شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 1 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېينىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2024 ـ يىلى، شىنجاڭدا ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ ئىجرا قىلىنغان سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرى جەمئىي 4391 بولۇپ، رايون سىرتىدىن جەلپ قىلىپ نەقلەشتۈرۈلگەن مەبلەغ 935 مىليارد 526 مىليون يۈەن بولغان، بۇ، 2023 ـ يىلىدىكىدىن %11 ئېشىپ، يىل بېشىدا بېكىتىلگەن نىشان نورمىدىن ئاشۇرۇلۇپ تاماملانغان، تاماملىنىش نىسبىتى %102.81 بولغان.
رايونلارغا تارقىلىش جەھەتتە، شىمالىي شىنجاڭ رايونىنىڭ ئىپادىسى گەۋدىلىك بولدى، رايون سىرتىدىن جەلپ قىلىپ نەقلەشتۈرۈلگەن مەبلەغ 553 مىليارد 863 مىليون يۈەن بولۇپ، 2023 ـ يىلىدىكىدىن %8.77 ئاشتى. جەنۇبىي شىنجاڭ رايونى (تۇرپان، قومۇلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) رايون سىرتىدىن جەلپ قىلىپ نەقلەشتۈرگەن مەبلەغ 381 مىليارد 663 مىليون يۈەن بولۇپ، 2023 ـ يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %14.9 ئاشتى.
رايون سىرتىدىن نەقلەشتۈرۈلگەن مەبلەغ ئومۇمىي مىقدارى جەھەتتە، ئالدىنقى ئۈچ ئورۇندا تۇرغىنى ئۈرۈمچى شەھىرى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتى بولۇپ، نەقلەشتۈرگەن مەبلىغى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا 139 مىليارد 28 مىليون يۈەن، 136 مىليارد 147 مىليون يۈەن، 134 مىليارد 782 مىليون يۈەن بولغان. ئېشىش سۈرئىتىدىن قارىغاندا، ئالدىنقى ئۈچ ئورۇندا تۇرغىنى قاراماي شەھىرى، تۇرپان شەھىرى، خوتەن ۋىلايىتى بولۇپ، ئېشىش سۈرئىتى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا %40.01، %36.13، %29.9 بولغان.
نۇقتىلىق كەسىپلەر توپى قۇرۇلۇشى جەھەتتە، ئاپتونوم رايون بويىچە جەمئىي 2578 تۈر ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ ئىجرا قىلىندى، رايون سىرتىدىن جەلپ قىلىپ نەقلەشتۈرۈلگەن مەبلەغ 671 مىليارد 515 مىليون يۈەن بولۇپ، 2023 ـ يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %21.88 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، نېفىت ـ تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش كەسىپ توپى تۈرى 261 بولۇپ، 75 مىليارد 560 مىليون يۈەن مەبلەغ نەقلەشتۈرۈلدى، بۇ، 2023 ـ يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %48.88 ئاشتى؛ كۆمۈر، كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كەسىپ توپى تۈرى 226 بولۇپ، 100 مىليارد 797 مىليون يۈەن مەبلەغ نەقلەشتۈرۈلدى، بۇ، 2023 ـ يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %25.98 ئاشتى؛ يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپ توپى تۈرى 667 بولۇپ، 351 مىليارد 10 مىليون يۈەن مەبلەغ نەقلەشتۈرۈلدى، بۇ، 2023 ـ يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %29.67 ئاشتى، پاختا ۋە توقۇمىچىلىق، كىيىم ـ كېچەك كەسىپ توپى، مەدەنىيەت ـ ساياھەت كەسىپ توپى تۈرى قاتارلىقلاردىمۇ ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.
جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش جەھەتتىمۇ كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، پۈتۈن يىلدىكى سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرى جەمئىي 167 بولۇپ، 45 مىليارد 814 مىليون يۈەن مەبلەغ نەقلەشتۈرۈلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئۈرۈمچى بۆلەك رايونىنىڭ ئىپادىسى ئەڭ كۆزنى چاقناتتى، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرى جەمئىي 74 بولۇپ، 32 مىليارد 78 مىليون يۈەن مەبلەغ نەقلەشتۈرۈلدى؛ قەشقەر بۆلەك رايونىنىڭ سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرى جەمئىي 68 بولۇپ، 8 مىليارد 76 مىليون يۈەن مەبلەغ نەقلەشتۈرۈلدى؛ قورغاس بۆلەك رايونىنىڭ سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرى جەمئىي 25 بولۇپ، 5 مىليارد 660 مىليون يۈەن مەبلەغ نەقلەشتۈرۈلدى. تۈرلەر ئاساسلىقى سودا ئەشيا ئوبوروتى، يېڭى ماتېرىيال، جابدۇق تۈرى، ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر تېخنىكىسى قاتارلىق مەبلەغ سېلىش ساھەلىرىگە مەركەزلەشكەن بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشتى.