导航切换

ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش

日期:2025年01月13日
来源:天山网
【字体:

​− ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 13 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا (5)

ھاكىمىيەت دېمەك خەلق دېمەكتۇر، خەلق دېمەك ھاكىمىيەت دېمەكتۇر.

ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 13 - ئومۇمىي يىغىنىدا ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش كېرەك، دەپ تەكىتلەندى. يېڭى يىل كىرىشى بىلەن ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك كادىرلارغا ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش، تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتا چىڭ تۇرۇش سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى چىقىرىلدى.

2025 - يىلى «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان يىل، شۇنداقلا «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تۈزۈلۈپ ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىدىغان يىل. يېڭى ئىمتىھانغا بېرىش يولى يېڭىسى باشلىنىپ، كونىسى خۇلاسىلىنىدىغان بۇ تارىخىي كېسىشىش نۇقتىسىغا كەلگەندە، قانداق قىلغاندا ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي «خەلق» دېگەن سۆزنىڭ چوڭقۇر ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى ئىزچىل ياخشى ئىزاھلاپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟

خەلق تۇرمۇشى خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەش

خەلق تۇرمۇشىدا كىچىك ئىش يوق، پۇقرالارنىڭ چوڭ - كىچىك ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك.

ئۆتكەن بىر يىلدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىنى مەھكەم ئىگىلەپ، تەرەققىيات بىلەن مۇقىملىقنىڭ، تەرەققىيات بىلەن خەلق تۇرمۇشىنىڭ، تەرەققىيات بىلەن كىشىلەر قەلبىنىڭ زىچ باغلىنىشىنى چوڭقۇر تونۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش سۈپىتىنى تېخىمۇ ياخشىلىدى.

ئومۇمىي يىغىندا، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى تېخىمۇ كۆپ سىياسىي ئەھمىيەتكە ئىگە قىلىش كېرەك، دەپ تەكىتلەندى. تەرەققىيات خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنىڭ ئىقتىسادىي ئاساسى، خەلق تۇرمۇشى خەلق رايىغا تۇتىشىدۇ. بۇ يىل، قانداق قىلغاندا ئاممىۋى مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، ئۇللۇق، تولۇق كاپالەتلىك خەلق تۇرمۇشى خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلىگىلى بولىدۇ؟

«ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى ئەلا سۈپەتلىك بايلىقنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىش ۋە ئۇنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈشكە يەنىمۇ تۈرتكە بولۇپ، شەھەرلەرنىڭ داۋالاش بايلىقىنىڭ ناھىيە دەرىجىلىككە كېڭىيىشىگە، ناھىيە، رايونلارنىڭ داۋالاش بايلىقىنىڭ ئاساسىي قاتلامغا كېڭىيىشىگە، رايون ئىچىدىكى داۋالاش - سەھىيە مۇلازىمىتىدە ئۇدا ھەمبەھرىلىنىشكە، ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىنىشقا تۈرتكە بولىدۇ. ئاساسىي قاتلام سەھىيە ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام داۋالاش - سەھىيە ئاپپاراتلىرىنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارىنىڭ سۈپىتىنى ئاشۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاممىنى ئىشىك ئالدىدىلا ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقىدىن بەھرىمەن بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇدىر يۈ ئەيپىڭ.

داۋالىنىش كاپالىتى خەلق ئاممىسىنىڭ ساغلاملىقى، بەخت - سائادىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئاغرىغاندا داۋالىنالايدىغان بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق ھالقا. ئاپتونوم رايونلۇق داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى «كىچىك»لەرنى ئاسراش، «ياشانغان»لارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، «ئاغرىق»لارنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، «يېڭى»لىرىغا مەدەت بېرىش، «ساختا»لىرىنى سىقىپ چىقىرىش، «يالغان»لىرىغا زەربە بېرىشنى زىچ چۆرىدەپ، ئۆلكە دەرىجىلىك بىرتۇتاش غەملەش، مەركەزلىك مىقدارلاشتۇرۇپ سېتىۋېلىش، بىۋاسىتە راسچوت قىلىش، يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن بەش خىل ئامبۇلاتورىيەدە داۋالىنىدىغان ئالاھىدە سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەل بويىچە ئۆلكە ئاتلاپ باشقا جايدا داۋالىنىش خىراجىتىنى بىۋاسىتە راسچوت قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ «جان ساقلاش پۇلى» «جان قۇتقۇزۇش پۇلى»نى ياخشى ساقلايدۇ.

