يىل ئاخىرىدا، يىل بېشىدا، جەنۇبىي شىنجاڭ قەھرىتان قىش مەزگىلىگە كىردى، ھەيۋەتلىك كوئېنلۇن مىڭ چاقىرىملىق مۇز بىلەن قاپلاندى، تارىم ئويمانلىقىدا قاتتىق سوغۇق بولدى. لېكىن، قەھرىتان قىشتا، بىز ئويلىمىغان يەردىن جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھەممە يېرىدە ئىللىق ئېقىم بىلەن «تاسادىپىي ئۇچرىشىپ» قالدۇق.
«كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش»نىڭ ئېلىپ كەلگىنى پەقەت ئىللىقلىقلا ئەمەس
ئۆيگە كىرىشتىن ئىلگىرى گەپ قىلغاندا ئاغزىمىز سوغۇقتىن گەپكە كەلمەي قالغانىدى، ئىشىكنى ئېچىپ ئۆيگە كىرىپلا خۇددى باھاردەك ئىللىقلىق ھېس قىلدۇق، ئۆي ئىگىسى تۇرۇپ مەمەتتۇرسۇن مېھمانخانىدا قىزىل رەڭلىك نېپىز پوپايكىلا كىيىۋالغانىدى، بىز دەرھال مامۇق كىيىملىرىمىزنى سېلىۋەتتۇق.
بۇ، يەكەن ناھىيەسىنىڭ يېڭىئۆستەڭ يېزىسى قوشئۆستەڭ كەنتىدىكى ئائىلە بولۇپ، بىز ئالدىراش يەر يۈزىدىن ئىسسىقلىق مەنبەسىنى ئىزدەشكە باشلىدۇق، تۇرۇپ «ئۆينى ئىسسىتىۋاتقىنى مەش ئەمەس، ئاۋۇ نەرسە!» دېدى تامنى كۆرسىتىپ.
تامغا ئېسىلغان توك بىلەن ئىسسىنىش ئۈسكۈنىسى ئىسسىق ھارارەت چىقىرىۋاتاتتى.
«بۇنى ئىككى يىل ئىلگىرى ھۆكۈمەت بىزگە ياردەم قىلىپ ئورنىتىپ بەرگەن، توك ھەققى ئەرزان، يەنە تېخى پاكىز، بىخەتەر!» دېدى 27 ياشلىق تۇرۇپ.
جەنۇبىي شىنجاڭدا «كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش» 1 - قارارلىق قۇرۇلۇشى 2019 - يىلىدىن 2021 - يىلىغىچە يولغا قويۇلغان بولۇپ، ئاساسلىقى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ يېزىلىرىدىكى 892 مىڭ ئائىلىلىك ئاممىغا چېتىلىدۇ. 2 - قارارلىق قۇرۇلۇشنىڭ يولغا قويۇلۇش ۋاقتى 2022 - يىلىدىن 2024 - يىلىغىچە بولۇپ، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ يېزىلىرىغا چېتىلىدۇ.
«<كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش> قۇرۇلۇشىنىڭ يولغا قويۇلۇشى بىلەن كۆمۈر ئىشلىتىش مىقدارى ئازايدى، بۇلغىما چىقىرىش تۆۋەنلىدى، يېزىلارنىڭ قىش پەسلىدىكى ھاۋا سۈپىتىمۇ كۆرۈنەرلىك ئۆستى» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى ئىمارەتلەردە ئېنېرگىيە تېجەش ۋە پەن - تېخنىكا، مائارىپ باشقارمىسىنىڭ مەسئۇلى لى چاۋ.
