导航切换

​ئەتراپلىق پىلانلاپ تېز ھەرىكەتكە كېلىپ ئىشلەپ، 1 - پەسىلدە تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك

日期:2025年01月13日
来源:天山网
【字体:

ئەركىن تۇنىياز كۈيتۈن شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى​

ئەتراپلىق پىلانلاپ تېز ھەرىكەتكە كېلىپ ئىشلەپ، 1 - پەسىلدە تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك

1 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز كۈيتۈن شەھىرىگە كېلىپ، خاس كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشى، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەر توغرىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇردى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 13 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپى بويىچە، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئەتراپلىق پىلانلاپ تېز ھەرىكەتكە كېلىپ ئىشلەپ، نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، 1 - پەسىلدە تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

شىنجاڭ جۈلى خىمىيە چەكلىك شىركىتى ۋە شىنجاڭ كۇنيۈ پولات - تۆمۈر چەكلىك شىركىتىدە، ئەركىن تۇنىياز كارخانا مەسئۇللىرى بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى، ئۇ مۇنداق دېدى: تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، كەسىپ تەرەققىياتىدىكى ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلارنى ئۆز قولىمىزدا چىڭ تۇتۇشىمىز كېرەك. ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى مەھكەم ساقلاپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تۆۋەن چېكىنى پۇختا ساقلاپ، ماھىيەتلىك بىخەتەرلىك سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

شىنجاڭ خېرۇن جىنلەن بىيوپەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى چىگىتنى ئىنچىكە پىششىقلايدىغان يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانا. ئەركىن تۇنىياز كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالى ۋە تەرەققىيات پىلانىنى ئىگىلىدى، ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ پاختا كەسپىنىڭ تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى زور، كارخانىنىڭ پەن - تېخنىكا سېلىنمىسىنى داۋاملىق زورايتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن زەنجىرنى ئۇزارتىپ، زەنجىرنى تولۇقلاپ، زەنجىرنى كۈچەيتىپ، چىگىتنى ئىنچىكە پىششىقلاش كەسپىنى زورايتىشىنى ۋە كۈچەيتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

شىنجاڭ رۇيخې توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىدە، ئەركىن تۇنىياز كارخانىنىڭ بىر تەرەپتىن قۇرۇلۇش قىلىپ، بىر تەرەپتىن ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىپ، بىر تەرەپتىن ئۈنۈم ھاسىل قىلغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ رۇيخې توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ زەنجىر باشلامچى كارخانىلىرىنىڭ ماگنىتسىمان سۈمۈرۈش ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرىدىكى تېخىمۇ كۆپ يۈرۈشلەشكەن كارخانىلارنى جەلپ قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى. ئۇ ئالاقىدار تارماقلارغا كارخانىلارنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، دەل جايىدا بولغان «ئۆي خىزمەتچىسى شەكلى»دىكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشنى تاپىلىدى.

يىپەك يولى ئاسىيا - ياۋروپا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئوبوروت مەركىزىدە، ئەركىن تۇنىياز تىجارەتچىلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، گۆش تۈرى، مېۋە، ئاشلىق - ياغ تەمىناتى ۋە باھا ئەھۋالى قاتارلىقلارنى تەپسىلىي سورىدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: بايرام ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرىدىغان قاراتمىلىق تەدبىرلەرنى تەتقىق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، تور ۋە تور سىرتىدىكى ئىستېمالنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پائال تۈرتكە بولۇش كېرەك. باھار بايرىمى مەزگىلىدىكى بازار تەمىناتى ۋە باھانى كۆزىتىپ ئۆلچەشنى ياخشى ئىشلەپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى تۆۋەن چېكىنى مەھكەم ساقلاش كېرەك.

كۈيتۈن شەھىرىنىڭ ئىتتىپاق كوچا باشقارمىسى خەينار مەھەللىسى مەملىكەت بويىچە تۇنجى تۈركۈمدىكى مۇكەممەل مەھەللە قۇرۇلۇشى سىناق نۇقتىسى. ئەركىن تۇنىياز بۇ مەھەللىگە كېلىپ، كۈندۈزلۈك ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مەركىزى، ئۆي - جاي مۇلازىمىتى بويىچە بىر بېكەت شەكلىدىكى زال، سەھىيە مۇلازىمەت پونكىتى قاتارلىقلارغا كىردى، ئۇ مۇنداق دېدى: مەھەللە خىزمىتىدە بالىلار يەسلىگە كىرەلەيدىغان بولۇش، ئوقۇيدىغانلار ئوقۇيالايدىغان بولۇش، ئىشلىگەنلەر ھەق ئالالايدىغان بولۇش، ئاغرىقلار داۋالىنالايدىغان بولۇش، ياشانغانلار كۈتۈنەلەيدىغان بولۇش، ئۆيسىزلەرنىڭ تۇرىدىغان ئۆيى بولۇش، ئاجىزلار يار - يۆلەككە ئېرىشەلەيدىغان بولۇشنى چۆرىدەپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ، ئىجتىھات بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە رازى بولۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

ئەركىن تۇنىياز كەيكەنچى يېزىسىغا كېلىپ، لازا قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى پىششىقلاش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، كارخانىلارنى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش، كۆپ قاتلاملىق پىششىقلاش، بازارلاشتۇرۇپ تىجارەت قىلىش، ماركىلاشتۇرۇپ سېتىشتا چىڭ تۇرۇپ، كەسىپنى گۈللەندۈرۈش ئارقىلىق يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە تىرەك بولۇشقا ئىلھاملاندۇردى. دېھقانلار بىلەن ئالاقە باغلاش، دېھقانلارنى يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش مەزگىلىدە، ئەركىن تۇنىياز يەنە مۇھىت تازىلىقى ئىشچىلىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى.

ئەركىن تۇنىياز مۇنداق تەكىتلىدى: كۈيتۈن شەھىرى بۇ يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ئىلمىي پىلانلاپ، ئاپتونوم رايوننىڭ «ئون چوڭ كەسىپ توپى»نى چۆرىدەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئورۇن بېكىتمىسىنى دەل جايىدا تېپىپ، بىر تۈركۈم خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى كۈچەپ يېتىلدۈرۈشى، تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەك. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، كۆز قاراشنى ئۆزگەرتىپ، مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈپ، نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى تېزلىتىپ، بالدۇر پۈتتۈرۈپ، بالدۇر ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شەھەرلەر توپىنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىتىنى تۈزەشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، «بىر كارخانىغا بىر تەدبىر»دە چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ھەقىقىي قوغداپ، پۇل مۇئامىلە، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق ساھەلەردىكى خەۋپ - خەتەرنى پائال، پۇختا تۈگىتىپ، تېخىمۇ بىخەتەر بولغان تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىش كېرەك.