导航切换

​شىنجاڭدا باجدا ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى بارغانسېرى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشمەكتە

日期:2025年01月13日
来源:天山网
【字体:

«ئادەم سىياسەتنى ئىزدەش»تىن «سىياسەت ئادەمنى ئىزدەش»كىچە

​شىنجاڭدا باجدا ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى بارغانسېرى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشمەكتە

1 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)دىكى كىچىك، مىكرو كارخانا − ئۈرۈمچى چىجوۋ تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى باھار بايرىمىدىن بۇرۇنقى نەتىجە ئۈچۈن پۈتۈن كۈچ بىلەن تىرىشماقتا ئىدى. شىركەت نەتىجىلىرىنىڭ كۈندىن - كۈنگە يۈكسىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، بۇ شىركەتنىڭ مەسئۇلى خۇاڭ دەندەن ناھايىتى مەمنۇن بولدى.

خۇاڭ دەندەننىڭ ئەسلىشىچە، 2023 - يىلى شىركەت ئەمدىلا قۇرۇلغاندا، ئۇ ئۇشتۇمتۇت باج ئىدارىسىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئاۋازلىق تېلېفونىنى قوبۇل قىلغان، تېلېفوندا شىركەتكە تەتبىقلىنىدىغان باج - ھەقتە ئېتىبار بېرىش سىياسىتى ۋە بېجىرىش قەدەم باسقۇچلىرى ئۇقتۇرۇلغان. تېلېفوننى قويۇۋەتكەندىن كېيىن، ئۇ يەنە باج ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىش قىسقا ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇۋالغان، ئۇنىڭدا سۈرەت - يېزىق تۈرىدىكى مەشغۇلات كۆرسەتمىسى قوشۇمچە قىلىنغان بولۇپ، بېجىرىش تەرتىپىنى بىر قاراپلا بىلگىلى بولاتتى.

«شىركىتىمىز ياردەمگە ئەڭ موھتاج بولغاندا، باج تارماقلىرىنىڭ سىياسەت تەشۋىقاتى، يېتەكلەش مۇلازىمىتىنىڭ بۇنداق دەل جايىدا، ئەقلىي ئىقتىدارلىق، ۋاقتىدا بولۇپ، شىركىتىمىزنى ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن». خۇاڭ دەندەن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: باج تارماقلىرى سىياسەتنى تور ۋە تور سىرتى قاتارلىق يوللار ئارقىلىق دەل جايىدا يەتكۈزۈپلا قالماي، يەنە باج بېجىرگۈچىلەرنىڭ ئۇچۇرلارنى تولۇقلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، شىركەتنىڭ سىياسەت پايدىسىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، مەبلەغ قىيىنچىلىقىنى ئۈنۈملۈك پەسەيتتى.

بۇ يىللاردا، چىجوۋ تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتىلا ئەمەس، باجدا ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى چۈشەنمەيدىغان، تەتبىقلىنىش ئەھۋالىنى ئېنىق بىلمەيدىغان، يېڭى قۇرۇلغان مەزگىلدە تۇرۇۋاتقان زور بىر تۈركۈم كارخانىلار باج تارماقلىرىنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىياسەتنى ئىشىك ئالدىغىچە يەتكۈزۈشتەك دەل جايىدا بولغان مۇلازىمەتتىن بەھرىلەندى.

«بىز بېجىرىشتىن بۇرۇن <سىياسەت ئادەمنى ئىزدەش>، بېجىرىش جەريانىدا <ئىلتىماس قىلمىسىمۇ بەھرىمەن بولۇش>، بېجىرىلگەندىن كېيىن <بىۋاسىتە ئىنكاس قايتۇرۇپ تېز بېجىرىش> سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ يېپىق ھالقىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، <يېقىن ئەتراپتا بېجىرىش + ئۆز ئالدىغا بېجىرىش + ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ بېجىرىش> مۇلازىمەت تورىنى بەرپا قىلىپ، كارخانىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان سىياسەتلەرنىڭ دەل جايىدا، بىۋاسىتە يەتكۈزۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق، باج تاپشۇرغۇچىلار، ھەق تاپشۇرغۇچىلارنىڭ باج بېجىرىش، ھەق تاپشۇرۇشىنىڭ قولايلىق بولۇش دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردۇق» دېدى شىنجاڭ باج ئىدارىسى باج تاپشۇرۇش مۇلازىمەت باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى ۋاڭ ۋېيجياڭ.

