− كۇچا «كۈسەن تار كوچىسى»دا نۇقتىدا تۇرۇپ خەۋەر قىلىش (1)
1 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، ساياھەتچىلەر كۇچا شەھىرىنىڭ ساقساق كوچا باشقارمىسىدىكى «كۈسەن تار كوچىسى»دا سەيلە قىلماقتا. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ
كۇچا شەھىرىنىڭ ساقساق كوچا باشقارمىسىدىكى «كۈسەن تار كوچىسى»دا ۋاقىتنى ئاستىلىتىدىغان جەلپكار كۈچ باردەك قىلاتتى.
گەرچە قەھرىتان قىشتا گۈل - گىياھ، يېشىل يوپۇرماقلارنىڭ زىننىتى كەمچىل بولسىمۇ، لېكىن بۇ كوچىغا كىرسىڭىز يوللار پاكىز بولۇپ، قەدىمىيلىك بىلەن زامانىۋىلىق يۇغۇرۇلغانىدى. يۈز يىللىق تۇرالغۇلار، ئايۋان تۈۋرۈكلىرى، كونا، قەدىمىي بۇيۇملارغا ماسلاشتۇرۇلغان مودا، جەلپكار توردا ئالقىشلانغان داكا نۇقتىلىرى... يىللار ئىزنالىرى مۇجەسسەملەنگەن بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا جانلىق كەيپىياتقا تولغان ئۆرپ - ئادەت مەنزىرە كۆرۈنۈشلىرى كۆز ئالدىمىزدا لەرزان نامايان بولىدۇ.
«كۈسەن تار كوچىسى» كۇچا تارىخىي مەدەنىيەت داڭلىق شەھىرىنىڭ يادرولۇق رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، كۇچا كونا شەھەر رايونىدىكى چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلى ۋە مىنگونىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى كوچا ئەندىزىسى ئەڭ مۇكەممەل ساقلانغان كوچىلارنىڭ بىرى. لېكىن، ئىككى يىل ئىلگىرى، يۈز يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتنى بېسىپ ئۆتكەن بۇ تار كوچا «قېرىپ ھالىدىن كەتكەن» قىياپەتكە كىرىپ قالغانىدى.
«كوچا - كويلاردا توپا - چاڭ ئۇچۇپ تۇراتتى، ئۆيلەرنىڭ ھەممىسى توپا - ياغاچ قۇرۇلمىلىق ئۆيلەر بولۇپ، ئۈچ - تۆت ئەۋلاد مىراس قالغان، ھەم كونىراپ ھەم ئەسكىرەپ كەتكەن» دېدى بۇ تار كوچىدا 17 يىل تۇرمۇش كەچۈرگەن ئاھالە ئالىيە راخمان.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش شەرق شامىلى ئەۋج ئالدى، كۇچا شەھىرى مايتاغ - كۇچا تاشيولىنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ساياھەتنىڭ ئاۋات مەزگىلىدە ھەر كۈنى نۇرغۇن ساياھەتچىنى كۈتۈۋالىدۇ. ساقساق كوچا باشقارمىسىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار تار كوچىدىكى ئاھالىلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغاندا، كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇش مۇھىتىنى ياخشىلاشقا بولغان تەخىرسىز ئارزۇسىنى ھېس قىلدى.
«تار كوچىنى تۈزەشتۈرۈپ، ساياھەتچىلەرنى مۇشۇ يەرگە كېلىشكە جەلپ قىلامدۇق؟» دادىل بىر ئوي شۇنىڭ بىلەن پەيدا بولدى، كوچا باشقارمىسى كادىرلىرى دەرھال ئاممىنى زىيارەت قىلىپ، پىكىر - تەكلىپ توپلىدى.
«بىر قىسىم ئامما قوللىدى، يەنە بەزىلەر قاراپ بېقىش پوزىتسىيەسىدە بولدى.» ساقساق كوچا باشقارمىسى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋۇ خەيبىن سەمىمىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: «راست گەپنى قىلغاندا، ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن قانداق ئۈنۈم كۆرۈلىدىغانلىقىنى ھېچكىم ئالدىن بىلمەيتتى. لېكىن بىز قانداقلا بولمىسۇن ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇش مۇھىتىدا ياخشىلىنىش بولىدىغۇ، ئۇنداق بولسا قىلايلى دەپ ئويلىدۇق».
