5- ئاينىڭ 13- كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاممىۋى ئاپپاراتلارنىڭ ئېنېرگىيە - بايلىق تېجەش ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش؛ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدىكى مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ مۇلازىمەت قىلىش، باشقۇرۇش خىزمىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش؛ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ «كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش» قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىلىدىغان گىرافىتلاشتۇرۇلغان كاربون ئاساسىي تۈرى توكلۇق رادىياتور ھەممىباب تېخنىكا شارائىتى ۋە كارخانىلارنىڭ سۈپەت كاپالەت ئىقتىدارى تەلىپى؛ بىر تۈركۈم مەمۇرىي ئىجازەت ئىش تۈرلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، تۆۋەنگە چۈشۈرۈش ۋە قوبۇل قىلىش قاتارلىقلار تەتقىق قىلىندى.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەرقايسى ئاممىۋى ئاپپاراتلار، بولۇپمۇ پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ چوڭقۇر ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى ھەقىقىي ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا زىچ مەركەزلەشتۈرۈپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەڭ قاتتىق تۈزۈم، ئەڭ پۇختا قانۇنچىللىق ئارقىلىق ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراپ، يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىق، تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن، بايلىق تېجەش ۋە مۇھىت ئاسراشتىن ئىبارەت تۈپ دۆلەت سىياسىتىنى باشلامچىلىق بىلەن ئىجرا قىلىپ، ئېنېرگىيە - بايلىق تېجەش ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشتىن ئىبارەت مۇھىم، زور مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدا ئالدىنقى قاتاردا مېڭىشى كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پۇقراۋى كارخانىلار سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدىكى مەمۇرىي قانۇن ئىجراسى خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، قانۇنچىل ھۆكۈمەت، سەمىمىي ھۆكۈمەت قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىش، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىگە ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ «كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش» قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئاسراش، ئاھالىلەرنىڭ ئىسسىنىش شارائىتىنى ياخشىلاش، جەنۇبىي شىنجاڭ ئاھالىلىرىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنى ئېلېكتىرلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرىدىن بەھرىمەن قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ «كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش» قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىلىدىغان گىرافىتلاشتۇرۇلغان كاربون ئاساسىي تۈرى توكلۇق رادىياتور ھەممىباب تېخنىكا شارائىتى ۋە كارخانىلارنىڭ سۈپەت كاپالەت ئىقتىدارى تەلىپىدە مەھسۇلاتتا چوقۇم ھازىرلىنىشقا تېگىشلىك بىخەتەرلىك ۋە ئىقتىدار كۆرسەتكۈچى ئايرىم - ئايرىم بەلگىلىنىپ، نۇقتىلىق ھالدا توك سوقۇۋېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئوت كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كۆيۈپ يارىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق جەھەتلەردە قاتتىق بەلگىلىمە چىقىرىلدى ھەم ئىشچى - خىزمەتچىلەر، ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرى، تەكشۈرۈپ ئۆلچەش ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىق جەھەتلەردە كارخانىلارغا تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تەلىپىگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايوننىڭ خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايون بۇ قېتىم جەمئىي ئالتە تۈرنى ئەمەلدىن قالدۇردى، ئىككى تۈرنى تۆۋەنگە چۈشۈردى، ئىككى تۈرلۈك مەمۇرىي ئىجازەت ئىش تۈرىنى قوبۇل قىلدى.
يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.