باج - ھەقتە ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنىڭ تۈرلىرى كۆپ، تەتبىقلىنىدىغان ئاساسىي گەۋدىنىڭ پەرقى چوڭ، باج تارماقلىرى سىياسەتنى قانداق قىلىپ دەل جايىدا، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈردى؟

ۋاڭ ۋېيجياڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۇلارنىڭ دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىش ئۇسۇلى «بىر سىياسەتكە بىر لايىھە» بولۇپ، كارخانىلاردىكى ئوخشاش بولمىغان سالاھىيەتتىكى خادىملار، ئوخشاش بولمىغان ۋاقىت تۈگۈنىدىكى پەرقلىق سىياسەت، ئىلتىماس - تەلەپلەرگە ئاساسەن، تۈرگە ئايرىپ يوللاش بىلەن ۋاقىتقا بۆلۈپ ئەسكەرتىشنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق، «سورىماي تۇرۇپ ئالدىن جاۋاب بېرىش»، ئېھتىياجغا قاراپ يوللاشنى ئىشقا ئاشۇرغان.

ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭ باج ئىدارىسى باج - ھەق ئېلىش - باشقۇرۇش، بازار تىجارىتى، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك سانلىق مەلۇماتلارنى توپلاپ بىرىكتۈرۈپ، كۆپ نۇقتىلىق، ئىنچىكە دانچىلىق سانلىق مەلۇمات بەلگە سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرگەن. سىياسەتنى يوللىغاندا، كارخانىنىڭ قانۇنىي ۋەكىللىرى، مالىيە مەسئۇللىرى، باج بېجىرگۈچىلەرگە تۈرگە ئايرىپ يوللاش ۋە «ئىشتىن بۇرۇن، ئىش داۋامىدا، ئىشتىن كېيىن» ۋاقىتقا بۆلۈپ ئەسكەرتىش ئارقىلىق، سىياسەتنىڭ يەتكۈزۈلۈشىنىڭ دەل جايىدا بولۇش دەرىجىسى ۋە قاپلاش دائىرىسىنى ئۆستۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تىجارەت سۇبيېكتىنىڭ سالاھىيەت خۇسۇسىيىتى، ھەمدە سىياسەت جەھەتتىن خەۋەرلەندۈرۈش، ئىلتىماس قىلىشنى ئەسكەرتىش، خەۋپ - خەتەردىن ئاگاھلاندۇرۇش قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان ئىشلارنى بېكىتىپ، يوللاش مەزمۇنىنى ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ تۈزگەن.

سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2024 - يىلى پۈتۈن شىنجاڭدىكى باج تارماقلىرى 6 مىليون 77 مىڭ 500 كارخانا قېتىم، 10 مىليون 136 مىڭ 200 پارچە سىياسەت ئۇچۇرىنى دەل جايىدا يوللاشنى قانات يايدۇرۇپ، بېجىرىشتىن بۇرۇن «ئادەم سىياسەتنى ئىزدەش»تىن «سىياسەت ئادەمنى ئىزدەش»كىچە بولغان ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇرغان.

مۇشۇ ئاساستا، شىنجاڭ باج ئىدارىسى يەنە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى قوللاش قاتارلىق جەھەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باج - ھەقتە ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى رەتلەپ، 459 تۈرلۈك «ئىلتىماس قىلمىسىمۇ بەھرىمەن قىلىش» سىياسەت تىزىملىكىنى شەكىللەندۈردى ھەم جەمئىيەتكە ئېلان قىلىپ، سىياسەتتىن بەھرىمەن بولۇشتا «كارخانا ئىلتىماس قىلىش»تىن «ئاپتوماتىك ماسلاشتۇرۇش»قىچە، «ئادەم كۈچى ئارقىلىق يەتكۈزۈش»تىن «سانلىق مەلۇمات قاتراش»قىچە، «ئادەم كۈچى ئارقىلىق تەكشۈرۈش»تىن «ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەكشۈرۈش»كىچە بولغان بۇرۇلۇشقا، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

