导航切换

ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىللىق 12 تۈرلۈك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات نۇقتىلىق ۋەزىپىسىنى ئايدىڭلاشتۇردى

日期:2025年01月13日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 1 - ئاينىڭ 12 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل، شىنجاڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات ساھەسىنى چۆرىدەپ، 12 تۈرلۈك نۇقتىلىق ۋەزىپىنى ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمى ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىدىكەن.

12 تۈرلۈك نۇقتىلىق ۋەزىپە: چۈشىنىپ ئىگىلەش ۋە ئايلاندۇرۇپقوللىنىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تۈرلۈك سىياسەتلەرنىڭ گىرەلەشمە ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، پۇختا ۋە جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش؛ ھازىر بىلەن كەلگۈسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يىرىك پىلان نىشانى، ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچ بىلەن يىللىق پىلاننى تۈزۈشنى بىرلەشتۈرۈپ، «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تاماملاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى سىستېمىلىق ياخشى پىلانلاش؛ ئىستېمال بىلەن سېلىنمىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، شەھەرنى يېڭىلاش، سانائەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، مەدەنىيەت - ساياھەت، «ياشانغانلار ۋە بالىلار»، ئەشيا ئوبوروتى ئۇل ئەسلىھەسى قاتارلىقلارنى چىڭ تۇتۇپ، ھەم سېلىنمىنى كېڭەيتكىلى، ھەم ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدىغان، كۆزلىمىنى تېخىمۇ مۇقىملاشتۇرغىلى بولىدىغان بىرىكىش نۇقتىسىنى ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج ئىككى تەرەپ ماسلىشىپ كۈچ چىقىرىپ، بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ياخشى ئايلىنىشنى شەكىللەندۈرۈش؛ ئۆز تەرەققىياتى ۋە دۆلەت ئومۇمىيىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يېڭى نۇسخىدىكى غەربىي قىسىم رايوننى رىغبەتلەندۈرۈش تۈرىدىكى كەسىپلەر مۇندەرىجىسىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆز ئەۋزەللىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، «ئون چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ھېسابلاش كۈچى، تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادى قاتارلىق كەلگۈسى كەسىپلەرنى تەرتىپلىك تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ سىياسىتىگە ئۇيغۇنلىشىش داۋامىدا خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش ۋە زورايتىش؛ ئىچكى قىسىمدا ئىشلىتىش بىلەن سىرتقا يەتكۈزۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تۈرلۈك كارخانىلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تۈپ تۇتقا قىلىپ، ئېنېرگىيەنىڭ ھالقىلىق تۇتقىسىنى ھەر تەرەپلىمە چىڭ تۇتۇپ، كۆمۈردىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، نېفىت - تەبىئىي گاز زاپىسىنى كۆپەيتىپ مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇش، يېڭىچە ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە ئىشەنچىنى پۇختىلاش؛ كۆلەم بىلەن ئۈنۈمنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ مەھسۇلات مىقدارىدىن مۇھىم بولۇشىغا، سۈپەتنىڭ كۆلەمدىن ئۈستۈن تۇرۇشىغا، خاس تۈرنىڭ ئادەتتىكى تۈردىن ئەلا بولۇشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئاشلىق كەسپىنىڭ «تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق، ساقلاش، توشۇش، سېتىش، پىششىقلاش»تىن ئىبارەت پۈتۈن جەريانلىق تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاشنى تېز راۋاجلاندۇرۇپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئۇلىنى ھەر تەرەپلىمە پۇختىلاش؛ توغرىلىرىنى ساقلاش بىلەن يېڭىلىق يارىتىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، مۇھىم ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازارغا مۇلازىمەت قىلىپ ۋە سىڭىشىپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ ئۇۋا ياساپ سۇمۇرغ جەلپ قىلىپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خىزمەتلەرنى ياخشىلاش، تۈزۈم خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتىگە ھەقىقىي ئايلاندۇرۇش؛ ئېچىۋېتىش بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، 4 - قېتىملىق «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنى يۇقىرى سۈپەتلىك قۇرۇپ، نۇقتىلىق ئېچىۋېتىش سۇپىلىرىنىڭ يۈرۈشۈش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، «تەكلىپ قىلىش» «سىرتقا چىقىرىش»نى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قورشاۋنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، تەرەققىيات يېڭى ئەۋزەللىكىنى يارىتىش؛ كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش بىلەن ئەۋزەللىكلەرنى جارى قىلدۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تارىمنى چۆرىدىگەن ئىقتىساد بەلبېغىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى يېتەكچى قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا 10 مىليارد يۈەن دەرىجىلىك چوڭ - چوڭ كەسىپ تۈرلىرىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭ ئالىي مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ، شەھەر - بازارلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭ تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئېشىش قۇتۇپىنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈش؛ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك قوغداشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى پائال تۈردە پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئېنېرگىيە تېجەش خىزمىتىنى سىجىل ياخشى ئىشلەپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش چوڭ - چوڭ قۇرۇلۇشلىرىنى تېزلىتىپ، ئايلانما ئىقتىسادنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، كاربوننى تۆۋەنلىتىش، بۇلغىمىنى ئازايتىش، يېشىللىقنى كېڭەيتىش، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنى ماس ئالغا سىلجىتىش؛ تەرەققىيات بىلەن خەلق تۇرمۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاممىۋى مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، مۇھىم خەلق تۇرمۇشى تاۋارلىرى تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش، باھانى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش؛ ئالدىنى ئېلىش بىلەن بىر تەرەپ قىلىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىقتىساد بىخەتەرلىك مۇداپىئە لىنىيەسىنى زىچ توقۇشنى تېزلىتىپ، ئېنېرگىيە تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرگە ئىلمىي ئالدىن ھۆكۈم قىلىپ، بالدۇر تۇتۇپ، كىچىكىدىن تۇتۇپ، سۇ كەلگۈچە تۇغان سېلىپ، سىستېمىلىق خەۋپ - خەتەر يۈزبەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى مەھكەم ساقلاش.