قوشئۆستەڭ كەنتى 2021 - يىلى «كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش» قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدى، ھۆكۈمەت يېنىدىن پۇل چىقىرىپ توك بىلەن ئىسسىنىش ئۈسكۈنىسى، توك سائىتى ئۈسكۈنىلىرىنى ئورناتتى ھەم توك يوللىرىنى ئۆزگەرتتى. تۇرۇپنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر 2022 - يىلىدىن باشلاپ «كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش» ئېلىپ كەلگەن بەخت - سائادەتتىن بەھرىمەن بولدى. ئۇ ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى كۆمۈر قالايتتۇق، يېرىم كېچىدە ئورنىمىزدىن تۇرۇپ كۆمۈر سېلىشقا توغرا كېلەتتى. ھەر يىلى 3 - ئاي ئۆتۈپ كەتسىلا مەشنى ئېلىۋېتەتتۇق، كېيىن ھاۋا سوۋۇپ كەتسىمۇ ئامال يوق ئىدى. ھازىر ئوخشىمايدۇ، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلىسە، توك بىلەن ئىسسىنىش ئۈسكۈنىسىنى ئاچساقلا ئۆي ئىسسىيدۇ».
توك بىلەن ئىسسىنىش ئۈسكۈنىسى توغرىسىدا توختالغاندا، تۇرۇپ بەخت تۇيغۇسىغا چۆمگەن ھالدا مۇنداق دېدى: «قايسىلا ئۆيگە كىرسەك ئىنتايىن ئىسسىق، بالىمىزنىڭ ئېھتىياتسىزلىقتىن مەشكە تېگىپ كۆيۈپ زەخىملىنىشىدىن ئەنسىرىمەيدىغان بولدۇق، كاربون چالا ئوكسىدىدىن زەھەرلىنىپ قېلىشتىن تېخىمۇ ئەنسىرىمەيدىغان بولدۇق».
بۇنىڭدىن باشقا، «كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش» ئارقىلىق ئىقتىسادىي چىقىم تېخىمۇ ئازايدى. ئىلگىرى كۆمۈر قالىغاندا، تۇرۇپ بىر ئائىلە كىشىلىرى تۆت ئايدا كۆمۈر ئېلىشقا 2500 يۈەندىن ئارتۇق پۇل خەجلەيتتى، ھازىر توك قاچىلاشقا پەقەت 800 يۈەن ئەتراپىدىلا پۇل كېتىدۇ.
«توك تۈگىسە قانداق قىلىسىلەر؟» دەپ سورىدى مۇخبىرلار.
«ۋىيشىن ئارقىلىق پۇل قاچىلايمىز، بىۋاسىتە ئىشىك ئالدىدىكى توك سائىتىگە قاچىلىساقلا توك كېلىدۇ.» تۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھازىر قىشتا سىرتقا چىققاندا، خوتۇنۇم ئىككىمىز ئۆيدىكى چوڭلار ۋە بالىنىڭ توك ئۈزۈلۈپ قېلىپ توڭلاپ كېتىشىدىن ئەنسىرىمەيمىز.
قوشئۆستەڭ كەنتى دېھقانچىلىق كەنتى بولۇپ، ناھىيە بازىرىغا ئون كىلومېتىرمۇ كەلمەيدۇ، ئاساسلىقى بۇغداي، قوناق، سەبدەرگۈل قاتارلىق دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى تېرىلىدۇ. تۇرۇپ ئائىلىسىدە بەش جان بار، خوتۇنى خىزمەت قىلىدۇ، تۇرۇپ ۋە دادىسى يەر تېرىيدۇ، ئىشلەمچىلىك قىلىدۇ، كالا - قوي باقىدۇ، ئاپىسى بولسا ئۆيدە بىر ياشتىن ئاشقان نەۋرىسىگە قارايدۇ. 2024 - يىلى، پۈتۈن ئائىلىدىكىلەرنىڭ كىشى بېشى كىرىمى 18 مىڭ يۈەندىن ئاشتى. بىرنەچچە يىل ئىلگىرى، ئۇلارنىڭ ئائىلىسى كەنتتىكى نامرات ئائىلە ئىدى.
«ئىلگىرى ئائىلىمىز نامرات ئىدى، دادام دائىم بىز قاچانمۇ يېڭى ئۆي سالارمىز، دەيتتى، كېيىن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت بىزگە ياردەم بېرىپ يېڭى ئۆي سېلىپ بەردى، بىزمۇ پۇل تېپىپ، نۇرغۇن ئۆي جاھازىسى سېتىۋالدۇق» دېدى تۇرۇپ ھاياجانلانغان ھالدا.
