ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسى بەنزىسى 2024 - يىللىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئاچتى
جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش كېرەك
پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپى ھەم ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، 1 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسى بەنزىسى 2024 - يىللىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئاچتى، يىغىندا «شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش - تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيە ئىنتىزامىنىڭ تەربىيەلەش، چەكلەش، كاپالەتلەندۈرۈش، رىغبەتلەندۈرۈش رولىنى ئۇنىۋېرسال جارى قىلدۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك ئىنتىزام كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش»تىن ئىبارەت بۇ باش تېمىنى چۆرىدەپ، ئىدىيە، ئىستىل ۋە خىزمەت ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تېپىپ چىقىپ، ئىدىيەۋى مەنبەسىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، تەنقىد ۋە ئۆز - ئۆزىنى تەنقىد قىلىش كەسكىن، ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، رەئىس نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم خۇلاسە سۆزى قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىدىكى ئالاقىدار يولداشلار يىغىنغا كېلىپ يېتەكچىلىك قىلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسى بۇ قېتىمقى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى ياخشى ئېچىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. يىغىندىن بۇرۇن، خىزمەت لايىھەسى تۈزۈپ، كوللېكتىپ ئۆگىنىش ۋە مۇھاكىمىنى قانات يايدۇرۇپ، كەڭ دائىرىدە پىكىر ئاڭلاپ، چوڭقۇر سىردىشىپ، سۆھبەتلىشىپ، چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، تەكشۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈش ماتېرىيالىنى كۆڭۈل قويۇپ تەييارلاپ، يىغىننى ياخشى ئېچىش ئۈچۈن ئىدىيە ئاساسى، خىزمەت ئاساسى ۋە ئاممىۋى ئاساسنى پۇختىلىدى.
يىغىندا، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرغاندىن بۇيانقى ئالاقىدار دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى بويىچە تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى، بۇ قېتىمقى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىغا تەييارلىق قىلىش ۋە پىكىر ئېلىش ئەھۋالى يازما ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى.
نۇرلان ئەبىلمەجىن ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسى بەنزىسىگە ۋاكالىتەن سېلىشتۇرۇپ تەكشۈردى ھەم باشلامچىلىق بىلەن ئۆزىنى سېلىشتۇرۇپ تەكشۈردى. پارتىيە گۇرۇپپىسى بەنزىسىنىڭ باشقا ئەزالىرى تەرتىپ بويىچە سېلىشتۇرۇپ تەكشۈردى، ھەم ئۆزئارا تەنقىدنى قانات يايدۇردى. كۆپچىلىك باش تېمىنى چىڭ كۆزلەپ، «تۆتتە باشلامچى بولۇش» قاتارلىق تەلەپلەرگە سېلىشتۇرۇپ، لى پېڭشىن، خەن يۇڭ، دوۋ ۋەنگۇي قاتارلىقلارنىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشتەك سەلبىي تىپىك دېلو مىسالىغا بىرلەشتۈرۈپ، مەسىلىلەرنى يوشۇرماي سۆزلەپ، ئۆز - ئۆزىنى تەنقىد قىلىشتا يېتەرسىزلىكلەرنى دادىل ئېچىپ تاشلاپ، ئۆزئارا تەنقىد قىلىشتا دەل جايىغا تەگكۈزۈپ، كۆزلىگەن مەقسەتكە يەتتى.
نۇرلان ئەبىلمەجىن سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، سىياسىي سادىقلىقنى مۇستەھكەملەپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك. نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈپ، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش؛ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، دىققەتنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، ئىشلارنى پىلانلاشتا تىرىشچان بولۇش، ئىش قىلىشتا ئىنچىكە بولۇش، ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشتا ئەمەلىي بولۇشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش؛ توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پائال مەسلىھەت ۋە تەكلىپ بېرىپ، ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەش؛ ئىستىلنى ھەقىقىي ياخشىلاپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىدىغان ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيەنى ئۈزلۈكسىز بەرپا قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇش كېرەك.