导航切换

شىنجاڭدا كارخانىلارنىڭ يۆتكىلىشىنى تىزىملاشقا دائىر «بىر ئىش» ئەمەلىيلىشىپ يۈرۈشتۈرۈلدى

日期:2025年01月13日
来源:天山网
【字体:

يېقىندا، كارخانىلارنىڭ يۆتكىلىشىنى تىزىملاشقا دائىر «بىر ئىش» ئاپتونوم رايونىمىزدا ئەمەلىيلىشىپ يۈرۈشتۈرۈلدى. كارخانىلارنىڭ يۆتكىلىشىنى تىزىملاشقا دائىر ئىشلارنى پۈتۈن جەريانلىق توردا بېجىرىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا، بېجىرىش ۋاقتى 19 خىزمەت كۈنىدىن 15 خىزمەت كۈنىگە قىسقاردى، بېجىرىش ھالقىسى ئالتىدىن بىرگە قىسقاردى، قاتراش قېتىم سانى ئالتە قېتىمدىن بىر قېتىمغا قىسقاردى، تاپشۇرىدىغان ماتېرىيال 16 پارچىدىن 12 پارچىغا قىسقاردى.

ئىلگىرى، كارخانىلارنىڭ يۆتكىلىشى نۇرغۇن قىيىن مەسىلىگە دۇچ كېلەتتى، مەسىلەن: «كۆپ تارماق ئايرىم - ئايرىم بېجىرىش» يۆتكەش تەرتىپىنىڭ مۇرەككەپ بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىراتتى، «ئەنئەنىۋى تور سىرتىدىكى ئەندىزە» يۆتكىلىش ئاستا بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىراتتى. يۆتكىلىشنى تىزىملاشنى بېجىرىشتە كارخانا يۆتكەپ كېلىنگەن جاي ۋە يۆتكىلىپ بارغان جايدا تەرەپ - تەرەپكە قاتراپ، يۆتكىلىشتە ئارخىپ يۆتكەش ئىلتىماسى، ئارخىپنى ئەۋەتىش، يۆتكەپ كېلىشنى تىزىملاش قاتارلىق كۆپ خىل كەسىپلەرنى بېجىرىشكە توغرا كېلەتتى.

كارخانىلارنىڭ يۆتكلىشىنى تىزىملاشتىكى «قاتراش» مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، 2024 - يىلى 1 - تۈركۈمدىكى 13 نۇقتىلىق ئىش ئاساسىدا، 2024 - يىلى 7 - ئايدا، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «<ھەربىر ئىشنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بېجىرىش> 2024 - يىلىدىكى يېڭى بىر تۈركۈم نۇقتىلىق ئىشلار تىزىملىكى»نى بېسىپ تارقىتىپ، سەككىز نۇقتىلىق ئىشنى يېڭىدىن كۆپەيتتى، بۇ، كارخانىلارنىڭ يۆتكىلىشىنى تىزىملاشتىن ئىبارەت «بىر ئىش»نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

2024 - يىلى 11 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى، رەقەملەشتۈرۈش تەرەققىيات ئىدارىسى، باج ئىدارىسى بىلەن بىرلىشىپ «ئاپتونوم رايوننىڭ كارخانىلارنىڭ يۆتكىلىشنى تىزىملاشتىكى <بىر ئىش>نى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بېجىرىش كەسپىي خىزمەت لايىھەسى»نى بېسىپ تارقىتىپ، كارخانىلارنىڭ يۆتكىلىپ كېلىش ئىلتىماسى، كارخانىلارنى تىزىملاش ئۇچۇرىنى ئۆزگەرتىش، ئاساسلىق مەسئۇل باج ئورگىنى ھەم بۆلۈم - ئورۇنلارغا تەقسىملەش، شەخسىي ھېساباتنى پېچەتلەپ ساقلاش - پېچەتنى ئېچىش، ئورۇنلارنىڭ ساقلاشقا تاپشۇرۇشىنى تىزىملاش، كارخانىلارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتىسىنى تىزىملىتىپ يۆتكەش ئىلتىماسىدىن ئىبارەت باغلىنىشچانلىقى كۈچلۈك، بېجىرىش مىقدارى كۆپ، بېجىرىش ۋاقتى نىسبەتەن مەركەزلەشكەن بىرلىشىپ بېجىرىدىغان ئالتە ئىش تۈرىنى يۇقىرى ئۈنۈمدە بىرىكتۈرۈپ، توپلاشتۇرۇپ بېجىرىدۇ.

نۆۋەتتە، كارخانىلارنىڭ يۆتكىلىشىگە دائىر «ھەربىر ئىشنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بېجىرىش» مەخسۇس رايونى شىنجاڭ مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمىتى تورىدا تورغا چىقىرىلدى، كارخانىلارنىڭ شىنجاڭ ئىچىدە يۆتكىلىشىنى تىزىملىغاندا يۆتكەپ كېلىنگەن جايدىكى تىزىملاش ئورگىنىغا بېرىپ بىۋاسىتە بېجىرسە بولىدۇ، يۆتكىلىپ كېلىش بويىچە ئارخىپ يۆتكەش خېتىنى كەستۈرۈش ۋە يۆتكىلىپ چىققان جايغا بېرىپ يۆتكىلىدىغان كارخانىلارنىڭ ئارخىپىنى ئېلىش ھاجەتسىز، بۇنىڭ بىلەن، كارخانىلارنىڭ يۆتكىلىشىدىكى ئىلگىرىكى «ئىككى جايغا قاتراش» مەسىلىسى ھەقىقىي ھەل قىلىنىپ، يۆتكىلىشنى تىزىملاشتىكى تۈزۈم خاراكتېرلىك تەننەرخ ئازايتىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق تونۇشتۇردى: ئاپتونوم رايونىمىز دىققەتنى «ھەربىر ئىشنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بېجىرىش» ئىسلاھات نىشانىغا سىجىل مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى تارماقلارنى ماسلىشىپ ھەمتۈرتكە بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا پائال تەشكىللەپ، ماسلاشتۇرۇپ، «بىر ئىش»نى بېجىرىش ھالقىسى، تەرتىپى ۋە ماتېرىيالىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرىدۇ، ئەلالاشتۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئەمەلىي قوللىنىش ھالىتىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، تەشۋىق قىلىش، كېڭەيتىشنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ كارخانا، ئاممىغا «بىر ئىش» ئىسلاھاتى ئېلىپ كەلگەن قولايلىقنى ۋە يۇقىرى ئۈنۈمنى ھېس قىلدۇرىدۇ.