导航切换

پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنىڭ قەلبلەردىن تېخىمۇ چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشىغا تۈرتكە بولىمىز

日期:2024年12月01日
来源:天山网
【字体:

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى ماركسىزم نەزەرىيەسى تەتقىقاتى ۋە قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقى شىنجاڭدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

«ماركسىزم نەزەرىيەسى تەتقىقاتى ۋە قۇرۇلۇشى پارتىيەنىڭ ئىدىيەۋى نەزەرىيە قۇرۇلۇشىدىكى ئۇل قۇرۇلۇش، ئىستراتېگىيەلىك قۇرۇلۇش.» باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋردىكى ماركسىزم نەزەرىيەسى تەتقىقاتى ۋە قۇرۇلۇشى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، ماركسىزم نەزەرىيەسى تەتقىقاتى ۋە قۇرۇلۇشىنىڭ ئورنى ھەم رولىنى چوڭقۇر چۈشەندۈرۈپ، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىش، تەشۋىق قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ۋەزىپە - تەلەپلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، «ئىككى بىلەن بىرلەشتۈرۈش»تە چىڭ تۇرۇپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى سەمىمىي ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ، يېڭى دەۋر قۇرۇلۇشىنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى مۇھىم قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى شىنجاڭدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار مۇنداق قارىدى: ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئىككى بىلەن بىرلەشتۈرۈش»تە چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ قىياپەت، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق ئارقىلىق، ماركسىزم بايرىقىنى داۋاملىق ئېگىز جەۋلان قىلدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنىڭ قەلبلەردىن تېخىمۇ چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشقا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىمىز.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، سىستېمىلاشتۇرۇش، ئىلمىي قائىدىلەشتۈرۈش تەتقىقاتى ۋە چۈشەندۈرۈشىنى كۈچەپ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىشنىڭ قاراتمىلىقى، ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى كۈچەپ ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنىڭ قەلبلەردىن تېخىمۇ چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

«بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلىپى بويىچە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئىجتىمائىي پەنلەر خىزمىتىنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى قىلىشتا چىڭ تۇرىمىز.» ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەر بىرلەشمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن رەئىس ھەبى سالام مۇنداق بىلدۈردى: يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىگە بولغان سىستېمىلاشقان تەتقىقات، ئىلمىي قائىدىلەشكەن چۈشەندۈرۈشنى كۈچەپ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دىققەتنى شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى بويىچە نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەت تەتقىقات تېمىسى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مەسلىھەت - تەتقىقات سۇپىسىغا تايىنىپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك مەسىلىلەر توغرىسىدىكى تەتقىقاتنى كۈچەيتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشنى نەزەرىيە تىرىكى ۋە ئەقلىي كۈچ مەدىتى بىلەن تەمىنلەيمىز.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) ماركسىزم شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى، پىروفېسسور ۋاڭ پېڭ مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە مەكتىپى پارتىيەلىك كادىرلارنى تەربىيەلەيدىغان ئاساسىي بازا، پارتىيەنىڭ ئىدىيەۋى نەزەرىيە سېپىدىكى مۇھىم يۆنىلىش قوشۇنى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، دىققەتنى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئوقۇتۇشنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، تەشۋىق قىلىش، ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى ۋە تەسىر قىلىش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىش، تەشۋىق قىلىش، ماركسىزمنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى يېتەكچىلىك ئورنىنى مۇستەھكەملەش قاتارلىق جەھەتلەردە پارتىيە مەكتىپىنىڭ تېگىشلىك رولىنى جارى قىلدۇرىمىز.

«توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىش پارتىيەمىزنىڭ يېڭى دەۋردە دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم ئىدىيەۋى ئۇسۇلى.» شىنجاڭ داشۆ ماركسىزم شۆيۈەنىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، دوتسېنت رامىلە شاۋكەت مۇنداق دېدى: ئالىي مەكتەپنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرس ئوقۇتقۇچىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، پىكىر يۈرگۈزۈپ، ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرسى مائارىپ ئوقۇتۇش ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى تىرىشىپ ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قولغا كەلتۈرگەن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان مۇۋەپپەقىيەتلەرنى مەزمۇن تىرىكى قىلىپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى، ئىنقىلابىي مەدەنىيەت ۋە سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنى كۈچ ئاساسى قىلىپ، داۋلىنى چوڭقۇر سۆزلەپ، ئېنىق سۆزلەپ، جانلىق سۆزلەپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرس قۇرۇلۇشىنىڭ ماھىيەتلىك تەرەققىياتى جەھەتتە تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيەنى خاتىرجەم قىلىدىغان، ۋەتەننى سۆيۈپ تۆھپە قوشىدىغان، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش مۇھىم ۋەزىپىسىنى زىممىگە ئالىدىغان تېخىمۇ كۆپ دەۋر يېڭى كىشىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىمىز.

شىنجاڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، تەتقىقاتچى شېن ياڭ مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلىپى بويىچە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى تەتقىق قىلىش ۋە چۈشەندۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى سىجىل چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتى توغرىسىدىكى ھېكايىلەرنى ياخشى سۆزلەيمىز. پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى توغرىسىدىكى تەتقىقاتنى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى توغرىسىدىكى تەتقىقاتنى شىنجاڭنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلىمىز.

«قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ 70 يىللىق تەرەققىيات مۇساپىسى پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنىڭ قەلبلەردىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغانلىقىنى، تېخىمۇ تولۇپ تاشقان ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولغانلىقىنى تولۇق ئىسپاتلىدى.» قىزىلسۇ ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)نىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ يۆگاڭ مۇنداق بىلدۈردى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرى توغرىسىدىكى تەتقىقاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «ئىككى بىلەن بىرلەشتۈرۈش» توغرىسىدىكى تەتقىقات ۋە ئىگىلەشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، نەزەرىيە يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى سىجىل ئۇرغۇتىمىز.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدى. «بىز جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ مول ماھىيەتلىك مەزمۇنى ۋە دەۋر قىممىتىنى چوڭقۇر قېزىپ، <ئىككى بىلەن بىرلەشتۈرۈش>تە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى غايىنى چىڭىتىش، پارتىيەۋىلىكنى تاۋلاش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشتىكى قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلاندۇرىمىز.» مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى بالغىن مۇنداق دېدى: شۇنىڭ بىلەن بىللە تۈرلۈك شەكىلدىكى تەشۋىقاتنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنىڭ قەلبلەردىن تېخىمۇ چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشىغا تۈرتكە بولىمىز.

(مۇخبىر جاڭ يۈنمېي، قاتناشقان مۇخبىرلار گاۋ ۋا، جاۋ شىيا، سۇڭ ۋېيگو، گې يوۋجۈن، ئىختىيارىي مۇخبىرلار ليۇ شياۋچىن، ما يۈخۇڭ)