ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز باھار بايرىمى مەزگىلىدىكى خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە بىخەتەرلىك، مۇقىملىق خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئاممىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى
پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ باھار بايرىمىنى مۇبارەكلىدى
جاڭ جۇ پائالىيەتكە قاتناشتى
1 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچىدە باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇشنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، بايراملىق بازاردا تەمىناتقا كاپالەتلىك قىلىش، بىخەتەرلىك، مۇقىملىقنى قوغداش قاتارلىق خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچى ۋوگزالىدا، ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ ئىشلەۋاتقان تۆمۈريول ئىشچ - خىزمەتچىلىرى بىلەن بىر - بىرلەپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئۇلاردىن بايراملىق ھال سورىماقتا. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى
دېھقانلار كالېندارى بويىچە يىلان يىلىدىكى باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، 1 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچىدە باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇشنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، بايراملىق بازاردا تەمىناتقا كاپالەتلىك قىلىش، بىخەتەرلىك، مۇقىملىقنى قوغداش قاتارلىق خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ئاساسىي قاتلام بىرىنچى سېپىدىكى كادىرلار، ئاممىنى يوقلىدى ۋە ھال سورىدى، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ باھار بايرىمىنىڭ خۇشال - خۇرام ئۆتۈشىگە، يىلان يىلىنىڭ قۇتلۇق بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى. ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ باھار بايرىمى مەزگىلىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، «دائىم غېمىدە بولۇش» مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە بازار تەمىناتى خىزمىتىنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن ياخشى ئىشلەپ، خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى ھەقىقىي ئاشۇرۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كاتتا باھار بايرىمىنى خۇشال - خۇرام، تىنچ - ئامان، ئىناق ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ جۇ پائالىيەتكە قاتناشتى.
باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى ۋوگزالى ئادەتتىن تاشقىرى ئالدىراشلىققا تولغان بولۇپ، ھەر مىللەت ئامما تەرتىپلىك سەپەرگە چىقىۋاتاتتى. ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز ۋوگزال سۇپىسىغا چىقىپ، ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ ئىشلەۋاتقان تۆمۈريول ئىشچى - خىزمەتچىلىرى بىلەن بىر - بىرلەپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئۇلاردىن بايراملىق ئەھۋال سورىدى، ھەمدە ۋوگزالغا كىرىش - چىقىشنى باشقۇرۇش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى، باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش ئىشخانىسىغا كىرىپ، باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش خىزمىتى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى تەپسىلىي ئاڭلاپ، يولۇچىلار مىقدارىنىڭ ئۆزگىرىشى، ماسلاشتۇرۇپ تەشكىللەش، يولۇچىلارغا مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى. ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇشنىڭ قانۇنىيىتى، ئالاھىدىلىكىنى ئىگىلەپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، نۇقتىلىق ۋاقىت بۆلىكى، نۇقتىلىق رايون، قىزىق نۇقتىلىق لىنىيەلەردە توشۇش كۈچى سەپلەش ۋە تەشكىللەپ ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۇنىۋېرسال تىرانسپورت جەھەتتىكى ماسلاشتۇرۇش، جىپسىلاشتۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قاندۇرۇش كېرەك. مۇلازىمەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، تىرىشىپ تېخىمۇ كۆپ سەمىمىي، ئىللىق، يېقىشلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تىنچ - ئامان، قولاي، ئىللىق سەپەرگە چىقىشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
باھار بايرىمى كېلەي دەپ قالدى، ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز خەلق تۇرمۇشى تاۋارلىرى بىلەن تەمىنلەش ئەھۋالىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى، ئۇلار ئۈرۈمچى شىنليەن يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى ئۇنىۋېرسال بازىرىغا كېلىپ، مېۋە، گۈل - گىياھ، قوي - كالا گۆشى سېتىش رايونىغا كىرىپ، بايراملىق تاۋارلارغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە سېتىش - سېتىۋېلىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي كۆزدىن كەچۈردى. ئىشلەپچىقىرىلغان جاي قەيەر؟ سېتىلىش مىقدارى قانداقراق؟ باھاسىدا ئۆزگىرىش بارمۇ - يوق؟ ما شىڭرۇي پات - پات يايما ئورۇنلىرى ئالدىدا قەدىمىنى توختىتىپ، تىجارەتچىلەر بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ھەقىقىي تۈردە پۇقرالارنىڭ كۆكتات، مېۋە، گۆش ئىستېمالىغا ياخشى كاپالەتلىك قىلىپ، ئاشلىق، ياغ، گۆش، تۇخۇم، سۈت، مېۋە، كۆكتات قاتارلىق مۇھىم خەلق تۇرمۇشى تاۋارلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش - سېتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تاۋار تۈرلىرى ۋە بازار تەمىناتىنى بېيىتىپ، يېتەرلىك تەمىنلەش، باھا مۇۋاپىق بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش بويىچە قانۇن ئىجراسىنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى خاتىرجەم سېتىۋېلىش، خاتىرجەم ئىستېمال قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، يېمەك - ئىچمەك بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي ياخشى قوغداش كېرەك.