بۇنىڭغا قارىتا، شىنجاڭ يىڭۋېن شېڭيا ئاقىل پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى جوۋ چۇننىڭ تەسىراتى چوڭقۇر بولدى. دەل «ئىلتىماس قىلمىسىمۇ بەھرىمەن قىلىش» مۇلازىمىتىنىڭ پايدىسىدا، شىركەت 2024 - يىلى 730 مىڭ يۈەنلىك تەتقىق قىلىپ ئېچىش خىراجىتىنى قوشۇپ ھېسابلاپ چىقىرىۋېتىش ئېتىبارىدىن بەھرىمەن بولدى، كارخانا تىجارەت كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، بازار رىقابىتىگە قاتنىشىش ئىشەنچىسىنى تېخىمۇ ئاشۇردى.

«ئىلتىماس قىلمىسىمۇ بەھرىمەن قىلىش» مۇلازىمىتىنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، شىنجاڭ باج ئىدارىسى يەنە باج ئېلىش - تاپشۇرۇش ھەمتۈرتكە تىجارەت مەركىزىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بۇلۇت تېرمىنالىدا سىياسەتتىن مەسلىھەت بېرىش، ئىلتىماس قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىش، كەسىپ بېجىرىش قاتارلىق ئىشلارنى ھەر ۋاقىت قوبۇل قىلىپ، سىياسەتتىن بەھرىمەن بولۇش جەريانىدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ، باج تاپشۇرغۇچىلارنى «ئۆيدىن چىقماي تۇرۇپ» كەسىپ بېجىرىشنى تاماملاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

«ئىلگىرى تور سىرتىدا بېجىرگەندە، شىنجاڭ ئىچىدە رايون ھالقىپ بېرىپ كېلىشكە ئاز دېگەندىمۇ يېرىم خىزمەت كۈنى كېتىدىغان، شىنجاڭ سىرتىدا ئۆلكە ئاتلاپ بېرىپ كېلىشكە ئاز دېگەندە بىر خىزمەت كۈنى كېتىدىغان باج بېجىرىش ئىشلىرىنى ھازىر ئون مىنۇتتىلا توردىلا بېجىرىپ تۈگەتكىلى بولىدۇ، بۇ، كارخانىلارنىڭ ۋاقىت تەننەرخىنى زور دەرىجىدە تېجىدى» دېدى ئۈرۈمچى لۇڭفېڭ يېزا ئىگىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى شۈ نىڭ.

بۈگۈنكى كۈندە، پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە «ئىلتىماس قىلمىسىمۇ بەھرىمەن قىلىش» مۇلازىمىتى تىجارەت سۇبيېكتىغا جەمئىي 4 مىليون 863 مىڭ قېتىم نەپ يەتكۈزۈپ، بارلىق كىچىك، مىكرو تىجارەت سۇبيېكتلىرىغا ھېس قىلغىلى، كۆرگىلى بولىدىغان قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلىش بىلەن بىللە، كۆپەيتكۈچى تەسىرنى جارى قىلدۇرۇپ، كارخانىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولدى.

شىنجاڭ باج ئىدارىسى يەنە بېجىرگەندىن كېيىن «بىۋاسىتە ئىنكاس قايتۇرۇپ تېز بېجىرىش» مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ئوخشاش بولمىغان مەنبەدىكى ئىلتىماس - تەلەپلەرنى بىرتۇتاش سۇپا ئارقىلىق مەركەزلىك جەملەپ، ئىلتىماس - تەلەپ ئىش تالونىنى مەسئۇل تارماقلارغا ۋاقتىدا يوللاپ بەردى. بۇ تەدبىر ئىلگىرىكى قاتلاممۇقاتلام يۇقىرىغا مەلۇم قىلىشتەك ئەنئەنىۋى ئەندىزىنى بۇزۇپ تاشلىدى، ناھىيە، شەھەر ئىككى دەرىجىلىك بىر تەرەپ قىلالمىغان ئىلتىماس - تەلەپلەرنى ئۆلكە دەرىجىلىك باج تارماقلىرىنىڭ ھەل قىلىشىغا بىۋاسىتە يوللىيالايدىغان بولدى.

