 2024 - يىلى، ئاپتونوم رايون يەنە بۇلغىما قويۇپ بېرىش مىقدارى 50 توننىدىن 100 توننىغىچە بولغان كارخانىلارنى نۇقتىلىق تۈزەش دائىرىسىگە كىرگۈزدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئازوت ئوكسىدى ۋە پارلىنىشچان ئورگانىك ماددا قويۇپ بېرىش مىقدارى بىرقەدەر كۆپ بولغان قۇيمىچىلىق، سانائەت سۇۋاقچىلىقى، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، كاربون قاتارلىق باشقا كەسىپلەرنى بىرلىكتە تۈزەش دائىرىسىگە كىرگۈزدى.

2023 - يىلى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق، 2024 - يىلى «ئۈرۈمچى − سانجى − شىخەنزە» «كۈيتۈن − مايتاغ − شىخو» رايونىدا تارقاق كۆمۈر قالاش ئاساسىي جەھەتتىن تۈگىتىلىپ، تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شەھەرلەر توپىدا تۆمۈريول مەخسۇس لىنىيەسىدىن 19ى قۇرۇلۇپ، نۇقتىلىق ساھەلەردە كۆپ مىقدارلىق ماللارنى پاكىز توشۇش نىسبىتى %50كە ئۆستۈرۈلدى.

ئىلمىي، دەل جايىدا نىشانلىق تۈزەشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، دىققەتنى نۇقتىلىق بۇلغىما ئامىللىرىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ قاراتمىلىققا ئىگە بولغان ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش يوللىرىنى تەتقىق قىلىپ پىلانلاش بۇلغىنىشنى دەل جايىدا تۈزەش، بۇلغىنىشنى ئىلمىي تۈزەشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆك ئاسماننى قوغداش جېڭىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشنىڭ ئومۇمىي تەلىپى. شىنجاڭ بىر تەرەپتىن ئۈچ چوڭ بۇلغىما مەنبەسىگە جەڭ ئېلان قىلىپ، يەنە بىر تەرەپتىن پەن - تېخنىكا تېرىكى ئارقىلىق يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشكە سىجىل كۈچ سەرپ قىلدى.

ئاپتونوم رايون تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شەھەرلەر توپىدا ھاۋانىڭ ئېغىر بۇلغىنىشىنى ئاساسىي جەھەتتىن تۈگىتىش، ھاۋا سۈپىتىنى تۇراقلاشتۇرۇش ۋە ياخشىلاشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، دۆلەت ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بىرلەشمە مەركىزىنىڭ شىنجاڭ شۆبە مەركىزىنى قۇرۇپ، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوندىكى مۇتەخەسسىسلەردىن تەشكىللەنگەن كەسپىي تېخنىكا كوللېكتىپىنى تەشكىللەپ قۇرۇپ، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشى بويىچە پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى؛ پەن - تېخنىكا مىنىستىرلىقىنىڭ «14 - بەش يىل»لىق دۆلەت نۇقتىلىق تەتقىق قىلىپ ئېچىش پىلانى مەخسۇس تۈرى بولغان «تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شەھەرلەر توپىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەشتىكى تىرەك تېخنىكىنى توپلاشتۇرۇش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش» ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىم پەن - تېخنىكا مەخسۇس تۈرى بولغان «<ئۈرۈمچى − سانجى − شىخەنزە> رايونىنىڭ ئاتموسفېرانىڭ ئېغىر بۇلغىنىشىنىڭ ئۇنىۋېرسال شەكىللىنىش سەۋەبى ۋە چوڭقۇر تۈزەش تېخنىكا تەتقىقاتى» تۈرىنى يولغا قويۇشنى تېز ئالغا سىلجىتتى.

تۈجۈپىلىك تۈزەش بۇلغىنىشنى ئىلمىي تۈزەش، بۇلغىنىشنى قانۇن بويىچە تۈزەشتىن دېرەك بېرىدۇ، ھەرگىزمۇ ئاددىي ھالدا «ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش»، قاتلاممۇقاتلام يۈكلەش ئەمەس.

نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونلۇق ئاتموسفېرا بىرىكمە ئۇنىۋېرسال كۆزىتىش - ئۆلچەش پونكىتى قۇرۇلدى. بۇ پونكىت ئاتموسفېرانىڭ كۆپ پارامېتىرىنى كۆزىتىش - ئۆلچەش ھەم ئىلمىي تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ سەۋەبىنى تەھلىل قىلىشنى مىقدار جەھەتتىن باھالاشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ ھەم ئاپتونوم رايوننىڭ ھاۋا سۈپىتىنى ئالدىن مۆلچەرلەش، ئالدىن مەلۇمات بېرىش ئىقتىدارىنى يەتتە كۈندىن ئون كۈنگىچە ئالدىغا سۈرۈش سەۋىيەسىگە يەتكۈزىدۇ.

