ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسى 2024 - يىللىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئاچتى
گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يېڭى تۆھپىسىنى قوشۇش كېرەك
پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپى ھەم ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، 1 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسى 2024 - يىللىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئاچتى، يىغىندا «شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش - تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيە ئىنتىزامىنىڭ تەربىيەلەش، چەكلەش، كاپالەتلەندۈرۈش، رىغبەتلەندۈرۈش رولىنى ئۇنىۋېرسال جارى قىلدۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك ئىنتىزام كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش»تىن ئىبارەت بۇ باش تېمىنى چۆرىدەپ، ئىدىيە، ئىستىل ۋە خىزمەت ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تېپىپ چىقىپ، ئىدىيەۋى مەنبەسىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، تەنقىد ۋە ئۆز - ئۆزىنى تەنقىد قىلىش كەسكىن، ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر زۇمرەت ئوبۇل يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم خۇلاسە سۆزى قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىدىكى ئالاقىدار يولداشلار يىغىنغا كېلىپ يېتەكچىلىك قىلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسى بۇ قېتىمقى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى ياخشى ئېچىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، خىزمەت لايىھەسىنى ئەتراپلىق تۈزۈپ، تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، كوللېكتىپ ئۆگىنىش ۋە مۇھاكىمىنى قانات يايدۇرۇپ، كەڭ دائىرىدە پىكىر - تەكلىپ ئېلىپ، سىردىشىش، سۆھبەتلىشىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈش ماتېرىيالىنى ئەستايىدىل يېزىپ، يىغىننى ياخشى ئېچىش ئۈچۈن ئىدىيە ئاساسى، خىزمەت ئاساسى ۋە ئاممىۋى ئاساسنى پۇختىلىدى.
يىغىندا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسىدىن بۇيانقى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئالاقىدار دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى بويىچە تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى، بۇ قېتىمقى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىغا پىكىر - تەكلىپ ئېلىش ئەھۋالى ھەمدە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجرا قىلىش ئەھۋالى ۋە 2024 - يىللىق شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش خىزمىتى ئەھۋالى يازما ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى.
زۇمرەت ئوبۇل ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسى بەنزىسىگە ۋاكالىتەن سېلىشتۇرۇپ تەكشۈردى ھەم باشلامچىلىق بىلەن ئۆزىنى سېلىشتۇرۇپ تەكشۈردى. پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ باشقا ئەزالىرى بىر - بىرلەپ سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈپ، ئۆزئارا تەنقىدنى قانات يايدۇردى. كۆپچىلىك يىغىن باش تېمىسىنى چۆرىدەپ، «تۆتتە باشلامچى بولۇش» قاتارلىق تەلەپلەرگە سېلىشتۇرۇپ، لى پېڭشىن، خەن يۇڭ، دوۋ ۋەنگۇي قاتارلىقلارنىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشتەك سەلبىي تىپىك دېلو مىسالىغا بىرلەشتۈرۈپ، مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، مەنبەنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، ئادەمنى كۆرۈش، ئىشنى بىلىش، ئىدىيەنى تونۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كۆزلىگەن ئۈنۈمگە ئېرىشتى.
زۇمرەت ئوبۇل سۆزىدە مۇنداق تەكىتلىدى: باشتىن - ئاخىر بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىشنى بىرىنچى تەلەپ قىلىپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قانۇن، قانۇنلاردا يۈكلەنگەن تۈرلۈك ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، مەركىزىي خىزمەتنى چۆرىدەپ، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش كېرەك. پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش - تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىدىيەۋى مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەپ، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، تۈرلۈك ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك ھادىسىلىرىگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىش كېرەك. پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىدىغان ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيەنى كۈچەپ بەرپا قىلىش كېرەك.