ئىسلاھاتتىكى ئاچقۇچلۇق تەدبىردىن ياخشى پايدىلىنىش

ئۆتكەن بىر يىلدا، تاشقى قىسىمدا بېسىم زورىيىۋاتقان، ئىچكى قىسىمدا قىيىنچىلىق كۆپىيىۋاتقان مۇرەككەپ، كەسكىن ۋەزىيەت ئالدىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى سىجىل كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنىڭ كۆپ تۈرلۈك، كۆپ خىللاشقان مۇتلەق ئېھتىياجىنى ھەل قىلىشنى خەلق تۇرمۇشى ساھەسى ئىسلاھاتىدا گەۋدىلىك ئورۇنغا قويدى.

ئاممىنىڭ ئېھتىياجى قەيەردە بولسا، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى ئىسلاھاتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى شۇ يەردە بولىدۇ. ئومۇمىي يىغىندا، يۇقىرى سۈپەتلىك تولۇق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەر - يېزا ئاھالىسىنىڭ كىرىم سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىۋى بىخەتەرلىكنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ، خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئەمەلىي ئىشلارنى پۇختا، ياخشى قىلىش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە مەھكەم چىڭ تۇرۇپ، دادىللىق بىلەن خەتەرلىك ساھىللارنى كېچىپ ئۆتۈش، دادىللىق بىلەن قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش جاسارىتى ۋە ئىرادىسىنى تولۇق نامايان قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى چېن جىجياڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىل، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى سىجىل تۈردە يۇقىرى سۈپەتلىك تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى نىشان، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىنى كۈچەيتىشنى تۇتقا، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تۈزۈلمە - مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش سىياسەت سىستېمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق ساھە، نۇقتىلىق كەسىپ، شەھەر - يېزا ئاساسىي قاتلىمى ۋە ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا مەدەت بېرىش پىلانىنى يولغا قويۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئەمەلىي ئىشلارنى پۇختا، ياخشى قىلىپ، شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىم سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى لى گولياڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئاساس مائارىپ، كەسپىي مائارىپ، ئالىي مائارىپنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، مائارىپ ساھەسىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ «ئون چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشى، «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ، پەنلەرنىڭ تەسىس قىلىنىشىنى جانلىق تەڭشەپ ۋە ئەلالاشتۇرۇپ، يۇقىرى ساپالىق تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئىختىساسلىقلىرى تەمىناتىنى نۇقتىلىق كۆپەيتىپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنىڭ يۇغۇرۇلۇشى، پەن تەتقىقات بىلەن مائارىپنىڭ يۇغۇرۇلۇشىغا چوڭقۇر تۈرتكە بولۇپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنىڭ جەمئىيەت ئېھتىياجىغا ماسلىشىش دەرىجىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تىرىشىپ خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى يولغا قويىمىز.

ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشتا، پەقەت باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش كېرەك. نىشان يۆنىلىشى بىلەن مەسىلە يۆنىلىشىنىڭ بىردەكلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھاتتىن ئىبارەت بۇ ئاچقۇچتىن ياخشى پايدىلانغاندىلا، مۇقەررەر ھالدا ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى تېخىمۇ يېتەرلىك، تېخىمۇ كاپالەتلىك، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان خەلق تۇرمۇشى يېڭى مەنزىرىسىنى پۈتۈپ چىققىلى بولىدۇ.

