− ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلىش پەيتىدە
يىللار تەرتىپ بويىچە ئالمىشىپ، يېڭى شانلىق سەھىپە ئېچىلدى. تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا، توغرا كەيپىيات ئەۋج ئالدى.
يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، 2024 - يىلىنى ئەسلىسەك، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئۆزلۈك ئىنقىلابى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى مەركەزلىك تۈزەپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پاك شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر راۋاجلاندۇردى.
بۇ، قەدەمنى پۇختا ئېلىپ، سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرغان بىر يىل − پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى سىياسىي سەگەكلىك، سىياسىي ئاڭلىقلىق باشتىن - ئاخىر ساقلىنىپ، ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيەت ۋە «بىر ئىش ئورنى، قوش مەسئۇلىيەت» ھەقىقىي ئادا قىلىنىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە مۇستەھكەملەندى ۋە راۋاجلاندۇرۇلدى.
بۇ، ئەسلىي مەقسەت ئەمەلدە كۆرسىتىلىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلغان بىر يىل − چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش يۇقىرى بېسىم ھالىتى سىجىل ساقلىنىپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى مەركەزلىك تۈزەش چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇپ، چىرىكلىك پەيدا بولىدىغان تۇپراق ۋە شارائىت كۈچەپ يوقىتىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىغا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇلدى.
بۇ، ئىدىيە تاۋلانغان، ئىستىل پۇختىلانغان بىر يىل − تۈزىتىش بىلەن يېڭى ئىستىل تىكلەشنى تەڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، ئۈزۈل - كېسىل ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھى ۋە پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىش جاسارىتى بىلەن ھەقىقىي قول سېلىنىپ قىيىنىغا تېگىش قىلىندى، نىشاننى بېكىتىپ تۈزەش يولغا قويۇلدى، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇش، پاك - دۇرۇس بولۇشتەك يېڭى ئىستىل، توغرا كەيپىيات ئۈزلۈكسىز ئەۋج ئالدۇرۇلدى.
سىياسىي نازارەتچىلىكنى دائىملىق، ئۇزاق ئۈنۈملۈك كۈچەيتىش
سىياسىي نازارەتچىلىك پارتىيەنىڭ سىياسىي لۇشيەنىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم كاپالىتى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرىنىڭ مۇھىم مەسئۇلىيىتى.
2024 - يىلى، شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ مۇھىم تەدبىرلىرىنى چىڭ كۆزلەپ، دىققەتنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، سىياسىي نازارەتچىلىكنى سىجىل كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلدى.
شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى چىڭ كۆزلەپ، دىققەتنى جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىش، «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايونى ۋە شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، «ئون چوڭ كەسىپ توپى» بەرپا قىلىش قاتارلىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش داۋامىدا پوزىتسىيە، مەسئۇلىيەت ۋە ئىستىل مەسىلىلىرىگە چىڭ قادىلىپ، نازارەت قىلىش ۋە تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي جەھەتتىكى ئېغىشنى ۋاقتىدا بايقاپ ۋە تۈزەپ، يوشۇرۇن خەۋپ - خەتىرى زور بولغان ساھە خاراكتېرلىك، سىستېما خاراكتېرلىك، رايون خاراكتېرلىك ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى قەتئىي ئېنىقلاپ، سىياسەتنىڭ ئەمەلىيلىشىشى، مەسئۇلىيەتنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان بىر تۈركۈم گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپ، كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك سىياسىي نازارەتچىلىك ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن توسالغۇلارنى تازىلاپ يولنى راۋانلاشتۇردى.
سىياسىي نازارەتچىلىكنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا جەزمەن نىشان مەركىزىنى كۆزلەپ، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىش كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى دىققەتنى «ئىككىنى قوغداش»قا مەركەزلەشتۈرۈپ، سىياسىي نازارەتچىلىكنىڭ كونكرېتلىشىشى، تۈجۈپىلىشىشى، دائىملىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى بىرىنچى سىياسىي مۇھىم شەرت قىلىپ، سىياسىي نازارەتچىلىكتىكى نۇقتىلىق تىزىملىك ۋە خىزمەت خاتىرىسىنى تۈرمۇتۈر رەتلەپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش، قايتما ئىنكاس بويىچە تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش، «قايتا قاراپ چىقىش»تىن ئىبارەت پۈتۈن جەريانلىق نازارەتچىلىك يېپىق ھالقىسىنى بەرپا قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئىجرا قىلىشتا ئېغىپ كەتمەسلىك، ئۆزگىرىپ كەتمەسلىك، قېيىپ كەتمەسلىككە تۈرتكە بولدى.
شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار»غا چىڭ قادىلىپ، سۆھبەتلىشىش - سەمىگە سېلىش، مەسئۇلىيىتى ۋە پاكلىق ئەھۋالىدىن دوكلات بېرىش، ئەرزىيەت بويىچە تەھلىل قىلىش، ئىبرەت تەربىيەسى قاتارلىق مېخانىزملاردىن دائىملىق ياخشى پايدىلىنىپ، ھەر دەرىجىلىك «بىرىنچى باشلىق»لار ۋە رەھبەرلىك بەنزىلىرىنىڭ ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئادا قىلىپ، تەۋەلىكنى قاتتىق باشقۇرۇپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتىكى مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىشىغا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلدى.
پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئاممىنىڭ ئەتراپىغىچە ئۇزارتىشقا تۈرتكە بولۇش
ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى تۈزەش پۇقرالار ئارزۇ قىلىدىغان ئەمەلىي ئىش، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئۇلىغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى مەركەزلىك تۈزەش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كۆپ قېتىم يىغىن ئېچىپ مۇھاكىمە قىلىپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت ئاساسلىق مەسئۇل بولىدىغان، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى باش بولۇپ ئومۇمىي جەھەتتىن تۇتىدىغان، تارماقلار ماسلىشىپ تۈرتكە بولىدىغان، شەھەر، ناھىيەلەر ئاساسلىق تۇتۇپ ئاساسلىق جەڭ قىلىدىغان خىزمەت ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، مەركەزلىك تۈزەشتە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.
شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى مەركەزلىك تۈزەشنى خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇشتىكى كونكرېت تەدبىر قىلىپ، مائارىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، داۋالىنىش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى ساھەلىرىدىكى ئاغرىق نۇقتا، قىيىن نۇقتىلارغا چىڭ قادىلىپ، ئۆز جايى، ئۆز تارمىقىدىكى ئامما ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، ئىنكاس كۈچلۈك بولۇۋاتقان ۋە قايتا - قايتا كۆرۈلۈۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، تۈرلەشتۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق مەركەزلىك تۈزەشنى قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى «نەپسانىيەتچى چىۋىن، چىرىكلەشكەن چۈمۈلە»لەرنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئاساسىي قاتلامغىچە ئۇزارتىلىشى، ئاممىنىڭ ئەتراپىغىچە ئۇزارتىلىشىغا تۈرتكە بولدى.
«مەكتەپ تامىقى»نى باشقۇرۇش مەسىلىسىنى كۈچلۈك تۈزەپ، ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى قوغدىدى؛ يېزىلاردىكى كوللېكتىپ مەبلەغ، كوللېكتىپ مۈلۈك، كوللېكتىپ بايلىقنى باشقۇرۇشتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ تۈزەپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ماددىي ئاساسىنى مۇستەھكەملىدى؛ تېبابەت - دورىگەرلىك ساھەسىدىكى قالايمىقان ئەھۋاللارنى چوڭقۇر تەرتىپكە سېلىپ، «كېسەل كۆرسىتىش قىيىن بولۇش» «كېسەل كۆرسىتىش قىممەت بولۇش» قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولدى؛ شەھەر - بازارلارنىڭ يېقىلغۇ گاز بىخەتەرلىكىگە چىڭ قادىلىپ، يوشۇرۇن خەۋپنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ بايقاشقا تۈرتكە بولدى... شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، يەنى ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان ئىشلاردىن تۈزەشنىڭ كۈچەش نۇقتىسى ۋە بۆسۈش ئېغىزىنى دەل جايىدا تېپىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە 150 نۇقتىلىق تۈرنى تەرتىپكە سېلىشنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتتى. ھەربىر تۈرلۈك كونكرېت تەدبىر، ھەربىر گۇرۇپپا تەپسىلىي سانلىق مەلۇمات، ھەربىر جانلىق مىسال ئارقىلىق خەلق ئۈچۈن ئىنتىزام ئىجرا قىلىش، قانۇن ئىجرا قىلىش، خەلق ئۈچۈن ئىستىل تۈزىتىش، قالايمىقانچىلىقنى تۈزەشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتتى.
«چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىق»نى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىش
يېڭى مۇساپىدىكى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە، چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىشتا جەزمەن چىڭ تۇرۇپ، چىرىكلىك پەيدا بولىدىغان تۇپراق ۋە شارائىتنى يوقىتىشقا سىجىل كۈچەش كېرەك.
