مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش خىزمىتى تارماقلىرى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، سالماقنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، ئاپتونوم رايون بويىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئىجرا قىلىنغان سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرى جەمئىي 3758، رايون سىرتىدىن جەلپ قىلىپ نەقلەشتۈرۈلگەن مەبلەغ 716 مىليارد 868 مىليون يۈەن بولۇپ، يىللىق نىشان - ۋەزىپىنىڭ %80ى تاماملانغان.