ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 322 مىليارد 390 مىليون يۈەن خەلق پۇلى بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %29 ئېشىپ، تاشقى سودا كۆلىمىدە تارىختىكى ئوخشاش مەزگىلدىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلىپ، ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە باش ئورۇندا تۇرغان. شىنجاڭ تاشقى سودىسىدا «مىقدار مۇقىم بولۇش، سۈپەت ئۆسۈش، كۈچ توپلاش»تەك تەرەققىيات ۋەزىيىتى بارلىققا كەلگەن.