导航切换

ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، قاراشنى ئۆزگەرتىپ، قەتئىي ئىرادە بىلەن ئىلگىرىلەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، ئەۋزەل بايلىقلارنى ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك

日期:2025年01月09日
来源:天山网
【字体:

ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ داۋانچىڭ رايونىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، بايلىق چارلاپ تەكشۈرۈش ـ ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش خىزمىتىگە تۈرتكە بولدى

ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، قاراشنى ئۆزگەرتىپ، قەتئىي ئىرادە بىلەن ئىلگىرىلەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، ئەۋزەل بايلىقلارنى ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك

جاڭ جۇ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى


1 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ داۋانچىڭ رايونىغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ سەيۋوپۇدىكى ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن رايوننىڭ شىمالىي گىرۋىكىدىكى شىنچەيدى 1 ـ قۇدۇقىدا گېئولوگىيەلىك چارلاشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈردى، رايون نېفىت ـ تەبىئىي گاز بايلىقىنىڭ تارقىلىشى ۋە چارلاپ تەكشۈرۈش نەتىجىسى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

 پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنى ۋە مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 13 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 1 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ داۋانچىڭ رايونىغا بېرىپ، نېفىت، تەبىئىي گاز ۋە قېزىلما بايلىقلارنى چارلاپ تەكشۈرۈش ـ ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش خىزمىتىنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار نازارەت، ئىدارە ۋە ئۈرۈمچى شەھەر، رايون ئىككى دەرىجىلىك مەسئۇل يولداشلار بىلەن نەق مەيداندا تەتقىق قىلىپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتتى. ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۈچلۈك تەشەببۇسكارلىق روھى بىلەن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىش خىزمىتىنى تەتقىق قىلىپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، قاراشنى ئۆزگەرتىپ، قەتئىي ئىرادە بىلەن ئىلگىرىلەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، ئەۋزەل بايلىقلارنى ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش جەھەتتە سۈرئەتنى تېزلىتىپ ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈپ، نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىش جەھەتتە كۈچەپ بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، خىزمەت ئىقتىدارى ۋە ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتە بېسىمنى ئاشۇرۇپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا يېڭى، تېخىمۇ چوڭ قەدەم ئېلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ جۇ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ سەيۋوپۇدىكى ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن رايوننىڭ شىمالىي گىرۋىكىدىكى نېفىت ـ تەبىئىي گاز بايلىقى يوشۇرۇن كۈچىنى باھالاش تۈرى نۆۋەتتە پائال ئالغا سىلجىتىلماقتا. ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز شىنچەيدى 1 ـ قۇدۇقىغا كېلىپ، گېئولوگىيەلىك چارلاشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈردى، رايون نېفىت ـ تەبىئىي گاز بايلىقىنىڭ تارقىلىشى ۋە چارلاش نەتىجىلىرى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلاپ، گېئولوگىيەلىك قۇرۇلما، تېخنىكىلىق يول قاتارلىقلارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى، ئالاقىدار يولداشلار بىلەن كېيىنكى قەدەمدىكى خىزمەتلەر توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى. ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: ئىستراتېگىيەلىك نەزەرنى كۈچەيتىپ، ئومۇمىيەت ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، دۆلەت ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى چۆرىدەپ، رايوننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئېھتىياجىنى چىڭ كۆزلەپ، نېفىت ـ تەبىئىي گاز چارلاش ـ ئېچىش ۋە زاپىسىنى كۆپەيتىپ مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇش جەھەتتە تېخىمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش، بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك. ئىلمىي دەلىللەش، قۇدۇق ئورۇنلاشتۇرۇش، چارلاش ـ تەكشۈرۈش سالمىقىنى پۇختا زورايتىپ، كېيىنكى ھالقىلاردىكى خىزمەتلەرگە پۇختا تۈرتكە بولۇپ، تىرىشىپ يېڭى ئىلگىرىلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، رايوننىڭ تەرەققىيات يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

ئۈرۈمچى جيۇگاڭ كانچىلىق چەكلىك شىركىتىگە كېلىپ، ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز كارخانىنىڭ تىجارەت تەرەققىيات ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلاپ، كارخانىنىڭ سېلىنمىنى زورايتىپ، مىس كېنى تۈرىنى تېزدىن قۇرۇپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى. ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى بىر نۆۋەتلىك كان ئىزدەشتە بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ھەرىكىتىنى پائال يولغا قويۇپ، نۇقتىلىق قېزىلما بايلىقلارنى تەكشۈرۈش، چارلاپ تەكشۈرۈش، ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى تېزلىتىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، چوڭ ـ چوڭ كانچىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، كانچىلىق باشلامچى كارخانىلىرىنىڭ زورىيىشى، كۈچىيىشىگە مەدەت بېرىپ، شىنجاڭ كانچىلىقىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ما شىڭرۇي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى يىلدا يېڭى كەيپىيات بىلەن يېڭى مەسئۇلىيەتچانلىق، يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىش كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت باش ۋەزىپىنى مەھكەم ئىگىلەپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش، زورايتىشنى ئاساسلىق ھۇجۇم يۆنىلىشى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى بايلىق ئۈستۈنلۈكى، تەرەققىيات شارائىتى، سېلىشتۇرما ئەۋزەللىك قاتارلىق ئەمەلىيەتكە قويۇپ، شىنجاڭنىڭ «ئون چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىغا پائال سىڭىشىپ، مۇھىم ئېنېرگىيە ۋە ئىستراتېگىيەلىك قېزىلما بايلىقلارنى چارلاپ ئېچىش ۋە ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىشنى تېزلىتىپ، نۇقتىلىق كەسىپلەردە زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، ئەلالاشتۇرۇش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش جەھەتتە يېڭى قەدەم تاشلاش كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كېڭەيتىشنى ئاساسىي تۇتقا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تىرەكلىك رولى زور، يېتەكلەش ئىقتىدارى كۈچلۈك، كەسىپ تەرەققىياتى جىددىي ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان بىر تۈركۈم چوڭ ـ چوڭ تۈرلەرنى پائال پىلانلاپ ۋە ئالغا سىلجىتىپ، ھەرقايسى ھالقىلاردىكى خىزمەت سالمىقىنى زورايتىپ، تۈرلەرنىڭ بالدۇر پۈتۈشى، بالدۇر ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى، بالدۇر ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تىرىشىپ تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز يېڭى قۇۋۋەت توپلىشى كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتە سىجىل كۈچەپ، بۇ يىللىق تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. دادىللىق بىلەن ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، كونا قائىدىلەرنى بۇزۇپ تاشلاپ، كۆز قاراشتىكى ئاسارەتلەر ۋە تەپەككۇردىكى توسالغۇلارنى ئۈزلۈكسىز تۈگىتىپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش تەپەككۇرى ۋە چارىسى ئارقىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ماھىر بولۇپ، دادىل بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، دادىل سىناق قىلىپ، ئىش قىلىشقا، نەتىجە يارىتىشقا ماھىر بولۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى قانۇن ـ بەلگىلىمە بويىچە ئالغا سىلجىتىپ، ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى مەنزىل ئېچىشى كېرەك. بولۇپمۇ ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى ئورۇنلاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار خىزمەتلەرنى تەتقىق قىلىش، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى ياخشى ماھارەت، ھەقىقىي قابىلىيەتنى سىجىل تاۋلاپ، مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىش، تەھلىل قىلىشنى كۈندىلىك ئادەتكە ۋە زۆرۈر ساپاغا ئايلاندۇرۇپ، ئىجتىھات بىلەن پىكىر يۈرگۈزۈپ، ئويلاشقا ماھىر بولۇپ، ئىلمىي ھۆكۈم قىلىش ئاساسىدا، مەسىلىنى ھەل قىلىش پىكىر يولى ۋە ئەسقاتىدىغان چارىلەرنى تېپىپ چىقىپ، ئايدىڭلاشتۇرغان ھامان چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ، قانچىلىك كۆپ ئىشلىگىلى بولسا شۇنچىلىك كۆپ ئىشلەپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار «دائىم غېمىدە بولۇش» مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا دائىر خىزمەتلەرنى قىلچە بوشاشماي ياخشى تۇتۇپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى يوشۇرۇن خەۋپ ـ خەتەرنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ تۈزەشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، يەر تەۋرەش، شىۋىرغان، قىش پەسلىدىكى ئوت ئاپىتى قاتارلىق تۈرلۈك ئاپەتلەردىن قاتتىق مۇداپىئە كۆرۈپ، جىددىي بىر تەرەپ قىلىش ۋە قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش تەييارلىقىنى كۈچەيتىپ، زور خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش تۆۋەن چېكىنى ھەقىقىي ساقلاپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال ـ مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قەتئىي قوغدىشى كېرەك.

چېن ۋېيجۈن، يۈسۈپجان مەمەت، قادېن كەبىن، جىن جىجېن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.