يېڭى ئۆي بىلەن كونا ئۆينىڭ قىشتىكى ئەڭ چوڭ پەرقى بولسا، ئىلگىرى ھەم سوغۇق، ھەم مەينەت ئىدى، ھازىر ئىسسىق ھەم پاكىز. ئىلگىرى كۈندۈزى ئىشلەش ئۈچۈن سىرتقا چىققاندا قانداق كىيىم كىيگەن بولسا، كەچتە ئۇخلىغاندىمۇ شۇ كىيىم بىلەن ئۇخلايتتى، بىر ئائىلە كىشىلىرى قىستىلىشىپ بىر كاڭدا ئۇخلايتتى، لەيلەپ يۈرگەن چاڭ - توزان، كۈل، قوتان، كالا تېزىكى قاتارلىقلارنىڭ پۇرىقى قوشۇلۇپ ئۆينى بىر ئالاتتى. بۈگۈنكى كۈندە، مېھمانخانا، ياتاق ئۆيلەر ئىقتىدارى بويىچە رەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، تۆت ئېغىز ئۆينىڭ ھەممىسى رەتلىك، پاكىز تۇرىدىغان بولدى. شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت تۇرۇپ ئائىلىسىدىكى ئىككى ياتاق ئۆيگە توك بىلەن ئىسسىنىش ئۈسكۈنىسىنى ھەقسىز ئورنىتىپ بەردى، ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش كۆلىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئۇ ئۆزى يەنە ئادەم تېپىپ مېھمانخانىغا بىرنى ئورناتقۇزدى.
پاكىز، بىخەتەر، ئازادە زامانىۋى تۇرمۇش قەلبلەرنى تولىمۇ ئىللىتتى.
كەنتتىكى يەنە بىر ئائىلىدە، ئېرى ئابدۇرېشىت ئابدۇرېھىم شەھەردە ئاشپەزلىك قىلىدىكەن، خوتۇنى ئارزۇگۈل ئابلىز ئائىلىسىنىڭ دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى قىلىدىكەن. ئارزۇگۈل شاپتۇل چېچىكى رەڭلىك چاپان كىيىۋالغان بولۇپ، بىز بىلەن قىزغىن پاراڭغا چۈشتى. 2024 - يىلى، بۇ ئەر - خوتۇن 4.5 مو يەردە سەبدەرگۈل ئۆستۈرۈپ، 13 مىڭ 500 يۈەن ئارتۇق كىرىم قىلىپتۇ. يېڭىئۆستەڭ يېزىسىنىڭ مۇئاۋىن يېزا باشلىقى لىن تاۋ مۇنداق دېدى: «بۇلارنىڭ ھەممىسى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ پارچە خىراجىتى».
ئارزۇگۈل بىزگە مۇنداق دېدى: «كىچىك ۋاقتىمدا، مەن نەرسە - كېرەك سېتىۋالماقچى بولسام، ئاستاغىنا ئاپامغا دەيتتىم، ئاپام بېرىپ دادامدىن پۇل سورايتتى، ھەر قېتىمدا ئالالىشى ناتايىن ئىدى... ھازىر، ئۆزۈمنىڭ كىرىمىم بار، نېمە ئالغۇم كەلسە شۇنى ئالىمەن، ئوغلۇمغىمۇ نېمە ئالغۇسى كەلسە، شۇنى ئېلىپ بېرىمەن».
بۇ سۆزلەر ئۆيدىكى بارلىق كىشىلەرنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى.
ئېگىزلىكتىكى ھاجەتخانىلاردا ئىسسىق سۇ بولۇشقا شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى شىددەت بىلەن جانلىنىش شىفىرى مۇجەسسەملەنگەن
قەشقەردىن يولغا چىقىپ، قاراقۇرۇم تاشيولىنى بويلاپ پامىر ئېگىزلىكىگە قاراپ مېڭىپ، ئاپتوموبىل قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ بۇلۇڭكۆل يېزىسىغا بارغاندا، داڭلىق بەيشاشەن تېغى − بەيشاخۇ كۆلى مەنزىرە رايونىنى كۆرگىلى بولىدۇ. قىش كۈنلىرى بۇ جاي خۇددى چۈش مەنزىرىسىگە چۆمگەن بولۇپ، تىپتىنچ كۆل يۈزى كۆپكۆك ئەينەكتەك مۇز تۇتقانىدى، ھەتتا خىلمۇخىل ھالەتتىكى كۆك رەڭلىك «مۇز پۇۋەك»لەرنى كۆرگىلى بولاتتى، گەرچە سوغۇق شامال سۆڭەكتىن ئۆتسىمۇ، يەنىلا نۇرغۇن ساياھەتچى مۇز ئۈستىدە ئويناۋاتاتتى.
ئەمما بىزنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرغىنى تاسادىپىي بىر بايقاش بولدى − مەنزىرە رايونىنىڭ ھاجەتخانىسىدا سېزىمچان جۈمەكتىن ئېقىپ چۈشكىنى ئىسسىق سۇ ئىدى.
2024 - يىلى، شىنجاڭدا كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى جەمئىي 300 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى. ساياھەتچىلەر سانىنىڭ شىددەت بىلەن ئېشىشىنىڭ ئارقىسىدا، شىنجاڭ ساياھەت كەسپىنىڭ قاتتىق دېتال ۋە يۇمشاق دېتال جەھەتتىكى قوش يۈكسىلىشى بار.
دەل 2024 - يىلى، مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپى شىنجاڭدىكى «ئون چوڭ كەسىپ توپى» قاتارىغا رەسمىي كىردى. 2024 - يىلى يەنە شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش يىلى، كۆپ تارماق بىرلىشىپ مال باھاسى، ھاجەتخانا، ساياھەت ئۆمىكىگە ئىگە بولماسلىقتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ مەسىلىنى مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇردى ھەم يېمەك - ئىچمەك، ياتاق، قاتناش، چېگرادىن كىرىپ ساياھەت قىلىش، داڭلىق ماركىنىڭ تەسىر كۈچى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق ئالتە چوڭ تەرەپنى چۆرىدەپ، ساياھەتچىلىكنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭ مەدەنىيەت - ساياھىتىنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسى ۋە تەسىر كۈچىنى سىجىل ئاشۇردى.
«سۈپەت ئۆستۈرۈش يىلى»نىڭ ئۈنۈمى قانداق بولدى؟ قەھرىتان قىشتىكى بۇ ئىسسىق سۇ ئېلىپ كەلگەن ھارارەت بۇ سوئالغا ئەڭ ياخشى جاۋاب بولالايدۇ. شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى بۇ پەيتتە تېخىمۇ كونكرېت نامايان بولدى.
جەنۇبىي شىنجاڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ساياھەتچىلىك ئەزەلدىن پەقەت ساياھەتچىلىكلا ئەمەس.
«شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش» ئىستراتېگىيەسىنى ئالغا سىلجىتىشتا، شىنجاڭ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاشتىكى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، «جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ ساياھەت تەرەققىيات يىرىك پىلانى (2023 - يىلىدىن 2030 - يىلىغىچە)»نى ئوتتۇرىغا قويدى، ساياھەتچىلىكنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىش، خەلقنى بېيىتىپ خەلققە مەنپەئەت يەتكۈزۈش ۋە ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى رولى نۇقتىلىق جارى قىلدۇرۇلىدۇ. كىشىنى خۇشال قىلىدىغىنى شۇكى، ساياھەتچىلىك جەنۇبىي شىنجاڭ رايونى ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى مۇھىم موتورغا ئايلانماقتا، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان تېخىمۇ كۆپ ئاھالە ساياھەتچىلىك ئارقىلىق مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشماقتا.
«ساياھەتچىلىكنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى رولى بارغانسېرى كۆرۈنەرلىك بولماقتا» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى بايلىق ئېچىش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى دۇەن يۈمىڭ.
ئەجدىھا يىلىدىكى باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىدە، قەشقەر شۆبە مەيدانى دۇنيانى ھەيران قالدۇردى، قەشقەرنىڭ ساياھەتچىلىكى يىل بويى جانلاندى، قەھرىتان سوغۇق بولسىمۇ، قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە يەنىلا ساياھەتچىلەر ئىنتايىن كۆپ بولدى. 2024 - يىلى 1 - ئايدىن 11 - ئايغىچە، قەشقەر ۋىلايىتىدە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى جەمئىي 41 مىليون 221 مىڭ 600 ئادەم قېتىم، ئىشقا ئاشۇرۇلغان ساياھەتچىلىك كىرىمى 35 مىليارد 339 مىليون يۈەن بولۇپ، 2023 - يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا %26.66، %31.53 ئاشتى.
2024 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا، چوڭ تىپتىكى زال ئىچى چۆكۈش شەكلىدىكى ئويۇن قويۇش تۈرى «قەشقەردە ئۇچرىشىش» تۇنجى مەيدان قويۇلدى. بۇ تۈرگە شىيۈ ساياھەت تەرەققىيات پاي چەكلىك شىركىتى بىلەن قەشقەر قەدىمىي شەھىرى ساياھەت - مەدەنىيەت تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى بىرلىكتە مەبلەغ چىقارغان بولۇپ، سېلىنمىسى 230 مىليون يۈەندىن ئاشىدۇ، ئويۇننىڭ ئىجاد قىلىنىش ۋە رېپېتىتسىيە قىلىنىشىغا توققۇز ئاي ۋاقىت كەتكەن. ئويۇندا دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى «ئون ئىككى مۇقام»غا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى قوغداش ھېكايىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىنغان، ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى سەنئەت شەكىللىرى قوللىنىلغان بولۇپ، قەشقەر ئۈچۈن يېڭى مەدەنىيەت - ساياھەت IPسى بەرپا قىلىپ بەردى.
«مۇشۇنداق ئىلگىرىلەش شەكلىدىكى، چۆكۈش شەكلىدىكى ئويۇننى قويۇش ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن كىشىلەرگە شىنجاڭنى چۈشەندۈرۈپ، قەشقەرنىڭ جەلپكارلىقىنى چۈشەندۈرۈپ، مەنىۋى مەدەنىيەت كاتتا ئوزۇقى بەرپا قىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى شىيۈ ساياھەت تەرەققىيات پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى لى شىنپىڭ.
پەرەز قىلىشقا بولىدۇكى، قەشقەرنىڭ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ 2025 - يىلىدىكى ساياھەتچىلىكى يەنىلا ئوتتەك قىزىيدۇ.
ئېگىزلىكتىكى قالتىس پارنىك ئۆچمەس روھقا ۋارىسلىق قىلماقتا
«يېڭى يىلىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!» قونجىراپ پورتىدا، پاكىستانلىق يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرى جامال راۋان بولمىغان پۇتۇڭخۇادا مۇخبىرلار بىلەن سالاملاشتى، ئۇنىڭ چېھرىدە تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ تۇراتتى. ئۇ 2024 - يىلىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنىدىكى تاموژنىدىن ئۆتكۈچىلەرنىڭ بىرى.
قونجىراپ پورتىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 5100 مېتىر بولۇپ، دۇنيا بويىچە دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئېگىز دۆلەت دەرۋازىسى دېگەن نامى بار، تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە قۇم بوران چىقىپ تۇرىدۇ، 6 - ئايدىمۇ قار ياغىدۇ، پۈتۈن يىلدىكى قىروۋسىز مەزگىلى 60 كۈنگە يەتمەيدۇ، يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 9 سېلسىيە گىرادۇس بولىدۇ، قىشتا، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 42 سېلسىيە گىرادۇس بولىدۇ. بۇ جاي جۇڭگو بىلەن پاكىستان ئارىسىدىكى بىردىنبىر قۇرۇقلۇق پورتى. ئىلگىرى دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز بولۇش ۋە قار - مۇزلۇق ھاۋارايىنىڭ تەسىرىدە، بۇ پورت ھەر يىلى 4 - ئايدىن 11 - ئايغىچە ئېچىلىپ، 12 - ئايدىن كېيىنكى يىلى 3 - ئايغىچە تاقىلاتتى. 2024 - يىلى 12 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ، قونجىراپ پورتى پەسىل خاراكتېرلىك ئېچىلىشتىن يىل بويى ئېچىلىشقا ئۆزگەرتىلدى.
بىز دۆلەت دەرۋازىسى ئالدىدا بىردەم تۇردۇق، قېلىن كىيىنگەن بولساقمۇ، لېكىن ناھايىتى تېزلا يۈزىمىز توڭلاپ سېزىمىنى يوقاتتى، قوللىرىمىزمۇ توڭلاپ ئاغرىپ كەتتى، مېڭىمىز چىڭقىلىپ ئاغرىپ نەپەس ئالالماي قالدۇق، بۇ تىپىك ئېگىزلىك رېئاكسىيەسى ئىدى. يىل بويى بۇ جايدا تۇرۇپ چېگرانى قوغداۋاتقان جەڭچىلەر يەنە قانداق ئەڭ يۇقىرى چەكتىكى سىناقلارنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقاندۇ؟
ئالدىنقى قاراۋۇل بەنىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، بىز ئاندىن سەل ئەسلىمىزگە كەلدۇق. بۇ جايدا پار ۋە پارنىك شەكىلدىكى ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلەش ئۆيى بار ئىدى. نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، قونجىراپ چېگرا تەكشۈرۈش پونكىتىدىكى يەتتە كادىر، سەككىز ئەسكەردىن كەسىپلەشكەن، مۇنتىزىملاشقان چېگرا تەكشۈرۈش قوشۇنىغىچە، بىر چېدىر، بىر قازىنى بار قاراۋۇل بەنىدىن بۈگۈنكى كۈندىكى پارنىك شەكىلدىكى ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلەش ئۆيى، قۇياش نۇرى كۇتۇپخانىسى بار بولغان ئالدىنقى قاراۋۇل بەنىگىچە، قار - مۇزلارنى كېچىپ، قۇرۇق قول تەكشۈرۈشتىن زامانىۋىلاشقان، ئۇچۇرلاشقان پەن - تېخنىكىدىن پايدىلىنىشقىچە... ئىلگىرىكى ئەۋلادمۇئەۋلاد چېگرا مۇداپىئە ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى ئارزۇ قىلىشقىمۇ پېتىنالمايدىغان مەنزىرە بۈگۈنكى كۈندە رېئاللىققا ئايلاندى. دۆلىتىمىز قۇدرەت تاپتى، قونجىراپنىڭ شارائىتىمۇ بارغانسېرى ياخشىلاندى.
كىشىنى ئەڭ ھەيران قالدۇرىدىغىنى، قونجىراپ چېگرادىن كىرىش - چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتىدىكى پارنىك بولدى. ئەمدىلا كىرگەن چاغدا كۆزەينەكلىرىمىز ھوردىلىپ ھېچنېمىنى كۆرەلمەي قالدۇق، بىز كۆزەينەكلىرىمىزنى سۈرتۈپ قايتا تاقىغاندىن كېيىن كۆز ئالدىمىزدا ئىسسىق بەلباغ مەنزىرىسى ئايان بولدى: ليەنۋۇ، لىمون، باجياۋ، خولۇڭگو... مېۋىلەر مەي باغلاپ پىشقانىدى، خەلق ساقچىسى بىزگە بىردىن ليەنۋۇ سۇندى، ليەنۋۇ يېڭى، يۇمران، شىرنىلىك بولۇپ، خۇش ھىدى دىماققا ئۇرۇلۇپ تۇراتتى.
