مەنبە:تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى
تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىربەي سۇجۈن خەۋەر قىلىدۇ) 10-ئاينىڭ 28-كۈنى، جىڭ ناھىيەسى ماندان يېزىسى دۇڭجاڭ كەنتىدىكى جوۋ جۇڭلياڭنىڭ 100 مولۇق يۇقىرى ھوسۇللۇق ئۈلگە كۆرسىتىش كېۋەزلىكىدە، ماشىنىلارنىڭ گۈرۈلدىگەن ئاۋازىغا ئەگىشىپ، چوڭ تىپتىكى پاختا يىغىش ماشىنىلىرى موكىدەك ئۆتۈشۈپ، ئۈزۈش، پىرىسلاش، تايلاش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى قىلىپ، نەق مەيداندا دانە-دانە «ئالتۇن تۇخۇم»دەك تايلانغان پاختىلارنى چىقارماقتا ئىدى.
بۇ يىلجوۋ جۇڭلياڭ ئائىلىسىنىڭ بۇ كېۋەزلىكىدىكى چىگىتلىك پاختا مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ئەمەلىي يىغىپ ھوسۇلنى ئۆلچىشىدە، مو بېشى ھوسۇلى 743.6 كىلوگىرام بولۇشتەك نەتىجە بىلەن مەملىكەت بويىچە يۇقىرى ھوسۇل رېكورتىنى ياراتتى. بۇ خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، نۇرغۇن كېۋەز تېرىيدىغان چوڭ ئائىلىلەر ئۇنىڭغا تېلېفون بېرىپ، تېرىقچىلىق تەجرىبىسىنى سورىدى.
10-ئاينىڭ 28-كۈنى، جوۋ جۇڭلياڭ (سولدىن 1-كىشى) بۇ يىل تېرىلغان 130 مو يەردىكى كېۋەزدىن مول ھوسۇل ئالغانلىقىغا قاراپ، ناھايىتى خۇشال بولدى.
تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى بەي سۇجۈن فوتوسى
يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى-يېزا نازارىتى مەملىكەتلىك يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزى، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى غەربىي قىسىم يېزا ئىگىلىك تەتقىقات مەركىزى، شىنجاڭ پاختىچىلىق تېخنىكا سىستېمىسى، شىخەنزە داشۆيېزا ئىگىلىك شۆيۈەنى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنى تەشكىللەپ، جىڭ ناھىيەسىدىكى «يۈز، مىڭ، ئونمىڭ» (يۈز مو يەردە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، مىڭ مو يەردە بەرپا قىلىش، ئونمىڭ مو يەردە ئۈلگە كۆرسىتىش) مولۇق يۇقىرى ھوسۇللۇق ئۈلگە كۆرسىتىش كېۋەزلىكىدە ئەمەلىي يىغىۋېلىنغان ھوسۇلنى ئۆلچىدى. نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە، «يۈز مو يەردە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش» تۈرى بويىچە يۇقىرى ھوسۇللۇق ئۈلگە كۆرسىتىش كېۋەزلىكىدىكى چىگىتلىك پاختىنىڭ ئوتتۇرىچە مو بېشى ھوسۇلى 743.6 كىلوگرامغا؛ «مىڭ مو يەردە بەرپا قىلىش» تۈرى بويىچە يۇقىرى ھوسۇللۇق كۆرسىتىش كېۋەزلىكىدىكى چىگىتلىك پاختىنىڭ ئوتتۇرىچە مو بېشى ھوسۇلى 667.6 كىلوگرامغا؛ «ئونمىڭ مو يەردە ئۈلگە كۆرسىتىش» تۈرى بويىچە يۇقىرى ھوسۇللۇقئۈلگە كۆرسىتىش كېۋەزلىكىدىكى چىگىتلىك پاختىنىڭ ئوتتۇرىچە مو بېشى ھوسۇلى 630.5 كىلوگرامغا يېتىپ، ھوسۇل مىقدارى بىردەك مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان.
«مەن 2014-يىلىدىن باشلاپ كېۋەز تېرىشقا باشلىغان، 10 يىلدىن بۇيان، چىگىتلىك پاختىنىڭ بىرلىك ھوسۇلى دەسلەپكى 200 نەچچە كىلوگىرامدىن تەدرىجىي 500 كىلوگىرام ئەتراپىغا كۆتۈرۈلدى، بۇ يىل يەنە 743.6 كىلوگىراملىق رېكورت يارىتىلىپ، زور مول ھوسۇل ئېلىندى» دېدى جوۋ جۇڭلياڭ خۇشال ھالدا.
10-ئاينىڭ 28-كۈنى، جىڭ ناھىيەسىنىڭ ماندان يېزىسى دۇڭجۇاڭ كەنتىدىكى كېۋەزلىكتە، پاختا يىغىش ماشىنىسى ئېتىزلىقتا موكىدەك ئۆتۈشۈپ مەشغۇلات قىلماقتا.
