دىققەت
2025-يىلى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى
شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە
سۇغۇرتىغا قاتنىشىپ مەركەزلىك ھەق تاپشۇرۇش مۇددىتىنىڭ
ئاخىرلىشىش ۋاقتى 2024-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە بولىدۇ.
تېخى ھەق تاپشۇرمىغانئاھالىلەر، دوستلار
ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇڭلار
ئۈرۈمچى شەھىرىدە شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدا
زور سىياسەت ئۆزگىرىشى بولدى
12-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ھەق تاپشۇرمىغان ئاھالىلەرنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئۈچ ئاي ئاتچوت قىلىشتىن توختىتىلىدۇ
ماتېرىيال سۈرەت. سۈرەت مەنبەسى: شىنخۇا تورى
«ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2025-يىللىق شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش كاپالىتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»(ئۈرۈمچى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى [ 2024 ] 44-نومۇرلۇق)قا ئاساسەن
2025-يىلى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى
شەھەر-يېزا ئاھالىلىرى ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ھەققىنى شەخسلەر تاپشۇرۇش ئۆلچىمى
ھەر بىر ئادەم ھەر يىلى 440 يۈەن
(ئۇزاقمۇددەتلىك پەرۋىش سۇغۇرتا ھەققى 40 يۈەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بولۇپ
سۇغۇرتىغا قاتنىشىش ھەققىنى مەركەزلىك تاپشۇرۇش مۇددىتى
2024-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2024-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە بولىدۇ
ئەگەرسۇغۇرتىغا قاتناشقان ئامما
بەلگىلەنگەن سۇغۇرتىغا قاتنىشىش ھەققىنىمەركەزلىكتاپشۇرۇش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەندىنكېيىن
2025-يىللىق شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتا ھەققىنى تاپشۇرسا
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ۋە ئالاھىدە خادىملاردىن باشقىلارغا
ئۈچ ئاي تەمىناتنى ساقلاش مۇقىم مەزگىلى تەسىس قىلىنىدۇ
يەنى شۇ مەزگىلدە
ئاھالىلەر داۋالىنىپداۋالىنىش خىراجىتى كېلىپ چىقسا
ئاتچوت قىلىش تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولمايدۇ.
مەسىلەن: 2025-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى ھەق تاپشۇرغان بولسا
ئۇنداقتا 2025-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى
ئاندىن داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ئاتچوت قىلىشتىن بەھرىمەن بولالايدۇ
سىندىن كېسىۋېلىنغان سۈرەت. مەنبە: خۇڭسەن كۆزى
ئۇدا ھەق تاپشۇرۇشقا ئىلھام بېرىش ئۈچۈن
2025-يىلىدىن باشلاپ، ئۇداتۆت يىلدىن يۇقىرى ھەق تاپشۇرغانلارنىڭ
ھەر يىللىق ئاھالىلەر ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسىنى چىقىم قىلىش سوممىسى2029-يىلىدىن باشلاپ 5000 يۈەنگە ئۆستۈرۈلىدۇ
شۇنىڭ بىلەن بىللە،شۇ يىلى ئاھالىلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىنى ئىشلەتمىگەن خادىملار مۇكاپاتلىنىدۇ
كېيىنكى يىلى يەنە ئاھالىلەرنىڭ ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسىدىن چىقىم قىلىنىدىغان سومما5000 يۈەنگە ئۆستۈرۈلىدۇ
سىندىن كېسىۋېلىغان سۈرەت. مەنبە: خۇڭسەن كۆزى
«شىنجاڭ گېزىتى»ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى