ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى ئۇنىۋېرسال خەۋىرى
ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى تور بېكىتى، جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيەسى تورىنىڭ خەۋەرلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ قارىغاندا، يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى چىرا ھەممىباب ئايرودۇرۇمى تۈرىنىڭ مۇمكىنچىلىك تەتقىقاتى دوكلاتىغا تەستىقىي جاۋاب بەرگەن. بۇ، بۇ تۈرنىڭ ئاچقۇچلۇق مۇھىم مۇساپە كۆرسەتكۈچىگە قەدەم قويۇپ، ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلۇش باشلاشقا تەييارلىق قىلىش يېڭى باسقۇچىغا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
چىرا ھەممىباب ئايرودۇرۇمىنىڭ ئورنى چىرا ناھىيەسىنىڭ جەنۇبىدىكى كوئېنلۇن كەنتىگە جايلاشقان بولۇپ، جەنۇبىي يىپەك يولىنىڭ تەكلىماكاننى ئايلىنىش مەركىزىگە، كوئېنلۇن تاغ تىزمىسى ئوتتۇرا بۆلىكى شىمالىي ئېتىكىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان. ئايرودۇرۇم A1 دەرىجىلىك ھەممىباب ئايرودۇرۇم قىلىپ بېكىتىلگەن، ئۇچۇش رايونىنىڭ دەرىجە كۆرسەتكۈچى 2B بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 1800 مېتىر، كەڭلىكى 30 مېتىر كېلىدىغان بىر ئۇچۇش-قونۇش يولى ۋە ئىككى تىك ئالاقە يولى، 13 ئايروپىلان ئورنى (10B3H) بار بولغان بېكەت سۇپىسى ياسىلىدىكەن، 1800 كىۋادرات مېتىرلىق ئاۋىياتسىيە ئۇنىۋېرسال بىناسى (مۇنارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، 2400 كىۋادرات مېتىرلىق ئايروپىلان ئىسكىلاتى ۋە يۈرۈشلەشكەن ئەسلىھەلەر ياسىلىدىكەن.
چىرا ھەممىباب ئايرودۇرۇمى «شىنجاڭ ھەممىباب ئاۋىياتسىيە ئايرودۇرۇمىنى ئورۇنلاشتۇرۇش يىرىك پىلانى (2018-يىلىدىن 2035ـ يىلىغىچە)»غا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئاساسلىقى چىرا ناھىيەسى ۋە ئەتراپتىكى رايونلارنىڭ قىسقا مۇساپىلىك تىرانسپورت، ھاۋادا ساياھەت قىلىش، ئۇچۇش بويىچە تەربىيەلەش قاتارلىق كەسىپلەرگە مۇلازىمەت قىلىدۇ. بۇ تۈرنىڭ يولغا قويۇلۇشى شىنجاڭ ھەممىباب ئايرودۇرۇملىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ۋە شۇ جاينىڭ ئۇنىۋېرسال قاتناش تىرانسپورت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپ، شۇ جاينىڭ تاشقى قاتناش شارائىتىنى ياخشىلاش، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش كاپالىتى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، شۇ جاينىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
نۆۋەتتە، چىرا ھەممىباب ئايرودۇرۇمى تۈرىدە خېرىدار چاقىرىش قاتارلىق تۈرلۈك ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلەر جىددىي ئالغا سىلجىتىلماقتا، پىلان بويىچە 2024-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلۇش باشلىنىپ، 2025-يىلى پۈتۈپ قاتناش باشلىنىدۇ.
يېقىنداشەرقىي جۇڭغار ۋۇسەيۋەن ھەممىباب ئايرودۇرۇم تۈرى قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا،مەيدان يولى كۆرۈنۈشىدەسلەپكى قەدەمدە نامايان بولدى. ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز بەي يۈنشىڭ فوتوسى
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، شىنجاڭ دۆلەت ئىچىدىكى تىرانسپورت ئايرودۇرۇم سانى ئەڭ كۆپ (27) ئۆلكە بولۇپلا قالماي، يەنە A1 تۈردىكى ئىككى ھەممىباب ئايرودۇرۇم، B تۈردىكى 15 ھەممىباب ئايرودۇرۇم بار بولۇپ، مەملىكەت بويىچە ھەممىباب ئاۋىياتسىيە تەرەققىياتى بىر قەدەر تېز، ئايروپىلان ئەترىتىكۆلىمى ۋە ئايرودۇرۇم سانى نىسبەتەن چوڭ ئۆلكىگە ئايلانغان. پىلانغا ئاساسەن، 2035-يىلىغا بارغاندا، شىنجاڭدا A2 دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەممىباب ئايرودۇرۇم 98گە يەتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، زىچلىقى ھەر 100 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىرغا 5.9دىن توغرا كېلىدىكەن.