بۇ ئىدارە «ئىچكى قىسىمدا پۈتۈن جەريانلىق ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش، تاشقى جەھەتتە قايتا زىيارەت قىلىپ دەلىللەش، نەتىجىنى ئۇنىۋېرسال باھالاش»تەك ئىلتىماس - تەلەپلەرنى بېجىرىش تەرتىپى بويىچە، بېجىرىش مۇددىتى ۋە مۇددىتى توشقانلىق ئەسكەرتمىسىنى تەسىس قىلىپ، ئىلتىماس - تەلەپلەرنىڭ «ئەسلىي ھالەت»تە، ۋاقتىدا يەتكۈزۈلۈشىگە، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. بۇنىڭدىن باشقا، ئىدارە يەنە قەرەللىك بىرلەشمە يىغىن ئېچىپ، مۇھىم، مۇرەككەپ، جىددىي ئىلتىماس - تەلەپلەرگە ھۆكۈم قىلىپ، ئىنكاس قايتۇرۇش تەدبىرلىرىنى كېڭىشىپ، باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسىنى مەنبەدىن كۈچەپ ئۆستۈردى.

2024 - يىلى، شىنجاڭ باج ئىدارىسىنىڭ «بىۋاسىتە ئىنكاس قايتۇرۇپ تېز بېجىرىش» خىزمەت مېخانىزمى تۈرلۈك باج ھەققى ئىلتىماس - تەلىپىدىن 618گە ئىنكاس قايتۇردى.

بىر قاتار تەدبىرلەر يولغا قويۇلغان مەزگىلدە، شىنجاڭ باج ئىشلىرى مۇلازىمەت دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى. ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاستلاردىكى باج تارماقلىرى چەت، يىراق يېزا - بازار، تۇەن - مەيدان ۋە كەنت، مەھەللىلەردە باج - ھەق مۇلازىمىتىنى ئۇزارتىش نۇقتىسى تەسىس قىلىش، كۆچمە مۇلازىمەتنى قانات يايدۇرۇش، ئاپتوماتىك باج بېجىرىش ئۈسكۈنىلىرىنى سەپلەش قاتارلىق يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، چەت، يىراق رايونلاردىكى باج بېجىرگۈچىلەر ۋە ھەق تاپشۇرغۇچىلارغا ۋاقتىدا مۇلازىمەت قىلدى. نۆۋەتتە، پۈتۈن شىنجاڭدا باج - ھەق مۇلازىمىتى پىدائىيلىرىدىن نەچچە مىڭ كىشى تەرەققىي قىلدۇرۇلدى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ھەمتۈرتكە مۇلازىمىتىدىن جەمئىي 1 مىليون 529 مىڭ 100 قېتىم، سۈنئىي ھەمتۈرتكە مۇلازىمىتىدىن 502 مىڭ 700 قېتىم تەمىنلىنىپ، 13 مىڭ 100 مەسىلە ھەل قىلىندى.

باج تاپشۇرغۇچىلار ۋە ھەق تاپشۇرغۇچىلارغا ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن، شىنجاڭ باج تارماقلىرى دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، قۇرۇلما خاراكتېرلىك باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىشنىڭ پايدىسىنى تېز قويۇپ بېرىپ، ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ۋە يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىلدۈرۈشنى كۈچلۈك مەدەت بىلەن تەمىنلىمەكتە. ۋاڭ ۋېيجياڭ مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭ باج تارماقلىرى تېخىمۇ زور سالماق، تېخىمۇ مەنپەئەت يەتكۈزۈش سىياسىتى، تېخىمۇ ئەلا مۇلازىمەت بىلەن تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ تەرەققىيات تۇپرىقىنى تۈرلۈك چارە - تەدبىرلەر بىلەن تېخىمۇ ياخشىلاپ، شىنجاڭنىڭ تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، كارخانىلارنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىدۇ.