导航切换

كىچىك ئات بىلەن چوڭ ھارۋىنى سۆرەشكە بولمايدۇ

日期:2025年01月10日
来源:天山网
【字体:

ئاساسىي قاتلام خىزمىتىدە ھوقۇق كىچىك، مەسئۇلىيەت زور، ئادەم ئاز، ئىش كۆپ، «كىچىك ئات بىلەن چوڭ ھارۋىنى سۆرەش» مەسىلىسى تۈپتىن ھەل قىلىنمىسا، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ئۈنۈمى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشتا ئاز ئىشقا كۆپ كۈچ سەرپ بولۇپ كېتىدۇ.

يېقىندا ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى جەمئىيەت خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلەندى: ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېزا - بازار (كوچا باشقارمىسى) كۈچلىرىنى كۈچلۈك سەپلەپ، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشتىكى «كىچىك ئات بىلەن چوڭ ھارۋىنى سۆرەش»تىن ئىبارەت گەۋدىلىك مەسىلىنى ھەل قىلىش كېرەك. كىچىك ئاتنى قانداق قىلىپ ھەم «كۈچلۈك»، ھەم «قاۋۇل» قىلىش، چوڭ ھارۋىنى قانداق قىلىپ ھەم «يېنىك»، ھەم «كىچىك» قىلىش ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشتىكى مۇھىم تېما بولۇپ قالدى.

«كىچىك ئات بىلەن چوڭ ھارۋىنى سۆرەش»تە ئات كۈچى خوراپ كېتىدۇ. ئاساسىي قاتلام خىزمىتىدە نۇقتا كۆپ، دائىرە كەڭ، ئىش مۇرەككەپ بولۇپ، بەزىدە خىزمەتچى خادىملار ھەرقانچە ئالدىراش بولسىمۇ، دائىم قىيىن ئەھۋالدا قېلىپ، چېپىپ يۈرۈپ ھالسىراپ كېتىدۇ. «چارچىتىش جېڭى» «كېچە - كۈندۈز توختىماي ئىشلەش» ۋە «مەسئۇلىيەت نورمىدىن ئېشىپ كېتىش» ئاساسىي قاتلامدىكى قابىللارنىڭ قابىلىيىتىنى خورىتىدۇ، ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ، ھەم «ئېنېرگىيە تولۇقلايدىغان» ۋاقىت يوق، ھەم «غەيرەت قىلىدىغان» زېھنىي كۈچ يوق بولۇپ، ئىچكى خوراش ئىچىدە «قېرى ئات» «كېسەل ئات»قا ئايلىنىپ قالىدۇ. بۇ، بەزى جايلارنىڭ ئاساسىي قاتلام خىزمىتىدە شەكىلۋازلىق بىلەن ئەپلەپ - سەپلەپ ئىش قىلىپ، رەسمىيەتچىلىكنى خىزمەتتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. «ئىقتىدار ۋەھىمىسى»نىڭ ئاساسىي قاتلامدا ئېغىرلىشىپ كېتىشى، ناھايىتى زور دەرىجىدە دەل كىچىك ئات بىلەن چوڭ ھارۋىنى سۆرەش سەۋەبىدىن بولدى.

«كىچىك ئات بىلەن چوڭ ھارۋىنى سۆرەش» ئۈنۈمنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. «يىراق يول» «ئات كۈچى»نى سىنايدۇ، كىچىك ئات بىلەن كىچىك ھارۋىنى سۆرىگەندە بىر كۈندىلا يېتىپ بارغىلى بولىدۇ؛ كىچىك ئات بىلەن چوڭ ھارۋىنى سۆرىگەندە ئۈچ كۈندىمۇ يېتىپ بېرىشى ناتايىن، مانا بۇ كىچىك ئات بىلەن چوڭ ھارۋىنى سۆرەشنىڭ ئۈنۈمنى تۆۋەنلىتىۋېتىشىدىكى نۇقسان. ئۈنۈم بولمىسا، خىزمەتنى قانچە كۆپ قىلغانسېرى شۇنچە ھېرىپ كەتكەندەك ھېس قىلىمىز، سۈرئىتىمىزمۇ شۇنچە ئاستا بولىدۇ. مەيلى ياخشى چارە قوللىنىپ ئىسلاھات - تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش بولسۇن ياكى قاتتىق تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، خەلققە پايدا يەتكۈزۈش بولسۇن، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەش، يۇقىرى ئۈنۈمنى كۆزلەش مۇھىم خىزمەت كۆرسەتكۈچى. خىزمەت ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرگەندە، كىچىك ئاتنى ئارغىماق، تۇلپارغا ئايلاندۇرۇپلا قالماي، يەنە ھارۋىغا قاچىلاشقا تېگىشلىك بولمىغان ئېغىر يۈكنى ئېلىۋېتىپ، كىچىك ئاتقا ھارۋىنى سۆرىتىپ، چاپتۇرغاندا، ھەم خىزمەتنى تېز سۈرئەتتە ئىلگىرى سۈرگىلى، ھەم تېزلىكتە ئۈنۈمىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش بىر سىستېمىلىق قۇرۇلۇش. كىچىك ئاتنى كۆڭۈل قويۇپ ئاسراشتا چوڭ ھارۋىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش، ۋەزىپىنى تەقسىملەش، مەسئۇلىيەتنى ئورتاق زىممىگە ئېلىشقا كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك، «يۈك»، «ئىمتىھان قەغىزى»نىلا ئاساسىي قاتلامغا ئىتتىرىپ قويۇشقا بولمايدۇ، يەنە كۈچ، ئىللىقلىقنى ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈپ، ھەقىقىي تۈردە ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى باغلاقتىن بوشىتىپ، يۈكىنى يېنىكلىتىپ، ئۇلارنى يەڭگىل جابدۇنۇپ سەپەرگە ئاتلىنىپ، ئاساسىي قاتلام خىزمىتىنى تېخىمۇ ئۈمىدۋارلىق بىلەن، تېخىمۇ غەيرەت بىلەن ئىشلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

(«جياڭ شياۋيەن» ماقالە ئەۋەتىش پوچتا ساندۇقى: xjrbplb@126.com)