11-ئاينىڭ 30-كۈنى كېچىدىن 12-ئاينىڭ 3-كۈنى كۈندۈزگىچە
سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە
ئىلى دەريا ۋادىسى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى
تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ تاغلىق رايونلىرىقاتارلىق جايلاردا
ياغقان يىغىندى قارنىڭ مىقدارى بىرقەدەر كۆپ بولىدۇ
قار-شىۋىرغانلىق ھاۋارايىنىڭ
يول قاتنىشى، ساياھەت، شەھەرنىڭ نورمال يۈرۈشۈشى
ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى قاتارلىقلارغا پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك
خەلق ساقچىلىرى قاردا قاتناشقا قوماندانلىق قىلماقتا (ماتېرىيال سۈرەت).
پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئۈچ كۈنلۈك ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇماتىنى
بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى
12-ئاينىڭ 1-كۈنى كۈندۈزدىن كېچىگىچە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ غەربى، شىمالى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ تاغلىق رايونلىرى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىدىكى تاغلىق رايونلار، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ غەربى، شىمالى قىسمىدىكى تاغلىق رايونلار، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايونلار، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا سۇس ياكى ئازراق قار ياغىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدەئىلى دەريا ۋادىسى، بورتالا ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ تاغلىق رايونلىرى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇراھال ياكى قېلىن قار ياغىدۇ، قىسمەن جايلاردا قاتتىق قار ياغىدۇ؛ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان قىسمەن رايونلاردا 4 بالدىن 5 بالغىچە غەربىي شىمال شامىلى چىقىدۇ، شامال ئېغىزىدا 8 بالدىن 9 بالغىچە بوران چىقىدۇ؛ تېمپېراتۇرا سەل تۆۋەنلەيدۇ. تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى قىسمەن رايونلاردا ئارىلاپ تۇمانلىق (قارلىق) ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ. پۈتۈن شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدا ئاساسەن ھاۋا ئوچۇق ياكى بۇلۇتلۇق بولۇپ، شامال كۈچى ئانچە كۈچلۈك بولمايدۇ.
12-ئاينىڭ 2-كۈنى كۈندۈزدىن كېچىگىچە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىدىكى تاغلىق رايونلار، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شىمالى قىسمىدىكى تاغلىق رايونلار، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايونلار، قومۇل شەھىرى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا سۇس ياكى ئازراق قار ياغىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدەئىلى دەريا ۋادىسىنىڭ شەرقى، بورتالا ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبى، شىخەنزە شەھىرى، ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى ئوبلاستى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونلار، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايونلار، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇراھال ياكى قېلىن قار ياغىدۇ؛ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان قىسمەن رايونلاردا 4 بالدىن 5 بالغىچە غەربىي شىمال شامىلى چىقىدۇ، شامال ئېغىزىدا 8 بالدىن 9 بالغىچە بوران چىقىدۇ؛ تېمپېراتۇرا سەل تۆۋەنلەيدۇ. پۈتۈن شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدا ھاۋا ئاساسەن ئوچۇق ياكى بۇلۇتلۇق بولۇپ، شامال كۈچى ئانچە كۈچلۈك بولمايدۇ.
12-ئاينىڭ 3-كۈنى كۈندۈزدىن كېچىگىچە، بورتالا ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ شەرقى، شىخەنزە شەھىرى، سانجى ئوبلاستى، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا سۇس ياكى ئازراق قار ياغىدۇ، قىسمەن جايلاردا ئوتتۇراھال قار ياغىدۇ؛ شەرقىي شىنجاڭدىكى شامال ئېغىزلىرىدا بوران كۈچى 7 بالدىن 8 بالغىچە بولىدۇ، 9 بال ئۆتكۈنچى بوران چىقىدۇ. پۈتۈن شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدا ئاساسەن ھاۋا ئوچۇق ياكى بۇلۇتلۇق بولۇپ، شامال كۈچى ئانچە كۈچلۈك بولمايدۇ.
ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات
جۇڭگو ھاۋارايى تورىدىن ئېلىنغان كەسمە سۈرەت.
كىيىم-كېچەكنى ۋاقتىدا، مۇۋاپىق كۆپەيتىڭ
سەپەرگە چىققاندا بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىڭ
«تىيانشان تورى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى