شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 10 - ئاينىڭ 29 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىجاڭ يەنفاڭخەۋەر قىلىدۇ: 10 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى چېن ۋېيجۈن ئۈرۈمچىدە ئاۋمېنغا ئالاقىدار كونسۇل خىزمىتى بويىچە يىللىق ئالماشتۇرۇش ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى.
چېن ۋېيجۈن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ شىنجاڭغا كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭدا جەمئىيەت مۇقىم بولدى، ئىقتىساد گۈللەندى، خەلق خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلىمەكتە، تەرەققىيات ۋەزىيىتى سىجىل ياخشىلانماقتا. ئاۋمېن روشەن كەسىپ ئالاھىدىلىكى ھەم ئۆزگىچە تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئىگە، شىنجاڭ بىلەن ئاۋمېننىڭ مەدەنىيەت، مائارىپ، ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور. ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بۇ قېتىمقى سەپەردە تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق ئورتاق نۇقتىسىنى تېپىپ، ئىككى جاينىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ مەنپەئەتلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ھۆكۈمىتى سالاھىيەت ئىسپاتى ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى جوۋ ۋېييىڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئاۋمېن گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆزگىچە ئەۋزەللىككە ئىگە بولۇپ، شىنجاڭغا ئوخشاش تەرەققىيات پۇرسىتىگە تولغان. شىنجاڭدىكى ھەر ساھە زاتلارنىڭ ئاۋمېنغا بېرىپ پىكىر ئالماشتۇرۇپ، تەكشۈرۈشتە بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ ئىككى جاينىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشۇشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.
شۇ كۈنى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى كونسۇل مەھكىمىسى ۋە ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ھۆكۈمىتى خىزمەت گۇرۇپپىسى ئۈرۈمچىدە 14 - قېتىملىق ئاۋمېنغا ئالاقىدار كونسۇل خىزمىتى بويىچە يىللىق ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزدى.