导航切换

ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى شان - شەرىپىنىڭ ئارقىسىدىكى بىر خىل كۈچ قەلبلەرنى لەرزىگە سالدى

日期:2024年11月28日
来源:天山网
【字体:

شىن شىجيەن

تىيانشاندا قار لەپىلدەپ يېغىپ، قار - مۇزلار مېھمانلارنى كۈتۈۋالدى. بۇ بىرنەچچە كۈندە، شىنجاڭ بىر تۈركۈم ئىنتايىن ئەزىز مېھمانلارنى كۈتۈۋالدى، ئۇلار دەل شىنجاڭدا سەييارە لېكسىيە سۆزلەۋاتقان ھەم مەستانىلەر يېقىملىق قىلىپ «ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى سەرخىللار ئۆمىكى» دەپ تەرىپلەۋاتقان 11 نەپەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى چېمپىيونى. ئايرودۇرۇمدىن مەكتەپكىچە، مەھەللىدىن گازارمىغىچە... ئۇلار بارغانلىكى يەردە ئالقىش ۋە تەنتەنە ئۇزاققىچە ياڭرىدى.

بۇ مەيدان ئالاھىدە «چولپانلارنى قوغلىشىش» پائالىيىتى قانداق قىلىپ قار - مۇز بىلەن قاپلانغان شىنجاڭنى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدۈردى؟ چۈنكى بۇ بىر قېتىملىق جۇڭگو تەنتەربىيە ھېكايىسىنى بايان قىلىش بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى، بىر قېتىملىق دەۋر بىلەن بىر مەقسەت، بىر يۆنىلىشتىكى چوڭقۇر سۆھبەت، بۇ قېتىملىق سۆھبەتتىن بىز چېمپىيونلۇق شان - شەرىپىنىڭ ئارقىسىدا ھامان قەلبلەرنى لەرزىگە سالىدىغان بىر خىل كۈچنىڭ بارلىقىنى كۆرۈپ يەتتۇق.

بۇ خىل كۈچ ۋەتەندىن مىننەتدار بولۇش، مەڭگۈ ۋاز كەچمەسلىك. شىنجاڭ سىفەن داشۆسىدىكى لېكسىيە سۆزلەش نەق مەيدانىدا لى يۆخۇڭ مۇنداق دېدى: «قۇدرەتلىك ۋەتىنىمىز بولمىسا، خەلقئارا مۇسابىقە مەيدانىدا چاقنىيالمىغان بولاتتۇق.» پەن جەنلې مۇنداق دېدى: «مەن يالغۇز جەڭ قىلمايۋاتقانلىقىمنى ئوبدان بىلىمەن، مېنىڭ ئارقامدا قۇدرەتلىك ۋەتىنىم بار!» لى ۋېنۋېن مۇنداق دېدى: «قەلبىمدە پەقەت بىرلا سادا بار: جۇڭگو كوماندىسى ئۈچۈن چوقۇم ئالتۇن مېدال ئالىمەن!»... بۇنداق چوڭقۇر ھەم قىزغىن ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە توختىماي ئالغا ئىلگىرىلىشىدىكى مەنىۋى رىشتىدەك، بۇ قىشتا ھەر مىللەت ياشلارنىڭ ساپ قەلبىنى تۇتاشتۇردى.

