导航切换

جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇتەخەسسىسلىرى مەدەنىيلىك بويىچە ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ھېس قىلدى

日期:2024年10月28日
来源:天山网
【字体:

شىپاڭ نېستورىئان دىنى ئىبادەتخانىسى خارابىسىدە

جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇتەخەسسىسلىرى مەدەنىيلىك بويىچە ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ھېس قىلدى

    ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ مېي

«ھېچقانداق بىر خارابىلىكتىن بۇ يەردىكىگە ئوخشاش بۇنداق مول پۈتۈك قالدۇق پارچىلىرى چىقمىغانىدى، ئوخشاش بولمىغان مىللەتلەر ئىلگىرى بۇ يەردە ياشىغان بولۇپ، بۇ بىر ئۆزگىچە خارابىلىك، ئۇنىڭدىن بىز تۇرپاننىڭ تارىخىنى ھېس قىلالايمىز» دېدى 10 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونىنىڭ شىمالىي شەھەر ئەتراپى، يالقۇنتاغنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىدىكى شىپاڭ نېستورىئان دىنى ئىبادەتخانىسى خارابىسىنى تەكشۈرۈش نەق مەيدانىدا، ئەنگلىيە كامبىرج داشۆسى ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرق تەتقىقات ئورنىنىڭ پىروفېسسورى ئېرىكا D.C. خونتېر.

شۇ كۈنى، توققۇز دۆلەت ۋە رايون، 47 ئالىي مەكتەپ ۋە پەن تەتقىقات ئورنىدىن كەلگەن ت50ىن ئارتۇق مۇتەخەسسىس، ئالىم شىپاڭ نېستورىئان دىنى ئىبادەتخانىسى خارابىسىگە كىرىپ، بۇ خارابىلىكنىڭ ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىنى تەكشۈرۈپ، بۇ جايدىكى مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ھېس قىلىپ، جۇڭگونىڭ مەدەنىيەت ئىشەنچىنىڭ چوڭقۇر ئاساسىنى چۈشەندى.

بۇ خارابىلىكنىڭ كۆلىمى تەخمىنەن 2000 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، نۆۋەتتە جۇڭگو تەۋەسىدە بايقالغان كۆلىمى ئەڭ چوڭ، قېزىۋېلىنغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئەڭ مول، شەكىل تۈزۈلۈشى ۋە ئىقتىدارى ئېنىق ھەم ۋاقىت ئارىلىقى بىرقەدەر ئۇزاق بولغان نېستورىئان دىنى خارابىسى ھېسابلىنىدۇ.

كىگىز سېلىنغان ئەگرى ـ بۈگرى يولنى بويلاپ، مۇتەخەسسىس، ئالىملار جۇڭشەن داشۆ جەمئىيەتشۇناسلىق ۋە ئىنسانشۇناسلىق شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى، شىپاڭ نېستورىئان دىنى ئىبادەتخانىسى خارابىسىنى ئارخېئولوگىيەلىك بايقاش ـ قېزىش تۈرىنىڭ مەسئۇلى ليۇ ۋېنسوغا ئەگىشىپ تاغ چوققىسىدىكى خارابە نەق مەيدانىغا كەلدى. «بۇلتۇردىن ھازىرغىچە، بىز يەنە نەچچە يۈز پارچە كۆپ خىل تىلدىكى پۈتۈك قالدۇق پارچىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر تۈركۈم ئىمارەت ئىزلىرى ۋە دۆۋىلىرىنى رەتلەپ چىقتۇق. ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، مۇكەممەل ساقلانغان بىر قاشتېشى كىرېستنى قېزىۋالدۇق.» ليۇ ۋېنسو مۇنداق دېدى: خارابە رايونى ئەتراپىنى تەكشۈرگەندە، يەنە ئويلىمىغان يەردىن ئىككى جايدىكى قەبرىستانلىقنى بايقىدۇق.

«بۇ خارابىلىكنىڭ نېستورىئان دىنى خارابىسىدىكى ئورنىدىن گۇمانلىنىش ھاجەتسىز، بۇ يەردىن قېزىۋېلىنغان تام رەسىملىرى قالدۇق پارچىلىرى، پۈتۈك قالدۇق پارچىلىرىنىڭ سانى ۋە سۈپىتى ئىنتايىن يۇقىرى» دېدى ئېرىكا D.C. خونتېر تەكشۈرۈش نەق مەيدانىدا.

«بۇ يەر نۆۋەتتە سوغدى تىلىدا يېزىلغان نېستورىئان دىنى ھۆججەت ـ ئەسەرلىرى بايقالغان بىردىنبىر خارابىلىك.» ئەنگلىيە لوندون داشۆدىكى شۆيۈەننىڭ پىروفېسسورى نىگولاس سىمس ۋىليامىس نەق مەيداننى تەكشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن ئىنتايىن ھاياجانلاندى، «بىز دۇنخۇاڭدا يەنە سوغدى تىلىدا يېزىلغان بۇددا نوملىرى ھەم مانى دىنى ھۆججەت ـ ئەسەرلىرىنى بايقىدۇق، بۇ بايقاشلار دىنىي ئېتىقادنىڭ كۆپ خىللىقىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە».

ليۇ ۋېنسو مۇنداق بىلدۈردى: خارابىلىك نېستورىئان دىنىنىڭ ئىلگىرى تۇرپاندا كەڭ تارقالغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ، ئۇنىڭدىن قېزىۋېلىنغان ھۆججەت ـ ئەسەرلەردە كۆپ خىل يېزىق قوللىنىلغان، نېستورىئان دىنى بىلەن بۇددا دىنى، داۋجياۋ دىنى، مانى دىنى ئىلگىرى ئىناق ئۆتكەن بولۇپ، كۆپ خىل مەدەنىيەت بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان، كۆپ خىل مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇلغان، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىنغان كۆرۈنۈش نامايان قىلىنغان.

«بۇ خارابىلىك شەرق ـ غەرب مەدەنىيىتىنىڭ ئالماشتۇرۇلغانلىقى ۋە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىنغانلىقىنىڭ دەلىلى بولۇپلا قالماي، يەنە ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنىڭ جەۋھىرى، دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشتىكى جانلىق دەرسلىك بولۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئۆزگىچە ئوچۇق خاراكتېرى ۋە سىغدۇرۇش خاراكتېرىنى چوڭقۇر گەۋدىلەندۈرۈپ بەردى» دېدى ليۇ ۋېنسو.