پارنىكتا يەنە خاڭگا، لازا، چەيزى، شوخلا قاتارلىق كۆكتاتلار بار بولۇپ، بەزى ئۇرۇقلار ئالەم بوشلۇقىدا يېتىشتۈرۈپ كېلىنگەن ئۇرۇقلار ئىدى. كۈچلۈك پەرقتىن بىز بىردەم گاڭگىراپ قالدۇق − يېڭى يىل كىرگەندىن كېيىن پامىر ئېگىزلىكىدە ئۇدا قېلىن قار يېغىپ، ھەممە يەر قار - مۇز بىلەن قاپلاندى، پارنىك ئىچىدىكى تېگىدىن ئىسسىيدىغان پار تۇرۇبىلىرى ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش ئۈسكۈنىسى ئارقىلىق ئىسسىتىلغاچقا، نەم ھاۋا لاي - توپا ۋە مېۋە - كۆكتاتلارنىڭ خۇش ھىدى بىلەن ئارىلىشىپ، بەئەينى پارنىك تېمىغا يېزىلغان «سانسىزلىغان مۇزلۇق چوققا ئېتىكىدىكى ئون مو جياڭنەن» دېگەن سۆزگە ئوخشاپ قالغانىدى.
بۇ «ئون مو جياڭنەن»نى بەرپا قىلغۇچى ئىلگىرىكى چېگرا مۇداپىئە جەڭچىسى، ھازىرقى چېگرا تەكشۈرۈش خەلق ساقچىسى سۈن چاۋ ئىدى.
خېبېي گاۋبېيديەندە تۇغۇلغان سۈن چاۋ 1996 - يىلى 12 - ئايدا ھەربىي سەپكە قاتنىشىپ، قونجىراپ چېگرا تەكشۈرۈش پونكىتىغا كەلگەنىدى، 19 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىدە پەيجاڭ ئۇنىڭغا بوسەي سېلىنغان بىر قاچا چۆپ ئاش ئېتىپ بەردى، بۇ، ئۇنىڭ ئېگىزلىكتە تۇنجى قېتىم يېڭى كۆكتات يېيىشى ئىدى، ئۇ سەپداشلىرىنىڭ قۇرۇپ يېرىلىپ كەتكەن لەۋلىرىگە قاراپ جاھىللىق بىلەن بۇ چۆپنى كۆپچىلىك بىلەن بىللە يەيلى، دەپ تۇرۇۋالدى. كۆپچىلىك بىرھازا بىر - بىرىگە ئۆتۈنۈشتى، ئۇ بۇنىڭدىن ئىنتايىن تەسىرلىنىپ پەيجاڭنى قۇچاقلاپ ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتتى، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇنىڭدا سەپداشلىرىغا يېڭى كۆكتات يېگۈزۈش ئارزۇسى تۇغۇلدى.
پامىر ئېگىزلىكىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 4000 مېتىر بولۇپ، ھاۋادىكى ئوكسىگېن مىقدارى تۈزلەڭلىكنىڭ يېرىمىغىمۇ يەتمەيدۇ، شۇڭا «ھاياتلىق چەكلەنگەن رايون» دەپ ئاتالغان. دەسلەپكى مەزگىلدە يېيەلەيدىغان كۆكتاتلار ساقلاشقا ئەپلىك بولغان ياڭيۇ بىلەن پىيازلا ئىدى، نۇرغۇن يولداشلار يېڭى كۆكتاتلارنى يېيەلمىگەچكە چېچى چۈشۈش، ئېغىز يارىسى چىقىش، پۇت - قول تېرىسى سويۇلۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلەتتى، بەزىلىرى يەنە ئېغىر قان چىرىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانىدى.
«دائىملىق تەمىنات 300 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى قەشقەردىن توشۇپ كېلىنەتتى، تاسادىپىي ئەھۋال يۈزبېرىپ قالسا نورمال تەمىنلىگىلى بولمايتتى» دېدى سۈن چاۋ ئەسلەپ.
