导航切换

1-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن باشلاپ، تيەنجىن ئاۋىياتسىيەسى ئۈرۈمچى-قومۇل-يىنچۇەن ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى يېڭىدىن ئاچىدۇ

日期:2025年01月13日
来源:昆仑网(维吾尔语)
【字体:

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر ما يىنىڭ خەۋىرى) ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تورى ئورۇنلاشتۇرۇشىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇشنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە پائال تاقابىل تۇرۇشئۈچۈن، تيەنجىن ئاۋىياتسىيەسى 1-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى-قومۇل-يىنچۇەن ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى يېڭىدىن ئېچىشنى پىلانلىدى.

بۇ قېتىم يېڭىدىن ئېچىلىدىغان ئۈرۈمچى-قومۇل-يىنچۇەن ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە تيەنجىن ئاۋىياتسىيەسىنىڭE190 تىپلىق ئايروپىلانى ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدۇ، كۈندە بىر نۆۋەت ئۇچۇش پىلانلاندى. يېڭى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى كەڭ يولۇچىلارنى تېخىمۇ قولايلىق، كۆپ خىل سەپەرگە چىقىش تاللىشى بىلەن تەمىنلەپ، باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدىكى ئاۋىياتسىيە تىرانسپورت مۇلازىمىتىنىڭ تېخىمۇ راۋان، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى مەقسەت قىلغان.


سۈرەتتە: تيەنجىن ئاۋىياتسىيەسى نۆۋەتچى ئايروپىلانى.

ياۋ تيەنلى فوتوسى

ئۈرۈمچى-قومۇل-يىنچۇەن بېرىش سەپىرىدە GS7489 نۆۋەتچى ئايروپىلان سائەت 12دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىدىن يولغا چىقىپ، ئارىلىقتا قومۇلدا توختىغاندىن كېيىن، سائەت 17دىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە يىنچۇەن خېدۇڭ خەلقئارا ئايروپورتىغا يېتىپ بارىدۇ؛ قايتىش سەپىرىدە GS7490 نۆۋەتچى ئايروپىلان سائەت 18دىن 5 مىنۇت ئۆتكەندە يىنچۇەنخېدۇڭ خەلقئارا ئايروپورتىدىن يولغا چىقىپ، ئارىلىقتا قومۇلدا توختىغاندىن كېيىن، سائەت 22دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىغا يېتىپ بارىدۇ. قاتناش باشلانغان دەسلەپكى مەزگىلدە، ئۈرۈمچى-قومۇل-يىنچۇەن لىنىيەسىتاق يۆنىلىشلىك ئايروپىلان بېلىتىنىڭ باھاسى تەخمىنەن 940 يۈەندىن باشلىنىدۇ (باجنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)، كونكرېت بېلەت باھاسىدا ئەمەلىي تەكشۈرۈلگەن باھا ئۆلچەم قىلىنىدۇ. يولۇچىلار تيەنجىن ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ھۆكۈمەت تور بېكىتى ۋە ھەرقايسى چوڭ ئالاقە تورى بېلەت سېتىش سۇپىلىرى ئارقىلىق ئايروپىلان بېلىتىنى ئالدىن زاكاز قىلسا بولىدۇ.

قومۇل بىلەنيىنچۇەن ئايرىم-ئايرىم ھالدا شىنجاڭ ۋە نىڭشيادىكى مۇھىم شەھەرلەر بولۇپ، مول ساياھەت بايلىقى ۋە مەدەنىيەت ئاساسىغا ئىگە. بۇ قېتىمقى يېڭى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ ئېچىلىشى ئۈرۈمچى، قومۇل ۋە يىنچۇەن ئوتتۇرىسىدىكى قاتناش ئالاقىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپلا قالماي، يەنە ئۈچ جاي ئوتتۇرىسىدىكى ساياھەت، سودا قاتارلىق ئالاقىلەرنى تېخىمۇ قولايلىق ئاۋىياتسىيە يولى بىلەن تەمىنلەيدۇ.