ھازىر، شىنجاڭدا پاختا يىغىۋېلىش تاماملاندى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىن نۇرغۇن ياخشى خەۋەر تارقالدى −
شىنجاڭ پاختىچىلىق كەسپى تېخنىكا سىستېمىسى بىلەن دۆلەت پاختىچىلىق كەسپى تېخنىكا سىستېمىسى بىرلىكتە «يۈز مو يەردە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، مىڭ مو يەردە بەرپا قىلىش، ئونمىڭ مو يەردە ئۈلگە كۆرسىتىش»نى قانات يايدۇرغان يۇقىرى ھوسۇللۇق ئۈلگە كۆرسىتىش ئېتىزىدا، ئايرىم - ئايرىم ھالدا مو بېشى ھوسۇلى 769 كىلوگىرام، 636 كىلوگىرام، 564 كىلوگىرام بولۇشتەك نەتىجە بىلەن ئۈچ تۈردە مەملىكەت بويىچە ھوسۇل بىلەن سۈپەتنى ماس ئاشۇرۇش رېكورتى يارىتىلدى، تالا سۈپىتى بىردەك قوش 30دىن يۇقىرى بولۇپ، ھوسۇل بىلەن سۈپەتنى ماس ئاشۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى؛
جىڭ ناھىيەسىدىكى يۈز مولۇق يۇقىرى ھوسۇللۇق ئۈلگە كۆرسىتىش پاختا ئېتىزىدا، چىگىتلىك پاختىنىڭ مو بېشى ھوسۇلى 743.6 كىلوگىرام بولۇپ، مەملىكەت بويىچە پاختىنى ماشىنىدا يىغىۋېلىش ئەمەلىي يۇقىرى ھوسۇل رېكورتى يارىتىلدى؛
ساۋەن شەھىرىدىكى يۈز مىڭ مولۇق يۇقىرى ھوسۇللۇق ئۈلگە كۆرسىتىش پاختا ئېتىزىدا، چىگىتلىك پاختىنىڭ مو بېشى ھوسۇلى 586.4 كىلوگىرام بولۇپ، مەملىكەت بويىچە پاختا ئىشلەپچىقىرىشىدا كەڭ كۆلەمدە يۇقىرى ھوسۇل ئېلىش رېكورتى يارىتىلدى؛
ئاقسۇ شەھىرىدىكى يۇقىرى ھوسۇللۇق ئۈلگە كۆرسىتىش پاختا ئېتىزىدا، چىگىتلىك پاختىنىڭ مو بېشى ھوسۇلى 648.8 كىلوگىرام بولۇپ، يەنە يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى؛
...
يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتا ئۇرۇقلۇق ئاساس. پاختىنىڭ يۇقىرى ھوسۇللۇق، ئەلا سۈپەتلىك بولۇشىنىڭ ئارقىسىدا، يۈرۈشلەشكەن ئىلغار ئۆستۈرۈش، پەرۋىش قىلىش تېخنىكىسىدىن باشقا، كېۋەز سورتىنى يېتىشتۈرۈشتىكى پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ تۆھپىسىگە كۆز يۇمۇشقا بولمايدۇ.
كەسىپ ئېھتىياجىنى نىشانلاپ سورت يېتىشتۈرۈش
«سورتنىڭ پاختىدىن يۇقىرى ھوسۇل ئېلىشقا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %35تىن ئاشىدۇ، ئۇ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈشتە تېخىمۇ ھەل قىلغۇچ رولغا ئىگە» دېدى شىنجاڭ پاختا كەسپى تېخنىكا سىستېمىسىنىڭ باش مۇتەخەسسىسى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىقتىسادىي زىرائەت تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى لى شۆيۈەن.
يېقىنقى 30 يىلدىن بۇيان، لى شۆيۈەن كوللېكتىپنى يېتەكلەپ، 20دىن ئارتۇق كۆپ ئىقتىدارلىق كېۋەز سورتىنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى، نۇرغۇن سورت شىنجاڭنىڭ كېۋەز سورتىدا بوشلۇقنى تولدۇردى، بۇنىڭ ئىچىدە شىنلۇجۇڭ 78، يۈەنميەن 8 - نومۇر شۇ جايدىكى يېتەكچى سورتقا ئايلاندى.
ئىزچىل بىر مەزگىلدىن بۇيان، بالدۇر پىشىدىغان، يۇقىرى ھوسۇللۇق، ھوسۇلى مۇقىم، كېسەلگە تاقابىلچان، ھاشارات زىيىنىغا تاقابىل تۇرالايدىغان، ئەلا سۈپەتلىك بولۇش شىنجاڭدا كېۋەز سورتىنى يېتىشتۈرۈشتىكى ئاساسلىق نىشان بولۇپ كەلدى. ماشىنىلىشىش سەۋىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، سورت يېتىشتۈرۈش مۇتەخەسسىسلىرى ماشىنىدا يىغىشقا ماس كېلىدىغان سورتلارنى پائال يېتىشتۈرۈشكە باشلىدى، كەلگۈسىدە يەنە پاختا، ياغلىق دان، يەم - خەشەك قىلىپ تەڭ پايدىلىنىدىغان سورتلارنى تاللاپ يېتىشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.
دۇنيا پاختىچىلىقىدا جۇڭگوغا قاراش كېرەك، جۇڭگو پاختىچىلىقىدا شىنجاڭغا قاراش كېرەك. شىنجاڭنىڭ پاختا ئومۇمىي ھوسۇلى ئۇدا بەش يىل مۇقىم 5 مىليون توننىدىن يۇقىرى بولۇپ، تېرىلغۇ كۆلىمى، ئومۇمىي ھوسۇل ئۇدا 30 يىل جۇڭگو بويىچە 1 - ئورۇندا تۇردى.
ھوسۇل يىلمۇيىل ئاشقان بولسىمۇ، لېكىن يېڭى مەسىلىلەرگە دۇچ كەلدى. ئۇزاقتىن بۇيان، پاختىنىڭ ھوسۇلىغا ئەھمىيەت بېرىلىپ، سۈپەتكە سەل قارالدى، ھوسۇل بىلەن سۈپەتنى ماس ھالدا ئۆستۈرۈش قىيىن بولدى، كېۋەز تېرىش تەننەرخى ئېشىپ، ئۈنۈم تۆۋەنلەپ، شىنجاڭ پاختا كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزدى.
بۇ مەسىلىلەرگە قارىتا، لى شۆيۈەن كوللېكتىپنى يېتەكلەپ، بۆسۈش خاراكتېرلىك كېۋەز سورتى يۈەنميەن 8 - نومۇرنى تاللاپ يېتىشتۈرۈپ چىقتى، بۇ سورتتا ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارى ئەلا، بالدۇر پىشىدىغان، يۇقىرى ھوسۇللۇق، كېسەلگە تاقابىلچان، ئەلا سۈپەتلىك، ماشىنىدا يىغىۋېلىنىدىغان بولۇش قاتارلىق ئەلا خۇسۇسىيەتلەر بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، شىنجاڭنىڭ پاختا كەسپى تېخنىكا سىستېمىسىدا «يۈز، مىڭ، ئونمىڭ مو»لۇق يۇقىرى ھوسۇللۇق ئۈلگە كۆرسىتىش ئېتىزى بەرپا قىلىش جەريانىدا پاختا ھوسۇلى بىلەن سۈپەتنى ماس ئۆستۈرۈشتە مەملىكەت رېكورتى ياراتتى.
لى شۆيۈەن مۇنداق تونۇشتۇردى: شىنجاڭ پاختىنىڭ كەڭ كۆلەمدە بىرلىك ھوسۇلىنى ئاشۇرۇشتا ئىسسىقلىق، يورۇقلۇق قاتارلىق ئاساسىي ئەۋزەللىكلەرنى ھازىرلىغان، كۆلەملەشكەن، ماشىنىلاشقان، ئۆلچەملەشكەن، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان ئىشلەپچىقىرىش شەكلىمۇ كەڭ كۆلەمدە بىرلىك ھوسۇلىنى ئاشۇرۇشنى ئىشلەپچىقىرىش كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى، پاختىنىڭ كەڭ كۆلەمدە بىرلىك ھوسۇلىنى كۆپەيتىشتە نۇقتىلىق ھالدا مو بويىچە يېتىلگەن غوزا سانى ۋە غوزا ئېغىرلىقىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق كۆپەيتىش كېرەك، بۇ سورت يېتىشتۈرۈش مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ يېڭى سورتنى تاللاپ يېتىشتۈرۈشتىكى ئاساسلىق نىشانى.
ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقاتنى يۇغۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ئۇرۇقچىلىق كارخانىلىرى پەن تەتقىقات ئاكادېمىيەسى - ئورۇنلىرى بىلەن بىرلىشىپ، كېۋەز ئۇرۇق پىلازمىسى بايلىقىنى توپلاش، يېڭى سورتلارنى بىرلىشىپ يېتىشتۈرۈشتىن سورت يېتىشتۈرۈش يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشقىچە، ئەۋزەل كۈچلەرنى مەركەزلەشتۈرۈپ سورت يېتىشتۈرۈشتىكى ئاچقۇچلۇق «گالنى بوغىدىغان» قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، شىنجاڭ كېۋەز سورتىنى تاللاپ يېتىشتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى.
