ئايىمخان ئىبرايىم:
90 - يىللاردا تۇغۇلغان كەنت پارتىيە ياچېيكىسى شۇجىسى يۇرتداشلارنىڭ «تايانچى»غا ئايلاندى
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋېي يۇڭگۇي، ئىختىيارىي مۇخبىر قۇدرەتجان ئۆمەر
«پارنىكتا بېلىق، راك بېقىشنىڭ ئەۋزەللىكى شۇكى، بىرىنچىدىن، پارنىكنىڭ مۇھىتى نىسبەتەن مۇقىم بولۇپ، ئاسانلىقچە ناچار ھاۋارايىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ؛ ئىككىنچىدىن، سۇ سۈپىتىنى ياخشى تەڭشەپ كونترول قىلغىلى بولىدۇ، سۇ يەڭگۈشلەش قولايلىق، سۇ پاكىز بولسا، بېلىق، راكلار ئاسانلىقچە كېسەل بولمايدۇ...» يېقىندا، چەرچەن ناھىيەسىنىڭ ئاچچان بازىرىدىكى بىر پارنىكتا بېلىق، راك بېقىش بازىسىدا، ئاچچان بازىرى ئىسكەنگەن كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئايىمخان ئىبرايىم كەنت ئاھالىلىرىنى باشلاپ ئېكسكۇرسىيە قىلغىلى، ئۆگەنگىلى كەلدى، ئۇ كەنت ئاھالىلىرىگە پارنىكتا بېلىق، راك بېقىشنىڭ پايدىسىنى تەپسىلىي چۈشەندۈردى.
ئايىمخان بۇ يىل 34 ياشتا بولۇپ، 2019 - يىلى ئىسكەنگەن كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولۇپ سايلانغان. بەش يىلدىن بۇيان، ئۇ كەنت پارتىيە ياچېيكىسىدىكىلەرنى يېتەكلەپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ كىرىمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چىن قەلبى، چىن ھېسسىياتى بىلەن ئەمەلىي ئىش بېجىرىپ، ئىسكەنگەن كەنتىنىڭ قىياپىتىدە ناھايىتى زور ئۆزگىرىش پەيدا قىلدى. كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشى ياخشىلىنىپ، كىرىمى كۆپىيىپ، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ، ئايىمخان يۇرتداشلار ئىشىنىدىغان «تايانچ»قا ئايلاندى.
پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇش، قورغانلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇش
«توپ ياۋا غازلار ئېگىز ئۇچۇشتا باشلامچى ياۋا غازغا تايىنىدۇ، قوشۇننى كۈچلۈك قۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى ياچېيكىدا.» ئايىمخان بەنزىنى تۇتۇش، قوشۇننى يېتەكلەشنىڭ مۇھىملىقىنى چوڭقۇر بىلىدۇ، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولغاندىن بۇيان، ئۇ پارتىيە ياچېيكىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، «تۆتنى كېڭىشىش، ئىككىنى ئاشكارىلاش» «ئۈچ يىغىن، بىر دەرس» قاتارلىق خىزمەت تۈزۈملىرىنى تۈزۈپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەنت كادىرلىرىنىڭ خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئىش بېجىرىش تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، كەنت دەرىجىلىك ئىشلارنى تەرتىپلىك يۈرۈشتۈردى. 2023 - يىلى، ئىسكەنگەن كەنتى پارتىيە ياچېيكىسى «بەشتە ياخشى» ئۆلچەملەشكەن، قېلىپلاشقان پارتىيە ياچېيكىسى قىلىپ بەرپا قىلىندى.
بىر قىسىم كەنت كادىرلىرىنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل سەۋىيەسى يۇقىرى بولماسلىق، كەسپىي ئىقتىدارى كۈچلۈك بولماسلىق مەسىلىسىگە قارىتا، ئايىمخان كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى بىلەن كەنت كادىرلىرى، كەنت دەرىجىلىك زاپاس كۈچلەرنى «بىرگە بىر، بىرگە كۆپ» يار - يۆلەك بولىدىغان قوشماقلاردىن قىلىپ، دۆلەت ئورتاق تىلىنى ئۆگىنىش، كەنت ئىشلىرىنى باشقۇرۇش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ تىزىملىك تۇرغۇزۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، نىشان بېكىتىپ، ھەر تەرەپلىمە ياردەم بېرىش، يېتەكلەشنى يولغا قويدى؛ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ بەش نەپەر مۇنەۋۋەر كەنت كادىرىنى چېڭدۇ، شىئەن، تاڭشەن قاتارلىق جايلارغا بېرىپ كۆرۈپ ئۆگىنىشكە ئەۋەتىپ، ئۇلارنىڭ نەزەرىيە ساپاسى ۋە خىزمەت قابىلىيىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى.
«ئايىمخان ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىش، سىياسەت، قانۇن - نىزاملارنى تەشۋىق قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە ماڭا قولمۇقول ئۆگەتكەچكە، خىزمەت ئىقتىدارىم ناھايىتى زور دەرىجىدە ئۆستى، ھازىر ھەرقانداق ئىشنى قىلىشتا ناھايىتى ئىشەنچىم بار» دېدى كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى تۇراخان تۇرسۇن.