تەۋەلىكتىكى نەچچە ئون دۇكان، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ تەرەپ - تەرەپتىن ئىئانە قىلغان 30 مىڭ يۈەن پۇلى تار كوچىنىڭ «يېڭى تۈسكە كىرىش»ىنى باشلاش مەبلىغى بولۇپ قالدى. بىر مەيدان داغدۇغىلىق چوڭ تازىلىق، چوڭ ئۆزگەرتىش باشلاندى − ئەخلەتلەر تازىلاندى، يوللار تۈزلەندى، تاملار ئاقارتىلدى، كوچا باشقارمىسىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار خىزمەتتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدا پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ ئىشلىدى. تار كوچىدا ھەربىر كۈندە يېڭى ئۆزگىرىشلەر بولدى.
ئۆزگەرتىش جەريانىدا ھەل قىلىش ئەڭ تەس بولغىنى يەنىلا تازىلىق ئۆلۈك بۇلۇڭلىرىنى ساناش بولدى. مەسىلەن: تار كوچىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا تەخمىنەن 100 مېتىر كېلىدىغان يەردىكى ئىككى ئۆينىڭ ھويلا تېمىنىڭ ئارىسىدىكى بىر تار، ئۇزۇن ئارىلىقنىڭ ھەممە يېرى ئەخلەت ۋە كېرەكسىز نەرسىلەر بىلەن تولغانىدى. «قول ھارۋىسى، ئۈچ چاقلىق ۋېلىسىپىت كىرەلمىگەچكە، ئاساسلىقى ئادەم كۈچىگە تايىنىپ توشۇشقا توغرا كەلدى. بۇلارنى تازىلاشقىلا ئۈچ كۈن ۋاقىت كەتتى» دېدى كوچا باشقارمىسىنىڭ جەمئىيەت خىزمەتچىسى تۇرسۇنئاي ئەخەت ئەسلەپ.
ئاھالە ئېزىز ئەمەت تار كوچا تازىلىق ئەترىتىنىڭ ئەزاسى. ئەڭ ئاخىرقى بىر دۆۋە ئەخلەتنى تازىلاپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ كوچىنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرۇپ، بېشىنى كۆتۈرۈپ كەڭ كەتكەن بوشلۇقنى كۆرۈپ، تۇيۇقسىز كاللىسىغا بىر ئەقىل كەلدى: «بۇ تار كوچىنىڭ ئىلگىرى ئىسمى يوق ئىدى، بۇنىڭدىن كېيىن <تيەنكۇڭ كوچىسى> دەپ ئاتىساق قانداق.» ئۇنىڭ تەكلىپى كۆپچىلىكنىڭ بىردەك قوللىشىغا ئېرىشتى.
تېخىمۇ كۆپ ئاھالىلەر كوچا باشقارمىسىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ جاپالىق ئەجرىنى كۆردى. «ئەسلىدە ئۇلارنى بىردەملىك قىزغىنلىق بىلەن قىلىدۇ دەپ ئويلىغانىدىم، بۇنچە ئەستايىدىل ئىشلەيدىغانلىقىنى ئويلىماپتىمەن.» «تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا بۇ ئۆزىمىزنىڭ ماكانى، كادىرلار ھېرىپ بەدەنلىرى سىرقىراپ ئاغرىپ كەتتى، بىز قانداقمۇ خىجىل بولماي قاراپ ئولتۇرالايمىز!»... ئون، يۈز، مىڭ، دەسلەپتە پەقەت 100دىن ئارتۇق ئاساسىي قاتلام كادىرى تار كوچىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىغا قاتناشقان بولسا، كېيىن 4000دىن ئارتۇق ئاھالە ئارقا - ئارقىدىن قوشۇلدى.
