شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 - ئاينىڭ 30 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋنىڭ جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 11 - ئاينىڭ 29 - كۈنىگىچە، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرىنىڭ يۈك توشۇش مىقدارى 214 مىليون 700 مىڭ توننىغا يېتىپ، تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلىپ، مۇددەتتىن 32 كۈن بۇرۇن بۇلتۇرقى پۈتۈن يىللىق يۈك توشۇش مىقدارىغا يەتكەن.
بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى دىققەتنى شىنجاڭنىڭ ئەۋزەل، خاس كەسىپ توپى قۇرۇلۇشىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك چارە - ئاماللار بىلەن يوشۇرۇن كۈچنى قېزىپ ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈپ، 10 مىڭ توننىلىق پويىز قاتناش، يۈك پويىزىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىپ تونناژىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق بىر قاتار ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، تۆمۈريولنىڭ توشۇشنى تەشكىللەش ۋە كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى سىجىل ئۆستۈردى.
شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى لىنىيە، ۋوگزال، پاراۋۇز، ۋاگون ۋە يۈك مەيدانىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىشلىتىپ، توشۇشنى تەشكىللەش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈپ، يۈك قاچىلىغىلى بولىدىغان ۋاگونلارنىڭ ھەممىسىگە يۈك قاچىلاش، تېز قاچىلاش، تېز توشۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. يولۇچىلار پويىزى شەكلىدە قاتنايدىغان ئايلانما پويىزنى كۆپەيتىپ، يەككە كۈندىكى قاتنايدىغان پويىز سانىنى 16دىن 49غا كۆپەيتتى. ئېغىر يۈك تىرانسپورتى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ، ئۈرۈمچى - جياڭجۈنمياۋ تۆمۈريولى، جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈريولىدا يېڭىلىق يارىتىلىپ 10 مىڭ توننىلىق پويىز قاتنىدى، قاتناش مىقدارى ئۈزلۈكسىز ئاشتى. «پويىزلارنى توسالغۇسىز كۈتۈۋېلىش، پۈتۈن كۈچ بىلەن پويىزنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش» يولغا قويۇلدى، يىل ئىچىدە شىنجاڭ تۆمۈريولىدا ئەنبېي، ماڭيا بازىرى، ۋۇتۇڭشۇي پاسىل ئېغىزىدا كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب 123.5 جۈپ پويىز ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى - ئۆتكۈزۈۋېلىندى، بۇ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 19.5 جۈپ كۆپەيدى.
كۆمۈر تۆمۈريول يۈك تىرانسپورتىدىكى «تۇراقلاشتۇرغۇچ»، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى شىنجاڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلدى. ئۈرۈمچى تۈگۈن رايونىدىكى يولۇچىلار پويىزى ۋە يۈك پويىزىنىڭ ئوخشاش سۈرئەتتە قاتنىشى ئالغا سىلجىتىلىپ، ئادەتتىكى سۈرئەتلىك پويىزلارنى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول رېلىسىدا قاتنىتىش يولغا قويۇلۇپ، يۈك پويىزىغا تېخىمۇ كۆپ تىرانسپورت ئىقتىدارى ئاجرىتىلدى؛ تىرانسپورت تار يولى راۋانلاشتۇرۇلۇپ، ئۈرۈمچى غەربىي ۋوگزالى تۈگۈنىدە كۈنىگە بىۋاسىتە قاتنايدىغان پويىز ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 60تىن ئارتۇق بولۇش ساقلىنىپ، لەنجوۋ - شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ يۈك توشۇش ئىقتىدارى يەنىمۇ قويۇپ بېرىلدى. توشۇشنى تەشكىللەش ئەلالاشتۇرۇلۇپ، لىنخې - قومۇل تۆمۈريولىدىكى پاراۋۇزنىڭ سۆرەش مۇقىم سانى 5200 توننىدىن 6000 توننىغا يېقىن بولۇشقا ئۆستۈرۈلدى. گولمۇد - كورلا تۆمۈريولى (شىنجاڭ بۆلىكى)نىڭ ئىقتىدارى كېڭەيتىپ ئۆزگەرتىلىپ، يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن 28 ئۇچرىشىش - يول بېرىش ۋوگزالىنىڭ ھەممىسى مۇددەتتىن 50 كۈن بۇرۇن ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشتەك پايدىلىق پۇرسەت چىڭ تۇتۇلدى، يۈك پويىزلىرىنىڭ كۈندىلىك ئوتتۇرىچە قاتناش ئىقتىدارى 13 جۈپتىن 26 جۈپكە كۆپەيتىلدى. ئىدارە ھالقىپ ئايلىنىدىغان تىرانسپورت، يۈرۈش لىنىيەسىدىن 21ى بەرپا قىلىنىپ، كۆمۈر تىرانسپورت توشۇش كۈچىنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى. نۆۋەتتە، شىنجاڭ تۆمۈريولى ئارقىلىق شىنجاڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش مىقدارى 81 مىليون 479 مىڭ توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %52.4 ئاشتى.