ئەن شياۋلۇڭ فوتوسى
شىنجاڭ پاختىچىلىق كەسپى تېخنىكا سىستېمىسىنىڭ باش مۇتەخەسسىسى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىقتىسادىي زىرائەت تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى لى شۆيۈەن مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئاشلىق، كېۋەز كۆلىمىنىڭ بىرلىك ھوسۇلىنى ئاشۇرۇش ھەرىكىتىنى چۆرىدەپ، ھەرقايسى كېۋەز تېرىيدىغان ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر «يۈز مو يەردە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، مىڭ مو يەردە بەرپا قىلىش، ئونمىڭ مو يەردە ئۈلگە كۆرسىتىش»تىن ئىبارەت يۇقىرى ھوسۇل بەرپا قىلىش ھەرىكىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، كۆزلىمە ھوسۇل مىقدارى نىشانىغا يەتتى ياكى ئۇنىڭدىن ئېشىپ كەتتى.
10-ئاينىڭ 28-كۈنى، جىڭ ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ماشىنىلاشتۇرۇش تەرەققىيات مەركىزىنىڭ ئالىي ئىنژېنېرى جاڭ شياۋخۇ نەق مەيداندا بىر تال كېۋەزنى قولىغا ئېلىپ، چۈشكەن غوزىلارنىڭ سانىنى سانىماقتا.
تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى بەي سۇجۈن فوتوسى
شىنجاڭ پاختىچىلىق كەسپى تېخنىكا سىستېمىسى قانات يايدۇرغان «يۈز، مىڭ، ئونمىڭ» مولۇق يۇقىرى ھوسۇللۇق ئۈلگە كۆرسىتىشتە يەنە ھوسۇل مىقدارى، سۈپىتىنى ماس ئاشۇرۇشتەك يېڭى بۆسۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، ئىلگىرى ھوسۇلنى ئۆلچەشتە %1 مو ئەۋرىشكە نۇقتىسىنى ئىختىيارىي تاللاپ نەزەرىيە جەھەتتىن ھوسۇل ئۆلچەش ئۇسۇلى قوللىنىلاتتى، بۇ قېتىم جىڭ ناھىيەسىدە يۈز مو يەردە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، مىڭ مو يەردە بەرپا قىلىش، ئونمىڭ مو يەردە ئۈلگە كۆرسىتىش بويىچە يۇقىرى ھوسۇللۇق ئۈلگە كۆرسىتىش كېۋەزلىكىنىڭ ھوسۇلىنى ئۆلچەشتە ساۋەن شەھىرى، بۈگۈر ناھىيەسىگە ئوخشاش، پاختا يىغىش ماشىنىسى ئارقىلىق ئەمەلىي يىغىۋېلىنغانھوسۇل ئۆلچەنگەن. «نەزەرىيەۋى ئۆلچەنگەن ھوسۇل بىلەن ئەمەلىي ھوسۇل مىقدارىدا پەرق بولىدۇ، پاختا يىغىش ماشىنىسىدا ئەمەلىي يىغىپ ئۆلچەنگەن ھوسۇل نەتىجىسى ئەمەلىي ھوسۇل مىقدارىغا تېخىمۇ يېقىنلىشىدۇ، بۇ، بۇ يىللىق ھوسۇل ئۆلچەش ئۇسۇلىدىكى يېڭى بۆسۈش. بۇنىڭدىن كېيىن، ئەمەلىي يىغىپ ھوسۇل ئۆلچەش بىلەن نەزەرىيە جەھەتتىن ھوسۇل ئۆلچەشنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلى قوللىنىلىپ ھوسۇل ئۆلچەش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلىدۇ» دېدى لى شۆيۈەن.
«بۇ نەتىجە پۈتۈن شىنجاڭ، ھەتتا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ پاختىچىلىقىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، بىز يەنە جىڭ ناھىيەسىنىڭ يۇقىرى ھوسۇللۇق ئۈلگە كۆرسىتىش كېۋەزلىكىدىكى چىگىت ۋە ساپ پاختىدىن ئەۋرىشكە ئېلىپ، ئۇنىڭ سۈپەت ئەھۋالىنى يەنىمۇ ئىگىلىدۇق.» جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى غەربىي قىسىم يېزا ئىگىلىك تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى ماۋ شۇچۇن مۇنداق دېدى: جىڭ ناھىيەسىنىڭ كېۋەزدىن يۇقىرى ھوسۇل ئېلىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى شۇ جاينىڭ ياخشى ئېكولوگىيە-مۇھىتىنىڭ، ئاپتونوم رايوننىڭ كېۋەزنى يۇقىرى ھوسۇللۇق، ئەلا سۈپەتلىك ئۆستۈرۈش تېخنىكا لايىھەسىنىڭ ھەمدە ئىلمىي پەرۋىش قىلىش تەدبىرلىرىنىڭ پايدىسىدىن بولدى.