ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى دائىمىي كومىتېت يىغىنىغا سىرتتىن قاتناشقان ۋەكىللەر سۆھبەت يىغىنى ئاچتى
ۋەكىللەرنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشۇش كېرەك
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 - ئاينىڭ 27 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ لېي خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 26 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 16 - يىغىنىغا سىرتتىن قاتناشقان ۋەكىللەر سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
«خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان تېخىمۇ كۆپ تەكلىپلەرنى بېرىمىز» «ئۆز ئەۋزەللىكىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشقا قاتنىشىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنىڭ بۆسۈش ئېغىزى قىلىمىز» «<كۆرۈش، ئاڭلاش، سوراش، تومۇر تۇتۇش>نى پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتىگە تولۇق تەتبىقلايمىز»... يىغىندا مەملىكەتلىك ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ سەككىز ۋەكىلى ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش كەچۈرمىشىگە بىرلەشتۈرۈپ، ۋەكىللەرنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشۇشنى چۆرىدەپ، ئوخشاش بولمىغان نۇقتىدىن پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى، سىرتتىن قاتناشقان 12 ۋەكىل يازما پىكىر ئالماشتۇردى. زۇمرەت ئوبۇل مۇنداق بىلدۈردى: كۆپچىلىكنىڭ پىكىر - تەكلىپلىرىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ، پائال قوبۇل قىلىمىز ياكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ تەتقىق قىلىپ بېجىرىشىگە يوللاپ بېرىمىز.
زۇمرەت ئوبۇل مۇنداق كۆرسەتتى: خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى خەلق ئارىسىدىن كەلگەن، خەلققە مۇلازىمەت قىلىدۇ، ئۇلار يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم كۈچ. ۋەكىللەرنىڭ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەۋقەنى ئىش ئورنى فۇنكسىيەسى ۋە كەسىپ ئالاھىدىلىكىگە قويۇپ، شۇ جاينىڭ بايلىق ئۈستۈنلۈكىگە تايىنىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، دېھقانلارنى ئىشلەپچىقىرىشنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشقا يېتەكلەش كېرەك. ۋەكىللەرنىڭ ئىختىساسلىقلارنى گۈللەندۈرۈشتىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېزىلارنىڭ ئىختىساسلىقلارنى تېخىمۇ ياخشى يېتىشتۈرۈشى، ئىختىساسلىقلارنى تېخىمۇ ياخشى جەلپ قىلىشى، ئىختىساسلىقلارنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلىتىشى، ئىختىساسلىقلارنى تېخىمۇ ياخشى ئېلىپ قېلىشىغا ياردەم بېرىپ، ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىش كېرەك. ۋەكىللەرنىڭ مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، زامانىۋى مەدەنىي تۇرمۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، مەدەنىي يېزا كەيپىياتىنى يېتىلدۈرۈپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇش كېرەك. ۋەكىللەرنىڭ ئېكولوگىيەنى گۈللەندۈرۈشتىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، «مىڭ، ئونمىڭ قۇرۇلۇشى» تەجرىبىسىنى ئۆگىنىش، قوللىنىشقا ماھىر بولۇپ، يېشىل تەرەققىيات ئۇسۇلى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىنى پائال يولغا قويۇپ، ئىشلەپچىقىرىش گۈزەل، تۇرمۇش گۈزەل، ئېكولوگىيە گۈزەل بولۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغلارنى قوغداپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ مۇھىتىنى تۈزەپ، ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان ماكان قۇرۇش كېرەك. ۋەكىللەرنىڭ تەشكىلاتلارنى گۈللەندۈرۈشتىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنى كۈچەيتىش، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇلىنى مۇستەھكەملەشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشقا كۈچ قوشۇش خىزمىتىگە چوڭقۇر قاتنىشىپ، ئامما بىلەن پائال ئالاقە باغلاپ ۋە ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىپ، يېزا - كەنتلەرنى ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئورتاق قۇرىدىغان، ئورتاق ئىدارە قىلىدىغان، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان يېزا - كەنتلەرنى ئىدارە قىلىش ئەندىزىسى بەرپا قىلىش كېرەك.
زۇمرەت ئوبۇل مۇنداق تەكىتلىدى: «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئالاقىدار قانۇن - نىزام ۋە سىياسەتلەرنى ئۆگىنىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات قانۇنىيىتى ۋە دېھقانلار مەسىلىسىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ، تىرىشىپ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى «زېرەك ئادەم»لەردىن بولۇپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئاڭلىق ئەمەلدە كۆرسىتىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتا ئالدىدا مېڭىپ، ئۈلگە بولۇپ، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش، ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان گۈزەل يېزا - كەنت قۇرۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇش كېرەك.
لى نىڭپىڭ سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.