كۆزىتىش - ئۆلچەش پونكىتى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بولغان ئاپتونوم رايوننىڭ ھاۋانىڭ ئېغىر بۇلغىنىشىغا جىددىي تاقابىل تۇرۇش بويىچە باشقۇرۇش - تىزگىنلەش سۇپىسىدا پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىنىڭ ھاۋا سۈپىتى ئەھۋالى ھەر ۋاقىت كۆرسىتىلىپ تۇرىدۇ. «سۇپا پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دۆلەت تىزگىنلەيدىغان، ئاپتونوم رايون تىزگىنلەيدىغان كۆزىتىش - ئۆلچەش نۇقتىلىرىدىكى ھاۋا سۈپىتى ئەھۋالىنى ھەر ۋاقىت كۆرسىتىپ تۇرىدۇ، ناۋادا بىنورمال ئەھۋال كۆرۈلسە، دەرھال سىگنال بېرىدۇ» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت كۆزىتىش - ئۆلچەش باش پونكىتى ئاتموسفېرا ئىشخانىسىنىڭ ئىنژېنېرى دېڭ ۋەنيۆ تونۇشتۇرۇپ.

تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىش:

بۇلغىنىشنى تۈزەشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش

ئىككى يىل پۈتۈن كۈچ بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق، تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شەھەرلەر توپىنىڭ مۇھىتى، ھاۋا سۈپىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، ئېغىر بۇلغانغان كۈن سانىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتە ئىگىلىگەن نىسبىتى تەدرىجىي تۆۋەنلىدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى.

لېكىن شۇنىمۇ جەزمەن سەگەكلىك بىلەن كۆرۈشىمىز كېرەككى، تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شەھەرلەر توپىنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىت سۈپىتىنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىش ئاساسى تېخى مۇستەھكەم ئەمەس، رايون پەسىل كىلىماتى، ناچار ھاۋارايىنىڭ تەسىرىگە ناھايىتى زور دەرىجىدە ئۇچراۋاتىدۇ، رايون ئېكولوگىيە - مۇھىتىنى قوغداشتىكى قۇرۇلما خاراكتېرلىك، مەنبە خاراكتېرلىك، يۈزلىنىش خاراكتېرلىك بېسىم تېخى تۈپتىن يېنىكلىمىدى، كەسىپ قۇرۇلمىسىدا ئېغىر سانائەتكە مايىللىشىش، ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىدا كۆمۈرگە مايىللىشىش، تىرانسپورت قۇرۇلمىسىدا تاشيولغا مايىللىشىش ئالاھىدىلىكى يەنىلا روشەن، شۇڭا، ھەر يىلى 12 - ئايدىن كېيىنكى يىلى 2 - ئايغىچە بولغان ھاۋانىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىنىشى كۆپ كۆرۈلىدىغان مەزگىلدە، يەنىلا پات - پات تۇمان، تۈتەك پەيدا بولۇپ تۇرىدۇ.

ھازىر، تارقاق كۆمۈر ئىشلىتىشنى تۈزەش ئاخىرلىشىش باسقۇچىغا كىردى، سانائەت مەنبەسى، كۆچمە مەنبە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى، نىسبەتەن ئاسان ھەل قىلغىلى بولىدىغان مەسىلىلەر ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلىندى، قالغانلىرىنىڭ ھەممىسى ھەل قىلىش قىيىن بولغان قاتتىق قىيىنچىلىقلار.

قائىدە بويىچە ئىش كۆرۈش، بىر قېلىپقا كىرىۋېلىش ھازىرقى خىزمەت ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايدۇ، بۆسۈش ھاسىل قىلىپ يېڭىلىق يارىتىش، سىستېمىلىق پىلانلاش، ئىلمىي پىلانلاش ئارقىلىقلا، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان تۈزەش يېڭى يولىنى ئاچقىلى بولىدۇ.

نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كارخانىلارنىڭ بۇلغىنىشنى تۈزەش تەدبىرلىرىدە كۆپىنچە بۇلغىما پەيدا بولغاندىن كېيىن ئاندىن ساپلاشتۇرۇش كۆزدە تۇتۇلۇپ، ئاخىرقى ئۇچنى تۈزەشكە ئەھمىيەت بېرىلىۋاتىدۇ، بايلىقتىن ئۇنىۋېرسال، ئايلانما پايدىلىنىش، بايلىقتىن پايدىلىنىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق مەنبەدىن تۈزەشتە تېخنىكا ئۆزگەرتىش پىكىر يولى كەمچىل. شۇڭا، ئاپتونوم رايون بۇلغىما چىقىرىش مىقدارى 100 توننىدىن ئاشىدىغان 135 نۇقتىلىق كارخانىغا «بىر كارخانىغا بىر تەدبىر قوللىنىش»نى يولغا قويۇشنى بېكىتكەندە، سانائەت مەنبەلىك بۇلغىنىشقا قارىتا، مۇتەخەسسىسلەر كوللېكتىپىنى تەشكىللەپ، پۈتۈن جەرياندا نۇقتىلىق كارخانىلار ئۈچۈن تومۇر تۇتۇپ يۆنىلىش بەلگىلەپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئىلغار كارخانىلارغا ئۆلچەم بويىچە توغرىلىنىپ، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ھۈنەر - سەنئىتى، بۇلغىنىشنى تۈزەش ئەسلىھەلىرىنىڭ ئۈنۈمىگە دىياگنوز قويۇشنى قانات يايدۇرۇپ، بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىش لايىھەسىنى ئىلمىي تۈزدى.