كەنت «ئىككى كومىتېت» بەنزىسىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئايىمخان بېيىش باشلامچىلىرى، يۇرتقا قايتقان مۇنەۋۋەر داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى قاتارلىق ياشلار توپىدىن ئىختىساسلىقلارنى تاللاپ، ئەلالىرى ئارىسىدىن سەككىز نەپەر زاپاس كادىر تەييارلاپ، «ياردەم بېرىپ يېتەكلەش ئارقىلىق يېتىشتۈرۈش + پىراكتىكا ئارقىلىق يېتىشتۈرۈش» ئۇسۇلى ئارقىلىق، ئۇلارنى ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرگە قاتنىشىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، زاپاس كادىرلارنى ئەمەلىيەت داۋامىدا چېنىقىپ ئۆسۈپ يېتىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدىكى تۆت كىشى كەنت «ئىككى كومىتېت» بەنزىسىگە كىردى.
ياخشى چارە تېپىش، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش
يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە، كەسىپنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش. بەش يىلدىن بۇيان، ئايىمخان كۆپ تەرەپلىك پىلانلاپ، ئىسكەنگەن كەنتىنىڭ كەسىپ تەرەققىياتىغا نۇرغۇن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلدى.
2023 - يىلى، كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىش يولىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، ئايىمخان كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى بىلەن بىرلىشىپ كەسىپلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئەۋەتكەن ئورۇننىڭ تۈر مەبلىغى مەدىتىنى قولغا كەلتۈرۈپ، كەنتتە كۆلىمى 700 كىۋادرات مېتىردىن ئاشىدىغان سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىق پارنىكى ياسىدى ھەم كورلا كاڭئېرلۈ سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىق مەركىزىنى كەنتنى بېلىق، راك بېقىش تېخنىكىسى مەدىتى بىلەن تەمىنلەشكە ئۇدۇللاشتۇردى. بۇ يىل، سۇ مەھسۇلاتلىرى پارنىكىدا بېلىق، راكتىن مول ھوسۇل ئېلىنغان بولۇپ، سېتىش سوممىسىنىڭ 160 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى.
«ئىلگىرى ئائىلىمىزدىكى قوزىلارنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتى ناھايىتى تۆۋەن ئىدى، كەنت تەشكىللىگەن تۆل ئېلىش - قوزىلارنى پەرۋىش قىلىش تېخنىكىسى بويىچە تەربىيەلەشكە قاتناشقاندىن كېيىن، ئەي بولۇش نىسبىتى %90كە يەتتى. بۇ يىل، قويلىرىمنى خېلى كۆپ پۇلغا ساتالايمەن.» كىرىمنى ئاشۇرۇش تېمىسى توغرىسىدا توختالغاندا، كەنت ئاھالىسى بايىمخان غېنى خۇشال ھالدا شۇنداق دېدى.
ئىسكەنگەن كەنتى چارۋىچىلار كۆچۈرۈلگەن كەنت بولۇپ، ھەممىلا ئائىلە كالا - قوي باقىدۇ، لېكىن نۇرغۇن كەنت ئاھالىسى ئەنئەنىۋى تەجرىبىگە تايىنىپ كالا - قوي باقىدىغان بولغاچقا، كۆلىمى كىچىك، كىرىمنى ئاشۇرۇش كۈچى ئاجىز ئىدى. ئايىمخان نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندىن كېيىن، كەنت «ئىككى كومىتېت»ىدىكى كادىرلار بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى باشلاپ باقمىچىلىق كىچىك رايونىدا سوغۇققا چىداملىق، يېتىلىشى تېز، گۆشى يېيىشلىك، تەملىك بولغان ئوۋلا قويىنى بېقىشنى قارار قىلدى.
نىشاننى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، دېگىنىنى قىلىش. ئايىمخان چەرچەن ناھىيەسى ئاچچان چارۋىچىلىق مەيدانىنىڭ چارۋا مەھسۇلاتلىرى، چارۋىچىلىق، باقمىچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىلەن ئۇدۇللىشىپ، 30 ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسىنى مەبلەغ ياكى قوي پادىلىرىنى ھاۋالىلىك بېقىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا پاي قوشۇشقا جەلپ قىلىپ، باقمىچىلىق ئۆلچىمىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن، ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئەسىنى بىرتۇتاش قانات يايدۇرغان، يەم - خەشەك سىلوسنى بىرتۇتاش تەييارلايدىغان، بىرتۇتاش توشۇپ ساتىدىغان ئوۋلا قويى باقمىچىلىق كەسپىنى شەكىللەندۈرۈپ، بىر بېيىش يولىنى ئاچتى. 2023 - يىلى، كەنت بويىچە 10 مىڭ تۇياقتىن ئارتۇق ئوۋلا قويى بېقىلغان بولۇپ، بۇ يىل قوتاندىن چىقىرىلىدىغان قوينىڭ ئومۇمىي سانى 3000 تۇياقتىن ئاشىدىغانلىقى، ئىشقا ئاشىدىغان پايدىنىڭ 300 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى.