شىنجاڭ جىنفېڭيۈەن ئۇرۇقچىلىق چەكلىك شىركىتىنى مىسالغا ئالساق، بۇ شىركەت زىرائەت ئۇرۇقىنى يېتىشتۈرۈش، كۆپەيتىش، كېڭەيتىشنى بىر گەۋدە قىلغان يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى باشلامچى كارخانا. «دۆلەت زاپاس پاختا سىياسىتىنىڭ تەڭشىلىشىگە ئەگىشىپ، توقۇمىچىلىق فابرىكىلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك ئېتىلمىغان پاختىغا بولغان ئېھتىياجى تېخىمۇ تەخىرسىز بولدى. شۇڭا، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك كېۋەز سورتىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشمۇ سورت يېتىشتۈرۈش كارخانىلىرىنىڭ بوشاشماي ئىنتىلىشى.» بۇ شىركەت تەتقىق قىلىپ ئېچىش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ليۇ جۈن مۇنداق تونۇشتۇردى: شىركىتىمىز ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى بىلەن ئون نەچچە يىل ھەمكارلىشىپ، كېۋەزنىڭ ئۈچ خىل يېڭى سورتىنى بىرلىكتە يېتىشتۈرۈپ، كېڭەيتىلگەن كۆلەمنى 3 مىليون مودىن ئاشۇردى.
ھازىرغا قەدەر، شىنجاڭ جىنفېڭيۈەن ئۇرۇقچىلىق چەكلىك شىركىتى باشلامچى بولۇپ شىنجاڭ «يېڭى يىپەك يولى» گېنى ئۆزگەرتىلگەن ھاشارات زىيىنىغا تاقابىل تۇرالايدىغان كېۋەز تەجرىبە بىرلەشمە گەۋدىسىنى تەشكىللەپ قۇرۇپلا قالماي، يەنە پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى بىلەن بىرلىشىپ، دۆلەت پاختا بىيو سورت يېتىشتۈرۈش كەسپى پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىتتىپاقى، پاختا بىيو سورت يېتىشتۈرۈش بىرلەشمە تەتقىقات مەركىزى، جېجياڭ - ئاقسۇ پاختا بىيو سورت يېتىشتۈرۈش يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىدىن ئىبارەت كېۋەز سورت يېتىشتۈرۈش يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسىدىن ئۈچنى تەشكىللەپ قۇردى، بۇنىڭدىكى مەقسەت پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئوڭۇشلۇق ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر تۈركۈم ساپاسى يۇقىرى، ئىقتىدارى كۈچلۈك، كەسىپلەشكەن يەرلىك پاختا پەن تەتقىقات خىزمەتچىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، شۇ جاينىڭ پاختا سورتىنى يېتىشتۈرۈش رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت.
پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى، كارخانىلار ئورتاق كۈچ چىقاردى، ئالاقىدار تارماقلارمۇ پائال يېتەكلىدى. 2022 - يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق پاختىچىلىق جەمئىيىتىنىڭ باشلامچىلىقىدا، شىنجاڭ تۇنجى قېتىم پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كېۋەز تېرىلىدىغان 11 ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)، كېۋەز تېرىلىدىغان 38 ناھىيە (شەھەر)، 45 ئېكولوگىيەلىك رايونغا يۈزلىنىپ، سۈپەت بىلەن ھوسۇلغا تەڭ ئېتىبار بېرىلگەن ھەم شۇ جايدىكى پاختىكارلارنىڭ تېرىش ئارزۇسىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان ئاساسلىق كېۋەز سورتىدىن 35نى تەۋسىيە قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە شىمالىي شىنجاڭغا 15، شەرقىي شىنجاڭغا تۆت، جەنۇبىي شىنجاڭغا 16 سورت تەۋسىيە قىلىندى.
«شىنجاڭدا كېۋەز تېرىلغۇ رايونى كەڭ، مۇھىتى مۇرەككەپ، كۆپ خىل بولغاچقا، شىنجاڭنىڭ كىلىمات، بايلىق ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان ئەلا سۈپەتلىك كېۋەز سورتىنى يېتىشتۈرۈش پاختا كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا ئىنتايىن مۇھىم.» ئاپتونوم رايونلۇق پاختىچىلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى سۇ شۈخۇڭ مۇنداق دېدى: «بىز ئادىل، ئىلمىي تاللاش، سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، تەۋسىيە پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئوخشاش بولغان ئېكولوگىيەلىك رايوندا بىر ئاساسلىق تېرىلىدىغان سورت، ئىككى قوشۇمچە سورت، يەنى <بىر ئاساسلىق، ئىككى قوشۇمچە> كېۋەز سورتىنى تېرىشنى تەۋسىيە قىلدۇق، بۇنىڭدىكى مەقسەت ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كېۋەز سورتلىرىنىڭ كۆپ، قالايمىقان بولۇش ئەھۋالىنى تېخىمۇ ياخشى ھەل قىلىپ، ئېتىلمىغان پاختا سۈپىتىنىڭ بىردەكلىكىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىز پاختىسىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت».
ھەرقايسى تارماقلارنىڭ ئورتاق تىرىشىشى ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ كېۋەز سورتىنى يېتىشتۈرۈش، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز ئۆستى. ھازىرغا قەدەر، ئاساسلىق تېرىلىدىغان كېۋەز سورتلىرى ئىچىدە شۇ جايدا ئۆزى يېتىشتۈرگەن سورت يېتەكچى ئورۇندا بولۇپ، %90تىن كۆپرەكنى ئىگىلەيدۇ. شىنجاڭ مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ كېۋەز ئۇرۇقلۇقى يېتىشتۈرۈش بازىسىغا ئايلىنىپ، كېۋەز ئۇرۇقلۇقى پىششىقلاش سەۋىيەسى خەلقئارا ئىلغار سەۋىيەگە يەتتى.
ئاچقۇچلۇق تېخنىكىلىق قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش
نۆۋەتتە شىنجاڭدا ئاساسلىق تېرىلىدىغان كېۋەز سورتلىرى ھەمدە كەڭ كۆلەمدە كېڭەيتىلىدىغان سورتلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارى ياخشى بولۇپ، يۇقىرى ھوسۇللۇق، ئەلا سۈپەتلىك بولۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرنى ھازىرلىغان، ئەمما ناچار شارائىتقا تاقابىلچانلىقى قاتارلىق تەرەپلىرىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.
ئۆسۈملۈكنىڭ ناچار شارائىتقا تاقابىلچانلىقى ئۆسۈملۈكنىڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا، ئۈششۈك زىيىنى، يۇقىرى تېمپېراتۇرا، قۇرغاقچىلىق، شور، كېسەللىك، ھاشارات، ئوت - چۆپ زىيىنى قاتارلىق پايدىسىز مۇھىتقا تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولۇشىنى كۆرسىتىدۇ. تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ناچار شارائىتقا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئەلا خۇسۇسىيىتىنىڭ تەبىئىي شارائىتتا باشقا تۈردىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تېنىگە يۆتكىلىشى ئىنتايىن قىيىن بولۇپ، گېن قۇرۇلۇشى ئارقىلىق سورتنى ياخشىلاش قاتارلىق بىيو سورت يېتىشتۈرۈش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، ئەلا گېننى باشقا زىرائەتلەرگە كىرگۈزۈپ، شۇ ئارقىلىق ناچار شارائىتقا تاقابىلچانلىقىنى ئۆستۈرۈشكە توغرا كېلىدىكەن.
يەرشارىنىڭ ئىللىپ كېتىش ئارقا كۆرۈنۈشىدە، ناچار ھاۋارايى، كىلىمات ھادىسىلىرى ئارقا - ئارقىدىن يۈز بەردى، كۆپ يۈز بەردى، شىنجاڭدا كېۋەز سورتىنىڭ ناچار شارائىتقا تاقابىلچانلىقىنى ئاشۇرۇش تېخىمۇ تەخىرسىز بولماقتا.
2023 - يىلى 2 - ئايدا، دۆلەت پاختا بىيو سورت يېتىشتۈرۈش كەسپى پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىتتىپاقىنىڭ يوپۇقى ئېچىلىپ قۇرۇلدى، بۇ يېڭىلىق يارىتىش ئىتتىپاقى پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدىكى ئەۋزەل پەن تەتقىقات ئاكادېمىيەسى - ئورۇنلىرى، ئۇرۇقچىلىق ۋە پاختىچىلىق باشلامچى كارخانىلىرى قاتارلىق پاختا پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى بايلىقىنى بىرىكتۈرۈپ، كەسىپ ئېھتىياجىنى يېتەكچى قىلىپ، گېن قۇرۇلۇشى ۋە پۈتۈن گېن گۇرۇپپىسىنى لايىھەلەپ سورت يېتىشتۈرۈش قاتارلىق ئاچقۇچلۇق تېخنىكىلاردىن پايدىلىنىپ دەل جايىدا سورت يېتىشتۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ پاختا كەسپىدە پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلغان.
شۇنداق بولۇپلا قالماي، كېۋەز سورتىنى يېتىشتۈرۈشتە دۇچ كەلگەن ئاچقۇچلۇق تېخنىكىلىق قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، شىنجاڭ كېۋەز سورتىنى يېتىشتۈرۈش ساھەسىدىكى بىر تۈركۈم مۇھىم پەن تەتقىقات تۈرلىرىنى باشلىدى. مەسىلەن، «كېۋەز سورتىنىڭ مۇھىم دېھقانچىلىق تېخنىكىسى خۇسۇسىيىتىنى ئانالىز قىلىش ۋە مولېكۇلا لايىھەلەپ سورت يېتىشتۈرۈش». بۇ تۈردە پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى تۇنجى قېتىم تۈر ئېلان قىلغۇچى تەرەپ قىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى پەن تەتقىقات ئورۇنلىرىغا يۈزلىنىپ تۈر ئېلان قىلىنىپ، ئەۋزەللىككە ئىگە كوللېكتىپلارنى تەشكىللەش ئارقىلىق بىرلىشىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش قانات يايدۇرۇلۇپ، يۈەنميەن 8 - نومۇر قاتارلىق سورتلار چۆرىدىلىپ، سورتنىڭ مۇھىم دېھقانچىلىق تېخنىكىسى خۇسۇسىيىتى ئانالىز قىلىنىپ، سورتنى ياخشىلاش قانات يايدۇرۇلۇپ، سورتنىڭ چىگىتلىك پاختا بىلەن ساپ پاختا نىسبىتى ۋە ناچار شارائىتقا تاقابىلچانلىقى ئاشۇرۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ پاختىچىلىق كەسپىدە ھوسۇلنى مۇقىملاشتۇرۇپ، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشى، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشى، يېشىل، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتى تېخنىكا تىرىكى بىلەن تەمىنلەندى.
«بىيو سورت يېتىشتۈرۈش تەجرىبە ئارقىلىق سورت يېتىشتۈرۈشنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق لايىھەلەپ سورت يېتىشتۈرۈشكە ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇپ، سورت يېتىشتۈرۈش دەۋرىنى ئۈنۈملۈك قىسقارتىپ، سورت يېتىشتۈرۈش تېخنىكىسىنى تۈجۈپىلەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇشقا قاراپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىمكانىيەت يارىتىدۇ.» لى شۆيۈەن مۇنداق دېدى: «لېكىن كىرگۈزۈلگەن ئەلا گېننىڭ خۇسۇسىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش يەنىلا بىز كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم نۇقتا ۋە قىيىن نۇقتا».
بىيو سورت يېتىشتۈرۈش تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا، شىنجاڭ يەنە بەزى خىرىسلارغىمۇ دۇچ كەلدى، مەسىلەن، كېۋەزنىڭ مۇھىم خۇسۇسىيەتلىرىنىڭ شەكىللىنىشىنىڭ ئىرسىيەت ئاساسى ۋە تەڭشەش - تىزگىنلەش تورى توغرىسىدىكى تەتقىقات سىستېمىلىق ئەمەس، يۇقىرى ھوسۇللۇق، ئەلا سۈپەتلىك بولۇش، كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنىغا تاقابىل تۇرۇش، قۇرغاقچىلىققا چىداملىق بولۇش قاتارلىقلار بويىچە زور گېنلارنى قېزىش يېتەرلىك ئەمەس، قاتارلىقلار. لى شۆيۈەن مۇنداق قارىدى: بۇنىڭ ئۈچۈن كېۋەز ئۇرۇقلۇقى پىلازمىسى بايلىقىنى يىغىش، قوغداش، باھالاش ۋە سورت يېتىشتۈرۈش ماتېرىياللىرىنى ئىجاد قىلىش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، ئەلا ئۇرۇق پىلازمىسى بايلىقىنىڭ شەكىللىنىش ۋە ئۆزگىرىش قانۇنىيىتىنى چۈشەندۈرۈشكە، تەھلىل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، سورت يېتىشتۈرۈشنىڭ نەزەرىيەۋى ئۇسۇلى توغرىسىدىكى تەتقىقاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىيو سورت يېتىشتۈرۈش ئاچقۇچلۇق تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشقا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، ئۇرۇقچىلىقنىڭ يېزا ئىگىلىكىدىكى «ئۆزەك» بولۇشتىن ئىبارەت ئاچقۇچلۇق رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، كەسىپنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا كۈچ قوشۇش كېرەك.