ما شىڭرۇي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، خې جۇڭيوۋ دوكلات بەردى ھەم سۆز قىلدى
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 8 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 9 - ئومۇمىي يىغىنى 1 - ئاينىڭ 8 - كۈنى ئېچىلدى، يىغىندا 2024 - يىللىق خىزمەتلەر سىستېمىلىق خۇلاسىلىنىپ، 2025 - يىللىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىسى، 1 - جېڭۋېي ما شىڭرۇي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، جېڭۋېي خې جۇڭيوۋ بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن ئومۇمىي يىغىنغا خىزمەت دوكلاتى بەردى ھەم خۇلاسە سۆزى قىلدى. بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىلىڭيۈەن شۆ بىن بىڭتۇەننىڭ ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدا كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى.
يىغىندا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 8 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 9 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ قارارى» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.
ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: ئۆتكەن بىر يىلدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ ۋە بىڭتۇەن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەت، بۇرچىنى سادىقىلىق بىلەن ئادا قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ بىڭتۇەن ئەمەلىيىتىدە پۇختا قەدەم تاشلاشقا تۈرتكە بولدى. نەتىجىلەر تەستە قولغا كەلدى، بۇ نېگىزىدىن ئېيتقاندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسى بولۇش سۈپىتى بىلەن رول تۇتۇپ يول باشلىغانلىقىدىن بولدى، نېگىزىدىن ئېيتقاندا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن بولدى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرغانلىقتىن بولدى. بىڭتۇەن «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈپ، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىڭتۇەننىڭ ئورۇن بېكىتمىسى توغرىسىدىكى تەلىپىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشتىكى تۈپ قوللانما قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى خىزمەتلەرنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: بىڭتۇەن دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئومۇملۇقىغا پائال مۇلازىمەت قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىڭىشىپ، «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى چىڭ كۆزلەپ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىشى كېرەك. ئېچىۋېتىش سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا چوڭقۇر قاتنىشىپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان يەرلىكلەر ئارا ئىقتىساد - سودا ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك؛ «ئون چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، خاس، ئەۋزەل زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازارغا تېخىمۇ ياخشى سىڭىشىپ، ئۆز ئەۋزەللىكىنى تەرەققىيات ئەمەلىي نەتىجىسىگە ئايلاندۇرۇشى كېرەك؛ شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە ۋە ئاچقۇچلۇق قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشقا پائال قاتنىشىپ، بىر تۈركۈم ئىستراتېگىيەلىك، يېتەكچى خاراكتېرلىك چوڭ - چوڭ تۈرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك؛ ئاشلىق، پاختا ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ھوسۇلنى ئاشۇرۇشقا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن مۇقىم، بىخەتەر تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك؛ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، بىڭتۇەننىڭ مۇقىملىقنى قوغداپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىشتىكى ئالاھىدە رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. دىققەتنى يېڭى دەۋردىكى بىڭتۇەننىڭ مەسئۇلىيىتى، بۇرچىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىڭتۇەننىڭ يۈرۈشۈش مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، ئىستراتېگىيەلىك، ئىجادىي، يېتەكچى خاراكتېرلىك ئىسلاھاتنى پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشى كېرەك؛ بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ گىرەلىشىشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تېخىمۇ زور ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلما ۋە كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، كۈچنى بىرىكتۈرۈپ تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شەھەرلەر توپىنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىتىنى تۈزەش قاتارلىق مۇھىم خىزمەتلەردە ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيەتنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، سىياسىي قۇرۇلۇشنىڭ بىرتۇتاش يېتەكچىلىكىدە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، سىجىل تۈردە ئىستىلنى توغرىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنىنى قۇرۇپ چىقىشى كېرەك. ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك، ھەرقايسى تارماقلار بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى ۋە تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاپ، سىياسەت، مەبلەغ، تۈر، ئىختىساسلىقلار جەھەتتە ھەر تەرەپلىمە كاپالەت بىلەن تەمىنلەپ، بىڭتۇەننىڭ شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش داۋامىدا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا مەدەت بېرىشى، تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
خې جۇڭيوۋ دوكلاتىدا 2024 - يىللىق بىڭتۇەن خىزمىتىنى ئەسلەپ ئۆتتى، بۇ يىللىق خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇردى ۋە مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ ۋە بىڭتۇەن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى خىزمەت ئاساسىي لىنىيەسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى چىڭ كۆزلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىڭتۇەننىڭ ئورۇن بېكىتمىسى توغرىسىدىكى تەلىپىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋە بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، بىڭتۇەننىڭ خاس، ئەۋزەل زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشىنى تېزلىتىپ، تېخىمۇ ياخشى ھالدا خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، قەلبلەرنى مۇجەسسەملەپ، مۇقىملىقنى قوغداپ، ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى بىڭتۇەننىڭ مۇقىملىقنى قوغداپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش يېڭى ئەۋزەللىكىنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرۈپ، «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئوڭۇشلۇق تاماملاپ، «15 - بەش يىل»نىڭ ياخشى باشلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك.
يىغىندا، بۇ يىلقى خىزمەتلەرنىڭ ئومۇمىي تەلىپى چۆرىدىلىپ نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، بۇ ئاساسلىقى يېڭى دەۋردىكى بىڭتۇەننىڭ مەسئۇلىيىتى، بۇرچىنى قەتئىي ئادا قىلىش، مۇقىملىقنى قوغداپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىش، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىش، يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش ۋە يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىغا تېخىمۇ كۆپ نەپ يەتكۈزۈشكە تۈرتكە بولۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش قاتارلىقلار.
بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن ليۇ جيەنمىڭ، لى جېنگو، لى گو، جاڭ ۋېنشېڭ، خا زېڭيوۋ، لى يۇڭخۇڭ، لى شۈ، جۇ شۆبىڭ يىغىنغا قاتناشتى.