ئوت - چۆپمۇ ئۈنمەيدىغان يەردە كۆكتات ئۆسەمدۇ؟
مىڭ نەچچە كېچە - كۈندۈز قايتا - قايتا ئىزدىنىش، تەجرىبە قىلىش ۋە سانسىز قېتىم مەغلۇپ بولۇش ئارقىلىق، سۈن چاۋ ئاخىر ئېگىزلىكتە كۆكتات ئۆستۈرۈشتىكى تېخنىكىلىق قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىپ، ھازىرغىچە 39 خىل كۆكتاتنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆستۈردى.
«بىزنىڭ چېگرا مۇداپىئە جەڭچىلىرىمىز يېشىل كۆكتات يېيەلەيدىغان بولدى، يۇرتداشلارنىمۇ يېشىل كۆكتات يېيەلەيدىغان قىلىشىمىز كېرەك» دېدى سۈن چاۋ. ئۇنىڭ تۈرتكىسىدە، تاشقورغاندا تېرىقچىلىق دولقۇنى كۆتۈرۈلۈپ، تېخىمۇ كۆپ زامانىۋى ئەقلىي ئىقتىدارلىق كۆكتات پارنىكلىرى پامىر ئېگىزلىكىدە بارلىققا كەلدى. نۆۋەتتە، ناھىيە بويىچە 213 چوڭ پارنىك، 50 چوڭ ئەگمە پارنىك، 710 ھويلا - ئاران كىچىك ئەگمە پارنىكى ياسىلىپ، 880 مو يەردە كۆكتات ئۆستۈرۈلدى. تىزناپ يېزىسىدىكى شىنخې دەرياسى ساھىلىدىكى چۆللۈكتە چۆل ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى مېۋە - كۆكتات ئۆستۈرۈش بازىسى قۇرۇلۇپ، يىللىق مېۋە - كۆكتات ھوسۇلى 1000 توننىدىن ئاشتى، مەھسۇلات قىممىتى 10 مىليون يۈەندىن كۆپرەككە يەتتى، مەھسۇلاتلار ھەتتا ئېگىزلىكتىن تۈزلەڭلىككە ئاپىرىپ سېتىلىدىغان بولدى.
ھاياتلىق چەكلەنگەن رايون يېشىللىققا پۈركەندى. قونجىراپ چېگرادىن كىرىش - چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، جېڭۋېي فەن يۇڭيۇڭ مۇنداق دېدى: نەچچە ئەۋلاد قونجىراپلىقلار ئەزەلدىن ئاغرىنىپ باقمىدى، بەلكى توختىماي ئۆزىنى كۈچەيتتى. ھازىر قاتناش قولايلاشتى، تاشقورغانغا يەنە نۆۋەتچى ئايروپىلان قاتنىدى، نۇرغۇن كۆكتات، مېۋىلەرنى سېتىۋالغىلى بولىدىغان بولدى، لېكىن ئۆزىمىز ئۆستۈرسەك، ئۆيىمىزدە تۇرغاندەك ھېس قىلىمىز... ئەۋلادمۇئەۋلاد قونجىراپلىقلار چېگرا قاراۋۇلخانىسىنى ئۆز ئۆيىدەك بىلىپ كەلدى.
قونجىراپ بىر خىل مەنىۋى ئېگىزلىك، ماددىي شارائىتى ياخشىلاندى، ئەمما مەنىۋى ۋارىسلىق قىلىش ئىزچىل ئۆزگەرمىدى. جاپالىق يىللاردىكى دالىدا قونۇش ئاپتوموبىلى بۈگۈنكى كۈندە كۆرگەزمە بۇيۇمىغا ئايلاندى، ئاپتوموبىل ئالدىدىكى بىر تاش ئابىدىگە «ساداقەتمەن بولۇپ ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرىمىز» دېگەن قىزىل خەتلەر ئويۇلغان.
قەھرىتان قىشتا، قارلىق تاغ باغرىدا، پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز ئىللىقلىققا تولدى.