□ ۋاڭ ئەنرۇن
20 - ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىدا، مۇنداق بىر خەۋەر كىشىنى خۇشاللىققا چۆمدۈرگەنىدى: 1984 - يىلى 4 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، ئارمىيەمىز بۇيرۇققا بىنائەن يۈننەن ئۆلكىسى مالىپو ناھىيەسىنىڭ لاۋشەن، جېيىنشەن رايونىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن ۋىيېتنام ئارمىيەسىگە قارىتا ئۆزىنى قوغداپ قايتۇرما زەربە بېرىش جېڭى قىلىپ، 5 - ئاينىڭ 15 - كۈنىگە كەلگەندە، بۇ ئىككى مۇھىم جاينى بىراقلا قايتۇرۇۋالدى. لاۋشەن ئالدىنقى سېپى شۇنىڭدىن ئېتىبارەن يۈز مىليونلىغان خەلقنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئالدى.
يەنجىدىكى قايدۇ دەرياسىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدىكى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى 2 - سىفەن مەكتىپىدە، مۇزىكا سىنىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولغان مېنىڭ پىلانلىشىم ۋە يېتەكچىلىكىمدە، ئۆزلىرى تەييارلاپ، ئۆزلىرى ئورۇنلىغان نومۇرلارنى ماگنىتلىق لېنتىغا ئېلىپ لاۋشەن ئالدىنقى سېپىدىكى ئاساسلىق ھۇجۇمچى ليەنگە ئەۋەتتى. ئويلىمىغان يەردىن، يېرىم ئايدىن كېيىن، مەلۇم قىسىمنىڭ قايناق ھېسسىياتقا تولغان جاۋاب خېتىنى تاپشۇرۇۋالدى، خەتتە: بۇ ماگنىتلىق لېنتا ئارمىيەمىزنىڭ جەڭگىۋارلىق روھىنى ئۇرغۇتتى، دېيىلگەنىدى. شۇنىڭ بىلەن مەن بۇ ئىشنى «ماۋئېردۇڭدىن كەلگەن بىر پارچە جاۋاب خەت» دېگەن تېمىدا 1000 خەتتىن ئاشىدىغان ماقالە قىلىپ يېزىپ چىقىپ، ئىككىلەنمەيلا «شىنجاڭ گېزىتى»گە ئەۋەتتىم، بۇ ماقالەمنىڭ گېزىتتە ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى پەقەتلا ئويلىمىغانىدىم.
1988 - يىلى 8 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، مەن شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 2 - شى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورگان گېزىتى «يېشىل تۈزلەڭلىك گېزىتى»گە يۆتكىلىپ كەلدىم. ئەينى چاغدا بۇ گېزىتخانىنىڭ باش مۇھەررىرى نيې سىبو قولۇمنى تۇتۇپ تۇرۇپ: «سىزنى قارشى ئالىمىز يىگىت، بىز سىزنى <شىنجاڭ گېزىتى>دىن بايقىدۇق!» دېدى.
شۇنىڭدىن باشلاپ، مېنىڭ «شىنجاڭ گېزىتى» بىلەن بولغان رىشتىم چوڭقۇرلىشىپ، بۈگۈنگىچە داۋاملاشتى.
2014 - يىلى 2 - ئايدا مەن «ھەققانىيەت تارازىسىدا» ناملىق ئەدەبىي ئاخباراتىمنى يېزىپ تاماملىغاندىن كېيىن، قايسى مەتبۇئاتقا ئەۋەتسەم بولار دەپ سەل ئىككىلىنىپ قالدىم. ئەينى چاغدا ماقالىدە تەسۋىرلەنگەن شىخەنزە شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تۈرمە تەپتىش بۆلۈمىنىڭ سابىق تەپتىشى جاڭ بياۋ توغرىسىدىكى تەشۋىقاتنىڭ تەسىرى بىر كۈچىيىپ، بىر پەسىيىۋاتقان بولسىمۇ، مەن قايتا ئويلىنىش خاراكتېرىنى ئالغان بۇ ئەدەبىي ئەسەرنى زادى قايسى مەتبۇئاتنىڭ خەۋپ - خەتەرگە قارىماي ئېلان قىلىدىغانلىقىغا بىر نېمە دېيەلمەيتتىم. ئويلىمىغان يەردىن، 4 - ئاينىڭ 24 - كۈنىدىكى «شىنجاڭ گېزىتى»دە «ھەققانىيەت تارازىسىدا» ناملىق ئەدەبىي ئاخباراتىم پۈتۈن بىر بەتتە ئېلان قىلىندى، ئارقىدىن تىيانشان تورىدا ئالدى بىلەن كۆچۈرۈپ ئېلان قىلىندى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئاخبارات تورى قاتارلىق نەچچە ئون تور بېكەتلىرىدىمۇ ئارقا - ئارقىدىن كۆچۈرۈپ ئېلان قىلىنىپ، ياخشى تەشۋىقات ئۈنۈمىنى ھاسىل قىلدى. بىپايان دېڭىزدا خۇددى بىر نۇر چاقنىغاندەك بولدى، «شىنجاڭ گېزىتى» دەل شۇ ماياك ئىدى.
پارتىيە گېزىتىنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىق روھى مېنى يۆنىلىشكە ئىگە قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن، مەن ئىككى قىسىملىق رادىيو دىرامىسى «تەپتىش جاڭ بياۋ»نى تېز سۈرئەتتە ئىجاد قىلىپ تاماملىدىم، رادىيو دىرامىسى ناھايىتى تېز ئۈنگە ئېلىش باسقۇچىغا كىردى. 2014 - يىللىق شىنجاڭ رادىيو ئەدەبىيات - سەنئەت مۇكاپاتىنى باھالاشتا «تەپتىش جاڭ بياۋ» رادىيو دىرامىسى بويىچە بىردىنبىر 1 - دەرىجىلىك مۇكاپات شەرىپىگە ئېرىشىپ، «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ ئۆتكۈر كۆز بىلەن گۆھەرنى تونۇغانلىقىنى يەردە قويمىدى.
شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، مېنىڭ ئىجادىيەت قىزغىنلىقىم ۋە يوشۇرۇن كۈچۈم قوزغىتىلىپ، توختىماي ئىجادىيەتكە كىرىشىپ كەتتىم. «جەمىلە ۋە ئۇنىڭ گەمە كەنتى» «يەر تەۋرەش بەلبېغىدىكى بىر چىنە تاتلىق سۇ» «قوغۇننىڭ شېرىن تەمىنى خەلققە تەقدىم قىلىمەن» قاتارلىق ئەدەبىي ئاخباراتلىرىم «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ «باۋدى» قوشۇمچە بېتىدە كەينى - كەينىدىن ئېلان قىلىنىپ، بەلگىلىك تەسىر قوزغىدى.
كىشىنى خۇشاللاندۇرىدىغىنى شۇكى، «شىنجاڭ گېزىتى»دە تۇنجى ئېلان قىلىنغان ئەدەبىي ئاخبارات ئەسەرلىرىم دائىم كىنو - تېلېۋىزىيە فىلىملىرى قىلىپ ئىشلىنەتتى. «جەمىلە ۋە ئۇنىڭ گەمە كەنتى»گە ئاساسەن سېنارىيەلەشتۈرۈلگەن «جەمىلە» ناملىق كىنو 23 - نۆۋەتلىك شاڭخەي خەلقئارا كىنو بايرىمى كىنو قانىلى تاراتقۇلىرى دىققەت بۆلىكى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ ئالاھىدە شەرىپىگە ئېرىشتى؛ «يەر تەۋرەش بەلبېغىدىكى بىر چىنە تاتلىق سۇ»غا ئاساسەن يېزىلغان ئەسلىي ئىجادىي كىنو سېنارىيەسى «تىمتاسلىققا چۆمگەن چوڭقۇر ئېقىن» ئاپتونوم رايوننىڭ 2023 - يىللىق ئەدەبىيات - سەنئەتنى يۆلەش - رىغبەتلەندۈرۈش مەبلىغى تۈرىنىڭ يۆلىشىگە ئېرىشتى؛ «كۆزىتىش مۇنارىدىكى ھايات»قا ئاساسەن ئىشلەنگەن ئەسلىي ئىجادىي كىنو «قوغدىغۇچى» مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ كىنو قانىلىدا قويۇلغاندىن كېيىن، كۆرۈش نىسبىتى خېلى يۇقىرى بولدى.
ئەدەبىيات بىلەن كىنو - تېلېۋىزىيە ئورتاقلىققا ئىگە. قىلچە مۇبالىغە قىلماي ئېيتىمەنكى، «شىنجاڭ گېزىتى» «تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈش، خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتىش» باھار سۈيىنى جانلاندۇرۇپ، شىنجاڭ تېمىسىدىكى كىنولارنىڭ رەڭگارەڭ جۇلالىنىشىغا كۈچ قوشتى. خۇددى ھايات مۇساپەمدىكى ماياكقا ئوخشاش، «شىنجاڭ گېزىتى» مېنىڭ كەلگۈسىدىكى ئىجادىيەت يولۇمنى داۋاملىق يورۇتقۇسى.
(ئاپتور شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئەدەبىي ئاخبارات ئىجادىيەت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، دۆلەتلىك 1 - دەرىجىلىك سېنارىست)