ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى بەنزىسى 2024 - يىللىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى ياخشى ئېچىش توغرىسىدا كوللېكتىپ ئۆگىنىش، مۇھاكىمىنى قانات يايدۇردى
پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش - تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى ياخشى ئېچىش ئۈچۈن ئىدىيە ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك
ما شىڭرۇي رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى
ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، خې جۇڭيوۋ، چېن مىڭگو قاتناشتى
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى بەنزىسىنىڭ 2024 - يىللىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى پۇختا ياخشى ئېچىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 1 - ئاينىڭ 15 - كۈنى كوللېكتىپ ئۆگىنىش، مۇھاكىمىنى مەخسۇس قانات يايدۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى ۋە پارتىيەنىڭ ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش - تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى ياخشى ئېچىش ئۈچۈن ئىدىيە ئاساسىنى پۇختىلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.
يىغىندا ئەركىن تۇنىياز، خې جۇڭيوۋ، تيەن شياڭلى، ۋاڭ لىن سۆز قىلدى. زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، چېن مىڭگو ئۆگىنىش، مۇھاكىمىگە قاتناشتى. سۆز قىلغان يولداشلار مۇنداق بىلدۈردى: يېڭى دەۋردە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا تارىخىي، ئىجادىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى، ھەر تەرەپلىمە، چوڭقۇر قاتلاملىق تەسىر پەيدا قىلىشى تۈپ نېگىزىدىن ئېيتقاندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسى بولۇپ رول تۇتۇپ يول باشلىغانلىقىدىن بولدى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن بولدى. سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىدىغان قەيسەرلىك ۋە قەتئىيلىكنى باشتىن - ئاخىر ساقلاپ، ئاڭلىق ھالدا ئىنتىزامنى ئۆگىنىش، ئىنتىزامنى بىلىش، ئىنتىزامنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىشتىكى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.
ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيەنىڭ ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشىغا كىرگۈزۈپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتا كەڭ قول بولۇش، بوش بولۇش، يۇمشاق قول بولۇش ئەھۋالىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىپ، پارتىيەنىڭ ئىنقىلاب خاراكتېرلىك تاۋلىنىش داۋامىدا تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇشىغا تۈرتكە بولدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيەنىڭ ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىشنى چۆرىدەپ بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش، يېڭى تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭى مۇساپىدە پارتىيەنىڭ ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش، ئىسلاھات روھى ۋە قاتتىق ئۆلچەم ئارقىلىق پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ھەم پارتىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلىرىغا بېرىلگەن سەمىمىي ئاگاھلاندۇرۇش، ھەم پۈتۈن پارتىيەگە ئۆتۈلگەن بىر قېتىملىق روھنى ئويغىتىدىغان پارتىيە دەرسى بولدى. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا باش شۇجىغا توغرىلىنىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا توغرىلىنىپ، ھەقىقىي تۈردە ئىنتىزام، قائىدىنى سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىغا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.
ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش - تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيە ئىنتىزامى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە ياخشى رەھبەرلىك قىلغۇچى، ياخشى ئىجرا قىلغۇچى، ياخشى تۈرتكە بولغۇچىلاردىن بولۇش كېرەك. پارتىيەۋىلىكنى قەتئىي بوشاشماي تاۋلاپ كۈچەيتىپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، بولۇپمۇ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈپ، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەگە سادىق بولۇشنى ھەقىقىي مۇستەھكەملەپ، قەتئىي تەۋرەنمەي باش شۇجى كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىشنى بويلاپ باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش كېرەك. سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، «يەتتە خىل قىلمىش» بىلەن شۇغۇللىنىشقا ھەرگىز يول قويماي، زور پىرىنسىپال مەسىلىلەر ۋە چوڭ ھەق - چوڭ ناھەق مەسىلىلىرى ئالدىدا باشتىن - ئاخىر مەيدانى مۇستەھكەم، بايرىقى روشەن، كۈرەشتە قەتئىي بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي ئىنتىزامنى چىڭىتىش ئارقىلىق تۈرلۈك ئىنتىزامنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاتتىق بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئىنتىزام تەربىيەسىنىڭ چەكلەش ۋە كاپالەتلەندۈرۈش، رىغبەتلەندۈرۈش رولىنى ئۇنىۋېرسال جارى قىلدۇرۇپ، قاتتىق باشقۇرۇش - نازارەت قىلىش بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسى، پارتىيە ئىنتىزامىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، رىئايە قىلىپ ۋە ئۇنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ نەتىجە ياراتقۇچىلارغا يار - يۆلەك بولۇپ، ئىلھام بېرىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى خالايدىغان، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئالالايدىغان، مەسئۇلىيەتنى ماھىرلىق بىلەن زىممىگە ئالالايدىغان بولۇشنى ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلاندۇرۇش كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي ئادا قىلىپ، قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمىدا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، سىستېمىلىق تۈزەش، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش ئىدىيەسى ئارقىلىق ئىستىلنى توغرىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئاساسىي قاتلام بىرىنچى سېپىگە، ئاممىنىڭ ئەتراپىغا ئۇزارتىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى، ئۇزاققا سوزۇلىدىغان جەڭ، ئومۇمىي جەڭنى قەتئىي ياخشى قىلىش كېرەك.
ما شىڭرۇي ئاخىرىدا مۇنداق تەكىتلىدى: 2024 - يىللىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى ياخشى ئېچىش رەھبىرىي كادىرلارغا قارىتا ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى بىر قېتىملىق ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش. باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىغا ئۆلچەم بويىچە، تەلەپ بويىچە توغرىلىنىپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ تېپىپ چىقىپ، ئۆزىنى تەھلىل قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، پىكىر ئېلىش، سىردىشىش، سۆھبەتلىشىش، سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈش ماتېرىيالى يېزىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، يىغىننى يۇقىرى سۈپەتلىك ئېچىشقا، ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
چېن ۋېيجۈن، ۋاڭ جيەنشىن، يۈسۈپجان مەمەت، قادېن كەبىن ئۆگىنىش، مۇھاكىمە قىلىشقا قاتناشتى.