导航切换

دۆلەت يولى 30- لىنىيەسى ليەنيۈنگاڭ- قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ قومۇلدىن تۇيۇققىچە بولغان بۆلىكىنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى ئاساسىي لىنىيەگە ئاسفالت ياتقۇزۇش باسقۇچىغا كىردى

日期:2024年10月29日
来源:天山网
【字体:


10- ئاينىڭ 23- كۈنى، شىنجاڭ قاتناش قۇرۇلۇشى سېلىنما پاي كونترول چەكلىك شىركىتى يول- كۆۋرۈك قۇرۇلۇشى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ياساۋاتقان دۆلەت يولى 30- لىنىيەسى ليەنيۈنگاڭ- قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ قومۇلدىن تۇيۇققىچە بولغان بۆلىكىنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىنىڭ 1- بەلگە بۆلىكى ئومۇميۈزلۈك ئاسفالت ياتقۇزۇش باسقۇچىغا كىرىپ، يىللىق نىشان- ۋەزىپىلەرنى ئوڭۇشلۇق ئورۇنداشقا ئاساس سېلىندى.