پويىز بېلىتىنىڭ باھاسى چۈشۈرۈلىدىغان بولدى! باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە، بۇ ئادەتتىكى پويىزلارنىڭ بېلەت باھاسى تۆۋەن بولغاندا %20،ئوق پويىز گۇرۇپپىسىنىڭ بېلەت باھاسى تۆۋەن بولغاندا %30 چۈشۈرۈلىدۇ.
1-ئاينىڭ 8-كۈنى چۈشتىن كېيىن، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش بويىچە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 2024-يىلى، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تۆمۈريول تىجارەت مۇساپىسى 162 مىڭ كىلومېتىردىن ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولنىڭ 48 مىڭ كىلومېتىردىن ئاشقان. باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە كۈنىگە 14 مىڭدىن ئارتۇق يولۇچىلار پويىزى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، كۈنىگە 500 مىڭ ئەتراپىدا ئورۇن كۆپەيتىلىدىكەن، يولۇچى-ئورۇنئىقتىدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4 ئەتراپىدا ئاشۇرۇلىدىكەن.
مۇلازىمەت تەدبىرلىرىنى داۋاملىق ياخشىلاش ئۈچۈن، دۆلەت تۆمۈريول گۇرۇھى يولۇچى توشۇش بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى جۇ ۋېنجۇڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: بېلەت باھاسىدا ئېتىبار بېرىش سالمىقى نۇقتىلىق زورايتىلىپ،قىسمەن جىددىي بولمىغان ۋاقىت، يۆنىلىشتىكى يولۇچىلار پويىزىدائېتىبارلىقبېلەت باھاسى يولغا قويۇلىدۇ، ئادەتتىكى پويىز بېلىتىدە ئەڭ يۇقىرى بولغاندا %20 ئېتىبار بېرىلىدۇ، ئوق پويىز گۇرۇپپىسى بېلىتىدە ئەڭ يۇقىرى بولغاندا %30 ئېتىبار بېرىلىدۇ،بۇنىڭ بىلەن يولۇچىلار تېخىمۇ كۆپ سەپەرگە چىقىش تاللىشىغا ئىگە بولىدۇ ھەم ئەمەلىي نەپكە ئېرىشەلەيدۇ.