2024 - يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئارشاڭ ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ سابىق شۇجىسى جېڭ بىن، قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ سابىق ئەزاسى ۋېن فۇلەي، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك خىزمەت كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، سابىق مۇئاۋىن مۇدىر ئەمەرجان ئاۋۇت قاتارلىق بىرقانچە پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرنىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقتىن ئىنتىزام ۋە رېۋىزىيە جەھەتتىن تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئېلان قىلىپ، چىرىكلىككە جەزمەن قارشى تۇرۇش، پارىخورلۇقنى جەزمەن تازىلاشتەك قەتئىي ئىرادىسىنى تولۇق نامايان قىلدى.
شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى چەكلەنگەن رايون بولماسلىق، تولۇق قاپلاش، قەتئىي يول قويماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە، دۆلەت كارخانىلىرى، ئېنېرگىيە، ئاساس قۇرۇلۇش ۋە خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار بولۇش قاتارلىق ھوقۇق مەركەزلەشكەن، مەبلەغ كۆجۈملەشكەن، بايلىق توپلاشقان ساھەلەردىكى چىرىكلىكنى تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چىرىكلىكنى جازالاش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى باشتىن - ئاخىر ساقلاپ، «چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق» تىن ئىبارەت چۆچۈتۈش ھالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، «تۆت خىل ھالەت»نى دەل جايىدا تەتبىقلاشنى يۆنىلىش قىلىش ئارقىلىق ئىنتىزام ئىجراسىنى چىڭىتىپ، «ئۈچنى پەرقلەندۈرۈش»نى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قاتتىق باشقۇرۇش - نازارەت قىلىش بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشقا رىغبەتلەندۈرۈشنىڭ بىردەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. يۇقىرى بېسىملىق چۆچۈتۈش ۋە سىياسەتنىڭ تۈرتكىسىدە، كۆپ ئادەم تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزىنى مەلۇم قىلدى.
ئىستىل قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى، شۇنداقلا ئۇزاققا سوزۇلىدىغان جەڭ. شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى دائىملىق، ئۇزاق ئۈنۈملۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش، تۈزۈم قۇرۇلۇشى، تەربىيەلەپ يېتەكلەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، مەخسۇس تەكشۈرۈش، ئاشكارا كۆزىتىپ يوشۇرۇن تەكشۈرۈش، قاتتىق تەكشۈرۈپ تېز بىر تەرەپ قىلىش، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ ئاشكارىلاش قاتارلىق ئۈنۈملۈك ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، دەل جايىدا تۈزىدى، بوشاشماي كۈرەش قىلدى. تۆت خاھىش بىلەن چىرىكلىكنى تەڭ تەكشۈرۈش، تەڭ تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەم «تۆت خاھىشتىن كېلىپ چىققان چىرىكلىكنى تەكشۈرۈش» ئارقىلىق «تۆت خاھىش»نىڭ ئارقىسىدىكى مەنپەئەت ئالماشتۇرۇش مەسىلىسىنى چوڭقۇر قېزىپ، ھەم «چىرىكلىكتىن كېلىپ چىققان تۆت خاھىشنى تۈزىتىش» ئارقىلىق چىرىكلىكنىڭ ئارقىسىدىكى راھەت - پاراغەتكە بېرىلىش قاتارلىق ئىستىل مەسىلىلىرىنى ئىنچىكە تەكشۈرۈپ، تۆت خاھىش بىلەن چىرىكلىك بىرلىشىپ كەتكەن زەنجىرنى قەتئىي ئۈزۈپ تاشلىدى.
دېلونى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش مەقسەت ئەمەس، تۈزەشكە تۈرتكە بولۇش نېگىز. شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى دېلو ئارقىلىق تۈزىتىشكە تۈرتكە بولۇش، دېلو ئارقىلىق تۈزەشكە تۈرتكە بولۇشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دېلونى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشتىكى «كېيىنكى باسقۇچلۇق ئىش»نى دائىملىق ياخشى ئىشلەپ، ئايرىم دېلونى ئانالىز قىلىش، ئوخشاش تۈردىكى دېلولارنى تەھلىل قىلىشنى كۈچەيتىپ، دېلودا ئاشكارىلانغان مەسىلىلەرگە قارىتا ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە تەكلىپىنى دەل جايىدا ئوتتۇرىغا قويۇپ، «بىر دېلو ئارقىلىق تۈزىتىش»تىن «بىر رايوننى تۈزەش»كە ئۆتۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، «چىرىكلىشەلمەسلىك»چەكلىمىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى.
چىرىكلىك پەيدا بولىدىغان تۇپراق ۋە شارائىتنى يوقىتىشتا، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ۋە يېڭى دەۋردىكى پاكلىق مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشىنى جەزمەن كۈچەيتىش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىغا ھەمكارلىشىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش - تەربىيەسى بويىچە ئىبرەت تەربىيەسى يىغىنى ئاچتى، يېڭىدىن ئۆزگەرتىلگەن «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى»نى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە مەخسۇس تېمىدا كونسۇلتاتسىيە لېكسىيەسى ئۇيۇشتۇردى، ئاپتونوم رايوننىڭ 26 - قېتىملىق پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى تەربىيەسى ئېيى پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، «ئىنتىزام <ئاگاھ پالىقى>نى ئېگىز كۆتۈرۈش» «ئۆتكۈر شەمشەر ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىنى قوغداش» قاتارلىق نۇرغۇن ئىبرەت تەربىيەسى فىلىملىرىنى ئىشلىدى، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى شىنجاڭ ئىبرەت تەربىيەسى مەركىزىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا تۈركۈمگە بۆلۈپ تەشكىللەپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى «چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىق» ئاڭلىقلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە تەربىيەلىدى، يېتەكلىدى.
ئۆتكۈر شەمشەرنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، كۆزىتىش - تەكشۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش
كۆزىتىش پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشنىڭ مۇھىم ئۇسۇلى، تۈپ ۋەزىپىسى «ئىككىنى قوغداش».
«باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما تەلەپلىرىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى مۇساپىدە كۆزىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سىياسىي كۆزىتىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ كۆزىتىش - تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك.» 2024 - يىلى 5 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، ئاپتونوم رايون بويىچە كۆزىتىش - تەكشۈرۈش خىزمىتى يىغىنى ھەم 10 - نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ 5 - نۆۋەتلىك كۆزىتىشكە سەپەرۋەرلىك - ئورۇنلاشتۇرما قىلىش يىغىنى ئېچىلدى، بۇ، يېڭىدىن ئۆزگەرتىلگەن «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى نىزامى» ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئاچقان تۇنجى قېتىملىق ئاپتونوم رايون بويىچە كۆزىتىش - تەكشۈرۈش خىزمىتى يىغىنى بولۇپ، كۆزىتىش خىزمىتى نىزامىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.
بىر يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى كۆپ قېتىم دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئېچىپ، كۆزىتىش خىزمىتىنى مۇھاكىمە قىلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىنىڭ ئالاقىلىشىدىغان رايون ۋە مەسئۇل ئورۇنلارنىڭ كۆزىتىش بويىچە قايتما ئىنكاس قىلىش يىغىنىغا قاتنىشىش تۈزۈمىنى باشلامچىلىق بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆزىتىش، تەكشۈرۈش بويىچە تۈزىتىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتتى ۋە پۇختىلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى ئورگىنى، پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى تۈزىتىشنى دائىملىق نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى كۆزىتىش ئىشخانىسى بىرتۇتاش پىلانلاش - ھەيدەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئالاقىدار فۇنكسىيەلىك تارماقلار نەتىجىلەردىن پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، كۆزىتىش بويىچە نازارەت قىلىش، تۈزىتىش، تۈزەشنى ئورگانىك تۇتاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.
«ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي تۈردە كۆزىتىشتىكى تۈپ ۋەزىپە قىلىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە كۆزىتىش - تەكشۈرۈش كادىرلىرىنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى نىزامىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەخسۇس كونسۇلتاتسىيە يىغىنى، ئاپتونوم رايون بويىچە كۆزىتىش - تەكشۈرۈش خىزمىتى يىغىنى قاتارلىقلارنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ 4 -، 5 - نۆۋەتلىك دائىملىق كۆزىتىش ۋە كۆزىتىش بويىچە «قايتا قاراپ چىقىش»نى تاماملاپ، 6 - نۆۋەتلىك دائىملىق كۆزىتىشنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتتى. كەنتلەرنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئېچىپ، باغچە رايون (تەرەققىيات رايونى)لىرىغا قارىتا، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتە يۇقىرى - تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولۇش بويىچە كۆزىتىش - تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، ۋىلايەت، ناھىيە ۋە ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلارنىڭ كۆزىتىش - تەكشۈرۈش بىلەن تولۇق قاپلىنىشىنى تەرتىپلىك، ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، كۆزىتىش - تەكشۈرۈشنىڭ سىستېما ئەۋزەللىكى ۋە ئۆتكۈر شەمشەرلىك رولىنى سىجىل نامايان قىلدى.
بوران - چاپقۇنلۇق ئىمتىھانغا بېرىش يولىدا، جەڭ دۇمبىقىنى چېلىپ يەنە سەپەرگە ئاتلاندى. شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى مەركىزىي خىزمەتنى زىچ چۆرىدەپ، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، ئىسلاھات روھى ۋە قاتتىق ئۆلچەم ئارقىلىق پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى يېڭى نەتىجىلەر ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.