شىنجاڭ جۇڭخې پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭدا يۇقىرى ساپلىقتىكى ئاليۇمىن (ئېلېكتىرولىزلاش ھۈنەر - سەنئىتى)نى پەۋقۇلئاددە تۆۋەن بۇلغىما چىقىرىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى ئەڭ بالدۇر قانات يايدۇرۇپ، يېڭى تېخنىكا ھۈنەر - سەنئىتىنى قوللىنىپ، ئەنئەنىۋى ئېلېكتىرولىزلانغان ئاليۇمىن ئىشلەپچىقىرىش ھۈنەر - سەنئىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ لايىھەلەپ، ئۆزگەرتىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى تۆۋەنلىتىش بىلەن بىللە تەننەرخنى تېجىدى.

«پەۋقۇلئاددە تۆۋەن بۇلغىما چىقىرىش ئۆلچىمىگە يەتكەندىن كېيىن داۋاملىق ئۆزگەرتىش بوشلۇقى چوڭ بولمايدۇ، تېخنىكا يېڭىلاشنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ھۈنەر - سەنئىتىنى ئەلالاشتۇرغاندىلا، بۇلغىما چىقىرىشنى يەنىمۇ ئازايتقىلى بولىدۇ» دېدى بۇ شىركەتنىڭ بىخەتەرلىك - مۇھىت رېۋىزىيە بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى دۇڭ جياڭ.

2023 - يىلى 12 - ئايدا دۆلەت «ھاۋا سۈپىتىنى سىجىل ياخشىلاش ھەرىكەت پىلانى»نى ئېلان قىلدى. پىلاندىكى تەلەپ بويىچە، 2025 - يىلىغا بارغاندا مەملىكەت بويىچە ۋىلايەت دەرىجىلىك ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى شەھەرلەرنىڭ PM2.5 قويۇقلۇقىنى 2020 - يىلىدىكىدىن %10 تۆۋەنلىتىلىدۇ، ئېغىر ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى بۇلغانغان كۈن سانى نىسبىتىنى %1 ئىچىدە تىزگىنلىنىدۇ، بۇ ئىككى يادرولۇق نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشتا شىنجاڭنىڭ ۋەزىپىسى ئېغىر، يولى يىراق.

«ئاپتونوم رايونىمىز سانائەت مەنبەسىدىن چوڭقۇر تۈزەشكە سىجىل تۈرتكە بولۇپ، كەسىپ قۇرۇلمىسى، ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسى ۋە قاتناش - تىرانسپورت قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ تەڭشەشكە سىجىل تۈرتكە بولۇشقا كۈچ سەرپ قىلىدۇ. پولات - تۆمۈر، سېمونت، كوكسلاش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەر ھەم كۆمۈر قالايدىغان پار قازانلىرىنى پەۋقۇلئاددە تۆۋەن بۇلغىما چىقىرىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىشنى سىجىل، يۇقىرى سۈپەتلىك ئالغا سىلجىتىدۇ، ئەينەك، ھاك، مىنېرال پاختا، رەڭلىك مېتال قاتارلىق ساھەلەرنى پۈتۈن ھالقا بويىچە ئۇنىۋېرسال چوڭقۇر تۈزەشنى ئالغا سىلجىتىدۇ» دەپ بىلدۈردى ئاپتونوم رايونلۇق ئېكولوگىيە - مۇھىت نازارىتىنىڭ نازىرى قارقېن قابدىكېرەم.

ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى تۈزەشتە ئەڭ ياخشىسى يوق، پەقەت تېخىمۇ ياخشىسى بار. ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى تۈزەشنىڭ چوڭقۇر سۇ رايونىغا كىرىشىگە ئەگىشىپ، كەلگۈسىدە كەسىپ، ئېنېرگىيە، قاتناش قۇرۇلمىسىنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشىگە تېخىمۇ كۆپ تايىنىپ، كاربوننى تۆۋەنلىتىش، بۇلغىمىنى ئازايتىش، يېشىللىقنى كېڭەيتىش، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، ھاۋا سۈپىتىنى سىجىل ياخشىلاش ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، پۇقرالارنىڭ كۆك ئاسمان بەخت تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل قىلىش كېرەك.