导航切换

شىنجاڭ ناھىيە رايونى داۋالاش ئورتاق گەۋدىسى بايلىقىدىن ئورتاق بەھرىلىنىدىغان بەش چوڭ مەركەز قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىدۇ

日期:2025年01月16日
来源:天山网
【字体:

​ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىرسۇ لۇپىڭخەۋەر قىلىدۇ) مۇخبىرنىڭ 1-ئاينىڭ 14-كۈنى ئېچىلغان 2025-يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ سەھىيە-ساغلاملىق خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىلئاپتونوم رايونىمىز ناھىيە رايونى داۋالاش ئورتاق گەۋدىسى بايلىقىدىن ئورتاق بەھرىلىنىدىغان بەش چوڭ مەركەز قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، يېزا-بازارلىق دوختۇرخانا، مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ تەسۋىرىي سۈرەت، شىنديەنتۇ، تەكشۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى سەۋىيەسى يۇقىرى بولماسلىق ئەھۋالىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، ئاغرىقلارنى ئاساسىي قاتلامدىلا ناھىيە دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارنىڭ داۋالاش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن قىلىپ، ئاممىنىڭ كېسەل كۆرسىتىشىگە قولايلىق يارىتىپ، ئاممىنىڭ داۋالىنىش يۈكىنى يېنىكلىتىدىكەن.

2024-يىلى، ئاپتونوم رايونىمىز ساغلام شىنجاڭ ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ ساغلاملىق ئېھتىياجىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلدى. ھازىرغا قەدەر، 21 داۋالاش گۇرۇھى، 54 مەخسۇس بۆلۈملەر بىرلەشمىسى، 103 ناھىيە رايونى داۋالاش ئورتاق گەۋدىسى، 74 يىراق مۇساپىلىك داۋالاش بويىچە ھەمكارلىشىش تورى قۇرۇلدى؛ پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە %89.84 يېزا-بازارلىق دوختۇرخانا ۋە مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزىمۇلازىمەت ئىقتىدارى جەھەتتەئاساسىي ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئۆلچەمگە يەتتى؛ ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن ئامبۇلاتورىيەدىن 373ى قۇرۇلۇپ، ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر بويىچە داۋالاش بىلەن ئالدىنى ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈش يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. داۋالاش ئورتاق گەۋدىسى باشلامچى بولغان دوختۇرخانىلارنىڭ مەخسۇس بۆلۈم دوختۇرلىرى «1+N» شەكلىنى قوللىنىپ، 12 مىڭ ئائىلە دوختۇرىنىڭ كېلىشىم ئىمزالاش مۇلازىمەت كوللېكتىپىغا سىڭىشىپ كىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، كېلىشىم ئىمزالىغان ئاھالىلەرنى پۈتۈن دەۋرىيلىك، تولۇق بولۇش بىلەن مەخسۇس بولۇش بىرلەشتۈرۈلگەنساغلاملىق مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى.

بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز سىستېما قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دۆلەت دەرىجىلىك رايون داۋالاش مەركىزى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك رايون داۋالاش مەركىزى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، كىلىنىكىلىق نۇقتىلىق مەخسۇس بۆلۈملەرنىڭ ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، زىچ تىپتىكى ناھىيە رايونى داۋالاش ئورتاق گەۋدىسى، مەخسۇس بۆلۈملەر بىرلەشمىسى، داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۈچ دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارنىڭ نىشانلىق ياردەم بېرىش-يۆلەش، «مىڭ ناھىيە قۇرۇلۇشى» بويىچە ناھىيە دوختۇرخانىلىرىنىڭ داۋالاش مۇلازىمىتى ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دەرىجىگە ئايرىپ دىياگنوز قويۇش-داۋالاش تۈزۈمىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ. ناھىيە رايونى داۋالاش ئورتاق گەۋدىسى بايلىقىدىن ئورتاق بەھرىلىنىدىغان بەش چوڭ مەركەز(تەسۋىرىي سۈرەت ئارقىلىق دىياگنوز قويۇش مەركىزى، شىنديەنتۇ ئارقىلىق دىياگنوز قويۇش مەركىزى، تېببىي تەكشۈرۈش مەركىزى، كېسەللىك بويىچە دىياگنوز قويۇش مەركىزىي، دېزىنفېكسىيە بىلەن تەمىنلەش مەركىزى) قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ناھىيە رايونى داۋالاش بايلىقىنى تەقسىملەش ۋە ئىشلىتىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامدا تۇنجى دىياگنوز قويۇش، قوش يۆنىلىشلىك يۆتكەپ دىياگنوز قويۇشتىن ئىبارەت داۋالىنىش يېڭى ئەندىزىسىنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرىدۇ. «ئېغىر كېسەلنى ئاپتونوم رايوندىن چىقارماسلىق، ئادەتتىكى كېسەلنى ۋىلايەت، ناھىيەلەردە ھەل قىلىش، كۈندىلىك كېسەلنى ئاساسىي قاتلامدا ھەل قىلىش» نىشانى بويىچە، شەھەرلەرنىڭ داۋالاش بايلىقىنى ناھىيە، شەھەر دەرىجىلىككە، ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ داۋالاش بايلىقىنى ئاساسىي قاتلامغا كېڭەيتىشكە تۈرتكە بولۇپ، خەلق ئاممىسىنى يېقىن ئەتراپتىلا ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقىغا ئېرىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.