مۇخبىرنىڭ قونجىراپ تاموژنىسىدىن ئىگىلىشىچە
بۇ يىل 12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ
بۇ پورت ھەر يىلدىكى پەسىل خاراكتېرلىك ئېچىۋېتىشتىن
يىل بويى ئېچىۋېتىشكە ئۆزگەرتىلىدىكەن
بۇ قونجىراپ پورتىنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى (9-ئاينىڭ 20-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاۋ يۈسى فوتوسى
قونجىراپ پورتى
قەشقەر ۋىلايىتى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى تەۋەسىدە بولۇپ
«جۇڭگوـپاكىستان ئىقتىساد كارىدورى» قۇرۇلۇشىدىكى يادرولۇق رايونغا جايلاشقان
شۇنداقلا جۇڭگو بىلەن پاكىستاننىڭ بىردىنبىر قۇرۇقلۇق يولى پورتى
بۇنىڭدىن ئىلگىرى دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز بولۇش ۋە قار-مۇزلۇق ھاۋارايىنىڭ تەسىرى تۈپەيلى
قونجىراپ پورتىدا ھەر يىلى 4-ئايدىن 11-ئايغىچە تاموژنا ئېچىلىپ
12-ئايدىن كېيىنكى يىلى 3-ئايغىچە تاقىلاتتى
بۈگۈنكى كۈندە يىل بويى ئېچىۋېتىلسە
جۇڭگو بىلەن پاكىستاننىڭ
ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقى ۋە ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا پايدىلىق
9-ئاينىڭ 20-كۈنى، شىنجاڭ چېگرادىن كىرىش-چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش باش پونكىتى قونجىراپ چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ ساقچىلىرى چېگرادىن كىرگەنكورېيەلىكيولۇچىلارنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزمەكتە. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاۋ يۈسى فوتوسى
قونجىراپ پورتىدا
بۇ يىل 4-ئاينىڭ 1-كۈنى تاموژنا رەسمىي ئېچىلغاندىن بۇيان
پورت ئارقىلىق چېگرادىن كىرگەن-چىققان يولۇچىلار تەدرىجىي كۆپىيىپ
چېگرادىن كىرگەن-چىققان يولۇچى سانى 50 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى
ئاپتوموبىللار قونجىراپ پورتىغا كىرىپ چىقماقتا.
10-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە
قونجىراپ تاموژنىسى
نازارەت قىلغان-باشقۇرغان چېگرادىن كىرگەن-چىققان تىرانسپورت قورالى 11 مىڭ ئاپتوموبىل قېتىمدىن ئاشتى
نازارەت قىلغان-باشقۇرغان ئىمپورت-ئېكسپورت مال مىقدارى40 مىڭ 900 توننا بولدى
بۇ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا %42.6،%72.7ئېشىپ
ئېشىش ۋەزىيىتى كۆرۈنەرلىك بولدى
«تىيانشان تورى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى