11-ئاينىڭ 29-كۈنى،شىنجاڭدىكى تۇنجى توك قاچىلاش، مال سېتىۋېلىش، يېمەك-ئىچمەك، ئارام ئېلىش، باتارېيە تەكشۈرۈش، ئاپتوموبىل يۇيۇش، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنى رېمونت قىلىشتىن ئىبارەت «يەتتە بىر گەۋدىلەشكەن» بەش يۇلتۇزلۇقدەرىجىدىن تاشقىرى توك قاچىلاش پونكىتىئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى خۇيمىن كوچىسىدا رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.
11-ئاينىڭ 29-كۈنى، شىنجاڭدىكى تۇنجى بەش يۇلتۇزلۇق دەرىجىدىن تاشقىرى توك قاچىلاش پونكىتى ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى خۇيمىن كوچىسىدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.
خەن بوفوتوسى
دەرىجىدىن تاشقىرى توك قاچىلاش پونكىتىنى جۇڭگو نېفىت-تەبىئىي گازگۇرۇھى شىنجاڭ سېتىش چەكلىك شىركىتى مەبلەغ سېلىپ قۇرغان بولۇپ، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 6972.45 كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ، توك قاچىلىغىلى بولىدىغانئاپتوموبىل ئورنىدىنجەمئىي 44ىتەسىس قىلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدە، ئوتتۇرا تىپتىكى تېز توك قاچىلايدىغان ئاپتوموبىل ئورنىدىن تۆتى، كىچىك تىپتىكى تېز توك قاچىلايدىغان ئاپتوموبىل ئورنىدىن 32سى، دەرىجىدىن تاشقىرى توك قاچىلايدىغان (سۇيۇقلۇق بىلەن سوۋۇتۇلغاندەرىجىدىن تاشقىرى توك قاچىلاش)كىچىك تىپتىكىئاپتوموبىل ئورنىدىن تۆتى، كىچىك تىپتىكى ئاستا توك قاچىلاش ئاپتوموبىل ئورنىدىن تۆتى بار.
ئىگىلىنىشىچە، خۇيمىن كوچىسىدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى توك قاچىلاش پونكىتىغا سەپلەنگەن سۇيۇقلۇق بىلەن سوۋۇتۇلغان دەرىجىدىن تاشقىرى توك قاچىلاش ئاساسىي ئاپپاراتىنىڭ قۇۋۋىتى 720 كىلوۋاتقا يېتىدىكەن، يەككە توك قاچىلاش تاپانچىسىنىڭئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 600 كىلوۋات بولۇپ، دەرىجىدىن تاشقىرى توك قاچىلاش، تېز توك قاچىلاشنى قوللايدىكەن، ئەڭ تېز بولغان «بىر سېكۇنتتا بىر كىلومېتىر»لىق توك قاچىلاش سۈرئىتىنى ئىشقا ئاشۇرالايدىكەن، توك قاچىلاشنى قوزغىتىش ۋاقتىنى %50 قىسقارتقىلى بولىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتوموبىل ئىگىسى يەنە ئاقىل سۇپىدا ئاپتوموبىل تورى ئارقىلىق تەرتىپلىك توك قاچىلاش ۋە ئالدىن كېلىشىپ توك قاچىلاش قاتارلىق بىر پونكىت شەكلىدىكى مۇلازىمەتنى ئىشقا ئاشۇرالايدىكەن.
«شىنجاڭ گېزىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى