ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلەندى
ئىشەنچنى چىڭىتىپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، پۈتۈن يىللىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 - ئاينىڭ 30 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 30 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايون ئىقتىساد خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپى بويىچە، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، يىل بېشىدىكى پىلاننى چىڭ كۆزلەپ، «ئەڭ ئاخىرقى 100 مېتىر»دا پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتاكىغا ئۆتۈپ، تىرىشىپ پۈتۈن يىللىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۆپ ساندىكى ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلىرىدە ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن ئېشىپ كەتتى، لېكىن يىل بېشىدا بېكىتىلگەن نىشان بىلەن سېلىشتۇرغاندا يەنىلا پەرق مەۋجۇت. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىشەنچنى چىڭىتىپ، تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى ياخشى مۇستەھكەملەش ئاساسىدا، ئادەتتىن تاشقىرى تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، يېڭى بۆسۈش ئېغىزى ۋە ئېشىش نۇقتىسىنى تېپىپ چىقىپ، ئەمەلىي، قاتتىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئەڭ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، بولۇپمۇ ئاساسلىق رەھبەرلەر ئالدىغا ئۆتۈپ تۈرتكە بولۇپ، ئۆزى قول سېلىپ ئىشلەپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، مەمۇرىيەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، تۈرلۈك ئىشلەپچىقىرىش مۇھىم ئامىللىرىنى ئىقتىسادنىڭ ئېشىش نۇقتىسىغا توپلاپ، ساھە، كەسىپ، كارخانىلار دۇچ كەلگەن تىرانسپورت كۈچى، خام ماتېرىيال، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قاتارلىقلاردىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، تۈرلۈك كۆرسەتكۈچلەرنىڭ سىجىل قايتا ئۆرلىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. مالىيە - پۇل مۇئامىلە، ئۆي - زېمىن، خەلق ئىچى سېلىنمىسى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ساقلانما مىقدار ۋە ئاشۇرۇلما مىقدار سىياسىتىنى ياخشى يولغا قويۇپ، تۈر مەبلىغىنى چىقىم قىلىش نىسبىتى ۋە تۈردە ئىش باشلاپ يۈرۈشتۈرۈش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە ئاتاكىغا ئۆتۈپ، ئاخىرقى بىر ئايلىق سېلىنما خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. ئىستېمالنىڭ ئەسلىگە كېلىش ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەپ، تارماقلارنىڭ ماسلىشىشىنى كۈچەيتىپ، «كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش»نىڭ قولايلىق بولۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، بولۇپمۇ دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ ئىستېمالىغا قولايلىق يارىتىپ، كۆپ مىقدارلىق ئىستېمال بۇيۇملىرى ۋە قار - مۇز ساياھىتى بازىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇش كېرەك. دۆلەت ئۆي - زېمىن بازىرىنىڭ تەكشى، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بىر قاتار سىياسەتلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۇرالغۇ ئۆيلەرنى تاپشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش، تۇرالغۇ بىنالارنى تاپشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ۋەزىپىسىنى قەرەلىدە تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشقا دائىر تۈرلۈك تەدبىرلەرنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە سىجىل تۈرتكە بولۇپ، دىققەتنى نۇقتىلىق ساھە، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، زىددىيەت - ماجىرالارنى ئومۇميۈزلۈك بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ ھەل قىلىپ، يەرلىك ھۆكۈمەت قەرزى، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى، ئۆي - زېمىن، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق ساھەلەردىكى يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنى كۈچەپ تۈگىتىپ، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىنىڭ يۈزبېرىشىنى قەتئىي توسۇش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئون ئەمەلىي ئىشنىڭ نەتىجىسىنى ياخشى مۇستەھكەملەپ، قىش پەسلىدە ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا كۆڭۈل بۆلۈش، غەمخورلۇق قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، تەبىئىي گاز، كۆمۈر قاتارلىق ئېنېرگىيەلەر بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، خەلق تۇرمۇشى تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلاردىكى پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى ئەمەلىي ئىشلىگۈچىلەردىن، زېرەك ئادەملەردىن بولۇپ، ئۆزى ئۈلگە بولۇپ، يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچى بولۇپ، بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، تىرىشىپ كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلىشى، ئارتۇقچىلىقلارنى جارى قىلدۇرۇشى، ئېشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش، تەتقىق قىلىشقا بىرلەشتۈرۈپ، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇپ، چوڭ - چوڭ تۈرلەرنى پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلەرنى ئىنچىكە، پۇختا ئىشلەپ، بىر تۈركۈم ئاشۇرۇلما مىقدار سىياسەتلىرىنى تەتقىق قىلىپ زاپاس تەييارلاپ، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ئاساسنى پۇختىلاش كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، سودا نازارىتى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى، يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتى، ئىستاتىستىكا ئىدارىسى، ئۈرۈمچى شەھىرى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، قاراماي شەھىرى، تۇرپان شەھىرىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار سۆز قىلدى.
چېن ۋېيجۈن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. يۈسۈپجان مەمەت، سۈن خۇڭمېي، مۇقىيات جارمۇقامەت، شۆ بىن، ۋاڭ گاڭ، جۇ لىفەن، پەن شى يىغىنغا قاتناشتى.