导航切换

ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىمىي يىغىن ئاچتى

日期:2025年01月16日
来源:天山网
【字体:

​ئاليومىن كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىش قاتارلىقلار مۇھاكىمە قىلىندى

 1 - ئاينىڭ 15 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى مۇھىم خېتى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ئاليومىن كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىش، يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى، ئەڭ قاتتىق بولغان سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش، مەدەنىيەت - ساياھەت ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئېلېكتىرولىزلانغان ئاليومىن كارخانىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئالماشتۇرۇشنى تېزلىتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شەرقىي، ئوتتۇرا قىسىم رايونلاردىكى ئاليومىن پىششىقلاش كەسپىنىڭ تېزدىن شىنجاڭغا يۆتكىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كۈچەيتىش سالمىقىنى سىجىل زورايتىش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، بىر تۈركۈم يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىنى بىرىكتۈرۈپ، كارخانىلارنى يېڭىدىن تەتقىق قىلىش - ئېچىش ئاپپاراتى تەسىس قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى كۈچەپ يېتىلدۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق سانائەت باغچە رايونى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، بازارلاشتۇرۇش شەكلى ئارقىلىق يېشىل توك ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئۆزگەرتىشنى پائال قانات يايدۇرۇشىغا ئىلھام بېرىپ ۋە مەدەت بېرىپ، يېشىل زاۋۇت قۇرۇشنى چۆرىدەپ يېشىل تەمىنلەش زەنجىرى سىستېمىسى بەرپا قىلىش كېرەك. بايلىق، تىرانسپورت، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى توك مىقدارى كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، مالىيە - باج، پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش ۋە يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئادەمنى ئاساس قىلغان يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش كېرەك. نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دائىمىي تۇرۇشلۇق جاي ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىدىن يۆتكەلگەن نوپۇسنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ساھەسىنى كېڭەيتىپ، بىللە كەلگەن پەرزەنتلىرىنىڭ مائارىپنى قوبۇل قىلىش ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، يېڭى شەھەر ئاھالىلىرىنى شەھەردە خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. يېزا - كەنتلەردىكى زامانىۋىلاشقان كەسىپلەرنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ناھىيە رايونىدىكى ئۇل ئەسلىھە كەمتۈكلۈكىنى تولۇقلاپ، شەھەر - بازارلاردىكى كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش ۋە كاپالەتلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى، شەھەر ئىچىدىكى كەنتلەرنى ئۆزگەرتىش قاتارلىقلارنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان، يېشىل، ئاقىل شەھەر قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: «سۇ تېجەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، بوشلۇقنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، سىستېمىلىق ئىدارە قىلىش، ئىككى قولدا كۈچەش»تىن ئىبارەت سۇنى ئىدارە قىلىش پىكىر يولىنى چوڭقۇر ئەمەلدە كۆرسىتىپ، «سۇ تېجەش، سۇ ساقلاش، سۇ تەڭشەش، سۇ كۆپەيتىش»تىن ئىبارەت تۆت ئۆلچەملىك سۇنى ئىدارە قىلىشنى زىچ چۆرىدەپ، سۇ بايلىقىغا قاتتىق چەك قويۇش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سۇ بايلىقى تۈزۈلمە - مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى سۇ بىخەتەرلىكى كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. سىستېمىلىق قاراشتا چىڭ تۇرۇپ، سۇ بايلىقىنى مەركەزلىك بىرتۇتاش باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئىنچىكە، دەل جايىدا تەڭشەشنى كۈچەيتىپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، ئېكولوگىيەگە ئىشلىتىلىدىغان سۇ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش كېرەك. ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ناھىيەدىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك رايونلارنىڭ سۇ ئىشلىتىش ئومۇمىي مىقدارى ۋە سىجىللىقىنى قوش تىزگىنلەش - باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، پىلاندىكى سۇ بايلىقىنى دەلىللەش، سۇ تېجەشنى باھالاش تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. «بىر رايونغا بىر تەدبىر» بويىچە يەر ئاستى سۈيىنى مۇۋاپىق ئېچىپ پايدىلىنىشنى يولغا قويۇش لايىھەسى تۈزۈپ، يەر ئاستى سۈيىنى زىيادە تارتىشنى تۈزەشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك دەريا - كۆل باشلىقلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، نۇقتىلىق دەريا، كۆللەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك ئېقىن مىقدارىغا كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، يېزىلارنى سۇ بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش قۇرۇلۇشى ۋە رېمونت قىلىش، ئاسراش تۈرىنى يولغا قويۇپ، سۇ مەنبەسىدىن جۈمەككىچە بولغان پۈتۈن جەريانلىق يېزىلارنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى كاپالىتى سىستېمىسىنى يەنىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ «يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يېڭى ئېشىش نۇقتىسى يېتىلدۈرۈپ، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىستېمالىنى گۈللەندۈرۈش توغرىسىدىكى بىر قانچە تەدبىر»ىگە سېلىشتۇرۇپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ قىشلىق، ئەتىيازلىق مەدەنىيەت - ساياھەت ئىستېمالى ئالاھىدىلىكى ۋە باشلىنىش ئالدىدا تۇرغان ئاپتونوم رايونلۇق 2 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە بىرلەشتۈرۈپ، خاسلىققا ئىگە بىر تۈركۈم مەدەنىيەت - ساياھەت ئىستېمالى باش تېما پائالىيىتىنى كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاش كېرەك. قىشلىق ساياھەتنى تەشۋىق قىلىش، تونۇشتۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، تونۇلۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى شىنجاڭغا كېلىشكە جەلپ قىلىش كېرەك. قىشلىق ساياھەت بازىرى تەرتىپىنى ياخشى قوغداپ، يول قاتنىشى، نۇقتىلىق ساياھەت مەنزىرە رايونى، قار تېيىلىش مەيدانى، يېمەكلىك، ياتاق قاتارلىق جەھەتلەردىكى بىخەتەرلىكنى كۈچەپ ياخشى تۇتۇپ، ھەقىقىي تۈردە خاتىرجەم ئىستېمال قىلىدىغان، خاتىرجەم ساياھەت قىلىدىغان مۇھىت يارىتىش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.