بۇ خىل كۈچ ۋەتەننى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ۋەتەنگە شەرەپ كەلتۈرۈش. مەيلى ئۈچ قېتىم ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقان لى يۆخۇڭ ئون نەچچە يىللىق كۈرەش مۇساپىسىنى ئەسلىسۇن ياكى پەن جەنلې جۇڭگونىڭ سۇ ئۈزۈش تارىخىدا بۆسۈش ھاسىل قىلغان ئۇنتۇلغۇسىز دەقىقىلەرنى ھەمبەھرىلىسۇن ۋە ياكى لى ۋېنۋېن ئۆزىنىڭ ئەڭ يۇقىرى چەككە جەڭ ئېلان قىلغان ئارزۇغا ئىنتىلىش ھېكايىسىنى بايان قىلسۇن، ھەممىسى ئورتاق غايە - ئېتىقادنى يەتكۈزدى − ئۇ بولسىمۇ ۋەتەننى قەلبكە پۈكۈش، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش. بۇ خىل چوڭقۇر ۋەزىنلىك ۋەتەنپەرۋەرلىك ئېتىقادى ھەربىر جۇڭگو ئەزىمەتلىرىنىڭ تومۇرىدا ئېقىپلا قالماي، يەنە ھەربىر جۇڭگولۇقنىڭ مەنىۋى شەجەرىسىدە ئاقماقتا. تېخىمۇ مۇھىمى ئۇ بىزنىڭ قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش مۇساپىسىدە ۋاقىت ئۇزارغانسېرى يېڭىلىنىدىغان، ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىدىغان جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىمىزدۇر.

نېمىگە كۆڭۈل بۆلسە، شۇنداق مەنىۋى ئىنتىلىش بولىدۇ؛ نېمىنى قەدىرلىسە، شۇنداق قىممەت يۈزلىنىشى بولىدۇ. بۇ قېتىمقى «چولپانلارنى قوغلىشىش» قىزغىنلىقى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتىنى، ۋەتەنپەرۋەرلىكنى قەلبتىن چوڭقۇر ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلىپ بەردى. كۆپچىلىك «ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى چېمپيونلىرىدىن تەشكىللەنگەن كوللېكتىپ» بىلەن يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇرغانلىقىدىن ناھايىتى ھاياجانلاندى، بۇ، «پەن جەنلېنىڭ ھەم كېلىشكەن، ھەم قالتىس» ئىكەنلىكىنى ياخشى كۆرگەنلىكىدىن، يەنە لى ۋېنۋېننىڭ «ئەركىن ناخشا ئېيتىش»تىن ئىبارەت خۇشاللىق پەلسەپىسىدىن ھۇزۇرلانغانلىقىدىن بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى، ئۇلارنىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەيدانىدىن لېكسىيە سۆزلەش نەق مەيدانىغىچە يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ ئوبرازىنى نامايان قىلغانلىقىدىن بولدى، ئۇ ياشلىقنىڭ ئەڭ گۈزەل قىياپىتى، تېخىمۇ كۆپ ياشلار ئارزۇ قىلىدىغان قىياپەت.

خۇددى لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتى نەق مەيدانىدا، پەن جەنلېنىڭ ئىمزاسىنى ئالغان تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 3 - يىللىقىدىكى بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئېيتقىنىدەك، «مانا بۇلار بىزنىڭ قوغلىشىشىمىزغا ئەرزىيدىغان چولپانلار»، ئېنىقكى، بۇنداق ئورتاق ھېسسىيات ۋە ئۇيۇشۇش كۈچى ھەر مىللەت ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ جۇڭخۇا تەنتەربىيە روھىغا بولغان قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش تۇيغۇسى ۋە ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنى زور دەرىجىدە كۈچەيتىدۇ، شۇنداقلا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىدىن ئىبارەت بۇ دەۋر كۈچلۈك ساداسىنى جانلىق، كونكرېت ياڭرىتىدۇ.

ئەتراپىمىزدىكى ئۈلگىلەر قەلبلەرنى ئەڭ ھاياجانغا سالىدۇ. ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى چېمپىيونلىرى بايان قىلغان جان تىكىپ ئېلىشىش كەچۈرمىشلىرى ۋە ئىتتىپاقلىق ھېكايىلىرى جۇڭخۇا تەنتەربىيە روھىنىڭ جانلىق ئىزاھلىنىشى، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر مەدەنىيىتىنىڭ كۈچلۈك ۋارىسلىق قىلىنىشى. بىز بۇ مەنىۋى ئوزۇقلارنىڭ ھەر مىللەت خەلقنىڭ قەلب ئېتىزىنى سۇغىرىپ، ھەر مىللەت خەلقنى ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.