导航切换

​شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، مۇقىملىقنى قوغداش، كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىغا مەنپەئەت يەتكۈزۈشكە دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك

日期:2025年01月13日
来源:天山网
【字体:

ما شىڭرۇي قەشقەر ۋىلايىتى ۋە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

​شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، مۇقىملىقنى قوغداش، كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىغا مەنپەئەت يەتكۈزۈشكە دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك


1 - ئاينىڭ 11 - كۈنىدىن 12 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي قەشقەر ۋىلايىتى ۋە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: 1 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، ما شىڭرۇي قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يېڭىسار ناھىيەسى سىتلى يېزىسى پارچە يېڭىيەر كەنتىگە كېلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلار بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرماقتا. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

1 - ئاينىڭ 11 - كۈنىدىن 12 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي قەشقەر ۋىلايىتى ۋە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ يېڭىسار ناھىيەسى، ئۇلۇغچات ناھىيەسىگە كېلىپ، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش، ناھىيە رايونىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى چوڭقۇر تەكشۈردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنى ۋە مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئەمەلىي ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ئىش قىلىشقا، ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا ماھىر بولۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش، كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىغا مەنپەئەت يەتكۈزۈشكە دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىك ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى نەتىجىلىرى ئارقىلىق، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىككە قاراپ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ما شىڭرۇي يېڭىسار ناھىيەسى يېڭىسار بازىرى ئىگىلىك تىكلەش مەھەللىسىگە كېلىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ساقچى ئىشلىرى خادىملىرى قاتارلىقلاردىن مەھەللىلەرنىڭ باشقۇرۇش مۇلازىمىتى ئەھۋالىنى سورىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئاساسىي قاتلام مەھەللىلىرى باشتىن - ئاخىر پارتىيە قۇرۇلۇشىنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ سىياسىي ئىقتىدارى ۋە تەشكىلىي ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەتنى ھەربىر ئائىلىگىچە ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ھەربىر ئادەمگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، خەلق قەلبىنى ئىللىتىش، خەلق رايىغا مايىللاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئاممىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك ئىشلىشى كېرەك.

ما شىڭرۇي قەشقەر لەنبيەنتيەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىگە كىرىپ، كىيىم - كېچەك ئىشلەپچىقىرىش ھەرقايسى سېخلىرىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى، كارخانىنىڭ سېلىنما كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئېچىۋېتىش ئەۋزەللىكىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىياغا يۈزلىنىپ تېخىمۇ چوڭ بازار ئېچىپ، كارخانىنىڭ تەرەققىياتى ئارقىلىق ئاممىنىڭ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى. ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇقىم بولسا، ئائىلە مۇقىم بولىدۇ، كىشىنىڭ كۆڭلى خاتىرجەم بولىدۇ. سىياسەت جەھەتتىن قوللاش، رىغبەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك كەسىپلەر ۋە كارخانىلارنى ماكانلىشىپ تەرەققىي قىلىشقا زور كۈچ بىلەن جەلپ قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات جەريانىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، سىغىمىنى كېڭەيتىش جەريانىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

مۇقىملىق باشتىن - ئاخىر شىنجاڭ خىزمىتىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىش. ما شىڭرۇي يېڭىسار ناھىيەلىك گۇڭئەن ئىدارىسىنىڭ بازار ساقچىخانىسىغا كېلىپ، ئاساسىي قاتلام جەمئىيىتىنى ئىدارە قىلىش بولۇپمۇ خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش خىزمىتىنى تەكشۈردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شەھەرلىك، ناھىيەلىك گۇڭئەن ئورگانلىرىنىڭ ساقچى كۈچلىرىنى ساقچىخانىلارغا چۈشۈرۈش، ساقچىخانىلارنىڭ ساقچى كۈچلىرىنى مەھەللە ۋە كەنتلەرگە ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇشقا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، مۇقىملىققا ئالاقىدار خەۋپ - خەتەرنى كۆزىتىش - ئۆلچەش، ھۆكۈم قىلىش، بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۇختا، ئىنچىكە ئىشلەپ، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ بىرىنچى مۇداپىئە لىنىيەسىنى ھەقىقىي مۇستەھكەملەش كېرەك. ئاساسىي قاتلام گۇڭئەن خەلق ساقچىلىرىنىڭ ۋەزىپە دەرىجىسى ۋە تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىش كېرەك.

يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ سىتلى يېزىسى پارچە يېڭىيەر كەنتىگە كېلىپ، ما شىڭرۇي كەنت ئاھالە كومىتېتىغا كىرىپ، كەنت تارىخى سارىيىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلار بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى. مۇقىملىق ئاساسى پۇختىمۇ - پۇختا ئەمەسمۇ؟ ئاممىنىڭ كىرىمى قانداق؟ ما شىڭرۇي تۈرلۈك ئەھۋاللارنى تەپسىلىي سوراپ، كۆپچىلىكنى بەنگۇڭتىڭنىڭ خىزمەت ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش جەھەتتە كۆپرەك كۈچ سەرپ قىلىپ، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىش جەھەتتە كۆپرەك چارە تېپىپ، ئىناق ۋە خاتىرجەم، خەلق بېيىغان، كەسىپلەر گۈللەنگەن گۈزەل يېزا - كەنت قۇرۇپ چىقىشقا رىغبەتلەندۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئاساسىي قاتلام خىزمىتىنىڭ ئاچقۇچى ئەمەلىي بولۇشتا. مەيلى مۇقىملىقنى قوغداش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، كىرىمنى ئاشۇرۇشتا بولسۇن ياكى ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىشتە بولسۇن، ھەممىسىدە تۇتقىنى دەل جايىدا تېپىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چوڭقۇر ئىشلەپ، كونكرېت ئىشلەپ، ھەربىر قەدەمنى پۇختا بېسىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىش كېرەك. ما شىڭرۇي دېھقان ئائىلىلىرىگە كېلىپ، باقمىچىلىق ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈنۈمىنى كۆزدىن كەچۈردى، ئائىلە تۇرمۇشى، پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدۇ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ غېمىنى يەيدۇ، بىز سەمىمىي تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تۇرمۇشىمىزنى ياخشى ئۆتكۈزۈپ، بالىلارنى ياخشى تەربىيەلەپ، كۈرەش قىلىش ئارقىلىق تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشىشىمىز كېرەك.

يېڭىسار ناھىيەسى ماڭشىن بازىرىنىڭ چاقىرىقوي كەنتى يىراق - يېقىنغا داڭلىق «ساپال بۇيۇملار كەنتى». ما شىڭرۇي كەنتكە كېلىپ، ساپال بۇيۇملارنى پىشۇرۇش ھۈنىرى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋارىسىنىڭ نەق مەيداندا ياساش جەريانىنى ۋە تەييار مەھسۇلات كۆرگەزمىسىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئۇنى قىممەتلىك ھۈنەرگە ۋارىسلىق قىلىپ، كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردى، ئالاقىدار يولداشلارغا مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ساپال بۇيۇملار، يېڭىسار قەلەمتىرىشى قاتارلىق خاس غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى تېخىمۇ كۆزگە چېلىقىدىغان قىلىپ ياساپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە تېخىمۇ ياخشى كۈچ قوشۇشنى تاپىلىدى.

ئۇلۇغچات ناھىيەسىدە، ما شىڭرۇي ئالايىتەن ئۇلۇغچات چېگرا ساقچىخانىسىغا كېلىپ، چېگرا مۇداپىئە خەلق ساقچىلىرىنى يوقلىدى، مۇداپىئە كۈچلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، چارلاش، ئورۇنلاشتۇرۇش - قوماندانلىق قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى تەكشۈردى ھەم مۇنداق تەكىتلىدى: ئادەم مۇداپىئەسى، ماددىي مۇداپىئە، تېخنىكىلىق مۇداپىئەنى بىرلەشتۈرۈپ، كىرىش خاراكتېرلىك خەۋپ - خەتەردىن قاتتىق مۇداپىئە كۆرۈپ، چېگرا قوغدىغۇچىلار قوشۇنىنى كۈچلۈك قۇرۇپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، چېگرا ئېغىزىنىڭ مۇقىملىقى، ئاممىنىڭ خاتىرجەملىكىنى ھەقىقىي ياخشى قوغداش كېرەك.

ئارقىدىن، ما شىڭرۇي دېڭىز يۈزىدىن 3000 مېتىردىن ئارتۇق ئېگىزلىكتىكى تاغلىق رايونغا كېلىپ، ساباياردې ئالتۇن كېنىنى ئېچىش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ خىزمەت تونۇشتۇرۇشىنى تەپسىلىي ئاڭلىدى ھەم ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، شىنجاڭ زىجىن كانچىلىق مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ كان ئېچىش، رۇدا تاللاش، مېتال تاۋلاش ھەرقايسى ھالقىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈردى، كارخانىنىڭ كۆلەمنى كېڭەيتىپ، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشىنى، رايون تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى قوللىشىنى ئۈمىد قىلدى. ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: ھەرقايسى جايلارنىڭ بايلىق ئۈستۈنلۈكىگە زىچ تايىنىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ خاس، ئەۋزەل كەسىپلىرىنى يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، رايون تەرەققىياتىدىكى تىرەكلىك كۈچى، يېتەكلەش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك.

ما شىڭرۇي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا مۇنداق تەكىتلىدى: تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى، ئېچىۋېتىش بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان، ئاساس سالىدىغان، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان، كەلگۈسىگە پايدىلىق بولغان خىزمەتلەرنى ئىزچىل ياخشى تۇتۇش كېرەك. قىلچە تەۋرەنمەي جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، خىزمەت كۈچىنىڭ بىرىنچى سەپكە چۈشۈشىگە سىجىل تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە تەشكىلاتى رەھبەرلىكىدىكى ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، خەۋپ - خەتەرنى مەنبەدىن تۈزەشنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەت ئىناق، مۇقىم بولغان، ئامما خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان ياخشى ۋەزىيەتنى مۇستەھكەملەش كېرەك. كەسىپلەرنى سىجىل كۈچەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سىياسەت، بايلىق قاتارلىقلارنىڭ كەسىپ ئاساسى ئاجىز ناھىيە، شەھەرلەرگە مايىللىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، خاسلىققا ئىگە ناھىيە رايونى ئىقتىسادىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىدە كۈچلۈك ناھىيە، سانائەتتە چوڭ ناھىيە، ساياھەتچىلىكتە داڭلىق ناھىيەلەرنى كۈچەپ يېتىلدۈرۈپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يېزا - كەنتلەردە خەلقنى بېيىتىدىغان كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئەمەلىي ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش قابىلىيىتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، مىخ قېقىش روھى بىلەن نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: يىل ئاخىرى ۋە يىل بېشىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ھەقىقىي تۈردە ئاممىغا ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، قىيىن ئىشلىرىنى ھەل قىلىپ بېرىپ، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ئىنچىكە، پۇختا ئىشلىشى كېرەك. ھەرقايسى ساھەلەردىكى زور يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، تۈرلۈك تەبىئىي ئاپەتلەرنى كۆزىتىپ ئۆلچەش ۋە ئۇنىڭدىن مۇداپىئەلىنىش، جىددىي بىر تەرەپ قىلىش تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق تەتقىق قىلىش - پىلانلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ روھىي ھالەت ۋە جاسارەت بىلەن، ئالغا ئىلگىرىلەش قىياپىتى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.