يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت «چېگرا رايوننى ئىدارە قىلىش نۇقتىسىدىن شىنجاڭنىڭ تارىخىي تەرەققىيات مۇساپىسىگە نەزەر»نى باش تېما قىلىپ، 2025 ـ يىلى 1 ـ قېتىملىق مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش ئۆتكۈزدى. ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا قاتناشتى.
بېيجىڭ داشۆ ئارخېئولوگىيە ـ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ـ مۇزېي شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى، بېيجىڭ داشۆ يىپەك يولى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى چېن لىڭ چېگرا رايوننى ئىدارە قىلىشنىڭ ئۇل قاتلاملىق لوگىكىسى، سىياسىي قۇرۇلۇشى، كىشىلەر توپى سىياسىتى، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، تەجرىبە ـ تەپەككۇرى قاتارلىق جەھەتلەردىن چوڭقۇر چۈشەندۈردى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلگەن زور مىقداردىكى تارىخىي يادىكارلىقلار شىنجاڭنىڭ ئەزەلدىن جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى، تارىختىكى مەركىزىي ھاكىمىيەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ شىنجاڭ رايونىغا قارىتا باشقۇرۇش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈپ كەلگەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلىدى. پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇش ۋە ئىگىلەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى بېكىتىپ، شىنجاڭنى ئىدارە قىلىشنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئاچتى. شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇملۇقىدىكى ئالاھىدە ئورنىنى چوڭقۇر تونۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چېگرا رايونلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى توغرىسىدىكى مۇھىم تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ پۇختا ئەمەلىيلىشىشى، جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە پۇختا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 18 ـ قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، چېگرا رايوننى ئىدارە قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ فاڭجېن ـ پىرىنسىپى، خىزمەت ئاساسىي لىنىيەسى، تۆۋەن چەك تەلىپى قاتارلىقلارنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈشتىكى تۈرلۈك نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنىڭ پۇختا ئەمەلىيلىشىشى، جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى، پۈتكۈل جەريانىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىپ، تىرىشىپ چېگرا رايوننى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال مۇلازىمەت قىلىپ ۋە سىڭىشىپ، يېڭى دەۋردە چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ خەلقنى بېيىتىش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، چېگرا بويىدىكى خاس كەسىپلەر، ئېكولوگىيە كەسىپلىرى، خەلقنى بېيىتىش كەسىپلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، چېگرا رايونلارنىڭ ئۇل ئەسلىھە ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات نەتىجىلىرىنىڭ خەلق تۇرمۇشىغا تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈشى، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى چېگرا رايوننى ئىدارە قىلىشنىڭ تۆۋەن چەك تەلىپى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق ئىدارە قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت جەمئىيەت ئىدارە قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى يۇقىرى سەۋىيەلىك بىخەتەرلىك كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.