导航切换

جاڭ جۇ جۇڭگو شىنجاڭ دوستانە ئالماشتۇرۇش ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ ۋىيېتنام، كامبودژادا زىيارەتتە بولدى

日期:2024年12月01日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، 11 - ئاينىڭ 24 - كۈنىدىن 30 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ جۇ جۇڭگو شىنجاڭ دوستانە ئالماشتۇرۇش ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ ۋىيېتنام، كامبودژادا زىيارەتتە بولدى.

زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، ۋەكىللەر ئۆمىكى شى جىنپىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، جۇڭگو - ۋىيېتنام، جۇڭگو - كامبودژا دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، يەرلىك ئەمەلدارلىرى ھەمدە دوستلۇق جەمئىيىتى بىلەن كۆپ مەيدان زىيارەت قىلىش، كۆرۈشۈش، سۆھبەتلىشىش، تەشۋىق قىلىش - تونۇشتۇرۇش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇردى ھەم دۆلىتىمىزنىڭ چەت ئەلدىكى ئەلچىخانىلىرى بىلەن بىرلىكتە «شىنجاڭ ياخشى جاي» تەشۋىق قىلىش - تونۇشتۇرۇش يىغىنى ھەم سۈرەتلەر كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈپ، خەلقئارا جەمئىيەتكە ئوبيېكتىپ، ھەقىقىي شىنجاڭنى ھەر تەرەپلىمە، كۆپ نۇقتىدىن نامايان قىلدى.

ۋىيېتنامدىكى مەزگىلىدە، دوستانە ئالماشتۇرۇش ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى نەزەرىيە كومىتېتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى شيې يۈجىن، ۋىيېتنام پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى رۇەن شىچىڭ، خانوي شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن شۇجىسى رۇەن ۋېنفېڭ، خۇجىمىڭ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن شۇجىسى رۇەن خۇخەي بىلەن كۆرۈشتى، خانوي شەھىرى ۋە خۇجىمىڭ شەھىرىنىڭ شەھەر مەمۇرىيىتى قۇرۇلۇشى، مېيكې مېيجيا ئۆي جاھازلىرى ئىشلەپچىقىرىش - تەمىنلەش بازىسى، گۇجى يېزا ئىگىلىك يۇقىرى پەن - تېخنىكا باغچە رايونىدا تەكشۈرۈشتە بولدى. كامبودژادىكى مەزگىلىدە، كامبودژانىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى گاۋبېنلى، كامبودژا خەلق پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، كامبودژا - جۇڭگو دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى ئەيساڭئوۋ بىلەن كۆرۈشتى، فىنوم پېن شەھىرىنىڭ شەھەر مەمۇرىيىتى قۇرۇلۇشىنى كۆزدىن كەچۈردى.

چەت ئەل تەرەپ بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش جەريانىدا، جاڭ جۇ جۇڭگو - ۋىيېتنام، جۇڭگو - كامبودژا ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى ئەسلەپ ئۆتتى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدە، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، جەمئىيەت ئىناق، مۇقىم بولۇش، تەرەققىيات ۋەزىيىتى كۈچلۈك بولۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاق - ئىناق بولۇش، خەلق خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەشتىن ئىبارەت ياخشى ۋەزىيەتنىڭ نامايان بولغانلىقىنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى ھەم قاراتمىلىق ھالدا ئامېرىكا ۋە غەربنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار يالغان - ياۋىداق سۆزلىرىنى ئېچىپ تاشلاپ، رەددىيە بېرىپ، شىنجاڭنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان، ئېچىۋېتىلگەن، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان يېڭى ئوبرازىنى نامايان قىلدى. جاڭ جۇ مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىككە ئىگە، ھازىر زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى پائال بەرپا قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايونى، جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە جۇڭگونىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن بەرپا قىلىۋاتىدۇ، بۇ، شىنجاڭغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ تەرەققىي قىلىش ئىرادىسى بار دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى كارخانىلارنى كەڭ سۇپا بىلەن تەمىنلىدى. جۇڭگو شىنجاڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر ۋە رايونلار بىلەن ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ، ۋىيېتنام، كامبودژا ئىككى دۆلەتتىكى ھەر ساھە زاتلارنى جۇڭگو شىنجاڭغا كېلىپ ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتتە بولۇپ، ساياھەت قىلىپ، مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشتىن ئىبارەت ھەمكارلىق پۇرسىتىنى ئورتاق ئېچىشقا سەمىمىي تەكلىپ قىلىدۇ.

ۋىيېتنام تەرەپ جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تەبرىكلىدى، شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىشلىگەن خىزمەتلىرىگە ئىجابىي باھا بەردى، جۇڭگو - ۋىيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشنى يېتەكچى قىلىپ، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن بولغان دوستانە ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت، ئىككى جاي مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

كامبودژا تەرەپ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن كامبودژا ياخشى قوشنا، ياخشى دوست، ياخشى ھەمراھ، شىنجاڭ بىلەن ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشتا پۇختا سىياسىي ئاساسقا ۋە كەڭ ئىستىقبالغا ئىگە، ئىككى تەرەپنىڭ پادىشاھ سىخامونى جۇڭگو شىنجاڭدا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە ھاسىل قىلغان تۈرلۈك ئورتاق تونۇشلارنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو - كامبودژا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

جۇڭگونىڭ ۋىيېتنامدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى خې ۋېي، كامبودژادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋاڭ ۋېنبىن، خۇجىمىڭ شەھىرىدە تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى ۋېي خۇاشياڭ، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتى، سۇچىلىق نازارىتى، تاشقى ئىشلار ئىشخانىسى ھەم ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئالاقىدار يولداشلار ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.