ئۈرۈمچى جياشىڭ كوچىسى خۇەنچىڭ پوجاڭزا - ساليۇت سېتىش دۇكىنىغا كەلگەندە، ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز پوجاڭزا - ساليۇت مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش، باھا ۋە بىخەتەرلىك باشقۇرۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىدى، ئۈرۈمچىدىكى ئالاقىدار تەرەپلەر ۋە دۇكان مەسئۇللىرىغا ئامبار بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ ۋە كۈچەيتىپ، بىخەتەرلىك تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلاشنى؛ ئاساسىي قاتلام مەھەللىلىرىگە ئاممىنىڭ پوجاڭزا - ساليۇت ئېتىش پائالىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش ۋە باشقۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، بىخەتەرلىك ھادىسىسى يۈزبېرىشتىن ساقلىنىشنى تاپىلىدى. ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، بايرام مەزگىلىدىكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى قاتتىق، ئىنچىكە، ياخشى تۇتۇپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنى چوڭقۇر، بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ تۈگىتىپ، قەتئىي تۈردە خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز يەنە ئۈرۈمچى شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى جەنۇبىي نەنخۇ يولى ساقچىخانىسىغا كېلىپ، بىرىنچى سەپتىكى خەلق ساقچىلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى، بايرام مەزگىلىدىكى مۇقىملىقنى قوغداش بويىچە ۋەزىپە ئۆتەشكە تەييار تۇرۇش، ئامانلىق باشقۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەر توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى. ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: «جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باشتىن - ئاخىر باش ئورۇنغا قويۇش» تەلىپىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىقنى قوغداش كۈچلىرىنى ئاساسىي قاتلامغا ئەۋەتىش مېخانىزمىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، مۇقىملىقنى قوغداشقا دائىر تۈرلۈك تەدبىرلەرنى پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلققە قولايلىق يارىتىش، خەلققە پايدىلىق ئىش قىلىش، خەلقنى خاتىرجەم قىلىش خىزمىتىنى ئىنچىكە، ياخشى ئىشلەپ، بايرام مەزگىلىدە تەرتىپنىڭ ياخشى، جەمئىيەتنىڭ تىنچ - ئامان بولۇشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى بايرامنى تىنچ - ئامان، بەختلىك ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. ما شىڭرۇي مۇنداق دېدى: باھار بايرىمى مەزگىلىدە، گۇڭئەن خەلق ساقچىلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ، كۆپچىلىك جاپا چەكتىڭلار. ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار ئاساسىي قاتلامدىكى كادىر - ساقچىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، كۆيۈنۈش سالمىقىنى زورايتىپ، ساقچىلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈش، ساقچىلارغا كۆيۈنۈشكە دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.
ما شىڭرۇي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا مۇنداق تەكىتلىدى: باھار بايرىمى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئەنئەنىۋى بايرىمى، ھەربىر تۈرلۈك تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش خەلق تۇرمۇشى ھال - ئەھۋالىغا باغلىنىشلىق، ھەربىر قېتىملىق مۇلازىمەت قىلىش، باشقۇرۇش ھەممە ئائىلىنىڭ خاتىرجەملىكى، خۇشاللىقىغا مۇناسىۋەتلىك. پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت، بولۇپمۇ ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار ھەقىقىي تۈردە خەلق ئاممىسىنى قەلبىگە پۈكۈپ، مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، تەشكىللەش، ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا كۆڭۈل بۆلۈش، باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇشنى ئورۇنلاشتۇرۇش، بازار تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش، مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئەمەلىي ئىشلارنى كۈچەپ ياخشى بېجىرىپ، ھەر مىللەت ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى زور يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنىڭ بىرتۇتاش ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، مەسئۇلىيەتنى بىلىش، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشتىكى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ھەممە ئائىلىنىڭ خاتىرجەم - ئىناق بولۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغدىشى كېرەك.
قادېن كەبىن پائالىيەتكە قاتناشتى.