تاشتا ئىز قالدۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتتىق تۇتۇش

ئاچقۇچلۇق يىلدا، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشتا، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، ئۇللۇق، تولۇق كاپالەتلىك خەلق تۇرمۇشى خىزمىتىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ ياخشى ئىشلەپ، ئىسلاھات چوڭقۇر سۇ رايونىدا ئۈنۈم ھاسىل قىلىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى تاش - تۆمۈردە ئىز قالدۇرىدىغان غەيرەت بىلەن نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى تۇتۇپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى پۇختا، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەڭ ئاساسىي خەلق تۇرمۇشى. بۇلتۇر، ئاپتونوم رايون بويىچە شەھەر - بازارلاردا 483 مىڭ 200 كىشى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتى، شەھەر - بازارلاردىكى ئىشسىزلاردىن 266 مىڭ 800 كىشى، ئىشقا ئورۇنلىشىشتا قىيىنچىلىقى بارلاردىن 33 مىڭ 400 كىشى ئىشقا ئورۇنلاشتى.

چېن جىجياڭ مۇنداق دېدى: ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر، يېزا ئەمگەك كۈچلىرى، ئىشقا ئورۇنلىشىشتا قىيىنچىلىقى بارلار قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئېھتىياجىنى چۆرىدەپ، تور ۋە تور سىرتىدىكى خىزمەتچى قوبۇل قىلىش يوللىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شىنجاڭغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ياردەم بېرىش بويىچە مەخسۇس مەيدان خىزمەتچى قوبۇل قىلىش، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىش ئېيى، پۇقراۋى كارخانىلار خىزمەتچى قوبۇل قىلىش قاتارلىق 24 تۈرلۈك ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى مەخسۇس تۈر پائالىيىتى ماركىسىنى يارىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مۇقىم بەختىگە تىرەك بولىدۇ.

ياشانغاندا كۈتۈنۈشكە سانسىزلىغان ئائىلىلەرنىڭ ئارزۇسى مۇجەسسەملەنگەن، ياشانغانلارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ياخشىلاش، ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتە، ئۈزلۈكسىز تۈردە ياشانغاندا كۈتۈنۈش تەمىناتىنى ئاشۇرۇش، مۇلازىمەت شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىشقا توغرا كېلىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ليۇ شىنلى مۇنداق بىلدۈردى: ئومۇمىي يىغىننىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئومۇم مەنپەئەتلىنىدىغان، شەھەر - يېزىلارنى قاپلىغان ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى تېزدىن بەرپا قىلىپ، ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى تەمىناتىنى سىجىل كېڭەيتىپ ۋە ئەلالاشتۇرۇپ، ئائىلىدە، مەھەللىدە ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمەت تورىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ياشانغانلارنىڭ غىزالىنىشىغا ياردەم بېرىش مۇلازىمىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا پائال تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ياشانغانلار ئائىلىلىرىنى ياشانغانلارغا لايىقلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىش ۋە ئائىلىدە كۈتۈنۈش كارىۋىتى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشنى سىجىل قوللايمىز. ئائىلىنى ئاساس، مەھەللىنى تايانچ، ئاپپاراتلارنى كەسپىي تىرەك قىلغان ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى تەمىنات ئەندىزىسىنى تېز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەڭ ياشانغانلارنىڭ كۆپ خىللاشقان، كۆپ قاتلاملىق ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرىمىز.

دەسلەپكى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرگەندە قانائەتلىنىپ قالماي، تېخىمۇ يۇقىرى نىشانغا يېتىش ئۈچۈن قىيىن ئۆتكەللەردىن ئۆتۈپ داۋاملىق كۈرەش قىلىمىز. ئىشنى ئىشقا ئۇلاپ بېجىرىپ، يىلنى يىلغا ئۇلاپ ئىشلەپ، مىخ قېقىش روھى ئارقىلىق تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولغاندىلا، مۇقەررەر ھالدا جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن قۇدرەتلىك ئۇلۇغ كۈچنى مۇجەسسەملىگىلى بولىدۇ.

(مۇخبىر جاۋ چۇنخۇا، قاتناشقان مۇخبىرلار جاۋ شىيا، لى لىن، سۇ لۇپىڭ، رېن چۇنشياڭ)