بىر مەقسەتتە ئويلاپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىلدى. كۆپچىلىك لايىھەلىگۈچى، قۇرۇلۇش قىلغۇچى بولدى، پۇلى بارلار پۇل چىقاردى، كۈچى بارلار كۈچ چىقاردى، بەس - بەستە ئۆيىدىكى كونا بۇيۇملار، كونا گىلەم، ئاسما گىلەم قاتارلىقلارنى ئەپچىقىپ تار كوچىنى بېزەشكە ئىشلەتتى، يەنە ئەقىل - پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەرقايسى داكا نۇقتىلىرىغا ئىسىم قويدى. 30 كېچە - كۈندۈز تىرىشىش ئارقىلىق، كەسپىي لايىھە، يېتەكلەش ۋە يېتەرلىك مەبلەغ كاپالىتى بولمىغان ئەھۋالدا، 200 مېتىر كېلىدىغان كۈسەن تار كوچىسىنىڭ «1.0 نۇسخىسى» مۇكەممەل نامايان قىلىندى.
قەدەمدە بىر مەنزىرە، ھەممىلا يەردە كۆرۈنۈش نامايان بولدى. تار كوچا ھەقىقەتەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى! بەزى ساياھەتچىلەر يەنە ساياھەت تەسىراتىنى قىسقا سىن سۇپىسىغا يوللاپ، ئارتۇقچىلىقىنى ماختاش بىلەن بىللە، ئۆزگەرتىشكە بولىدىغان جايلارنىمۇ ئوتتۇرىغا قويدى.
«200 مېتىر بەك قىسقا ئىكەن، ئويناپ قانمىدىم، يەنە ئەسلىدىكى يول بىلەن قايتىمەن».
لېكىن بۇ ھەقىقەتەن 30 مىڭ يۈەن بىلەن ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىغان ئەڭ يۇقىرى ئۈنۈم ئىدى.
تار كوچىدىكى كادىرلار، ئاممىنىڭ ساقلاپ تۇرماي، تايىنىۋالماي، پائال يېڭىلىققا، ئۆزگىرىشكە ئىنتىلىپ، ماكانىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزگەرتكەن ئىشلىرى كۇچا شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى، شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ يۈكسەك مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشتى، تار كوچىنىڭ 2 - قارارلىق قۇرۇلۇشىدىكى ئۇل ئەسلىھەلەرنى ياخشىلاش، كونا ئۆيلەرنى رېمونت قىلىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىش ئۈچۈن مەبلەغ ئاجرىتىپ بەردى.
ئامما سەپەرۋەر قىلىندى، ئامما تەشكىللەندى، ئاممىغا تايىنىلدى. كاپالەت ۋە قوللاش بولغاچقا، كۆپچىلىكنىڭ ئىشەنچى تېخىمۇ تولۇپ، غەيرىتى تېخىمۇ ئاشتى، ساقساق كوچا باشقارمىسى ئالتە مەھەللىنىڭ ھەربىرىنىڭ بىر بۆلەككە مەسئۇل بولۇشىنى قارار قىلدى، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قوشۇلغان ئاھالىلەرنى يېتەكلەپ داۋاملىق ئۆزگەرتتى. «ئىلگىرىكىگە ئوخشاش، ھەرقانداق ئوي - پىكىر، تەكلىپ بولسا ئوتتۇرىغا قويساڭلار بولىدۇ، مەسلىھەتلىشىپ ئەڭ مۇۋاپىق لايىھەدىن بىرنى تۈزۈپ چىقايلى.» ئاساسىي ئۇسلۇبتا بىردەكلىكنى ساقلاش ئاساسىدا، كۆپچىلىك ئەقىل - پاراسىتىنى بەھۇزۇر جارى قىلدۇردى، تار كوچا تېز سۈرئەتتە «2.0 نۇسخىسى»غا يېڭىلىنىپ، 1.2 كىلومېتىرلىق يېپىق شەكىلدىكى ساياھەت لىنىيەسى شەكىللەندى.
بۈگۈنكى كۈندىكى «تيەنكۇڭ كوچىسى» قېنىق كۆك رەڭنى ئاساسىي رەڭ قىلغان بولۇپ، ئاق بۇلۇتلار، يۇلتۇزلار، ھەسەن - ھۈسەنلەر ھۆسن قوشۇپ، 300 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قېتىمنى داكا قىلىشقا جەلپ قىلدى. ھازىرقى رەڭگارەڭ، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، يۇرت سېغىنىشى، قەدىمىي پۇراق ساقلاپ قېلىنغان، شۇنداقلا ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان كۈسەن تار كوچىسى مىليونلىغان ساياھەتچىنى بەس - بەستە كېلىشكە جەلپ قىلماقتا.