كالا - قويلار ھاۋالىلىك بېقىلغاندىن كېيىن، تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسىنىڭ قولى بوشاپ سىرتقا چىقىپ ئىشلىيەلەيدىغان بولدى. ئىسكەنگەن كەنتى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 2 - شىسىنىڭ 37 - تۇەنى بىلەن قوشنا بولۇپ، ئايىمخان كەنت «ئىككى كومىتېت»ىنى باشلاپ، پۈتۈن كەنتتىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسىنى ئېنىقلاپ، كەنت ئاھالىلىرىنى كەپشەرلەش، مارجان تىزىش قاتارلىق ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشكە قاتنىشىشقا تەشكىللەپ، بەش كىشىنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا، ئۈچ كىشىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىشىگە تۈرتكە بولدى، دېھقانچىلىقنىڭ بوش مەزگىلىدە 40 چارۋىچى سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ، ھاۋالىلىك بېقىپ پايدا تەقسىملەش، ئىشلەپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.
ئەمەلىي ئىش بېجىرىش، چىن ھېسسىيات بىلەن خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش
«مەن باقمىچىلىق كىچىك رايونىدا كالا - قوي باقىمەن، كەنتىمىز باقمىچىلىق كىچىك رايونىغا بارىدىغان يولنى ئاسفالت يول قىلىپ ياساپ بەردى، بېرىپ كېلىشىمىز بەك قولايلاشتى» دېدى باقمىچىلىق كىچىك رايونىدا قوي بېقىش بىلەن ئالدىراش بولۇۋاتقان كەنت ئاھالىسى قۇربان تۇرسۇن.
«ئەمەلىي ئىشلارنى بېجىرىشتە، ئاممىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك بېجىرىش كېرەك.» ئايىمخان ئىشنى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىنى ھەل قىلىشتىن باشلاپ، كەنتتىكى ئانار دانىسى مۇلازىمەت پونكىتىدا «پۇقرالار كۆڭۈل سۆزلىرىنى ئېيتىش نۇقتىسى» تەسىس قىلىپ، ھەر ھەپتىنىڭ 5 - كۈنى قەرەللىك ھالدا ئىشلارنى ئىنكاس قىلىپ، ئىشلارنى كېڭىشىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ پىكرى ۋە ئىلتىماس - تەلەپلىرىنى توپلىدى، مەخسۇس ئادەم چەكلىك مۇددەت ئىچىدە بېجىرىش، قايتما ئىنكاس قىلىشقا مەسئۇل بولدى.
«بىزنىڭ بۇ بۆلەك رايوننىڭ يەر شەكلى ئېگىز، ھويلا - ئاراننى سۇغىرىش قىيىن بولۇپ، بىزنىڭ كۆكتات تېرىش، مېۋىلىك دەرەخ ئۆستۈرۈشىمىزگە تەسىر يەتكۈزدى، كەنتنىڭ ياردەملىشىپ ھەل قىلىپ بېرىشىگە ئېھتىياجلىق.» كەنتتىكى بىر قېتىملىق «پۇقرالار كۆڭۈل سۆزلىرىنى ئېيتىش كۈنى»دە، پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى ياقۇپ روزى جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك بىر مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئايىمخان كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، ئەۋەتكەن ئورۇننىڭ مەبلەغ مەدىتىنى پائال ماسلاشتۇرۇپ، 846 مېتىر ئۇزۇنلۇقتا سۇغىرىش تۇرۇبىسى ياتقۇزۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھويلا - ئاران ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا يولۇققان سۇ ئىشلىتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.
«ئاممىنىڭ ئىشىدا كىچىك ئىش يوق، ھەربىر ئىشنى بىز پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ياخشى قىلىشىمىز كېرەك.» بۇ، ئايىمخان كەنت كادىرلىرىغا ئەڭ كۆپ دەيدىغان بىر جۈملە سۆز.
تەۋەلىك رايونىدا 7.1 كىلومېتىر كېلىدىغان ئاسفالت يول ياساپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا قولايلىق يارىتىپ بەردى؛ پارتىيە ئەزالىرى پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىنى تەشكىللەپ قۇرۇپ، ئەمگەك كۈچى كەمچىل 42 ئائىلىنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ، يازلىق پەرۋىش، كۈزلۈك يىغىمىغا ياردەم بەردى؛ «قەلبنى ئىللىتىش كۆمۈرى» تارقىتىپ بەردى... ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىشلارنى بىر - بىرلەپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆپچىلىكنىڭ قەلبىنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇردى.
بۈگۈنكى كۈندە، ئىسكەنگەن كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش غەيرىتى تولۇپ تاشتى، كەسىپ تەرەققىياتى جۇشقۇن ھاياتىي كۈچكە تولدى. «كېيىنكى قەدەمدە، مەن كەنت كادىرلىرىنى يېتەكلەپ يۇرتداشلارغا ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، بېيىش، كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى پائال كېڭەيتىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى بارغانسېرى ياخشىلايمەن.» كەلگۈسى ھەققىدە توختالغاندا، ئايىمخاننىڭ ئىشەنچى تولۇپ تاشتى.